ﮬەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە

مەيلى ئىنتېرنىت بولمىسۇن ياكى شىنخۇا كىتاپخانىسىدىكى كىتابلار بولمىسۇن ﮬەممىسىدە " ئەرلىرى زەئىپلەشكەن مىللەتنىڭ ئاياللىرى پاﮬىشە بولىدۇ "، " روﮬىيىتىمىزدىكى ئاجىزلىقلار " دىگەندەك گەپلەر دەۋىر سۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى . بۇ ناﮬايىتى نۇرمال ئەﮬۋال . چۈنكى ئۈزىنى ئىتراپ قىلىش، ئۈزىنى تۇنۇش، تەرەققى قىلىش ﮬەققىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىنسانلار ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلار بىرىنچىسى ئەمەس شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس . مەيلى تەرەققى قىلغان ياۋروپالىقلار بولمىسۇن، قەدىمى مەدەنيەتكە ئىگە ئافرىقا ۋە شەرقى ئاسىيالىقلار بولمىسۇن بۇ ﮬەقتە ئىزلىنىش توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ .

تەرەققى قىلغانلار ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ يول ئالدى، تەرەققى قىلمىغانلار ﮬېلىمۇ ئات -تۈگە بىلەن سودا يۇلى ئېچۋاتىدۇ، ئىنساننىڭ شۇنداقلا مەلۇم خىل مىللەت ۋە ئادەملەر توپىنىڭ ئۈزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا قۇشۇلۇپ مېڭىش ئىستىكى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق .

دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتساق " ﮬەر قانداق مىللەتنىڭ تەرەققىياتى تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرلىگەن ئەمەس، بەلكى گاﮬ ئۆرلەپ گاﮬ پەسىيىپ تۇرىدىغان زەنجىرسىمان ﮬالقىدا بىر پۈتۈنلىككە ئىگە بولغان ". بىزنىڭمۇ تارىختا گۈللەنگەن چاغلىرىمىز بولغان، ئۇيغۇر مەدەنيىتى سودىگەرلەر ۋە باشقا ساياﮬەتچىلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقالغان . تەبئى ئاپەت ۋە ئىچكى -تاشقى بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە يىڭىلىق يارىتىلىشقا ئىمكان بولماي، بىكىنمىچىلىك سەۋەبىدىن پىكىر قىلىش شەكلى دەۋىرگە ماسلىشالماي، تەپەككۇر ئۇسۇلى يىڭىلانماي تاكى ئازات بولغان 49 -يىلغىچە جاﮬالەت ﮬەر خىل نام ﮬەرخىل ئېقىم سۈپىتىدە بىزنى ئالداپ بېسىپ كەلدى .

دۇنيادا يېڭى دەپ ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ ﮬەممىسى پەقەت تارىخىنىڭ تەكرارلىنىشى، باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلنىشى خالاس . شۇڭا بىز چۇقۇم باشقىلارنىڭ تەرەققى قىلىش، قۇدرەت تېپىش جەريانىدىكى ئالاﮬىدىلىكرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز، ئۈگىنىشىمىز كىرەك .

مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئىسلام دىنى "قۇرئان " ئارقىلىق ئىنسان، ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ فونكىسيىسى ۋە بۇرچىنى بەلگىلەپ جاﮬالىيەت دەۋرىدە قالغان ئەرەبلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ قۇدرەتلىك ئىسلام ئىمپىريىسى قۇردى . ئابباسىلار خانلىقى " يۈز كۈنلۈك تەرجىمە ﮬەرىكىتىنى " يولغا قۇيۇپ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات، فىزىكا، خېمىيە ۋە باشقا پەنلىرىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كەڭ تارقىتىپ، ئالى بىلىم يۇرۇتلىرىنى قۇرۇپ، ئالىملارنى چىللاپ كىلىپ نەچچە ئون يىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئەرەب يېرىم ئارىلى جوڭگو ۋە قەدىمى يۇنانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ مەدەنيەت مەركىزىگە ئايلاندى . سېرىتنىڭ ئىلغار مەدەنيىتىنى قۇبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە ئەرەبلەر شۇ قەدەر گۈللەندىكى ئۆز سېڭلىسىنى ئاكىسى ئالىدىغان ياۋايى مىللەتتىن دۇنيانىڭ خۇجىسىغا ئايلىنىپ خىرىستىئانلار پەقەت يىراقتىن نەپرەت بىلەن قاراپ تۇرسىمۇ باش كۈتۈرۈپ ياق دىيەلمەيدىغان ﮬالەتكە كەلدى .

بىر مەزگىل مائارىپ ۋە ئىسلاﮬات ئارقىلىق دۇنيانىڭ خۇجىسىغا ئايلانغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمپىراتۇرى ئوردىغا مىڭلىغان گۈزەللەرنى يىغىپ قۇيۇپ يېرىم يالىڭاچ قىزلارنىڭ ئۇسۇلىنى نىپىز پەردە ئارقىسىدىن كۈرۈپ يۈزلەپ خۇتۇنلارنى ئېلىپ، ئوخشىمىغان ئاپىدىن بولغان پەرزەنىتلەر شاﮬلىق ئورنىغا كۆز تىكىپ ﮬىلە -مىكىر پىلانلاۋاتقان، خەلقنىڭ ئاۋازى پادىشاﮬقا يەتمەيۋاتقان چاغدا ياۋروپالىقلار ئازاپ ۋە خورلۇق ئىچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللنىش تارىخىنى تەتقىق قىلىپ ﮬەممە ئىش تەقدىر ۋە ئىلاﮬنىڭ ۋەﮬىيسى ئارقىلىق بۇلىدۇ دىگەن قاراشتىن قايتىپ ئىنساننى ۋە شەخىسنى مەركەز قىلغان نەزىريىۋى ئاساسلارنى ئىلان قىلدى . مۇنداقچە دىگەندە شەيئىلەرنى بىلىش ئۈچۈن كۈزۈتۈش ۋە تەجرىبە قىلىش كىرەك دەپ قارالدى . مۇسۇلمانلار " مەسچىتكە كىرگەندە ئىشتاننىڭ پۇشقىقى ئۇزۇن بۇلۇش كىرەكمۇ قىسقىمۇ " دىگەندەك ئەرزىمەس نەرسىلەر ئۈچۈن قېلىن دىنني كىتاپلارنى ئىزدەپ تالىپلار ئون يىل ئۇقۇپ موللا بۇلالمايۋاتقان چاغدا ياۋروپا ئەدەبىيات سەنئەت قايتا گۈللنىش ﮬەركىتىنى قوزغاپ دىن بىلەن مائارىپنى ئايرىپ تاشلاپ مەكتەپلەرنى قۇرۇپ ﮬەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ۋە ئاساسى بولغان مائارىپ ۋە مەدەنيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىدى .

ياۋرۇپانىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلەپ چىققان جامالىدىن ئافغانى " دەۋىر ئالغا باسىدۇ، بىر ئىزداتوختاپ قالمايدۇ، مۇسۇلمانلار مۇشۇ نوقتىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدىكى ئە جانلىق پىرىنسىپ قىلىش كىرەك، مۇسۇلمانلار بارلىق پايدىلىق نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىشى، بارلىق زىيانلىق نەرسىلەردىن ۋاز كىچىشى، غەرىبنىڭ پەن -تېخنىكىسىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى قوغدىشى كىرەك، ﮬەقىقى ئىمان كونىلارنىڭ، يۈزلۈكلەرنىڭ شۈبھىلىك تەشەببۇسى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ﮬەقىقى قايىللىق ۋە مۇستەﮬكەم دەلىل ئۈستىدە بولىدۇ " دەپ ئوتتۇرغا قويدى .

بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئابدۇقادىر داموللا، مەمتېلى ئەپەندىلەر شىنجاڭدا يېڭى مائارىپ ﮬەركىتىنى باشلىدى .

يۇقارقى گەپ شۇ يەردە قالسۇن .


ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنيەت ۋە مەرىپەت، سىياسى ۋە ئىقتىسادتا چىكىنىشى، قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ﮬەدىسلىرىگە خاتا ۋە گۇرۇﮬ مەنپەئەت نوقتىسىدىن تەدبىر بىرلىشى، خۇراپاتلىقنىڭ ئەۋىج ئېلىشى ئاﮬالىسىنىڭ ئاساسى قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر رايۇنىغا پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايۇنىدا تۇمشىقىغا تىپىك يەپ لالما ئىت كەبى خورجۇن كۈتۈرۈپ كەلگەن ئاتالمىش " پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى " ئۇيغۇر رايۇنىدا ئەمدىلا بېخلىنىپ لېكىن ئىلغار پىكىرلىكلەر ۋە سەئىدىيە خانلىقىدىكى ئىلغار كۈچلەر تەرىپىدىن بېسىلىپ ياتقان تەركى دۇنيا خۇراپاتلىققا كاتالىزاتۇر بۇلۇپ ئەڭ ئاخىردا ئۇيغۇر دىگەن ئىسىممۇ ئىستىمالدىن قىلىپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسى يىمىرلىپ قەشقەرلىك، خۇتەنلىك، ئاقسۇلۇققا پارچىلاندى . ئۇيغۇر شۇ دەۋىردىكى مائارىپىنىڭ نىشانىنىڭ بۇرلۇشى ۋە دىنني ئەقىدىنىڭ يۈكسەكلىككە كۈتۈرلۈپ خۇراپاتلىققا ئايلىنىشى شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ماددى ئىشلەپچىقرىش، ساپا، نۇپۇس جەﮬەتتىن غايەت زور زىيانغا ئۇچراتتى . تەلۋىلەرچە دىننىي ئىتىقادتىن باشقا ﮬېچنىمىسى يوق نادان خەلق ئۆز ئارا ئاق تاغ قارا تاغ بۇلۇپ قىرغىن قىلىشىپ ئىنسانىي ﮬۇقۇق، كىشلىك قەدىر قىممەت، نىكاﮬ ۋە كىشلىك ئەركىنلىك ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىبرەت بولغىدەك دەپسەندە قىلىدى . ﮬەتتا ئادەم بېشىدا قىزىل دەريا بويىدا خاتىرە مۇنار تىكلەندى . شۇندىن كىيىن ئازاتلىققىچە بولغان بىر دەۋىردە ئۇيغۇر دىيارىدا تۈگىمەس ئىچكى جىدەل، ئوخشىمىغان "ئىسلام " گۇروﮬلىرى، ئوخشىمىغان ﮬەم پىشمىغان نەزىريە ﮬۈكۈم سۈرۈپ ياڭ زىڭشىن دەۋرىگە كەلگەندە كولمىناتسىيە نوقتىسىغا يەتتى .

بۇ ﮬەقتە نەزەر خۇجا ئابدۇ سەمەتوف :" مۇسۇلمانلار ئىچىدە نىمىشقا ئىلىم لازىم دەرىجدە تارقالمىدى ؟ ﮬەقىقى سەۋەبى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ پۇلنىڭ يوقلىقىدۇر، كەمبەغەللىكنىڭ سەۋەبى بولسا بەك ئۇچۇق، مىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن بىز ئۇقۇش ۋە باي بۇلۇشقا ئەمەس بەلكى بىر -بىرىمىزنى ئۆلتۈرۈش ۋە قىرغىن قىلىشقا ۋاقىت تاپالماي يۈرىمىز، بۇ يولدا سەرىپ قىلغان بايلىق ۋە كۈچىمىزنى ساۋاب ﮬىساپلايمىز، قاراڭلار ئىسلام دۇنياسىغا ! كىم كىم بىلەن سۇقۇشىدۇ مۇسۇلمان مۇسۇلمانلار بىلەن سۇقۇشىدۇ، مۇشۇ سۇقۇشقا كەتكەن پۇل ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەن بولسا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىلىم يامان ئەمەس تارقالغان بۇلاتتى " دەپ ﮬەسرەت بىلەن يازدى .

ئۇيغۇر تارىخىدا ﮬەر بىر دەۋىردە يىراقنى كۈرۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قۇربان بىرەلەيدىغان ئالىم، زىيالى، شائىر، يازغۇچى چىقىپ تۇرغان . بىراق ئۇلارنىڭ ﮬەربىر ئىزدىنىنىشى، ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بۇلۇپ تۇرغىنىمۇ يالغان ئەمەس . ساتقىن - مۇناپىقلارنىڭ ئىلغارلارغا تۆﮬمەت قىلىشى، زىيانكەشلىك قىلىشى تارىخ سەﮬنىسىدە قايتا - قايتا ئوينىلىپ تۇرغان تىراگىدىيىگە ئوخشاش قايتا - قايتا تەكرارلانسىمۇ ئۇيغۇر ئانىللىرى ﮬەرخىل ئىسىمدىكى ئىلغارنى ئۇلاپ تۇغۇپ كىلىۋاتقان ئىدى . ئاۋام خەلق نەچچە يۈز مائارىپسىز قالغان بولغاچقا ئۇلاردا ئەڭ ئاساسى بولغان قارشىلىق كۆرسۈتۈش ئېڭى، گۇمان ئېڭى، كىرزىس ئېڭى يۇقىلىپ مەسچىت خانىقانى كۆرسە، ياكى ئەرەبچە ناخشا - مۇناجاتنى ئاڭلىسىمۇ يىغا تۇتىدىغان، كۆڭلى يۇمشاق، نادان، كىم قاياققا تارتسا شۇ ياققا ماڭىدىغان، ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن ئويلىنىشنى گۇناﮬ دەپ قارايدىغان بىر خىل جەمئىيەت مۇﮬىتى شەكىللەندى . ساياﮬەت ۋە جاسۇسلۇق ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەن چەتئەللىكلەرمۇ " چېكىدىن ئاشقان دىنني تەلۋىلىك بۇ خەلقنىڭ ئازاپ -ئۇقۇبەتلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزى " دەپ قۇيۇپ ئۈتۈپ كەتتى .

نامراتلىق ساتقىن ۋە خائىنغا ئىدىيىۋى دەستەك بولدى، ئاۋام خەلق ئاق -قارىنى غۇۋا بىلسىمۇ گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى، ئۇيغۇر زىيالىلىرى بەزىللىرى بىر ئۆمۈر تىرىشىپ - تىرمىشىپ بېقىپ ئاخىرى قان قۇسۇپ خۇدا دىگنىچە جەينامازغا يېقىلدى، يېقىلمىغانلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتېلى ئەپەندىدەك ئەلەملىك كۈلۈپ تۇرۇپ جادۇغا باش قويدى .

چەتئەل تارىخىغا قاراپ باقساق ﮬازىرقى دۇنيادىكى يەتتە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئىچىدە گىرمانىيە، ئامىرىكا، فىرانسىيە، ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر خىل ئورتاقلىقنى بايقايمىز . نىمە دىگەندە مائارىپ . ﮬەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ بىرىچى زۈرۈزر شەرتى ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى بۇلۇشى، بولغاندىمۇ يۇقىرى ساپاسى بۇلۇش كىرەك .

ئەمدى گەپنى قايتۇرۇپ كىلىپ بىزنىڭ ﮬازىرقى ئەﮬۋالىمىز بىلەن باغلايلى . بىز ﮬازىر تەنقىت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر جەمئىيىتى كۆڭۈل بۈلىۋاتقان مەسلە تەرەققىيات، ئىقتىساد، جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىزلىق، زەﮬەر چىكىش، ئەيدىز، غۇرۇر، كىرزىسكە ئۇچراۋاتقان خاسلىق قاتارلىقلار . نۇرغۇن كىتاپلار يېزىلدى، زەﮬەردەك سېسىق ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى . چېكىدىن ئاشقانلىرىدا ئىنكار قىلىنماسلىققا تىگىشلىك مەسلىلەر ئىنكار قىلىندى . ﮬەتتا مەسئۇليەتنى ئۇيغۇر زىيالىلار ئۈستىگە ئېلىش كىرەك دەپ زىيالىلارغا تىغ ئۇچى قارىتىلدى . مەسلە ﮬەل بولدىمۇ ؟ ياق، ئۆز پېتى كىتىۋەردى . نىمە قىلىش كىرەك ؟

خوش، ئەمدى ئۈستىدىكى گەپنى قۇيۇپ تۇرۇپ يەنە بىر نوقتىدىن پاراڭلىشايلى . مەركىزى تېلىۋۇزىيە ئىىستانسى " چوڭ دۆلەتنىڭ باش كۈتۈرۈشى " دىگەن چوڭ ﮬەجىملىك فىلىمنى قويغاندىن كىيىن دۆلەت ئىچى ۋە سېرتىدىكى مۇنبەرلەردە قاتتىق زىل-زىلە قوزغىدى . نەچچە كۈن ئاۋال چىڭخۇا داشۆنىڭ ياپۇنيىگە تەكشۈرۈشكە بارغان پىروفىسسورى تەكشۈرۈشنى ئاياقلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىزنىڭ GDP ياپۇنيىنى ئىككى قاتلىغان بىلەن ئاۋام خەلىقنىڭ ساپاسى ياپۇنيىگە يەتكىلى يەنە ئوتتۇز يىل پەرىق باركەن دىگەن خۇلاسىنى چىقاردى . سىنگاپور سەﮬەر گىزىتى ئۇزۇن تەﮬلىل ماقالىسى ئىلان قىلىپ جوڭگولۇقلار ئەڭ ئاۋال ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كىرەك، ﮬەربى كۈچنىڭ تەرەققى قىلىشى، GDP نىڭ ئېشىشى ﮬەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ شەرتى، لېكىن ئۇ ﮬەقىقى قۇدرەت تاپقانلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ، ئەڭ مۇﮬىمى ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى چۇقۇم ئۈسۈشى كىرەك دەپ خۇلاسە چىقرىلىپ، ئارقىدىن گىرمانىيىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى، ياپۇنيىنڭ قۇدرەت تېپىش سىرى، ئامرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى، فىرانسىينىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى دىگەن كىچىك تىمىلاردا ئايرىم - ئايرىم توختىلپ، ئىنچىكە تەﮬلىل ئېلىپ بېرىش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە ﮬەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ تۈپكى ئاساسى ئۇمۇمى خەلىقنىڭ ساپاسىدا، ساپانى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى ئۇسۇلى مائارىپتا، شۇڭا ﮬەقىقى قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن چۇقۇم مائارىپقا تايىنىش كىرەك دەپ خۇلاسە چىقاردى .

خۇ جىنتاۋ باش شۇجى以人为本,建立和谐社会 دىگەن چاقىرىقنى مۇنداقلا ئوتتۇرغا قويغان ئەمەس، ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈزۈتۈش، تەتقىق قىلىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرغا قۇيغان دەۋىر بۆلگۈچ ئەﮬمىيەتكە ئىگە چاقىرىق . ئۇنى ئۈگىنىپلا قۇيۇش، تەتقىق قىلماسلىق توغرا پۇزۇتسىيە ئەمەس . ئۇ جوڭگونىڭ ئەمەلىي ئەﮬۋالى، تەرەققىيات ئەﮬۋالى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان چاقىرىق.

بىز جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق بىر ئەزا مىللىتى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۇقارقى تەﮬلىلنى سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىمىز كىرەك .

ئەگەر ساپا يۇقىرى بولغان بولسا ئەنخۇيدىكى بۇۋاق بالىلار ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىت يېمىنىڭ يۈزدىن بىرىگە تەڭ بولمىغان يالغان سۈت پاراشۇگى بىلەن بېقىلىپ ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي بېشى يۇغىناپ كەتمىگەن بۇلاتتى، سانائەتكە ئىشلىتىلدىغان ئىسپىرىت، ﮬەتتا ئادەم سۈيدۈكدىن يالغان ماۋتەي ﮬارىقى ياسىلىپ سېتىلمايىتتى، ۋاقتى ئۆتكەن دۇرا -ئۇكۇللارغا يېڭى ماركا چاپلىنىپ سېتىلمايىتتى، ساختا ماشىنا تۇرمۇز مېيى بازارنى قاپلاپ كەتمىگەن بۇلاتتى . نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟ ساپا تۈۋەن، مائارىپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان ياكى ئالدىن كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتمىگەن .بۇ ﮬەقتە شاڭخەيلىك بىر ئادۇۋكات ئالەم كىمىمىز ئاسمانغا چىقتى، لېكىن بىز پاسكىنا نەرسىلەرنى يىيىشتىن ئەندىشە قىلۋاتىمىز، يىمەكلىكتىن خاتىرجەم بۇلالمايۋاتىمىز دىدى ﮬەسرەت بىلەن . بۇ خىل مەسلىلەرنى بازر باشقۇرۇش، سۈپەت باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىغا تايىنىپ ياكى ئاممىۋى پاش قىلىش تېلىفۇنىغا تايىنىپ ﮬەل قىلىپ بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسىغا، مائارىپقا تايانغاندىلا ﮬەل بولىدۇ .

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ئاجايىپ گۈزەل ئەخلاق، مەدەنيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلدە قېقىلىپ سۇقۇلۇشقا ئۇچراپ، ﮬازىرقى دەۋىردە ساپاسىزلار تەرىپىدىن چۆرىۋېتىلگەن بولسىمۇ ئۇ ئۈزىنىڭ گۈزەللىگىنى، قىممىتىنى يۇقاتقىنى يوق . مىھمان كۈتۈش، يىمەك -ئىچمەك مەدىنيىتى، بالىلار تەربىيىسى، توي، نەزىر قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئۈرۈپ -ئادەت ئاساسى جەﮬەتتىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر دىن ئۆرنەك ئېلىپ ﮬازىر خەلقئارا ئۆلچەمگە ئايلانغان قائىدى -يۇسۇن بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.

ئەلۋەتتە، بىزدە پاﮬىشە يوق، زەﮬەر چەككۈچى يوق، ئوغرى -بۇلاڭچى، قاتىل پاﮬىشۋاز يوق دەپ دىيەلمەيمىز . بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئۇيغۇرلار ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىردىمۇ، خوجىلار دەۋرىدە خاراپ بولغان ۋاقىتتىمۇ بىر تارىخى ﮬادىسە سۈپىتىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان . شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردىمۇ مۇتلەق تۈگىتىلگەن مەسلە ئەمەس . ئىنسانلار جەمئىيىتى بولىدىكەن بۇ خىل ﮬادىسە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ، يۇقىرى ساپالىق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىمۇ بۇ خىل ﮬادىسە ﮬازىرغىچە مەۋجۇت، تۈگىتىلگىنى يوق . لېكىن بۇخىل ﮬادىسنى سان جەﮬەتتىن ئازايتىشقا بولىدۇ . ئازايتىش ئۈچۈن يەنىلا مائارىپقا، ئاۋام خەلىقنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆستۈرلىشىگە تايىنىش كىرەك . بۇ يەردە ئېيىتىلغان مائارىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ياكى ئالى مائارىپنى كۆزدە تۇتمايدۇ، ئۇ 0 ياشتىن باشلىنىلدىغان ئائىلە تەربىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ناۋادا بىز يۇقىرقىدەك ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى كەسىپ قىلىۋالغان ياش -ئۆسمۈرلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرسەك ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنىڭ ئائىلە تەربىيىسگە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بايقايمىز . مائارىپ جوڭگولۇقلار چۈشەندۈرگەندەك ئۇنداق تار دائىرىدە ئەمەس، ئۇ نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بىزنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەزمۇن .


چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە چىرىك چىڭ خاندانلىقى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ﮬاقارەتلىك شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ چەتئەل پاراخۇتلىرىنىڭ زەمبىرىكى ئىشىك ئالدىغا توغۇرلانغاندىمۇ قىلچە نۇمۇس قىلماي ئۇلۇغ خاقان غەرىپ ياۋايىلىرىغا مھىر -شەپقەت ئاتا قىلدى دەپ تارىخىي پۈتۈكلەرنى پۈتۈپ تۇرغان، كاڭ يۇۋېي لار يۈز يىل يېڭىلىققا كۈچۈش ﮬەرىكىتىنى قوزغاشتىن سەل بۇرۇن جوڭگولۇق زىيالىلار بىلەن ياپۇنيىدىكى زىيالىلار دۈمبىسىگە ياۋروپادا گۈرۈچ بولمىسا ئاچ قالمايلى بىر خالتىدىن گۈرۈچنى يۇدۇپ غەرىپنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۈگىنىشكە ماڭغان ئىدى . بۇنىڭ ئىچىدە غەرىپنىڭ ئىلغار ئىدىيىسنى ئېلىپ كىلەلىگىنى ياپۇنيىدىن فۇزى يۈجى بىلەن جوڭگودىن سۈن جۇڭشەن ئەپەندى بولدى .

مىيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۈچۈشتىن بۇرۇن ياپۇنيە گۈرۈچ تېرىش بىلەن بىلىق تۇتۇشنى ئاساس قىلغان، ياۋروپالىقلار زەمبىرەكنى ئىشىك ئالدىغا توختىتىپ قۇيۇپ ﮬەر بىر توي قىلماقچى بولغان قىزنى ئاق تەنلىكلەر تۈكلۈك مەيدىسىگە بېسىپ بىر كىچە ياتقاندىن كىيىن كىيوغۇلغا تاپشۇردىغان بىچارە دۆلەت ئىدى . ﮬۇرۇنلۇق، قاششاقلىق، مەينەتلىك، ياۋايىلىقتىن باشقا ﮬېچبىر يېڭىلىق يوق ئىدى . فۇزى يۈجى دىگەن ئۇرۇق، پۈۋلىسە ئۇچۇپ كىتىدىغان بۇ چۇقۇر ئادەم ئامرىكا، فىرانسىيە، ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەردە مىللەتنىڭ چىقىش يۇلىنى ئىزدىگەندىن كىيىن غەزەپلەنگەن ﮬالدا قايتىپ كىلىپ بۇرۇندىن باشلاپ ياپۇنيە ئۇچراپ كەلگەن ۋە چۇقۇنغان كوڭزى - مىڭزى ئىدىيىسنى جان -جەﮬلى بىلەن سۆكتى، ﮬەتتا ياپۇنيە گەرچە جۇغراپىيىلىك جەﮬەتتىن ئاسىيا غا تەۋە بولسىمۇ ئۇ چۇقۇم ئاسىيادىن چىقىپ كىتىشى كىرەك دەپ脱亚论 دىگەن نەزىريىنى ئوتتۇرغا قويدى . ﮬازىرقى ياپۇنيە پۇلىنىڭ ئۈستىدە بۇ ئادەمنىڭ رەسىمى بار . ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرى ئەينى ۋاقىتتكى جالالىدىن ئافغانى بىلەن يېقىنلىشىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە ماﮬىيەت جەﮬەتتىن پەرىقلىنىدىغان قىسمىمۇ بار .

بىز ماركىسىزىمچىلار بىز، ياپۇن بۇرژازىيسىنىڭ ۋەكىلى، ئەشەددى مىللەتچى، غەرىپپەرەس، بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشنىڭ كۈشكۈرۈتكىچىسى بولغان فۇزى نىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ماركىسىزىملىق نوقتىنەزەردە تۇرۇپ مېغزىنى قۇبۇل قىلىپ شاكىلىنى چىقرىپ تاشلاپ، بۇلۇپمۇ چەتنىڭ ئىلغار پەن -تېخنىكىسى ۋە مەدىنيىتىنى قۇبۇل قىلىشقا دائىر قىسمىنى قۇبۇل قىلساق بولىدۇ .

