ۋىتامىن K يەنە قان ئۇيۇتقۇچى ۋىتامىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياغدا ئېرىيدۇ. ئۇلار پۈتۈنلەي 2-مېتىل 1-، 4-نافتوكۇينىننىڭ تۇغۇندىلىرىدۇر.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

دورا نامى :ۋىتامىن K


باشقا نامى :قان ئۇيۇتقۇچى ۋىتامىن

رېتسېپلىقمۇ :رېتسىپسىز دورا

چەتئەلچە نامى :Vitamin K

مولېكۇلا ئېغىرلىقى :450.6957

مولېكۇلا فورمۇلىسى :C31H46O2

تۇنۇشتۇرۇلىشى تەھرىرلەش

5پارچەۋىتامىن Kۋىتامىن K يەنە قان ئۇيۇتقۇچى ۋىتامىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياغدا ئېرىيدۇ. ئۇلار پۈتۈنلەي 2-مېتىل 1-، 4-نافتوكۇينىننىڭ تۇغۇندىلىرىدۇر. دائىم ئۇچرايدىغانلىرى K1M K2 ۋە K3 لەردىن ئەڭ مۇھىمى K3 بولۇپ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولىدۇ. K2 ئادەمنىڭ ئۈچىيىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ مېتابولىزمىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.

ۋىتامىن K نى مۇھىم فىزىئولوگىيەلىك فۇنكىسىيەسى شۇكى، جىگەر دەسلەپكى قان ئۇيۇتقۇچى ئېنزىم يەنى قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورنىڭ سىنتېزلىنىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۇ يەنە قان ئۇيۇتقۇچى فاكتور Ⅵ، Ⅸ، ۋەⅩ لەرنىڭ سىنتېزلىنىشىنى تەڭشەيدۇ.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تۇنۇشتۇرۇلىشى
  • ۋىتامىن K كەم بولغاندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى
  • رولى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ۋىتامىن K كەم بولغاندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى تەھرىرلەش

ۋىتامىن K كەمچىل بولغاندا بۇ بىر قانچە خىل قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورلار قاندا ئازىيىپ كېتىپ، قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، ھەمدە تېرە ئاستىدىكى مۇسكۇل ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى قانايدۇ. ۋىتامىن K ئېلېكترولىت سۈپىتىدە يۆتكىلىدۇ ۋە ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىشىش سىستېمىسىنىڭ كوئېنزىمى، نەپەس زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ، سېرىق ئېنزىملار بىلەن ھۈجەيرە پىگمېنتنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېلېكترون يەتكۈزۈش ۋە ئوكسىدلىنىش-فوسفاتلىنىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ. كەمچىل بولغاندا مۇسكۇلدىكى ATP ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقى كۆرنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

رولى تەھرىرلەش

ۋىتامىن Kۋىتامىن K ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش فۇنكىسىيىسىنى كۈچەيتىدۇ، جىگەردە قەنتلىك پوستلاق گورمونىنى داۋاملىق پارچىلايدۇ ۋىتامىن K ئۇزۇن مەزگىل ئوكۇل قىلىنسا، قالقان بېزىنىڭ ئچىكى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدۇ.