ھەنەفىي مەزھىپى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ھەنەفىي مەزھىبى)

ئېنىقلىما: ھەنەفىي مەزھىپى ئىسلام دۇنياسىدا تارقالغان سۈننى ئەقىدىسىدىكى فىقھىي مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ئەننوئمان (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ ئىسمىغا ئاساسەن ھەنەفىي مەزھىپى دەپ ئاتالغان.

قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى تەھرىرلەش

مەزھەپنىڭ كاتتىسى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ئەننوئمان ئىبن سابىت ئىبن زۇتېي ئەتتەمىيمىي ئەلكۇفىيدۇر. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 80 ـ يىلى كۇفەدە تۇغۇلۇپ، ھىجرىيەنىڭ 150 ـ يىلى باغدادتا ۋاپات بولغان. ئەسلى مىللىتى پارس بولۇپ، تابىئىنلارنىڭ تابىئىلىرىدىندۇر. ئۇنى بەزىلەر ساھابىلەردىن تۆت كىشىگە ئولاشقانلىقى ئۈچۈن تابىئىنلاردىن دەپ قارايدۇ. بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، كېيىن ئوقۇشقا يۈزلىنىپ، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان، سۈننەتلەرنى ئۈگەنگەن ۋە فىقھىدا ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت قازانغان. ئۇنىڭ توغرىسىدا شافىئىي مۇنداق دېگەن: "فىقھىدا ئەبۇ ھەنىيفەدىن ئالىمراق بىرىنى كۆرمىدىم". ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "كىشىلەر فىقھىدا ئەبۇ ھەنىيفە ئائىلىسگە تەۋەدۇر"

ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

ئۇنىڭ ئىلمى كالامغا ئائىت «"الفقه الأكبر» ناملىق بىر كىتابى، يەنە «مسند الحديث»، «العالم والمتعلم» ناملىق كىتابلىرى ۋە "قەدەرىييەگە رەددىيە" ناملىق رىسالىسى بار. ئۇ مۇئەييەن فىقھىي كىتاب قالدۇرمىغان، پەقەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىملا قىلىپ بەرگەن، بۇ ئاساستا ئىمام مۇھەممەد ئىبن ھەسەن ئەششەيبانىي ئۇلارنى توپلىغان.

كەمتەرلىكى تەھرىرلەش

ئۇ ھەمىشە «بىزنىڭ بۇ سۆزىمىز بىر خىل قاراش، بۇ بىزنىڭ ئىمكانىمىز يەتكەن ئەڭ ياخشى سۆز، كىمىكى بىزنىڭ سۆزىمىزدىنمۇ ياخشى بىر سۆزنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ئۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىلىدۇ، بىز ئۇنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىمىز.»

ـ ئۇنىڭ قارىشىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل قاراش كۆزگە چېلىقسا، ئۆزىنىڭ قارىشىدىن قايتاتتى، ئەگەر ئۇنىڭغا مۇنازىرە قىلغۇچىسى بىرەر رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى زىكىر قىلسا، قارىشىدىن دەرھال قايتاتتى. چۈنكى ھەدىس بار يەردە كۆز قاراشقا ئورۇن ئىدى.

ـ خەلىپە مەنسۇر ئۇنى قازى بولۇشقا ئىزچىل تەلەپ قىلغان بولسىمۇ قوبۇل قىلمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇ تاياق يىگەن ھەتتا تۈرمىگە تاشلانغان. تالىبلىرى:

ئەبۇ يۇسۇف يەئقۇب ئىبن ئىبراھىم ئەلئەنسارىي ئەلكۇفىي (113ھـ ـ 182ھـ): بۇ كىشى ئىراقنىڭ فىقھىي ئالىمى ئىدى. ئەبۇ ھەنىيفەدە ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭ ئىجتىھاد ئۇسۇلىنى تۇتقان. ئىمامنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر تالىبلىرىدىن ئىدى. ئۇ قازى ئەلقۇزات مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن چاغلىرىدا ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئىسلام ئەللىرىگە تارقىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان. ئۇ چاغلاردا ھەنەفىي مەزھىپىدە بولمىسا قازىلىق مەنسىپىگە تەيىنلەنمەيتتى.

