ۋىرۇس

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ۋېروس)

ۋېروس(virus)__ تىنى ئىنتايىن كىچىك، مۇكەممەل ھۆجەيرە تۈزىلىشى بولمىغان ، ھەمدە ئېرسى ئالاھىدلىكى بولغان ،كۈچۈلۈك نۇسخىلنىش ئالاھىدلىكىگە ئىگە ،پەقەت تاق يادرو كىسلاتاغا ئىگە(DNAياكىRNA) پەقەت باشقا تىرىك ھۆجەيرە تىنىدە پارازىت ياشاپ ئۆزىنى كۆپەيتىش رولىغا ئىگە بولغان مېكرو جانلىق .زەمبۇرۇغدىنمۇ كىچىك،پەقەت باشقا تىرىك ھۆجەيرە تىنىدىلا كۆپۈيۈش ئېلىپ بارالايدۇ.تىنى ئاقسىل ياكى يادرو كىسلاتادىن تۈزۈلگەن .كۆپ قىسىم ۋېروسلارنى پەقەت يۇقۇرى ھەسسىلىك ئېلىكىرونلۇق مېكروسكۇپتا ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ. virusدىگەن بۇ سۆز ئەسلى مەلۇم ھايۋاننىڭ توكسىنىنى بىلدۈردىغان بولۇپ ،لاتىنچىدىن كەلگەن .ۋېروسنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدلىكى بولسا ①تىنىدە پەقەت بىرلا خىل يادرو كىسلاتادىن تۈزۈلگەن گېن گۇرۇپىسى ۋە ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن تاشقى قېپى بولىدۇ②باشقا ھۆجەيرىگە يۇققاندىن كىيىنلا يادرو كىسلاتا قويۇپ بېرىپ ،نۇسخىلنىش ئارقىلىق كۆپىيدۇ ،ھەرگىزمۇ بۆلۈنۈش ئارقىلىق كۆپەيمەيدۇ③باشقا ھۆجەيرىلەرنىڭ تىنىدا كۈچلۈك بولغان پارازىت ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇزۇقلىق ۋە باشقا ماددىلارنى پۈتۈنلەي ئۆزى پارازىت ياشىغان ھۆجەيرىدىن ئالىدۇ،ئاشۇ ھۆجەيرە تىنىدىن ئايرىلسا ئۇزاققا قالماي ئۆلىدۇ،ھەمدە ئاقسىل كىرىستالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .باشقا ھۆجەيرە تەرپىدىن شۈمۈرلىنىپ قالسا يەنە ئاشۇ ھۆجەيرە تىنىدە نۇسخىلنىش ئارقىلىق يەنە كۆپىيەلەيدۇ .شۇڭلاشقا ۋېروس ھاياتلىق بىلەن ھاياتلىق بولمىغان ماددا ئارسىدىكى ماددا دەپ قارىلىدۇ.

ۋېروسنىڭ تۈرلرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، DNAۋېروس،RNAۋېروس،ئادەتتىكى ۋېروس،ۋېروسسىمانلار قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.شەكلىمۇ كۆپ خىل،يەنى تاياقسىمان ،چەمبەرسىمان ......،قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.چوڭراق بولغانلىرىنىڭ دىئامېتىرى 300-450 نانومېتىر،كىچىكلىرىنىڭ 18-22نانومېتىرغىچە كىلىدۇ .

1886-يىلى گېرمانىيەلىك Mayer ئالا بولۇپ قالغان تاماكا يوپۇرمىقىنىڭ پارچىسىنى ئېلىپ ،ئۇنى ساغلام تاماكا يوپۇرمىقىغا ئۇرغان .نەتىجىدە ساق تاماكا يوپۇرمىقىمۇ ئالا يوپۇرماق بولۇپ قالغان .ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل يۇقۇش ھادىسسىMayerنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان 1898-يلى گوللاندىيەلىك Beijerinck يۇقارقى تەجىربىنى قايتا ئىشلىگەن .ھەمدە ساق تاماكا يوپۇرمىقىنى كېسەل قىلغان بۇ ماددىنىڭ ئالاھىدلىكلىرنى يەكۈنلەپ چىققان .يەنى 1.زەمبۇرۇغ سۈزگۈچتىن ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ(ئۇلار كېسەل تاماكا يوپۇرمىقىدىن ئېلىنغان ماددىلار تەركىبىدىكى زەمبۇرۇغلارنى سۈزۈۋېتىپ ،ساغلام يوپۇرماققا ئۇرغان،ئەمما يوپۇرماق يەنىلا كېسەل بولغان ئىدى)2.پەقەت ئۆزى يۇققان ھۆجەيرە ئىچىدە ياشىيالايدۇ ھەمدە كۆپۈيەلەيدۇ3.جانسىز ماددىلار بىلەن تەڭ ياشىيالمايدۇ.ھەمدە تاماكا ئالا يوپۇرماق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ماددا زەمبۇرۇغ بولماستىن ،يوقۇش خۇسىسىيتىگە ئىگە يېڭى بىر خىل جانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە بۇ ماددىنى ۋېروس(virus) دەپ ئاتىغان