ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى

ئىملا قائىدىسى توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەن سۆز بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەم شۇ تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يېزىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىملادا ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسىدۇر.

ئىملا قائىدىسى مەلۇم بىر يېزىقنى قوللىنىدىغان مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات ۋە ئۇچۇر ئىشلىرىدا شۇ مىللەت ئەدەبىي تىلىنىڭ توغرا قوللىنىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە تىلنىڭ قېلىپلىشىپ، تاكامۇللىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم قورالدۇر.

ئىملا قائىدىسى تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. ئۇ يېزىق تىلى بىلەن جانلىق تىل ئوتتۇرىسىدا نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىدۇ. بىر مىللەت تىلىدا جامائەتچىلىك ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئىملا قائىدىسى بولمىغان ئەھۋالدا، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىلنىڭ بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بىر تىلدا ئىملا قائىدىسىنىڭ تۈزۈلۈشى شۇ تىلنىڭ دىئالېكت ۋە شېۋىلەرگە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ۋە دىيالېكت، شېۋىلەر بىلەن ئەدەبىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي ئازايتىشقا ئاساس بولىدۇ.

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملادا ئىپادىلىنىشى

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى — يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان قوشۇمچىلاردىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشىدۇر.

ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ئاساسەن تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىققا قارىتىلغان. ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە تامامەن بويسۇنىدۇ. ئەمما چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە دېگەندەك بويسۇنۇپ كەتمەيدۇ.

بىز تۆۋەندە سۆز يىلتىزى ياكى سۆز ئۆزىكىگە قوشۇمچە (ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچە) قوشۇلغاندىكى ئاھاڭداشلىق ئۈستىدە توختىلىمىز.

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى تەھرىرلەش

تۇرغۇن سۆز (پېئىلدىن باشقا سۆز تۈركۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ) ۋە پېئىللارغا قوشۇمچە قوشۇلغاندا، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولۇشىغا قاراپ، قوشۇمچىلارنىڭ شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.

A تۇرغۇن سۆزلەردە: تەھرىرلەش

① تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:

بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى، كۆپلۈك قوشۇمچىسى، تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭ، -ىڭ، -ئۇڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز، -ىڭىز، -ئۇڭىز“ دىن كېيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:

باغ – باغدا، باغقا، باغلار، بېغىڭ، بېغىڭلار، بېغىڭىز، بېغىڭىزلار
قوي – قويدا، قويغا، قويلار، قويۇڭ، قويۇڭلار، قويۇڭىز، قويۇڭىزلار

كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى، كۆپلۈك قوشۇمچىسى، تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭ، -ىڭ، -ئۇڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز، -ىڭىز، -ئۇڭىز“ دىن كېيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئالدىنقى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆز ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:

دەزمال – دەزمالدا، دەزمالغا، دەزماللار، دەزمىلىڭ، دەزمىلىڭلار، دەزمىلىڭىز، دەزمىلىڭىزلار
پەيتون – پەيتوندا، پەيتونغا، پەيتونلار، پەيتونۇڭ، پەيتونۇڭلار، پەيتۇنۇڭىز، پەيتۇنۇڭىزلار

② تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:

بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:

تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى، كۆپلۈك قوشۇمچىسى، تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭ، -ىڭ، -ئۈڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز، -ىڭىز“ دىن كېيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:

بەت – بەتتە، بەتكە، بەتلەر، بېتىڭ، بېتىڭلەر، بېتىڭىز، بېتىڭىزلەر
گۈل – گۈلدە، گۈلگە، گۈللەر، گۈلۈڭ، گۈلۈڭلەر، گۈلىڭىز، گۈلىڭىزلەر
يۈك – يۈكتە، يۈككە، يۈكلەر، يۈكۈڭ، يۈكۈڭلەر، يۈكۈڭىز، يۈكىڭىزلەر
سۈت – سۈتتە، سۈتكە، سۈتلەر، سۈتۈڭ، سۈتۈڭلەر، سۈتىڭىز، سۈتىڭىزلەر

كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:

ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى، كۆپلۈك قوشۇمچىسى، تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭ، -ىڭ، -ئۈڭ“ ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز، -ىڭىز“ دىن كېيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئالدىنقى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئورەك – ئورەكتە، ئورەككە، ئورەكلەر، ئورىكىڭ، ئورىكىڭلەر، ئورىكىڭىز، ئورىكىڭىزلەر
لۇغەت – لۇغەتتە، لۇغەتكە، لۇغەتلەر، لۇغىتىڭ، لۇغىتىڭلەر، لۇغىتىڭىز، لۇغىتىڭىزلەر
پېچەت – پېچەتتە، پېچەتكە، پېچەتلەر، پېچىتىڭ، پېچىتىڭلەر، پېچىتىڭىز، پېچىتىڭىزلەر
ئەتىرگۈل – ئەتىرگۈلدە، ئەتىرگۈلگە، ئەتىرگۈللەر، ئەتىرگۈلۈڭ، ئەتىرگۈلۈڭلەر، ئەتىرگۈلىڭىز، ئەتىرگۈلىڭىزلەر

B پېئىللاردا: تەھرىرلەش

① تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن پېئىللاردا:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى، خالاش رايى، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى ۋە شەرت رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:

باق- بېقىڭ، بېقىڭلار؛ بېقىڭىز، بېقىڭىزلار؛ باقتىڭ، باقتىڭلار؛ باقتىڭىز، باقتىڭىزلار؛ باقسىلا؛ باققاي، باققايلا؛ باقساڭ، باقساڭلار؛ باقسىڭىز، باقسىڭىزلار، ....
يات- يېتىڭ، يېتىڭلار، يېتىڭىز، يېتىڭىزلار؛ ياتتىڭ، ياتتىڭلار؛ ياتتىڭىز، ياتتىڭىزلار؛ ياتسىلا؛ ياتقايلا؛ ياتساڭ، ياتساڭلار؛ ياتسىڭىز، ياتسىڭىزلار، ...
ساقلا- ساقلاڭ، ساقلاڭلار؛ ساقلىڭىز، ساقلىڭىزلار؛ ساقلىدىڭ، ساقلىدىڭلار؛ ساقلىدىڭىز، ساقلىدىڭىزلار؛ ساقلىسىلا؛ ساقلىغاي، ساقلىغايلا؛ ساقلىساڭ، ساقلىساڭلار؛ ساقلىسىڭىز، ساقلىسىڭىزلار،
ئوڭلا- ئوڭلاڭ، ئوڭلاڭلار؛ ئوڭلىدىڭ، ئوڭلىدىڭلار؛ ئوڭلىدىڭىز، ئوڭلىدىڭىزلار؛ ئوڭلىسىلا؛ ئوڭلىغاي، ئوڭلىغايلا؛ ئوڭلىساڭ، ئوڭلىساڭلار، ئوڭلىسىڭىز، ئوڭلىسىڭىزلار، ...

② تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن پېئىللاردا:

تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى، خالاش رايى، شەرت رايى، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى بىرىنچى شەخس كۆپلۈك تۈرى (مەسىلەن: ئەت – ئەتتۇق <ئەتتۈك> ئەمەس، كەل – كەلدۇق <كەلدۈك> ئەمەس، كۈزەت – كۈزەتتۇق <كۈزەتتۈك> ئەمەس، ...) بىلەن بۇيرۇق-تەلەپ رايى ئۈچىنچى شەخس (مەسىلەن: ئەت – ئەتسۇن <ئەتسۈن> ئەمەس، كەل – كەلسۇن <كەلسۈن> ئەمەس، كۈزەت – كۈزەتسۇن <كۈزەتسۈن> ئەمەس، ...) تىن باشقىلىرىدا، سۆز ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئەت- ئېتىڭ، ئېتىڭلەر؛ ئېتىڭىز، ئېتىڭىزلەر؛ ئەتتىڭ، ئەتتىڭلەر؛ ئەتتىڭىز، ئەتتىڭىزلەر؛ ئەتتۇق؛ ئەتسىلە؛ ئەتكەيلە؛ ئەتسۇن؛ ئەتسەڭ، ئەتسەڭلەر؛ ئەتسىڭىز، ئەتسىڭىزلەر، ......
كۈل- كۈلۈڭ، كۈلۈڭلەر؛ كۈلىڭىز، كۈلىڭىزلەر؛ كۈلدۈڭ، كۈلدۈڭلەر؛ كۈلدىڭىز، كۈلدىڭىزلەر؛ كۈلدۇق؛ كۈلسىلە؛ كۈلگەيلە؛ كۈلسۇن؛ كۈلسەڭ، كۈلسەڭلەر؛ كۈلسىڭىز، كۈلسىڭىزلەر، ...
ئىشلە- ئىشلەڭ، ئىشلەڭلەر؛ ئىشلىڭىز، ئىشلىڭىزلەر؛ ئىشلىدىڭ، ئىشلىدىڭلەر؛ ئىشلىدىڭىز، ئىشلىدىڭىزلەر؛ ئىشلىدۇق؛ ئىشلىسىلە؛ ئىشلىگەي، ئىشلىگەيلە؛ ئىشلىسۇن؛ ئىشلىسەڭ، ئىشلىسەڭلەر؛ ئىشلىسىڭىز، ئىشلىسىڭىزلەر،.....
يۈكلە- يۈكلەڭ، يۈكلەڭلەر؛ يۈكلىڭىز، يۈكلىڭىزلەر؛ يۈكلىدىڭ، يۈكلىدىڭلەر؛ يۈكلىدىڭىز، يۈكلىدىڭىزلەر؛ يۈكلىدۇق؛ يۈكلىسىلە؛ يۈكلىگەي، يۈكلىگەيلە؛ يۈكلىسۇن؛ يۈكلىسەڭ، يۈكلىسەڭلەر، يۈكلىسىڭىز، يۈكلىسىڭىزلەر،....

ئەسكەرتىش: تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى، خالاش رايى، شەرت رايى، ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، بۇيرۇق-تەلەپ رايى ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”-ڭلەر، -ىڭلەر، -ۈڭلەر“، سىپايە تۈرىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”-ڭىزلەر، -ىڭىزلەر“ ۋە خالاش رايى ھۆرمەت تۈرىنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى ئۈچۈن ”-كەي/گەي + لە = كەيلە/گەيلە“ قوللىنىلىپ، يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.

ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى تەھرىرلەش

ئارا سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلار تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە قوشۇلىدۇ:

① بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە ”خ، غ، ق“ تاۋۇشلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ”ئې“، ”ئى“ تاۋۇشلىرى تىل ئارقىغا مايىل بولغانلىقتىن، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

خىش – خىشتا، خىشقا، خىشلار، خىشلىق،...
بىخ – بىختا، بىخقا، بىخلار، .....
خىزىر – خىزىردا، خىزىرغا، خىزىرلىق،...
پىخسىق – پىخسىقتا، پىخسىققا، پىىسىقلىق،...
خىل – خىللا، خىلغا، خىلدا، خىللىق، ...
تىغ – تىغدا، تىغقا، تىغلىق، ...
قىغ – قىغدا، قىغقا، قىغلار، قىغلىق، ...
زىغىر – زىغىردا، زىغىرغا، زىغىرلار، زىغىرلىق، ....
چىغرىق – چىغرىقتا، چىغرىققا، چىغرىقلار، چىغرىقلىق، ...
غېرىچ – غېرىچلا، غېرىچقا، غېرىچتا، غېرىچلىق،
قىر – قىردا، قىرغا، قىرلار، قىرلىق،...
قىش – قىشتا، قىشقا، قىشلىق، ...
قىلىچ – قىلىچتا، قىلىچقا، قىلىچلار، قىلىچلىق، ...
ئىسسىق – ئىسسىقتا، ئىسسىققا، ئىسسىقلىق، ...
قىس- – قىستۇر، قىسقان، قىسسا، قىسسۇن، قىسىڭلار، ...
قىل- – قىلدۇر، قىلغان، قىلسا، قىلسۇن، قىلىڭلار، ...

② بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە ”ك، گ“ تاۋۇشلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ”ئې“، ”ئى“ تاۋۇشلىرى ئاساسەن تىل ئالدىغا مايىل بولغانلىقتىن، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

كىر – كىرگە، كىرلەر، كىرلىك، ...
كىم – كىمدە، كىمگە، كىملەر، كىملىك، ...
كىيىم – كىيىمدە، كىيىمگە، كىيىملەر، كىيىملىك، ...
كىرپىك – كىرپىكتە، كىرپىككە، كىرپىكلەر، كىرپىكلىك، ...
كىي- – كىيدۈر، كىيگەن، كىيسە، كىيسۇن، كىيىڭلەر، ...
كىچىكلە- – كىچىكلىگەن، كىچىكلىسە، كىچىكلىسۇن، كىچىكلەڭ،
ئېگىر – ئېگىردە، ئېگىرگە، ئېگىرلەر، ئېگىرلىك، ...
ئېگىز – ئېگىزدە، ئېگىزگە، ئېگىزلىك، ..
– ئېگىزلىگەن، ئېگىزلىسە، ئېگىزلەڭ، ئېگىزلەڭلەر،

ئەسكەرتىش: تەركىبىدە ”ك، گ“ ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولغان بىر قىسىم چەتتىن كىرگەن سۆزلەر يۇقىرىدىكى قائىدىلەرگە بويسۇنمايدۇ. ئۇلارغا قوشۇمچە قوشۇش توغرا كەلگەندە، تىل ئارقا ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

كېلۋىن – كېلۋىنلىق
كېدىر – كېدىرلىق
گىپىس – گىپىستا، گىپىسقا، گىپىسلىق، ...
گېرتىس – گېرتىسلىق

③ تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە ”ك، گ“ ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولمىسىمۇ، بۇ سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، بۇلاردىكى ”ئې، ئى“ سوزۇق تاۋۇشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشقا مايىل بولغاچقا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

بىز – بىزدە، بىزگە، بىزلەر، ...
سىز – سىزدە، سىزگە، سىزلەر، ...
بىر – بىردە، بىرگە، بىرلەر، ...
ھىم – ھىملىمەك
تېز – تېزلىك، تىزلەشمەك، ...
بىل- – بىلدۈر، بىلگەن، بىلسە، بىلگىلى، بىلىڭلەر، ...
مىن- – مىندۈر، مىنگەن، مىنسە، مىنگىلى، مىنىڭلەر، ...
سىڭ- – سىڭدۈر، سىڭگەن، سىڭسە، سىڭگىلى، ...
ئىچ- – ئىچكۈز، ئىچكەن، ئىچسە، ئىچكىلى، ئىچىڭلەر، ...
ئىلىم – ئىلىمدە، ئىلىمگە، ئىلىملەر، ئىلىملىك، ...
بىلىم – بىلىمدە، بىلىمگە، بىلىملەر، بىلىملىك، ...
جىددىي – جىددىيلەشمەك، جىددىيلىك
نىسپىي – نىسپىيلەشتۈرۈش، نىسپىيلىك
ئىۋى- – ئىۋىدى، ئىۋىگەن، ئىۋىسۇن، ئىۋىت، ئىۋىتكەن، ئىۋىتسە، ئىۋىتسۇن، ئىۋىتكىلى، ئىۋىتىڭلەر، يىمىر- يىمىرگۈز، يىمىرگەن، يىمىرسە، يىمىرسۇن، يىمىرگىلى، يىمىرىڭلەر ....
ئىنتىل- – ئىنتىلدۈر، ئىنتىلگەن، ئىنتىلسە، ئىنتىلسۇن، ئىنتىلىڭلەر، ...
چىرى- – چىرىدى، چىرىگەن، چىرىسۇن، چىرىت، چىرىتكەن، چىرىتسە، چىرىتسۇن، چىرىتكىلى، چىرىتىڭلەر ...
بېھى – بېھىدە، بېھىگە، بېھىلەر، بېھىلىك، ...
سېھىر – سېھىردە، سېھىرگە، سېھىرلىك...
ئېڭىش- ئېڭىشتۈر، ئېڭىشكەن، ئېڭىشسە، ئېڭىشسۇن، ئېڭىشىڭلەر...

④ سوزۇق تاۋۇش ”ئى“ بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق ”چىش، ئىز، ئىش“ سۆزلىرى ئەگەر ئىسىم ھالىتىدە گرامماتىكىلىق تۈرلىنىشكە كىرسە، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ سۆزلەردىن پېئىل ياسىلىپ، پېئىل ھالىتىدە تۈرلەنسە، ئۇ ھالدا قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئىسىم ھالىتىدە:
چىش – چىشتا، چىشقا، چىشلار، چىشلىق، ...
پېئىل ھالىتىدە:
چىشلە- – چىشلىگەن، چىشلىسە، چىشلىسۇن، چىشلىدۇق، چىشلەڭ، چىشلەڭلەر، چىشلىگەي، چىشلىگىلى...
ئىسىم ھالىتىدە:
ئىز – ئىزدا، ئىزغا، ئىزلار، ...
پېئىل ھالىتىدە:
ئىزلە- ئىزلىگەن، ئىزلىسە، ئىزلىسۇن، ئىزلىدۇق، ئىزلەڭ، ئىزلەڭلەر، ئىزلىگەي، ئىزلىگىلى ...
ئىسىم ھالىتىدە:
ئىش – ئىشتا، ئىشقا، ئىشلار ...
پېئىل ھالىتىدە:
ئىشلە- – ئىشلىگەن، ئىشلىسە، ئىشلىسۇن، ئىشلىدۇق، ئىشلەڭ، ئىشلەڭلەر، ئىشلىگەي، ئىشلىگىلى،..

⑤”ئى“ بىلەن تۈزۈلگەن تۆۋەندىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللار تۈرلەنگەندە ياكى ئۇلاردىن ئىسىم ياسالغاندا، ئەھۋال باشقىچىرەك بولۇپ، بۇ پېئىللاردىن ياسالغان سۆزلەرنىڭ خاراكتېرىغا قاراپ، تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئىل- – ئىلمەك (ئىسىم)، ئىلماق (پېئىل)، ئىلغۇر، ئىلغان، ئىلسا ...
تىز- – تىزىق (ئىسىم)، تىزىم، تىزىملىك (ئىسىم)، تىزماق (پېئىل)، تىزغان، تىزسا ...