كاڭ يۇۋىيلار "يېڭىلىق ئۈچۈن جوڭگودا تېخى قان تۈكۈلمىدى، بىرىنچى بوپ مىنىڭ تۈكۈلسۇن " دەپ مەردانە ﮬالدا جازا سەﮬنىسىگە مىڭىپمۇ، تۇركۈملەپ جوڭگولۇق ئۇقۇغۇچى پارخۇتنىڭ ئاستا بۈلۈمچىسىگە مۇكىنىپ غەرىپكە بېرىپمۇ تاكى جوڭگو كومپارتىيىسى قۇرۇلغىچە جوڭگونىڭ چىقىش يۇلىنى تاپالمىدى . نىمىشقا ؟ ئۇلار غەرىپنىڭ ماﮬىيەتلىك نەرسىلىرىنى بىلەلمىدى، غەرىپ ئىدىيىسىنى جوڭگونىڭ ئەمەلىي ئەﮬۋالىغا بىرلەشتۈرەلمىدى، ئەڭ مۇﮬىمى گىلاستۇك تاقاپ، كاستىيۇم -بۇرۇلكا، پەلتۇ كىيىپ كىلىپ، كافىخانىلارنى ئېچىپ، تاماكىنى چىشلەپ تۇرۇپ شىلەپىسىنى سول قۇلىغا ئېلۋېلىپ چىرايلىق قىزلارنى يىتىلەپ مېڭىشتىن باشقا مەدەنيەت ئەكىلەلمىدى . قىياپەت ئۆزگەردى، مەردانىلاشتى، باشقىلار ﮬەۋەس قىلدى، قىزلارنى تۆت كۇچىدا بوينىدىن قايرىپ تۇرۇپ سۈيەلىدى، بىراق غەرىپنىڭ جوڭگوغا كىلىشكە تىگىشلىك نەرسىسىدىن بىرىمۇ كەلمىدى .

21 -ئەسىرنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىش بىلەن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئابدۇقادىر جالالىدىن دىگەندەك ئۆز تەقدىرى، تەرەققىياتى ﮬەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى . دەسلەپتە يەﮬۇدىيلار بالىسىنى تامدىن سەكرىتىدىكەن، ياپۇنلار بۇۋاقنى چوڭ يولغا تاشلاپ قۇيۇپ ئۆزى ماڭمىسا يۈلىمەيدىكەن، تاماقتىن كىيىن مىۋە يەيدىكەن دىگەندەك قاراشلار بارلىققا كىلىپ ئارقىدىن ئۇيغۇرنى سۈكۈپ تىللاش مودا بولدى . قوي گۆشىدىن باشلاپ چوڭ دادىمىزنىڭ ساقىلىغىچە ﮬەممىسى خاتا بولدى، ئوغرىنىڭ، ***نىڭ، ﮬەزىلەكنىڭ، ئاقچىنىڭ ﮬەممىسى ئۇيغۇر بولدى، خۇددى باشقا مىللەتلەر جەننەتىتىن ئەمدى چىققاندەك . نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرنى سۈيىمەن دەپ تۇرۇپ بىر قاچا تاماقنى نىسىگە بىرىشتىن قورقىدىغان بوپ قالدى . يەﮬۇدىي بالىسىنى تامدىن سەكرەتسە ئۆزىنىڭ ئىشى، ياپۇن بالىسىنى يۆلىمىسە ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ -ئادىتى، ئۇلارنىڭ قۇدرەت تېپىشنىڭ سىرى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئادىتىدىمۇ ؟ ياق، مائارىپتا، ساپادا، ئائىلە تەربىيىسىدە .

ئۇيغۇرنى تىللاش مودا بۇلۇشتىن بارا -بارا قالغانىن كىيىن بىر قىسم ئاقكۆڭۈل ئەمما داۋاملىق كىتاپ ئۇقىمىسا بولمايدىغان كىشىلەر، نىيىتى خالىس ئەمما كۈزۈتۈشكە ئەﮬمىيەت بەرمەي، ماﮬىيەتنى تاشلاپ يۈزەكى نەرسىلەرنى بەك تەﮬلىل قىلىدىغان كىشىلەر دىنىي ئىتقادىمىز سۇسلاپ كەتكەچكە .......دەپلا گەپ باشلاپ ﮬەممە گۇناﮬنى شۇ ياققىلا ئارتىپ يەنە بىر يېڭى ئېقىم بارلىققا كەلدى . ئۇنى خاتا دىيەلمەيمىز، بىراق مەسلىنىڭ ماﮬىيىتى شۇ يەردە دەپ كىسىپ دىيەلمەيمىز .

ئامرىكىلىق مۇسۇلمان ئەمەس، ياپۇنلۇقمۇ مۇسۇلمان ئەمەس، ئىنگىلىز، نىمىس، فىرانسۇزمۇ مۇسۇلمان ئەمەس . ئۇلار قۇدرەت تاپالىدى، راۋاجلاندى، ئەيدىزنى كونتورۇل قىلالىدى، دىمەك مەسلە بىز ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس . ئىتىقاد چۇقۇم بۇلۇشى كىرەك، ئىتقادسىز ئادەم ﮬەر قانداق يامان ئىشنى قىلىۋېردۇ، چۈنكى ئۇنى چەكلەپ تۇردىغان سېرىتقى كۈچ يوق، ئۇ قۇرقىدىغان ئىلاﮬىي كۈچ يوق . بىراق خىروئىن يۆتكەشتىن بۇرۇن نەزىر بىرىپ، يالىڭاچ ئۇسۇلغا چىقىشتىن بۇرۇن بىسمىللا دىيىشتىن قارىغاندا مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن، ساپاسىز ئادەملەرگە نىسبەتەن دىنمۇ چەكلەش كۈچىنى يۇقىتىدىكەن، چۈنكى ئۇ دىننى بىر ئىتىقاد سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئۆستەڭ كولاشقا چىقىدىغان ﮬاشار سۈپىتىدە قۇبۇل قىلغان . ئۇنداقتا ﮬەقىقى ئىتقادنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك ؟ يەنىلا مائارىپقا، مائارىپ بىلەن بارلىققا كەلگەن ساپاغا تايىنىمىز . ساپا بولغاندىلا ئۇ مۇسۇلمانچىلىقنى، ئىنساننىڭ بۇرۇچ ۋە ئىتىقادىنى، ئائىلىنىڭ فونكىسيىسىنى چۈشىنەلەيدۇ، بۇنداق قۇبۇل بولغان ئىتىقاد مۇستەﮬكەم بولىدۇ .

كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ كەتتۇق، لېكىن ﮬەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە ؟ دىگەن مەسلە بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ساپا ۋە مائارىپنى تىلغا ئېلىپ ئوتتۇق . بۇنى يەنە ئىنچىكە سۆزلىسەك سەﮬىپە كەڭىيىپ كىتىپ ئاپتۇرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېشىپ كىتىدۇ . خۇددى زوردۇنكام دىگەندەك دۇنيادا يامانلىق بىلەن ياخشىلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، ساختىلىق بىلەن چىنلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ، بىر تەرەپنىڭ مۇتلەق غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس . ﮬەممىمز ئىزدەنگۈچى، ئىزدىنەيلى .....

خىروئىن، ئىپپەت -نۇمۇسىنى سېتىش، ساختىپەزلىك، ﮬاراقكەشلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى پۈتۈن مىللەتنىڭ خاتالىقى سۈپىتىدە ئەمەس، ئىقتىسادىي ئامىل، جەمئىيەت ئامىلى قاتارلىق تەرەپلەردىن مۇۋاپىق تەﮬلىل قىلىپ تەنقىد قىلساق بولىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلاردىمۇ نۇرغۇن ساپالىق كىشىلەر بار ؟ ئۇيغۇر پاﮬىشە بار يەردە سىچۈەنلىك، خېنەنلىك، گەنسۇلۇق ........ ئوخشاش بار، بۇ بىر جەمئىيەت ﮬادىسىسى . ﮬەتتا ياۋروپا ۋە ئامرىكىدىكى دوكتۇر، ماگىستىر ئىچىدىمۇ بار . بۇنى مىللى بېسىم قىلۋالساق توغرا بولمايدۇ .

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ئابدۇشۈكۈر مۇﮬەممەتئىمىن قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇرنى تىللىغىدەك ئابرۇيغا، بىلىمگە، تەجرىبىگە ئىگە ئىدى، تىللىسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق، ئەڭ ئەدەبىي، ئەڭ ساترىك تىللار بىلەن تىللىغىلى سەۋىيىسى يىتەتتى، بىراق دىققەت قىلساق ئۇلار بۇ تەرەپتە بەك ئىھتىياتچان، بۇلۇپمۇ، مىللەت، زىيالىي، دىھقان دىگەن چوڭ ئۇقۇملارغا كەلگەندە ئۇلار بۇ ﮬەقتىكى پاراڭلاردىن قاچىدۇ ياكى كۈيىنىشنى ئاساس قىلىپ گەپ قىلغان . دىمەك ئۇلار مەلۇم نەرسىلەرنى بىزدىن بۇرۇن ئويلاپ يەتكەن . ئۇلار خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ﮬۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر، موتىۋەرلەر، بەزى گەپلەرنى يەڭگىللىك بىلەن دىمەسلىكىدە چۇقۇم بىر داۋلىسى بار . بۇ يەنە ئىزدنىدىغان بىر يېڭى تىما .