ــ ئۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئەقىللىك ۋە ئاجايىپ زىرەك كىشى ئىدى. ئۇ ئوخشىمىغان ئېقىملارغا تەۋە شەيخلار بىلەن ئالاقە قىلغان. ھەماد ئىبن ئەبۇ سۇلەيماننىڭ قولىدا ئوقۇغان ۋە مەككىدە بىر قانچە يىل تۇرۇپ قالغان.


ــ ئابباسىيلار خەلىپىسى ھارۇن رەشىدنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «الخراج» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان.


ئۇ مالىيە سىياسىتىگە ئائىت تۇنجى كىتاب يازغان ۋە ئۇنىڭ مەنبەلىرىنى ئىزاھلىغان تۇنجى كىشى، شۇنىڭدەك ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقھىي مېتودولوگىيىسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشىدۇر.

مۇھەممەد ئىبن ئەلھەسەن ئەششەيبانىي (132ھـ ـ 189ھـ): بۇ كىشى ۋاسىتتا تۇغۇلغان، كۇفەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ناھايىتى ئەقلى ساغلام كىشى ئىدى، ئۇ ئۇستازى ئەبۇ يۇسۇف ھايات چېغىدىلا خېلىلا يېتىشىپ قالغان، ئىمام مالىكتا دەرس ئوقۇغان، يەنە ئۇنىڭ شافىئىي بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇنازىلىرىمۇ بار. ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ فىقھىسىنى ئالتە كىتابقا يازغان بولۇپ، مەزھەپنى بىر ئارىغا توپلاش شەرىپى ئۇنىڭغا ئائىت. ئۇنىڭ كىتابلىرى سەرخەسى ئۆزىنىڭ «المبسوط» ناملىق كىتابىدا شەرھىلىگەندىن كېيىن، ھەنەفىي فىقھىسىغا دائىر ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ بۈيۈك ئانسىكلوپېدىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

زەفەر ئىبن ئەلھۇزەيل (110ھـ ـ 158ھـ): ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ قىياسقا بەكرەك ئېسىلىدىغان ساھىبلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنى چوڭ بىلەتتى، ئولۇغلايتتى. ئۇ ئىشەنچلىك، ئىبادەتخومار ۋە زاھىد كىشى ئىدى. قازى بولۇشنى رەت قىلىپ، بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى چېقىۋېتىلگەن، كېيىن ئۇ قايتىپ كىلىپ ئۆيىنى رىمونىت قىلغان ۋە ئوخشاشلا قازىلىقنى رەت قىلغانلىقى ئۆيى يەنە چېقىۋېتىلگەن. ئۇ قازىلىق مەنسىپىنى تۇتقىلى ئونىماي، ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكەن، دۇنيادىن زاھىد بولۇپ كەتكەن. ئۇنى بەسرەلىكلەر ياخشى كۆرەتتى، ئۇ شۇ يەردە ۋاپات بولغان.

ئەلھەسەن ئىبن زىياد ئەللۇئلۇئي (ھىجرىيەنىڭ 204 ـ يىلى ۋاپات بولغان): ئۇ دەسلەپكى ئەبۇ ھەنىيفەگە، ئارقىدىن ئەبۇ يۇسۇفقا كېيىن مۇھەممەدكە شارگىرت بولغان... ئالدى بىلەن سۈننەت، ئىككىنچى قەدەمدە فىقھىي بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكەن. ئۇ ناھايىتى ھۇشيار، قەلبى ئويغاق، زىرەك ۋە رىۋايەتلەرنى يادلىغان كىشى ئىدى.

ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئىجتىھادتا تۇتقان يولى تەھرىرلەش

ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە مەزھىپىدە قۇرئان، سۈننەت، ئىجمائ، قىياس، ئىستىھسان، ئۆرپ، ساھابىنىڭ سۆزى، بىزدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ شەرىئىتى ۋە باشقا ئىختىلاپلىق شەرىئەت مەنبەلىرىگە تايانغان.

