ۋاڭ لېچۈەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 – سىياسىي كومىسسارى.

1944–يىلى 12–ئايدا تۇغۇلغان ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شوۋگۇاڭ دېگەن يېرىدىن . 1966–يىلى 3–ئايدا پارتىيەگە كىرگەن ، 1965–يىلى 9–ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1965–يىلى 9–ئايدىن 1966–يىلى 8–ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى جاۋنەن ناھىيەسىدە ‹‹سوتسىيالىستىك قايتا تەربىيە›› خىزمىتىنى ئىشلىگەن ؛ 1966–يىلى 8–ئايدىن 1975–يىلى 4–ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى شوۋگۇاڭ ناھىيەسى خوۋجېن بازارلىق گوڭشېنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوڭشې ئىنقىلابىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوڭشې پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەھەر ئەتراپى گوڭشېسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1975–يىلى 4–ئايدىن 1978–يىلى 10–ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى شوۋگۇاڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

1978 – يىلى 10 – ئايدىن 1982 – يىلى 3– ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى شۇگۇاڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى بولغان؛1982 – يىلى 3 – ئايدىن 1986 – يىلى 9 – ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شەندۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. (بۇ مەزگىلدە 1983 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1986 – يىلى 9 – ئايدىن 1988–يىلى 4–ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى لياۋچېڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1988 – يىلى 4–ئايدىن 1989–يىلى 3–ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى لياۋچېڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1989 – يىلى 3 – ئايدىن 1991 – يىلى 3 – ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1991 – يىلى 3 – ئايدىن 1992 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 1992 – يىلى 12 – ئايدىن 1994 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 1994 – يىلى 9 – ئايدىن 1995 – يىلى 12 – ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 1995 – يىلى 12 – ئايدىن 2002 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ 2002 – يىلى11 – ئايدىن 2003 – يىلى 3 – ئايغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى بولغان؛

2003 – يىلى 3 – ئايدىن ھازىرغا قەدەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .

ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، پارتىيە 15– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى1