ۋاقىت - مىقدار (ئۆلچەم) ئۇقۇمى

ۋاقىت - مىقدار (ئۆلچەم) ئۇقۇمى

ئۇيغۇرلاردا ۋاقىتنى <دەقىقە>، <مىنۇت> (سېكۇنت)، <سائەت> كە، كۈننى ئون ئىككى سائەتكە، جۈملىدىن، ھەپتىگە، ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ مەخسۇس ئىسىم بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئادىتى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئومۇملاشقان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر كۈننى <ئەتىگەن>، <چۈش>، <كەچ> ەپ ئۈچكە بۆلۈپ، ئەتىگەننى يەنە <قاق بو> (تاڭ سۈزۈلۈپ كۈن چىققۇچىلىك بولغان ۋاقىت)، <ناشتا> (ئەتىگەن سائەت ئالتە - يەتتە)؛ <كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە>، <ئاش ۋاقتى> (ئەتىگەن سائەت ئون)، <قوزى چۈش> (ئەتىگەن سائەت ئون بىر) دەپ پەرقلەندۈرۈپ؛ كېچىلىك ۋاقىتنى <ياتقۇ> (كېچە سائەت توققۇز)؛ <تۈن> ياكى <يېرىم تۈن> ۋە ياكى <تۈن نىسپى>، (كېچە سائەت ئون ئىككى)؛ <باش توخۇ> (كېچە سائەت ئىككى - ئۈچ)؛ <ئىككىنچى توخۇ> (كېچە سائەت ئۈچ)، <ئاياغ توخۇ> (ئەتىگەن سائەت تۆت) كە بۆلۈپ پەرقلەندۈرۈپ ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەت ھېلىھەم بار. <سېكۇنت>، <سوتكا> دېگەن سۆزلەر مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىنن ئۆزلەشكەن. <سوتكا> دېگەن ئۇقۇم ئۇنىڭدىن بۇرۇن <بىر كېچە - كۈندۈز> ياكى <ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت سائەت> دەپ ئىپادىلىنىپ كەلگەن. ھازىر بىرەر ئىشقا تەمشەلگەندە، <ياھ! ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت سائەت> دېيىش ئادىتى شۇنىڭدىن كەلگەن بولۇپ <ئىشىم ئوڭۇشلۇق بولسۇن> دېگەن مەقسەت ئىپادىلىنىدۇ. 

ئىسلامىيەتتىن كېىن كۈنلۈك ۋاقىتنى، بولۇپمۇ ۋەدە خاراكتېرىدىكى ۋاقىت بەلگىلەشتە بەش ۋاق ناماز نامىنى قوللىنىش ئادىتىمۇ ئومۇملاشقان، بۇ ئادەت، ئادەتتە تولاراق چوڭلار ئىچىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.