⑥ ئاخىرقى بوغۇمىدا ئارا سوزۇق تاۋۇش ”ئې، ئى“ بولغان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولۇشىغا قاراپ، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئانسامبىل – ئانسامبىلدا، ئانسامبىلغا، ئانسامبىللىق؛ ئانسامبىلىڭ، ئانسامبىلىڭلار؛ ئانسامبىلىڭىز، ئانسامبىلىڭىزلار ...
سەلبىي – سەلبىيلىك، سەلبىيلەشمەك ...
تەقدىر – تەقدىردە، تەقدىرگە، ... ؛ تەقدىرلە-، تەقدىرلەر، تەقدىرىڭ، تەقدىرىڭلەر، تەقدىرىڭىز، تەقدىرىڭىزلەر، ....
قەبىھ – قەبىھلىك، قەبىھلەشمەك، ...
مۇئەللىم – مۇئەللىمدە، مۇئەللىمگە، مۇئەللىملەر، مۇئەللىملىك، مۇئەللىمىڭ، مۇئەللىمىڭلەر، مۇئەللىمىڭىز، مۇئەللىمىڭىزلەر، ...
سۈلھى – سۈلھىدە، سۈلھىگە، سۈلھىلەر، سۈلھىلىك؛ سۈلھىڭ، سۈلھىڭلەر، سۈلھىڭىز، سۈلھىڭىزلەر، ...
ئىسسى- – ئىسسىق، ئىسسىقلىق؛ ئىسسىڭ، ئىسسىڭلار؛ ئىسسىدىڭ، ئىسسىدىڭلار، ئىسسىدىڭىز؛ ئىسسىدىڭىزلار؛ ئىسسىسۇن؛ ئىسسىدۇق؛ ئىسسىسىلا؛ ئىسسىغاي، ئىسسىغايلا؛ ئىسسىساڭ، ئىسسىساڭلار، ئىسسىسىڭىز، ئىسسىسىڭىزلار،..
قىدىر- – قىدىرىڭ، قىدىرىڭلار؛ قىدىرىڭىز، قىدىرىڭىزلار؛ قىدىردىڭ، قىدىردىڭلار؛ قىدىردىڭىز، قىدىردىڭىزلار؛ قىدىرسۇن؛ قىدىردۇق؛ قىدىرسىلا؛ قىدىرغاي، قىدىرغايلا؛ قىدىرساڭ، قىدىرساڭلار؛ قىدىرسىڭىز، قىدىرسىڭىزلار، .....
سىلجى- – سىلجىڭ، سىلجىڭلار؛ سىلجىڭىز، سىلجىڭىزلار؛ سىلجىدىڭ، سىلجىدىڭلار؛ سىلجىدىڭىز، سىلجىدىڭىزلار؛ سىلجىسۇن؛ سىلجىدۇق؛ سىلجىسىلا؛ سىلجىغاي، سىلجىغايلا؛ سىلجىساڭ، سىلجىساڭلار؛ سىلجىسىڭىز، سىلجىسىڭىزلار، .....
بېكى- بېكىڭ، بېكىڭلەر؛ بېكىڭىز، بېكىڭىزلەر؛ بېكىدىڭ، بېكىدىڭلەر؛ بېكىدىڭىز، بېكىدىڭىزلەر؛ بېكىسۇن؛ بېكىدۇق؛ بېكىسىلە؛ بېكىگەي، بېكىگەيلە؛ بېكىسەڭ، بېكىسەڭلەر؛ بېكىسىڭىز، بېكىسىڭىزلەر، .....
ئىنتىل- – ئىنتىلمە؛ ئىنتىلىڭ، ئىنتىلىڭلەر؛ ئىنتىلىڭىز، ئىنتىلىڭىزلەر؛ ئىنتىلدىڭ، ئىنتىلدىڭلەر؛ ئىنتىلدىڭىز، ئىنتىلدىڭىزلەر؛ ئىنتىلسۇن؛ ئىنتىلدۇق؛ ئىنتىلسىلە؛ ئىنتىلگەي، ئىنتىلگەيلە؛ ئىنتىلسەڭ، ئىنتىلسەڭلەر؛ ئىنتىلسىڭىز، ئىنتىلسىڭىزلەر،....
ئېڭىش- – ئېڭىشىڭ، ئېڭىشىڭلەر؛ ئېڭىشىڭىز، ئېڭىشىڭىزلەر؛ ئېڭىشدىڭ، ئېڭىشدىڭلەر؛ ئېڭىشدىڭىز، ئېڭىشدىڭىزلەر؛ ئېڭىشسۇن؛ ئېڭىشتۇق؛ ئېڭىشسىلە؛ ئېڭىشكەي، ئېڭىشكەيلە؛ ئېڭىشسەڭ، ئېڭىشسەڭلەر؛ ئېڭىشسىڭىز، ئېڭىشسىڭىزلەر، ....

⑦ تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا ”ق، غ“ تاۋۇشلىرى كەلسە، ”لىق، لىك“ قوشۇمچىلىرىنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى بولغان ”-لىق“ شەكلى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ھەقىقىي + لىق = ھەقىقىيلىق
مۇستەقىل + لىق = مۇستەقىللىق
ئەقىل + لىق = ئەقىللىق
مەنتىق + لىق = مەنتىقلىق

⑧ تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان، ”غ، ق“ بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئىرغى- – ئىرغىغان، ئىرغىسا، ئىرغىسۇن، ئىرغىدۇق، ئىرغىڭ، ئىرغىڭلار، ئىرغىڭىز، ئىرغىڭىزلار، ئىرغىغاي، ئىرغىغايلا، ئىرغىدىڭ، ئىرغىدىڭلار ...
سىرغى- – سىرغىغان، سىرغىسا، سىرغىسۇن، سىرغىدۇق، سىرغىڭ، سىرغىڭلار، سىرغىڭىز، سىرغىڭىزلار، سىرغىغاي، سىرغىغايلا، سىرغىدىڭ، سىرغىدىڭلار ...
يىقىل- – يىقىلغان، يىقىلسا، يىقىلسۇن، يىقىلدۇق، يىقىلىڭ، يىقىلىڭلار؛ يىقىلىڭىز، يىقىلىڭىزلار؛ يىقىلغاي، يىقىلغايلا، يىقىلدىڭ، يىقىلدىڭلار ...
مىشقىر- – مىشقىرغان، مىشقىرسا، مىشقىرسۇن، مىشقىردۇق، مىشقىرىڭ، مىشقىرىڭلار، مىشقىرىڭىز، مىشقىرىڭىزلار، مىشقىرغاي، مىشقىرغايلا، مىشقىردىڭ، مىشقىردىڭلار...

⑨ باش بوغۇمىدىكى ”ئا“ ياكى ”ئە“ تاۋۇشلىرى تىل تەرەققىياتى جەريانىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ، ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىش نەتىجىسىدە، تارىخىي جەھەتتىن تۇراقلىشىپ كەتكەن سۆزلەرنىڭ ئەسلى ھالىتى ئاساس قىلىنىپ (ئەسلى سۆزنىڭ باش بوغۇمى ”ئا“ ياكى ”ئە“ بولغانلىقىغا قاراپ) تۇرۇپ، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ياكى تىل ئالدى ۋارىيانتلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

سېسىق (ساسىق) – سېسىقتا، سېسىققا، سېسىقلىق ...
يېقىن (ياقىن) – يېقىندا، يېقىنغا، يېقىنلىق ...
قېلىن (قالىن) – قېلىنلىق ...
ئېغىر (ئاغىر) – ئېغىرلىق ...
بېلىق (بالىق) – بېلىقتا، بېلىققا، بېلىقلار ...
قېنىق (قانىق) – قېنىقلىق ...
ئېنىق (ئانىق) – ئېنىقلىق ...
سېرىق (سارىغ) – سېرىقتا، سېرىققا، سېرىقلىق ...
ئېتىز (ئاتىز) – ئېتىزدا، ئېتىزغا، ئېتىزلار، ئېتىزلىق ....
سېغىز (ساغىز) – سېغىزدا، سېغىزغا، سېغىزلار ....
ھېكىم (ھەكىم) – ھېكىمدە، ھېكىمگە، ھېكىملەر، ھېكىملىك ...
كېپىش (كەپىش) – كېپىشتە، كېپىشكە، كېپىشلەر، كېپىشلىك ...
شېھىت (شەھىت) – شېھىتلەر، شېھىتلىك ...
يېمىش (يەمىش) – يېمىشتە، يېمىشكە، يېمىشلەر، يېمىشلىك ...

ئەمما، ”پېقىر، تېۋىپ، دېڭىز، خېمىر، زېمىن، سېمىز، مېيىپ، ئېجىل، يېلىم“ قاتارلىق سۆزلەر يۇقىرىدىكى قائىدىگە بويسۇنمايدىغان بولۇپ، ھازىرقى تىل ئىستېمالىمىزدا، بۇ سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

پېقىر (پەقىر) – پېقىردا، پېقىرغا، پېقىرلىق ...
تېۋىپ (تەبىب) – تېۋىپتا، تېۋىپقا، تېۋىپلار ، تېۋىپلىق ...
دېڭىز (تەڭىز) – دېڭىزدا، دېڭىزغا، دېڭىزلار ...
خېمىر (خەمىر) – خېمىردا، خېمىرغا، خېمىرلار، خېمىرلىق ...
زېمىن (زەمىن) – زېمىندا، زېمىنغا، زېمىنلار، زېمىنلىق ...
سېمىز (سەمىز) – سېمىزدا، سېمىزغا، سېمىزلار، سېمىزلىق ...
يېلىم (يەلىم) – يېلىمدا، يېلىمغا، يېلىملار، يېلىملىق ....

ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتىگە زىت ئايرىم ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئادەتلەنگىنىمىز بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز.

⑩ تەركىبىدە ”ئا“ ياكى ”ئە“ بولغان بىر بوغۇملۇق پېئىللاردىن ياسالغان تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا، ئەسلى پېئىل ھالىتى ئاساس قىلىنىپ قوشۇلىدۇ. يەنى تۈپ پېئىل تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى، تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئېقىن (ئاق-) – ئېقىندا، ئېقىنغا، ئېقىنلار، ئېقىنلىق ...
يېغىن (ياغ-) – يېغىندا، يېغىنغا، يېغىنلىق ...
بېسىم (باس-) – بېسىمدا، بېسىمغا، بېسىملىق ...
كېسىم (كەس-) – كېسىمدە، كېسىمگە، كېسىملىك ...
تېپىن (تەپ-) – تېپىندە، تېپىنگە، ....
كېچىك (كەچ-) كېچىكتە، كېچىككە، كېچىكلەر، كېچىكلىك ...
كېلىن (كەل-) – كېلىندە، كېلىنگە، كېلىنلەر، كېلىنلىك ....

”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق تۈرلىنىشكە كىرىدىغانلىرىنىڭ ئىملاسى تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە يېزىلىدۇ:

①”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە كېلىش، كۆپلۈك ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”-چە“ نىڭ ئالدىدىكى بوغۇم ئاساس قىلىنىدۇ. يەنى ”-چە“ نىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بولسا، قوشۇمچىنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولسا، قوشۇمچىنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

تۈركچە – تۈركچىدە، تۈركچىگە، تۈركچىلەپ، تۈركچەڭ، تۈركچەڭلەر، تۈركچىڭىز، تۈركچىڭىزلەر
تەكچە – تەكچىدە، تەكچىگە، تەكچىلەر، تەكچەڭ، تەكچەڭلەر، تەكچىڭىز، تەكچىڭىزلەر
ئۈنچە – ئۈنچىدە، ئۈنچىگە، ئۈنچىلەر، ئۈنچەڭ، ئۈنچەڭلەر، ئۈنچىڭىز، ئۈنچىڭىزلەر
پارچە – پارچىدا، پارچىغا، پارچىلار، پارچىڭىز، پارچىڭىزلار؛ پارچىلا
تامچە – تامچىدا، تامچىغا، تامچىلار، تامچىلاپ
غۇنچە – غۇنچىدا، غۇنچىغا، غۇنچىلار، غۇنچاڭ، غۇنچاڭلار، غۇنچىڭىز، غۇنچىڭىزلار؛ غۇنچىلا-،

②”-چە“ نىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا ئارا سوزۇق تاۋۇش ”ئې، ئى“لار بولغان سۆزلەرگە كېلىش، كۆپلۈك ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئەگەر ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ”خ، غ، ق“ تاۋۇشلىرى بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى، ”خ، غ، ق“ تاۋۇشلىرىدىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بولسا، قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