ــ قۇرئان: ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدۇ. قۇرئاننىڭ ئەتراپىدا بولىۋاتقان ئىختىلاپلار ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ پاكىت بولۇش ياكى بولالماسلىقى توغرىسىدىكى ئىختلاپ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سۆز ۋە مەنىلىرىنى چۈشىنىشتىكى ئىختىلاپتىن ئىبارەت.

ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى: بۇ ئسىلام شەرىئىتىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدۇ. ئىختىلاپ سۈننەتكە مۇناسىۋەتلىك شاخچە قىسىملاردىدۇر. ئەبۇ ھەنىيفە سەھىھ سۈننەتنى، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا تارالغان رىۋايەتلەرنى (ئۇ ھەنەفىيلەرنىڭ نەزىرىدە مەشھۇر ھەدىستۇر) پاكىت سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. ئەمما ئاھاد ھەدىسلەر ئۇلارنىڭ قارىشىدا راۋىيلىرى زەنجىرسىمان كەلمىگەن ۋە مەشھۇر ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىسلەر مۇئەييەن شەرتلەر ئاساسىدا قوبۇل قىلىدۇ.

ــ ئىجمائ: شەرىئەتنىڭ ئۈچىنچى ئاساسى.. ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجمائ توغرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش ـ تارتىشلار ئىجمائنىڭ قىسمەن شەكىللىرىگە مۇناسىۋەتلىك شاخچە مەسىلىلەرگە باغلىنىشلىق.

ـ ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى: ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنىڭدىن خالىغىنىنى تاللايدۇ. شۇ نەرسە ئېنىقكى، فىقھىشۇناس مۇجتەھىدنىڭ تاللىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھاۋايى ـ ھەۋىسىدىن نەتىجىلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىپ، باشقىلىرىغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولغان بىرىنى تاللىۋالىدۇ.

ــ قىياس: قۇرئان، سەھىھ سۈننەت ياكى ساھابىلەر چىقارغان يەكۈن ياكى ھۆكۈملەردە مۇناسىۋەتلىك دەلىل تاپالمىغاندا، ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ قىياس قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ــ ئىستىھسان: مەنپەئەت ياكى مەنپەئەتنىڭ بىر قىسمىنى زىيان تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىر قىسىم قىياسلار ئۇ ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ... ھەنەفىي مەزھىپى ئىستىھسانغا بەك ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ناھايىتى زور ھەجىمدىكى فىقھىي مىراسلارنى قالدۇرغان.

ھەدىسشۇناس ۋە فىقھىشۇناسلار ئەبۇ ھەنىيفەنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى قىياسقا توغرا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن ھەدىسلەرنى رەت قىلغان، دەپ ئەيبلەيدۇ. ئەبۇ ھەنىيفە رەت قىلغان ھەدىسلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئەمەل قىلىنغان، دەلىل كەلتۈرۈشكە سالاھىيىتى توشىدىغان سەھىھ ۋە ھەسەن ھەدىسلەر بولۇشى مۇمكىن.

ــ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقھىي ئالىملىرى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بىرىدۇ: ئەبۇ ھەنىيفە سەھىھ ياكى ھەسەن ھەدىسلەرنى رەت قىلمايتتى، بەلكى ھەدىس ياكى خەبەر ۋاھىدنى قوبۇل قىلىشتا ناھايىتى چىڭ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۆزرىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ كۇفەدە ئىدى، كۇفە سىياسىي گۇرۇھۋازلىق، پىتنىنىڭ ئوۋىسى ئىدى، ئۇ يەردە پىرقىلەر پارچىلىنىۋاتقان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەدىسكە سەل قاراپ، رىۋايەتلەرنى يۇشۇرىدىغان، ھەتتا ھاۋايى ـ ھەۋەسلىرىگە يارىدەمچى تېپىش ئۈچۈن ھەدىسلەرنى توقۇپ چىقىدىغان جاي ئىدى... كۇفە ۋەھيى نازىل بولغان، سۈننەتنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان ھىجازدىن يىراق ئىدى. بۇ سەۋەبلەردىن ئىمام ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا ئېھتىيات قىلاتتى.

ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ تارقىلىشى تەھرىرلەش

بۇ مەزھەپ تۇنجى بولۇپ، ساھىبى ئۆسۈپ يېتىلگەن، كەچمىشلىرى جەملەنگەن ئىراقتا تارقىدى.

ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ بۇ مەزھەپكە كىرىشى ۋە مەھكىمىنى ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ ئالدىنىقى قاتاردىكى شاگىرتى ئەبۇ يۇسۇفكە بېرىش بىلەن تارقالدى. باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەزھىپى ھەنەفىي بولمىغان كىشىلەر قازىلىققا تەيىنلەنمەيتتى، بۇ سەۋەبتىن ھەنەفىي مەزھىپى ئىران، مىسىر، شام ۋە ماراكەشلەرگە تارقالغان.

ھېلىھەم كۆپچىلىك كىشىلىرى بۇ مەزھەپكە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان خۇراسان، سەجىستان، تەبەرىستان، دەيلەم، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە قاتارلىق رايونلاردا ئەبۇ ھەنىيفىگە بولغان بىر خىل مۇھەببەت ۋە ئېھتىرام بار ئىدى.

ئوسمانىيلار ئىسلام ئەللىرىگە ھۆكۈمدار بولغاندىن كېيىن، دۆلەت ھەنەفىي مەزھىپىنى ئاساس قىلدى. ئوسمانىيلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان تۈركىيە، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇ مەزھەپكە ئەگىشىدۇ. مىسىردا شەرئىي مەھكىمىنىڭ تايىنىدىغان مەزھىپى ھەنەفىي مەزھىپىدۇر.

ھەنەفىي مەزھىپى ھازىر ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، مىسىر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاسىيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرىگە كەڭ تارقالغان.

يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، ھەنەفىي مەزھىپى ئىسلام دۇنياسىدا تارقالغان ئىسلام سۈننى فىقھىي مەزھەپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسچىسى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ئەننوئماندۇر. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسى قۇرئان، سۈننەت، ئىجمائ ۋە قىياس، ئىستىھسان، ئۆرپ، ساھابىنىڭ سۆزى، بىزدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ شەرىئىتى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەتتۇر. ھەنەفىي مەزھىپى دەسلەپتە ئىراقتا تارقالغان، كېيىن ئابباسىيلار دۆلىتى ئۇنىڭغا ئىمكان ھازىرلاپ بەرگەن. ئۇ ھازىر ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە تارقىلىۋاتىدۇ.

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى تەھرىرلەش

(ئا) ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ مۇھىم كىتابلىرى:

ئىمام ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى "الفقھ الأكبر"، "مسند الحديث"، "العالم والتعلم" لاردىن ئىبارەت. ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى "الجامع الصغير"، "السير الكبير"، "السير الصغير"، "المبسوط"، "الأصل" ۋە "الزيادات" لاردىن تەركىب تاپقان زاھىر رىۋايەتلىك ئالتە كىتابتۇر. ھەنەفىي مەزھىپىدە كۈچلۈك قاراشلار ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىمام مۇھەممەدنىڭ نادىر كىتابلىرىدىن "الجرجانيات"، "الھاردنيات"، "الكيسانيات" ۋە "الرقيات" لار، ئەلھاكىم ئەششەھىيد ئەلمەرۇزىي (334ھـ) نىڭ "الكافي" ناملىق كىتابى، سەرخەسىينىڭ "المبسوط"، كاسانىينىڭ "بدائع الصنائع"، مۇرغەنانىي (593ھـ)نىڭ "مختپر الھدايە" ۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرى، بۇ شەرھىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى كەمال ئىبن ئەلھەممام (861ھـ) تەرىپىدىن قىلىنغان "فتح القدير"، ھاشىيە ئىبن ئەلئابىدىين (1252ھـ) ئىسمى بىلەن تونۇلغان"رد المختار" ۋە "مجلة الأحكام العدلية" ناملىق كىتابلارمۇ بار.

(ب) ھەنەفىي فىقھىسىنىڭ مەنبەلىرى:

شەمسۇل ئەئىممە ئەسسەرخەسىي: "المبسوط" ، بىرىنچى نەشىرى 1324ھـ مىسىر، سائادەت نەشرىياتى.

ئالائۇددىين ئەبۇ بەكر ئىبن مەسئۇد ئەلكاسانى (587ھـ ۋاپات بولغان): "بدائع الصنائع في ترتيب الشرائع"

ئالائۇددىين مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئەسسەمەرقەندىي ئەلھەنەفىي (575ھـ ۋاپات بولغان): "تحفة الفقھاء" ـ بىرىنچى نەشىرى، د.مۇھەممەد زەكىي ئابدۇلبىر تەھقىقلىغان، دەمەشىق، دەمەشىق ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى (1377ھـ/ 1958م)


(ج) قىسقارتىلغان كىتابلار:

مۇھەممەد ئالائۇددىين ئەلىي ئىبن مۇھەممەد ئىبن ئەلىي ئىبن ئابدۇرراھمان (1088ھـ ۋاپات بولغان) (ئەلھەسكەفىي نامى بىلەن تونۇلغان): "الدر المختار شرح تنوير الأبصار"

مۇھەممەد ئەمىين (1252ھـ ۋاپات بولغان،ئۇ ئىبن ئابىدىين نامى بىلەن مەشھۇر ئىدى): "حاشية رد المختار على الدر المختار" ئىككىنچى نەشرى، مۇستەپا ئەلبابىي ئەلھەلەبىي نەشرىياتى(1386ھـ/ 1966م)

(د) مەزھەپنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى:

مۇھيىددىين ئابدۇلقادىر ئىبن ئەبى ئەلۋەفا ئەلقۇرەشى ئەلمسىرى ئەلھەنەفىي (775ھـ ۋاپات بولغان): "الجواھر المضية في طبقات الحنفية"

ئەلمۆۋلا تەقىييۇددىين ئىبن ئابدۇلقادىر ئەتتەمىيمىي ئەددارىي ئەلغەززىي ئەلمىسرى ئەلھەنەفىي (1005ھـ ۋاپات بولغان): "الطبقات السنية في تراجم الحنفية ـ تحقيق عبدالفتاح محمد الخلو"

ئۇنۋېرسال كىتابلار تەھرىرلەش

ـ د.ھەسەن ئەھمەد مۇرئېي: "الاجتھاد في الشريعة الإسلامية" ـ بۇ، ئىمام مۇھەممەد ئىبن سەئۇد ئىسلام ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مەجلىسى تەرىپىدىن نەشرى قىلىنغان (1401ھـ / 1981م) بىر يۈرۈش تەتقىقاتلارنىڭ بىرى.

ــ د.مۇھەممەد فەۋزي فەيزۇللاھ: "المواھب الفقھية" شۇئائ نەشرىياتى ـ كۇۋەيت، 1985م

ــ شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زوھرە: "أبو حنيفة" ئەرەب پىكىر نەشرىياتى

ــ مۇھەممەد ئەلىي ئەسسايىس: تاريخ الفقھ، مۇھەممەد ئەلىي سۇبەيھ نەشرىياتى- قاھىرە

ــ مۇھەممەد سەلام مەدكۇر: "المدخل للفقھ الإسلامي" ئەرەب گۈللىنىش نەشرىياتى ـ قاھىرە، 1383ھـ

ــ ئەيسەۋىي ئەھمەد ئەيسەۋىي: "المدخل للفقه الإسلامي" ـ ئەرەب كىتاب نەشرىياتى ـ قاھىرە

ــ مۇستەپا شەلەبىي: "المدخل لدراسە الفقه الإسلامي" ـ تەئلىيف نەشرىياتى ـ قاھىرە، 1376ھـ

ــ مۇھەممەد ئەبۇ زوھرە: "تاريخ المۇاھب الإسلامية"

ــ د.مۇھەممەد ئەززۇھەيلىي: "تىريف عام بالعلوم الشريعة"

ــ د.مۇھەممەد شەتا ئەبۇ سەئد: "محاضرات في الشريعة الإسلامية" قاھىرە، 1407ھـ

قاراڭ تەھرىرلەش

شافىئىي مەزھىبى

ھەنبەلىي مەزھىبى

مالىكىي مەزھىبى