ھەيكەلتىراشلىق

      ھەيكەلتىراشلىق خەلقىمىز بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە تازا تەرەققىي قىلغان. بۇنى كېرىيىدىكى فارا خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان 5 – ئەسىرگە ئائىت تاتخاگاتا بۇددا دىنىنىڭ ھەيكىلى، خوتەندىكى يوتقان خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان ساپال قۇش، تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان لاي قورچاق، رەڭلىك لاي ئات ھەيكىلى، ساماۋى خانغا تەقلىد قىلىنغان رەڭلىك ياغاچ ھەيكەل، قارا شەھەردىن قېزىۋېلىنغان ياغاچتىن ئۇيۇلغان ۋاجرا پالۋان ھەيكىلى، يەنە لايدىن ياسالغان ئەر كىشىنىڭ بېشى ۋە بۇدساتىۋا بېشى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.

    ئۇيغۇرلار 10 – ئەسىردە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ھەيكەلتىراشلىق ھەرخىل دىنىي سەۋەب ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلى قاتاردىن قېلىپ، نەققاشلىققا ئۆزگەرگەن. ھەيكەلتىراشلار ماھارىتىنى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىگە قارىتىپ، تام – تورۇس، دېرىزە – ئىشىك گىرۋەكلىرىگە، مېھراپلارغا، مۇنار، گۈمبەزلەرگە ھەرخىل ئويما نەقىشلەر بىلەن گۈل، ماراللار، چالغۇ ئەسۋابلار، ئۆي بېساتلار، ھۆسن خەتلەرنى چۈشۈرۈش بىلەن نامايان قىلغان.

    دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن ھەيكەلتىراشلىق تارىخىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئايان.

    ھەيكەلتىراشلىرىمىز گەج، پولات چىۋىق، ماتا ياكى پاخال ۋە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ماتېرىيال قىلىدۇ. گەج ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار گەجنى بېلىق گەج، توم گەج دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. بېلىق گەج ئۇزۇنچاق بولۇپ چىداملىق بولىدۇ. توم گەج ئۇيۇل، يوغان بولىدۇ.  گەج تەييارلاش: بېلىق گەج تونۇردا پىشۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مەلۇم مىقداردىكى گەج سۇغا سېلىنىپ، دوغاپ ھالىتىدە قويۇپ قويۇلىدۇ. ئۇ بىر قانچە مىنۇتتا لەڭپۇڭدەك قاتىدۇ، ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ.

    ھەيكەلتىراشلىق ئەسۋابلىرى: گۈشتە گەردە (ئەندىۋە شەكلىدە بولىدۇ)، رەندە گەردە (موزدۇز رەندىسىگە ئوخشاش)، نوكەش گەردە، زىقچى گەردە، ئىسكىنە گەردە قاتارلىق پولات تىغلاردىن ئىبارەت.

    ھەيكەل ياساش ئۇسۇلى: ئادەم ياكى ھايۋانات ھەيكىلىنى ياساشتا ئالدى بىلەن پولات چىۋىقتا ئۇنىڭ جازىسى قۇرۇلىدۇ. جازا سىرلىنىپ، ئۈستىگە ماتا ياكى پاخال يۆگەپ، ھەيكەلنىڭ ئەزا كۆرۈنۈشلىرى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن گەج ھۆل ۋاقتىدا ماتا ئۈستىگە سۈركىلىدۇ. گەج مەلۇم قېلىنلىققا يەتكەندە كېرەكلىك سايمان بىلەن قىرىپ، ھەيكەلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى پۈتتۈرۈلىدۇ. جاپلىما ھەيكەللەر، مەسىلەن، تامغا چاپلىنىپ بىر يۈزى كۆرسىتىلىپ ياسىلىدىغان ئادەم بېشى ياكى پۈتۈن تۇرقى بولسۇن، بۇنداق ھەيكەللەرگە قېلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

    ھەيكەل پۈتكەندىن كېيىن، تۇخۇمنىڭ ئېقى ماتا بىلەن ھەيكەل ئۈستىگە سۇۋېلىپ پەردازلىنىدۇ. بۇنىڭدا ھەيكەل پارقىراق، سىلىق بولۇش بىلەن بىللە، يېرىلمايدۇ. يامغۇر، نەملىكنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇزاق مۇددەت تۇپراق ئاستىدا تۇرسىمۇ ئەسلىي ھالىتى ئۆزگەرمەيدۇ.[1]

مەنبەلەر

تەھرىرلەش
  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 07 13:19؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/07/content_126161.htm؛