زىخچە – زىخچىدا، زىخچىغا، زىخچىلار، زىخچاڭ، زىخچاڭلار، زىخچىڭىز، زىخچىڭىزلار
قىرغىزچە – قىرغىزچىدا، قىرغىزچىغا، قىرغىزچىلاپ، قىرغىزچاڭ، قىرغىزچاڭلار، قىرغىزچىڭىز، قىرغىزچىڭىزلار
تىزىقچە – تىزىقچىدا، تىزىقچىغا، تىزىقچىلار، تىزىقچاڭ، تىزىقچاڭلار، تىزىقچىڭىز، تىزىقچىڭىزلار
ئىنگلىزچە – ئىنگلىزچىدە، ئىنگلىزچىگە، ئىنگلىزچىلەپ، ئىنگلىزچەڭ، ئىنگلىزچەڭلەر، ئىنگلىزچىڭىز، ئىنگلىزچىڭىزلەر
نېمىسچە – نېمىسچىدە، نېمىسچىگە، نېمىسچىلەپ، نېمىسچەڭ، نېمىسچەڭلەر، نېمىسچىڭىز، نېمىسچىڭىزلەر

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى تەھرىرلەش

① لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا، شۇنىڭدەك ئاخىرقى بوغۇملىرىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

قول – قولۇم، قولۇڭ، قوللۇق
تۇز – تۇزۇم تۇزۇڭ، تۇزلۇق
سۆز – سۆزۈم، سۆزۈڭ، سۆزلۈك
يۈز – يۈزۈم، يۈزۈڭ، يۈزلۈك
قۇلۇپ – قۇلۇپۇم، قۇلۇپۇڭ، قۇلۇپلۇق
تۇلۇق – تۇلۇقۇم، تۇلۇقۇڭ، تۇلۇقلۇق
ئاچ- – ئاچقۇچ، ئاچقۇچۇم، ئاچقۇچۇڭ، ئاچقۇچلۇق
تەپ- – تەپكۈچ، تەپكۈچۈم، تەپكۈچۈڭ
سۈز- – سۈزگۈچ، سۈزدۈم، سۈزۈڭ، سۈزسۇن، سۈزدۇق، سۈزۈك، سۈزۈش، سۈزۈل، ...
تۈز- – تۈزۈم، تۈزدۈم، تۈزۈڭ، تۈزسۇن، تۈزدۇق، تۈزۈك، تۈزۈش، تۈزۈل، تۈزۈلۈش، ...
يولۇق- – يولۇقتۇم، يولۇقتۇڭ، يولۇقسۇن، يولۇقتۇق، يولۇقۇش، يولۇقۇپ،
ئوقۇ- – ئوقۇدۇم، ئوقۇدۇڭ، ئوقۇسۇن، ئوقۇدۇق، ئوقۇش، ئوقۇشلۇق، ...

ئەسكەرتىش:

  • ① لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قۇرۇلغان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يەنە قوشۇمچە قوشۇش توغرا كەلگەندە، مەزكۇر ”ئا“ لىق بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا ياكى ئالدىنقى بوغۇمى لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن، كېيىنكى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر ”ئا“ لىق بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، بۇ سۆزلەردىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئۆزەكتىكى لەۋلەشكەن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنى بويىچە ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن:
قول + لان + ىش = قوللىنىش (قوللۇنۇش ئەمەس)
قول + لار + ىم = قوللىرىم (قوللۇرۇم ئەمەس)
قۇلۇپ + لار + ىم = قۇلۇپلىرىم (قۇلۇپلۇرۇم ئەمەس)
سورا- – سورىماق، سورىسا (سورۇماق، سورۇسا ئەمەس)
دورا- – دورىماق، دورىسا (دورۇماق، دورۇسا ئەمەس)
  • ② لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قۇرۇلغان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يەنە قوشۇمچە قوشۇش توغرا كەلگەندە، مەزكۇر ”ئە“ لىك بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا ياكى ئالدىنقى بوغۇمى لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن، كېيىنكى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر ”ئە“ لىك بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، بۇ سۆزلەردىكى ”ئە“ تاۋۇشى ئۆزەكتىكى لەۋلەشكەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش قانۇنى بويىچە ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن:
يۈز + لەن + ىش = يۈزلىنىش (يۈزلۈنۈش ئەمەس)
ئۈزۈك + لەر + ىم = ئۈزۈكلىرىم (ئۈزۈكلۈرۈم ئەمەس)
يۆگە- – يۆگىمەك، يۆگىسە (يۆگۈمەك، يۆگۈسە ئەمەس)
سۆرە- – سۆرىمەك، سۆرىسە (سۆرۈمەك، سۆرۈسە ئەمەس)

② لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا، شۇنىڭدەك ئاخىرقى بوغۇمى لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلارنىڭ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

باغ – باغلىق، بېغىم، بېغىڭ ...
تال – تاللىق؛ تېلىم، تېلىڭ ...
بەت – بەتلىك؛ بېتىم، بېتىڭ ...
ئەن – ئەنلىك، ...
يات- – ياتتىم، يېتىڭ، ياتتۇق، ياتلىق ...
كەت- – كەتتىم، كېتىڭ، كەتتۇق ...
تولا – تولىلىق ...
تولغا- – تولغىدىم، تولغاڭ، تولغىسۇن، توغىدۇق، تولغاق

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى تەھرىرلەش

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ئاساسەن ئوچۇق بوغۇملاردىكى پەس سوزۇق تاۋۇش ”ئا“ ، ”ئە“ نىڭ سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇش ”ئې“ ۋە ئېگىز سوزۇق تاۋۇش ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىشىگە قارىتىلغان.

مۇنداق نۆۋەتلىشىش ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن ئېتىبارەن كۆرۈلىۋاتقان فونېتىكىلىق ھادىسە بولۇپ، بۇ ھادىسە ئۇ دەۋردە سۆزلەردە كۆپرەك ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالغان ”ئە“ نىڭ نۆۋەتلىشىشى بىلەن باشلانغان.

ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىدا ”ئا“، ”ئە“ تاۋۇشى كەلگەن بوغۇمدىكى ئۇرغۇنىڭ سۆزنىڭ ئايىغىدىكى بوغۇملىرىغا يۆتكىلىشى بارا-بارا ”ئا“ تاۋۇشىنىڭمۇ نۆۋەتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرقى دەۋردە بۇ فونېتىكىلىق ھادىسە ئۇيغۇر تىلىنى باشقا تۈركىي تىللاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇر تىلىغا باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىلىرىگە بويسۇنۇپ كەتمىگەنلىرى، شۇنىڭدەك ئەسلى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەر ئىچىدىكى ”ئا“ ياكى ”ئە“ بىلەن كەلگەن بوغۇملىرىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمىگەن سۆزلەر سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي قائىدىگە بويسۇنمايدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر قايتا تەتقىق قىلىنىش ئارقىلىق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە قائىدىلەر تۈزۈپ چىقىلدى:

ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن قۇرۇلغان تۇرغۇن سۆزلەردە مەزكۇر ”ئە“ تاۋۇشىنىڭ ”ئې“ يا - كى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى تەھرىرلەش

1) ئوچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە

⑴ نۆۋەتلىشىدىغانلىرى:

”ئە“ تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان ئوچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ”ئە“ لىك بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ”ئە“ تاۋۇشىغا چۈشكەن ئۇرغۇنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە، ”ئە“ تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

پارە + سى = پارىسى پەدە + سى = پەدىسى، پەدىدە، پەدىگە، پەدىلەر، پەدىلىك پەللە + سى = پەللىسى، پەللىدە، پەللىگە، پەللىلىك ئاغىنە + سى = ئاغىنىسى، ئاغىنىلەر، ئاغىنىلىك، ئاغىنىدارچىلىق ئاھالە + سى = ئاھالىسى، ئاھالىدە، ئاھالىگە، ئاھالىلەر، ئاھالىلىك ئالاقە + سى = ئالاقىسى، ئالاقىدە، ئالاقىگە، ئالاقىچى مۇسابىقە + سى = مۇسابىقىسى، مۇسابىقىدە، مۇسابىقىگە، مۇسابىقىلەر مۇندەرىجە + سى = مۇندەرىجىسى، مۇندەرىجىدە، مۇندەرىجىگە، مۇندەرىجىلىك ⑵ نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى: ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب-پارس تىللىرىدىن كىرگەن، ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىش يوللىرى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، گەرچە ئاخىرقى بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ، ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ”ئە“ تاۋۇشىنىڭ ئۇرغۇسى بەزى سۆزلەردە ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكىلىدۇ. بەزىلىرىدە يۆتكەلمەيدۇ. شۇڭا مۇنداق ئۇرغۇسى يۆتكەلمىگەن بوغۇملاردىكى ”ئە“ تاۋۇشى ”ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن: تەۋە + سى = تەۋەسى، تەۋەدە، تەۋەلىك ساھە + سى = ساھەسى، ساھەدە، ساھەگە، ساھەلەر قەھۋە + سى = قەھۋەسى، قەھۋەدە، قەھۋەگە، قەھۋەلەر، قەھۋەلىك قۇرئە + سى = قۇرئەسى، قۇرئەدە، قۇرئەگە شىرە + سى = شىرەسى، شىرەدە، شىرەگە، شىرەلەر، شىرەلىك لەۋھە + سى = لەۋھەسى، لەۋھەدە، لەۋھەگە، لەۋھەلەر قىتئە + سى = قىتئەسى، قىتئەلەر كۈرە + سى = كۈرەسى، كۈرەدە، كۈرەگە مەزە + سى = مەزەسى، مەزەگە، مەزەلەر مەۋقە + سى = مەۋقەسى، مەۋقەدە ۋاھە + سى = ۋاھەسى، ۋاھەدە، ۋاھەگە، ۋاھەلەر ۋەقە + سى = ۋەقەسى، ۋەقەدە، ۋەقەگە، ۋەقەلەر، ۋەقەلىك جۈمە + سى = جۈمەسى، جۈمەدە، جۈمەگە پاجىئە + سى = پاجىئەسى، پاجىئەدە، پاجىئەگە، پاجىئەلىك ئەسلىھە + سى = ئەسلىھەسى، ئەسلىھەدە، ئەسلىھەگە، ئەسلىھەلەر، ئەسلىھەلىك پاتىھە + سى = پاتىھەسى، پاتىھەدە، پاتىھەگە جامائە + سى = جامائەسى، جامائەدە، جامائەلىك مەتبەئە + سى = مەتبەئەسى، مەتبەئەدە، مەتبەئەگە، مەتبەئەلىك مەدرىسە + سى = مەدرىسەسى، مەدرىسەدە، مەدرىسەگە گۈلقەقە + سى = گۈلقەقەسى، گۈلقەقەلىرى ئېلىپبە + سى = ئېلىپبەسى، ئېلىپبەدە، ئېلىپبەگە، ئېلىپبەلىك مەجمۇئە + سى = مەجمۇئەسى، مەجمۇئەدە، مەجمۇئەگە مۇداپىئە + سى = مۇداپىئەسى، مۇداپىئەدە، مۇداپىئەگە مۇئەسسەسە + سى = مۇئەسسەسەسى، مۇئەسسەسەدە، مۇئەسسەسەگە، مۇئەسسەسەلەر 2) يېپىق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە ⑴ نۆۋەتلىشىدىغانلىرى: ①”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن، يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”ئە“ تاۋۇشى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: ئەپ + ى = ئېپى ئەت + ى = ئېتى بەز + ى = بېزى ئەس + ى = ئېسى تەگ + ى = تېگى بەت + ى = بېتى ② ئاخىرقى بوغۇمىدا ”ئە“ بولغان، كۆپ بوغۇملۇق يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”ئە“ تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: دەرەخ + ى = دەرىخى ئەخلەت + ى = ئەخلىتى تەلەپ + ى = تەلىپى سۆڭگەچ + ى = سۆڭگىچى شىكايەت + ى = شىكايىتى ③ پۇل مەنىسىدىكى ”چەن“ سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىش دەۋرى ئۇزۇن بولغاچقا، بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا خەنزۇ تىلىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق ھالىتىنى يوقىتىپ، قىسقا سوزۇق تاۋۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ سۆز بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسى بويىچە ”ئە“تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: پۇڭچەن + ى = پۇڭچىنى موچەن + ى = موچىنى كويچەن + ى = كويچىنى ⑵ نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى: ①”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، سۆز يىلتىزىدىكى ئۇرغۇ ساقلانغانلىقتىن ”ئە“ تاۋۇشى ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ۋەز + ى = ۋەزى بەش + ى = بەشى كەش + ى = كەشى خەج + ى = خەجى ②”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، بوغۇم ئاخىرىدىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بوغۇمغا، كېيىنكىسى كېيىنكى بوغۇمغا تەۋە بولۇپ، ”ئە“ لىك بوغۇم يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالغانلىقتىن، ”ئە“ تاۋۇشى ”ئې“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: كەنت + ى = كەنتى دەرد + ى = دەردى شەرت + ى = شەرتى قەلب + ى = قەلبى قەست + ى = قەستى بەست + ى = بەستى ③ ئەرەب-پارس تىللىرىدىن كىرگەن، ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”ئە“ تاۋۇشى ئەسلىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق خۇسۇسىيىتىنى يوقاتمىسا، ”ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: مىجەز + ى = مىجەزى ئەرەب + ى = ئەرەبى نەسەب + ى = نەسەبى ④ خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قوبۇل قىلىنغان ”ia, ua“ قوش سوزۇق تاۋۇشلۇق بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە، بۇ سوزۇق تاۋۇشلار خەنزۇ تىلىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ”ئە“ تاۋۇشى ”ئې“ ياكى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ليەن + ى = ليەنى لۇشيەن + ى = لۇشيەنى يۇەن + ى = يۇەنى ⑤ ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن ئوچۇق ۋە يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئىستېمالدا ياكى بەزى شېۋىلەردە ”ئە“ تاۋۇشىنى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرسە، بەزىلىرىدە نۆۋەتلەشتۈرمەي قوللىنىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال تەڭلا مەۋجۇت. بۇ خىل ھادىسىلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئومۇمىي فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە ئىملادا ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئارمىيە + سى = ئارمىيىسى (ئارمىيەسى ئەمەس) پارتىيە + سى = پارتىيىسى (پارتىيەسى ئەمەس) مەسلىھەت + ى = مەسلىھىتى (مەسلىھەتى ئەمەس) نەسىھەت + ى = نەسىھىتى (نەسىھەتى ئەمەس)

ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللاردا مەزكۇر ”ئە“ تاۋۇشىنىڭ ”ئې“ ياكى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى تەھرىرلەش

1) ئوچۇق بوغۇملۇق پېئىللاردا ⑴”ئە“ بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللاردىن پەقەت ”دە-“ بىلەن ”يە-“ پېئىلى بار بولۇپ، بۇ ئىككى پېئىلغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ”ئە“ تاۋۇشى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: دە- – دېدى، دېسۇن، دېدۇق، دېگەن، دېگىلى، دېسە، دېمەك، دېگەي، دېگۈلۈك، ... ... يە- – يېدى، يېسۇن، يېدۇق، يېگەن، يېگىلى، يېسە، يېمەك، يېگەي، يېگۈلۈك، ... ئەگەر بۇ ”ئە“ تاۋۇشى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالمىسا، ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: دە- – دەپ، دەڭ، دەڭلەر، دەيلى، دەيدىغان، ... يە- – يەپ، يەڭ، يەڭلەر، يەيلى، يەيدىغان، ... ⑵ ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، بۇ ”ئە“ تاۋۇشى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: چەيلە- – چەيلىدى، چەيلىسۇن، چەيلىدۇق، چەيلىگەن، چەيلىسە، ... يۈكلە- – يۈكلىدى، يۈكلىسۇن، يۈكلىدۇق، يۈكلىگەن، يۈكلىسە، ... بېزە- – بېزىدى، بېزىسۇن، بېزىدۇق، بېزىگەن، بېزىسە، ... بىلە- – بىلىدى، بىلىسۇن، بىلدۇق، بىلىگەن، بىلىسە، ... ئەگەر بۇ خىلدىكى پېئىللاردا ”ئە“ تاۋۇشى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالمىسا، ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: چەيلە- – چەيلەپ، چەيلەڭلەر، چەيلەيلى، چەيلەكلىك، ... يۈكلە- – يۈكلەپ، يۈكلەڭلەر، يۈكلەيلى، يۈكلەكلىك، ... بېزە- – بېزەپ، بېزەڭلەر، بېزەيلى، بېزەكلىك، ... بىلە- – بىلەپ، بىلەڭلەر، بىلەيلى، بىلەكلىك، ... 2) يېپىق بوغۇملۇق پېئىللاردا ⑴”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ”ئە“ تاۋۇشى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: كەل- – كېلىپ، كېلىڭ، كېلىڭلەر، كېلەيلى، كېلىدۇ، كېلىدىكەن، ... يەش- – يېشىپ، يېشىڭ، يېشىڭلەر، يېشەيلى، يېشىدۇ، يېشىدىكەن، ... ئەگەر ”ئە“ تاۋۇشى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالمىسا، ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: كەل- – كەلسە، كەلسۇن، كەلدۇق، كەلگەن، كەلگەي، كەلتۈر، كەلگۈلۈك، ... يەش- – يەشسە، يەشسۇن، يەشتۇق، يەشكەن، يەشكەي، يەشتۈر، يەشكۈلۈك،... ⑵ ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ”ئە“ تاۋۇشى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: مىنگەش- – مىنگىشىپ، مىنگىشىڭلەر، ... مۈكچەي- – مۈكچىيىپ، مۈكچىيىڭلەر، ... ئەگەر ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالمىسا، ”ئە“ تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: مىنگەش- – مىنگەشسە، مىنگەشكەن، مىنگەشسۇن، مىنگەشتۇق، مىنگەشكەي مۈكچەي- – مۈكچەيسە، مۈكچەيگەن، مۈكچەيسۇن، مۈكچەيدۇق، مۈكچەيگەك

ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە مەزكۇر ”ئا“ تاۋۇشىنىڭ ”ئې“ يا- كى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى تەھرىرلەش

1) ئوچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە ⑴ نۆۋەتلىشىدىغانلىرى: ① ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن، ”ئا“ تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: ئاتا – ئاتىسى، ئاتىلىق، ئاتىغا، ئاتىدا، ئاتىلار، ... ياقا – ياقىسى، ياقىلىق، ياقىغا، ياقىدا، ياقىلار، ... ئارغامچا – ئارغامچىسى، ئارغامچىلىق، ئارغامچىغا، ئارغامچىدا، ئارغامچىلار، ... تاپانچا – تاپانچىسى، تاپانچىلىق، تاپانچىغا، تاپانچىدا، تاپانچىلار، ... شارقىراتما – شارقىراتمىسى، شارقىراتمىلىق، شارقىراتمىغا، شارقىراتمىدا، ... ② ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، بۇ ”ئا“ تاۋۇشى ئىملادا بەزىدە ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلسە، بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال تەڭلا مەۋجۇت. مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئومۇمىي فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە ئىملادا ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: مولېكۇلا – مولېكۇلىسى (مولېكۇلاسى ئەمەس) پىلانىتا – پىلانىتىسى (پىلانىتاسى ئەمەس) راكېتا – راكېتىسى (راكېتاسى ئەمەس) فورمۇلا – فورمۇلىسى (فورمۇلاسى ئەمەس) چېگرا – چېگرىسى (چېگراسى ئەمەس) ⑵ نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى: ①”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن ”يا، جا“ قاتارلىق بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلمىگەنلىكتىن، ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: يا – ياسى، ياغا، يادا، يادىن، يالار، ...(ئوقيادىكى يا) جا – جاسى، جاغا، جادىن، جالىرى، ... ② ئەرەب-پارس تىللىرى، رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن، ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق بەزى تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، بۇ ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمىگەچكە، ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ساپا – ساپاسى، ساپالىق، ... سادا – ساداسى، ساداغا، ... ھاۋا – ھاۋاسى، ھاۋالىق، ... ئەۋلىيا – ئەۋلىياسى، ئەۋلىيالىق، ... ئوپېرا – ئوپېراسى، ئوپېرالىق، ... ئىلتىجا – ئىلتىجاسى، ئىلتىجالىق، ... ئاتموسفېرا – ئاتموسفېراسى، ئاتموسفېراغا، ... خروموسوما – خروموسوماسى، خروموسومالىق، ... ③ تۆۋەندىكىدەك شەكىلداش سۆزلەرنىڭ ئىملاسى مۇنداق يېزىلىدۇ: پاپا (رىم پاپاسى)– پاپاسى، پاپادا، پاپاغا، پاپالىق، .... پاپا (پاكار) – پاپىسى، پاپىدا، پاپىغا، پاپىلىق، پاپىلار، ... بالا (بالايى ئاپەت) – بالاسى، بالادا، بالاغا، بالالىق، ... بالا (پەرزەنت) – بالىسى، بالىدا، بالىغا، بالىلىق، بالىلار، ... 2) يېپىق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە ⑴ نۆۋەتلىشىدىغانلىرى: ①”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن، ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: داپ – دېپى ساپ – سېپى قاپ – قېپى لاپ – لېپى ئات – ئېتى دات – دېتى قات – قېتى يات – يېتى شاخ – شېخى ئاش – ئېشى باش – بېشى تاش – تېشى تاغ – تېغى ئاق – ئېقى ساق – سېقى قاق – قېقى ئاڭ – ئېڭى ساڭ – سېڭى كاڭ – كېڭى ھاڭ – ھېڭى ② ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا، ئاخىرقى ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن، ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: قانات – قانىتى كاچات – كاچىتى خالات – خالىتى ئامبار – ئامبىرى ئاياغ – ئايىغى چىراغ – چىرىغى ئاتاق – ئاتىقى دىماغ – دىمىغى بۇلاق – بۇلىقى قاپاق – قاپىقى ساقال – ساقىلى شامال – شامىلى قوزغىلاڭ – قوزغىلىڭى قارىغاي – قارىغىيى مالىخاي – مالىخىيى ئالىقان – ئالىقىنى جاۋىغاي – جاۋىغىيى ساۋاقداش – ساۋاقدىشى ⑵ نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى: ①”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى ئايرىم بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”ئ“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلمىگەچكە، ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. (”ر“ بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەر ئايرىم كۆرسىتىلدى.) مەسىلەن: نال – نالى جاي – جايى راي – رايى خال – خالى زات – زاتى ھال – ھالى ياد – يادى يال – يالى تاج – تاجى نام – نامى ساز – سازى سان – سانى ② ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، بوغۇم ئاخىرىدىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بوغۇمنى، كېيىنكىسى قوشۇمچە بىلەن قوشۇلۇپ كېيىنكى بوغۇمنى تەشكىل قىلغاچقا، ئاخىرقى ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمەي، يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالغانلىقتىن، ”ئې“ ياكى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ئاست – ئاستى ئانت – ئانتى ئالد – ئالدى ئاسپىرانت – ئاسپىرانتى مۇزىكانت – مۇزىكانتى ③ ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر قىسىم كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، گەرچە مەزكۇر ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ، ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇسى يۆتكەلمىگەچكە، ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ئەتراپ – ئەتراپى جاۋاب – جاۋابى قۇياش – قۇياشى قاياش – قاياشى قۇرام – قۇرامى ئامال – ئامالى تەلىمات – تەلىمات ئىتتىپاق – ئىتتىپاقى ئىشتىياق – ئىشتىياقى خىيال – خىيالى مۇقام – مۇقامى قورال – قورالى پىلان – پىلانى ئىستىھكام – ئىستىھكامى پىراق – پىراقى ④ ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلۈپ، ”ھ“ بىلەن ئاخىرلاشقان بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋە ”ر“ىلەن ئاخىرلاشقان بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئاخىرقى ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلمىگەنلىكتىن، ”ئې“ ياكى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ئاھ – ئاھى گاھ – گاھى شاھ – شاھى ئىلاھ – ئىلاھى گىياھ – گىياھى نىكاھ – نىكاھى ئارامگاھ – ئارامگاھى قارارگاھ – قارارگاھى زىيارەتگاھ -- زىيارەتگاھى قار – قارى بار – بارى شار – شارى تار – تارى كار – كارى يار – يارى زار – زارى نار – نارى غار – غارى گار – گارى قارار – قارارى مادار – مادارى ⑤”-دار، -زار، -كار، -شۇناس“ قوشۇمچىلىرى بىلەن ياسالغان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر قوشۇمچىلاردىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ، ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ئەمەلدار – ئەمەلدارى ھوقۇقدار – ھوقۇقدار مەنسەبدار – مەنسەپدارى گۈلزار – گۈلزارى چىمەنزار – چىمەنزارى ئۈزۈمزار – ئۈزۈمزارى گۇناھكار – گۇناھكارى مەدەتكار – مەدەتكارى ھەۋەسكار – ھەۋەسكارى تىلشۇناس – تىلشۇناسى تارىخشۇناس – تارىخشۇناسى ⑥ ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلۈپ، ”ر“ بىلەن ئاخىرلاشقان ”ئامبار، بىكار، چاكار، خامار، قاڭشار، قوچقار“ قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئاخىرقى ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن، ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: ئامبار – ئامبىرى بىكار – بىكىرى چاكار – چاكىرى خامار – خامىرى قاڭشار – قاڭشىرى قوچقار – قوچقىرى ⑦ ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلۈپ، ”-ر، -س“ بىلەن ئاخىرلاشقان ”ئانار، بازار، پانار، تاغار، خۇمار، سونار، قاتار“ ۋە ”ئابزاس، ئاتلاس، زاپچاس، كومپاس، ماتراس“ قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، بۇ ”ئا“ تاۋۇشى بەزىدە ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلسە، بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال تەڭلا مەۋجۇت. مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئومۇمىي فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە ئىملادا ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئانار – ئانىرى بازار – بازىرى تاۋار – تاۋىرى پانار – پانىرى تاغار – تاغىرى خۇمار – خۇمىرى ئابزاس – ئابزىسى ئاتلاس – ئاتلىسى زاپچاس – زاپچىسى كومپاس – كومپىسى ⑧ خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن ئاخىرقى بوغۇمى ”ang, iang“ قاتارلىق قوش سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن ”بەنجاڭ، پەيجاڭ، جۈنجاڭ، دۈيجاڭ، دادۈيجاڭ، شىپاڭ، ماتاڭ، ليەنجاڭ، ماجاڭ، مەنجاڭ، ... “ قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئىستېمالدا مەزكۇر ”ئا“ تاۋۇشى بەزىدە ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلسە، بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي قوللىنىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال تەڭلا مەۋجۇت. مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئومۇمىي فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە ئىملادا ”ئى“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: بەنجاڭ – بەنجىڭى پەيجاڭ – پەيجىڭى جۈنجاڭ – جۈنجىڭى دۈيجاڭ – دۈيجىڭى دادۈيجاڭ – دادۈيجىڭى شىپاڭ – شىپىڭى ماتاڭ – ماتىڭى ليەنجاڭ – ليەنجىڭى ماجاڭ – ماجىڭى

ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللاردا، مەزكۇر ”ئا“ تاۋۇشىنىڭ ”ئې“ ياكى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى تەھرىرلەش

1) ئوچۇق بوغۇملۇق پېئىللاردا ⑴ نۆۋەتلىشىدىغانلىرى: ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ئاخىرقى ”ئا“ تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: ئاتا- – ئاتىدى، ئاتىغان، ئاتىسا، ئاتىسۇن، ئاتىدۇق، ... ئورۇنلا- – ئورۇنلىدى، ئورۇنلىغان، ئورۇنلىسا، ئورۇنلىسۇن، ئورۇنلىدۇق، ... ⑵نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى: ئەگەر يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر بوغۇم يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ئاخىرقى ”ئا“ تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ئاتا- – ئاتالدى، ئاتالغان، ئاتالسا، ئاتالسۇن، ئاتالدۇق، ئاتاڭلار، ... ئورۇنلا- – ئورۇنلاندى، ئورۇنلانغان، ئورۇنلانسا، ئورۇنلانسۇن، ئورۇنلاڭلار، ... 2) يېپىق بوغۇملۇق پېئىللاردا ⑴ نۆۋەتلىشىدىغانلىرى: ①”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ”ئا“ تاۋۇشى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: ئات- – ئېتىپ، ئېتىلغان، ئېتىلسا، ئېتىڭلار، ... چات- – چېتىپ، چېتىلغان، چېتىلسا، چېتىڭلار، چېتىق، ... ② ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ئاخىرقى ”ئا“ تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: تاتار – تاتىرىپ، تاتىرىش، تاتىراڭغۇ، ... جانلان – جانلىنىپ، جانلىنىش، ... ⑵ نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى: ① يۇقىرىدا مىسالغا ئېلىنغان پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن يىلتىز ياكى ئۆزەك يەنىلا يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى ”ئا“ تاۋۇشى ”ئې“ ياكى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: ئات- – ئاتقان، ئاتسا، ئاتسۇن، ئاتتۇق، ئاتقۇر، ... چات- – چاتقان، چاتسا، چاتسۇن، چاتتۇق، چاتقۇ، ... تاتار- – تاتارغان، تاتارسا، ... جانلان- – جانلانغان، جانلانسا، جانلانسۇن، جانلاندۇق، ... ②”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بوغۇمنى، كېيىنكىسى قوشۇمچە بىلەن كېيىنكى بوغۇمنى تەشكىل قىلغانلىقتىن، ”ئا“ تاۋۇشى ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن: تارت- – تارتىپ، تارتىڭلار، ... قايت- – قايتىپ، قايتىڭلار، ...

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى تەھرىرلەش

1. ئىككىنچى بوغۇمى ئېگىز سوزۇق تاۋۇش ”ئى، ئۇ، ئۈ“ بىلەن تۈزۈلگەن بىر قىسىم ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئىككىنچى بوغۇم ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتسا، ”ئى، ئۇ، ئۈ“ تاۋۇشلىرى چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەسلى ئۈچ بوغۇم بولىدىغان سۆزلەر يەنىلا ئىككى بوغۇم ھالىتىدە قالىدۇ ۋە ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: پەسىل + ى = پەسلى جىسىم + ى = جىسمى سىڭىل + ى = سىڭلىم قىسىم + ى = قىسمى كۆڭۈل + ى = كۆڭلى نەسىل + ى = نەسلى ھۆكۈم + ى = ھۆكمى ئورۇن + ى = ئورنى ئوغۇل + ى = ئوغلى ئۆمۈر + ى = ئۆمرى ۋاقىت + ى = ۋاقتى ئىسىم + ى = ئىسمى 2. ئېنىقسىز كەلگۈسى زامان پېئىلىنىڭ ۋە پۈتكەن سۈپەتداشنىڭ سوراق شەكلى ئۈچۈن ”مۇ“ ئۇلانمىسى قوشۇلغاندىن كېيىن ياردەمچى پېئىل ”ئىدى، ئىكەن، ئىمىش“ لەر كەلسە، ”مۇ“ ئۇلانمىسىدىكى ”ۇ“تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: كېلەر + مۇ + ئىدى = كېلەرمىدى بارار + مۇ + ئىدى = بارارمىدى ساتار + مۇ + ئىدى = ساتارمىدى تونۇغان + مۇ + ئىدى = تونۇغانمىدى

ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشكە يول قويۇلمايدۇ. تەھرىرلەش

1) ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئۆز پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئات- + سا = ئاتسا (ئاسسا ئەمەس) سات + سا = ساتسا (ساسسا ئەمەس) ئاچ-+ قان = ئاچقان (ئاشقان ئەمەس) قاچ- + قۇن = قاچقۇن (قاشقۇن ئەمەس) ئىچ- + مەك = ئىچمەك (ئىشمەك ئەمەس) چاچ- + سا = چاچسا (چاسسا ئەمەس) توش- + سا = توشسا (توسسا ئەمەس) قوش + سا = قوشسا (قوسسا ئەمەس) ساق + لا = ساقلا- (ساخلا ئەمەس) ۋاق + لىق = ۋاقلىق (ۋاخلىق ئەمەس) كېرەك + لىك = كېرەكلىك (كېرەگلىك ئەمەس) تۈۋرۈك + لۈك = تۈۋرۈكلۈك (تۈۋرۈگلۈك ئەمەس) چىرايلىق + راق = چىرايلىقراق (چىرايلىغراق ئەمەس) 2) ”ق، ك، پ“ تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ”ق، ك، پ“ تاۋۇشلىرى ئىملادا ئۆز پېتى يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ياتاق + ى = ياتىقى (ياتىغى ئەمەس) ئاتاق + ى = ئاتىقى (ئاتىغى ئەمەس) تىلەك + ى = تىلىكى (تىلىگى ئەمەس) پىلەك + ى = پىلىكى (پىلىگى ئەمەس) تەكلىپ +ى = تەكلىپى (تەكلىۋى ئەمەس) ئارخىپ + ى = ئارخىپى (ئارخىۋى ئەمەس)

ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى تەھرىرلەش

جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىرى: باج – باجدا، باجغا، باجدىن، تار – تاردا، تارغا، تاردىن، ياز – يازدا، يازغا، يازدىن، تال – تالدا، تالغا، تالدىن، نان – ناندا، نانغا، ناندىن، باي – بايدا، بايغا، بايدىن دۇتار – دۇتاردا، دۇتارغا، دۇتاردىن، ... ... تومۇز – تومۇزدا، تومۇزغا، تومۇزدىن، ... ... قورغان – قورغاندا، قورغانغا، قورغاندىن، ... ... مۇقام – مۇقامدا، مۇقامغا، مۇقامدىن، ... ... تاڭلاي – تاڭلايدا، تاڭلايغا، تاڭلايدىن، ... ... قاراۋۇل – قاراۋۇلدا، قاراۋۇلغا، قاراۋۇلدىن، ... ... جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقانلىرى: داپ – داپتا، داپقا، داپتى، ... ... بەت – بەتتە، بەتكە، بەتتىن، ... ... كەچ – كەچتە، كەچكە، كەچتىن، ... ... شاخ – شاختا، شاخقا، شاختىن، ... ... داس – داستا، داسقا، داستىن، ... ... تۆش – تۆشتە، تۆشكە، تۆشتىن، ... ... قاق – قاقتا، قاققا، قاقتىن، ... ... تەك – تەكتە، تەككە، تەكتىن، ... ... قۇرۇت – قۇرۇتتا، قۇرۇتقا، قۇرۇتتىن، ... ... ئۇماچ – ئۇماچتا، ئۇماچقا، ئۇماچتىن، ... ... نەققاش – نەققاشتا، نەققاشقا، نەققاشتىن، ... ... كۇھىقاپ – كۇھىقاپتا، كۇھىقاپقا، كۇھىقاپتىن، ... ... ئورۇندۇق – ئورۇندۇقتا، ئورۇندۇققا، ئورۇندۇقتىن، ... ... ئەسكەرتىش: ①”ب، د“ ۋە ”ھ“ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر جانلىق تىلدا جاراڭسىزلاشتۇرۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنغاچقا، مۇنداق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: ھېساب – ھېسابتا، ھېسابقا، ھېسابتىن، ھېسابى، كىتاب – كىتابتا، كىتابقا، كىتابتىن، كىتابى، ئىقتىساد – ئىقتىسادتا، ئىقتىسادقا، ئىقتىسادتىن، ئىقتىسادى مۇراد – مۇرادقا، مۇرادتىن، مۇرادى، پادىشاھ – پادىشاھتا، پادىشاھقا، پادىشاھتىن، پادىشاھى، ئارامگاھ – ئارامگاھتا، ئارامگاھقا، ئارامگاھتىن، ئارامگاھى ②”غ، گ“ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە مۇشۇ ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئىككى ئوخشاش جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېيتىش تەلەپپۇزغا ئېغىرلىق كەلتۈرگەچكە، مۇنداق سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: باغ + قا = باغقا (باغغا ئەمەس) تاغ + قا = تاغقا (تاغغا ئەمەس) تۇغ + قان = تۇغقان (تۇغغان ئەمەس) ئەگ +كەن = ئەگكەن (ئەگگەن ئەمەس) تەگ + كەن = تەگكەن (تەگگەن ئەمەس) بەگ +كە = بەگكە (بەگگە ئەمەس)

ئۈزۈك تاۋۇش ”ي“ نىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى تەھرىرلەش

1) ئاخىرقى بوغۇمى ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى سۆزلەرگە تەۋەلىك بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالدىدا ”ي“ تاۋۇشى كۆپىيىپ قالىدۇ ۋە ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ. ئۈچىنچى شەخستە ھەممىسىگە ئوخشاشلا ”سى“ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: پولۇ – پولۇيۇم، پولۇيۇڭ، پولۇسى توخۇ – توخۇيۇم، توخۇيۇڭ، توخۇسى چەيدۇ – چەيدۇيۇم، چەيدۇيۇڭ، چەيدۇسى ئىملا – ئىملايىم، ئىملايىڭ، ئىملاسى 2) ”سۇ“ سۆزى تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەندە، ”ي“ تاۋۇشى كۆپىيىپ قالغاندىن باشقا ”ۇ“ تاۋۇشى ”ۈ“ گە نۆۋەتلىشىدۇ ۋە ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”سى“ ئەمەس بەلكى ”ى“ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: سۇ – سۈيۈم، سۈيۈڭ، سۈيى 3) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن ”-ىئا، -ىئو“ قۇرۇلمىسىدىكى سۆزلەر تىلىمىزنىڭ فونېتىكىلىق قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرۇلۇپ، مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ئۈزۈك تاۋۇش ”ي“ قوشۇلىدۇ ۋە ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: پىيانىنو، رادىيو، دىيامېتىر، تىياتىر، دىيالوگ، ماتېرىيالىزم، سوتسىيالىزم، فىرازىيولوگىيە، دىيافراگما، ئاككوردىيون، دىيالېكت،

مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچىلار ئارقىلىق ياسالغان ياسالما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

تۈپ سۆز ۋە قوشۇمچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ياسالغان ياسالما سۆزلەر جۈملىدە مۇستەقىل لېكسىكىلىق بىرلىك سۈپىتىدە بىر-بىرىدىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

باھار بىلەن تەڭ پۈتكۈل كائىنات جانلىنىشقا باشلىدى.

بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

بىرىككەن سۆزلەر بىر لېكسىكىلىق بىرلىك ھېسابلىنىپ، ئۇنى تەشكىل قىلغان ئىككى تەركىب قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: تۆگىتاپان، توشقانقۇلاق، قىرىققۇلاق، مۈشۈكياپىلاق، سەكسەنپۇت، بۇغىئوت، ئىشقىلىپ، جاھانكەزدى، ئەسكەرتىش: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قانداق بىرىكمىلەرنى بىرىككەن سۆز دەپ تونۇش مەسىلىسى تېخى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەل بولمىدى. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاقىدار كونكرىت مەسىلىلەردە ئۇيغۇر تىلچىلىرى ئارىسىدا ھېلىمۇ ئىختىلاپ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىلىق بايلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بىرىككەن سۆزلەرنى، شۇنىڭدەك بىرىككەن سۆزلۈك يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىرىكمىلەرنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە قوشۇپ يازغان پايدىلىق. تېخى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان بىرىكمىلەرنى ئۇلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ كېيىنچە بىر تەرەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. بىز ھازىرچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئاساسەن قوشۇپ يېزىلىۋاتقان بىرىكمىلەرنى بىرىككەن سۆزلەر قاتارىدا مىسالغا ئالدۇق. 2) بىرىككەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى ھازىرغىچە كېلىۋاتقان ئادەت بويىچە يېزىلىدۇ. ئاشقازان، سەپرائوت، قاراماي، قارادۆڭ، قاراشەھەر، . بۇغىئوت، تۆگىتاپان، قارىمۇچ، قارىقات، بالىياتقۇ، سەللىگۈل.. . 3) بىرىنچى تەركىبى ئىككىنچى تەركىبكە ”مۇ“ باغلىغۇچىسى ياكى ”ۋە“ باغلىغۇچىسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى ”ئۇ“ ئارقىلىق قوشۇلغان بىرىكمىلەر بىرىككەن سۆز ھېسابلىنىپ، قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: باغۇبوستان، ئەيشۇئىشرەت، دادۇپەرياد قولمۇقول، قارىمۇقارشى، خىلمۇخىل، قاتمۇقات، ئۈستمۇئۈست 4) ئىككىنچى تەركىبى ”ب“ بىلەن باشلانغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ بوغۇم بېشىدىكى ”ب“ تاۋۇ- شى ”ۋ“ تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي، ئىملادا ”ب“ شەكلىدە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئونبېشى، يۈزبېشى، يۈزبېگى، مىڭبېگى، موزايبېشى، شىللىباغ، بەلباغ، پاينەكباش، قاپاقباش، يۇمشاقباش، ئۈستباش، يېڭىباشتىن، كۆكباش، كاتتىباش، ئىشتانباغ، گۈلباغ، ئازادباغ، دۆلەتباغ، چىنىباغ، مارالبېشى، يۇلتۇزباغ، سايباغ، شامالباغ، ئەمەتباقى، توختىباقى، ئاخۇنباي، ئابلاباقى، 5) تىلىمىزغا پارس تىلىدىن كىرگەن سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردىن ”-باز، -بان“ بىلەن ياسالغان سۆزلەردىكى قوشۇمچىنىڭ بېشىدا كەلگەن ”ب“ تاۋۇشلىرى ئۇزۇن يىل داۋامىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ ”ۋ“ تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىپ ”-ۋاز، -ۋان، -ۋەن“ بولۇپ كەتكەن. پەقەت ”-باز“ شەكلى ئايرىم سۆزلەردە ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان. بۇ خىل سۆزلەرنىڭ ئىملادا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغانلىرى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغان ھالىتىدە، فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىمىغانلىرى ئەسلى ھالىتىدە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: دارۋاز (ئەسلى دارباز) قىمارۋاز (ئەسلى قىمارباز) يۇرتۋاز (ئەسلى يۇرتباز) سىياسەتۋاز (ئەسلى سىياسەتباز) باغۋەن (ئەسلى باغبان) سايىۋەن (ئەسلى سايىبان) جانباز، خوتۇنباز، تەركىپباز، تەرەپباز، ... 6) ئىككىنچى تەركىبى لېكسىكىلىق مەنىلىرىنى يوقىتىپ مۇستەقىل قوللىنىلىشتىن قالغان ياكى لېكسىكىلىق مەنىلىرى سۇسلىشىپ، قوللىنىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان بىرىككەن سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: بالىۋاقا ( بالا-بارقا ) ،ئۆيۋاق( ئۆي-بارق )، تەڭتۇش، تەلتۆكۈس

جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

1) جۈپ سۆزلەر ۋە جۈپلەنمە بىرىكمىلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئاتا-ئانا توي-تۆكۈن ئات-ئۇلاغ خۇشال-خۇرام ھارماي-تالماي ئۇزۇن-قىسقا قاتتىق-قۇرۇق پات-پات قات-قات قەۋەت-قەۋەت 2) ئىككىنچى تەركىبى كېلىشلەر بىلەن تۈرلەنگەن تەكرارلانغان جۈپ سۆزلەر ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئارقا-ئارقىدىن زامان-زاماندىن كەينى-كەينىدىن جاي-جايىغا جاي-جايىدا تۆپە-تۆپىسىگە ئۆز-ئۆزىنى بىر-بىرىنىڭ دوقمۇش-دۇقمۇشتا 3) بىرىنچى تەركىبى چىقىش كېلىش بىلەن كېلىپ تەكرارلانغان سۆزلەردىن ھاسىل بولغان بىرىكمىلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ، ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: كۈندىن-كۈنگە ھېلىدىن-ھېلىغا شاختىن-شاخقا ئۆيدىن-ئۆيگە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا 4) تەكرار كەلگەن ئىككى سۆزنىڭ ھەر ئىككىسى ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندىن سىرت يەنە كېيىنكى سۆزگە باشقا كېلىش قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، ئۇلار جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ، ئىككى سۆز ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: جايى-جايىدا ئورنى-ئورنىدا ۋاقتى-ۋاقتىدا جايى-جايىغا ئورنى-ئورنىغا ئىچى-ئىچىدىن 5) تەكرار كەلگەن ئىككى سۆزنىڭ كېيىنكىسىگە ياكى ھەر ئىككىسىگە ”لااپ، لەپ“قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئاي-ئايلاپ كېچە-كېچىلەپ تۆپە-تۆپىلەپ ئويلاپ-ئويلاپ يۈزلەپ-يۈزلەپ ئارىلاپ-ئارىلاپ 6) ئىككى تەركىبلىك ياكى تەكرار كەلگەن تەقلىد سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: تاراق-تۇرۇق پاژ-پۇژ لىغىر-لىغىر ۋال-ۋۇل شىپ-شىپ قىمىر-قىمىر 7) ئىككىنچى تەركىبى بىرىنچى تەركىبىگە قاپىيە نۇقتىسىدىن ئۇلىنىپ كېلىپ، ئالدىنقى تەركىبنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى سۇسلاشتۇرىدىغان بىرىكمىلەر جۈپ سۆز ھېسابلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: نان-پان ئاش-پاش چاي-پاي تۇز-پۇز سەل-پەل ئاز-پاز لاتا-پۇتا مايماق-سايماق قارا-قۇرا ساراڭ-سۇرۇڭ

سانلارنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

سانلار تېكىست ئىچىدە تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە يېزىلىدۇ. 1) بىردىن ئونغىچە بولغان ساناق سانلار ئېھتىياجغا قاراپ،رەقەم ياكى ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم، بىر ساپاق ئۈزۈم، ئىككى تاۋۇز، بەش يۈەن، 6قەلەم ، 8كىشى،9قوغۇن . 2) دەرىجە سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسا، كەينىدىن دەرىجە سان بەلگىسى ”-“ قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 1-ئاي، 12-قىسىم، ”9-دېكابىر“ ۋەقەسى، مىلادىيە 480-يىلى، 3) بىر قانچە دەرىجە سان قاتار كەلگەندە، مەيلى ھەرپ بىلەن يېزىلسۇن ياكى رەقەم بىلەن يېزىلسۇن، ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كوماندا ئەزالىرى ... 1-، 2-، 3-كاماندا ئەزالىرى .... 4) سانلىق مەلۇماتلاردىكى كۆپ خانىلىق ساناق سانلار ئارىلاش يېزىلسا بولىدۇ. رەقەم بىلەن يېزىلغاندا ھەر ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر تەتۈر پەش ” “ قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 154 مىڭ 630 سەر كۈمۈش 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن 154,630 سەر كۈمۈش 1,600,000 يۈەن 5) ئاددىي كەسىر ۋە ئونلۇق كەسىرلىك سانلارنى ھەرپلىك ياكى رەقەملىك ئىپادە بىلەن يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: سەككىزدىن بەش ياكى ئوندىن يەتتە ياكى نۆل پۈتۈن ئوندىن بىر ياكى 0.1 بىر پۈتۈن يۈزدىن ئالتە ياكى 0.06 6) بىر ئىش ياكى ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تاماملىنىش نۇقتىسىنى بىلدۈرىدىغان سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنمىسا، ئوتتۇرىغا سىزىق قويۇلۇپ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. ئەگەر مىلادىيە يىللىرى ھېسابى بولۇپ قالسا، كىچىك سان ئوڭغا، چوڭ سان سولغا يېزىلىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقىلىرىدا چوڭ سان ئوڭغا، كىچىك سان سولغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن: مەھمۇد كاشىغەرى (1008_1105) يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1019_1085) مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان (1499_1551) نەۋايى (1441_1501) ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1896_1932) تاڭ سۇلالىسى (618_907) ئارىستوتېل (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 384_324) پىلاتون (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 427_347) 7) رىم رەقەملىرىنى سۇلالىلەر، كىتاب بابلىرى ۋە توملىرى، شۇنىڭدەك خىمىيە فورمۇلىلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا رىم رەقەملىرىدىن كېيىن ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. مەسىلەن: Ⅰباب Ⅴ توم كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى 8) قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى بىلدۈرىدىغان سانلار تولۇق يېزىلغاندىن كېيىن ”-يىللىق“ دېگەن سۆز قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 2007-يىللىق ئۈرۈمچى چېگرا سودا يەرمەنكىسى 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 9) رەقەم ۋە پىرسەنت بەلگىسى بىلەن يېزىلغان سانلاردىن كېيىن ئەگەر شەخس قوشۇمچىسى قوشۇشقا توغرا كەلسە، شەخس قوشۇمچىسى سانلارغا بىۋاسىتە ئۇلاپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: بۇ دەپتەرنىڭ 14 ى مېنىڭ، 12 سى سېنىڭ. ۋەزىپىنىڭ %90 ى ئورۇنلاندى. 10) فورمۇلىلار، ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەر سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن: F = ma (نيۇتوننىڭ ئىككىنچى قانۇنى) E = mr2 (ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى قانۇنى) 11) ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يېزىلسىمۇ ياكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرپ شەكلى بويىچە يېزىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: نۇرنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ياكى نۇرنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا ㎞300000 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان چېنىقىش زالى ياكى ㎡300 كېلىدىغان چېنىقىش زالى 12) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 1§ . 2§ . 3§ . 4§ . 5§ . 6§ . 7§.

ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

1. ”ئال-، بول-، چال-، سال-، قال-، كەل-“ پېئىللىرى ئۆتكەن زامان ۋاسىتىلىك بايان رايىنىڭ بولۇشلۇق شەكلىدە كەلسە، بۇ پېئىللارنىڭ رەۋىشداش شەكلىدىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى چۈشۈپ قالىدۇ. ئەسلى پېئىلدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

ئال- + ىپ + دۇر + مەن = ئاپتىمەن، ئاپتىمىز
ئال+ ىپ + دۇر + سەن = ئاپسەن، ئاپسىز، ئاپتىلا
ئال+ ىپ + دۇر + 0 = ئاپتۇ
بول- + ۇپ + دۇر + مەن = بوپتىمەن، بوپتىمىز
بول-+ ۇپ + دۇر + سەن = بوپسەن، بوپسىز، بوپتىلا
بول+ ۇپ + دۇر + 0 = بوپتۇ
چال+ ىپ + دۇر + مەن = چاپتىمەن، چاپتىمىز
چال+ ىپ + دۇر + سەن = چاپسەن، چاپسىز، چاپتىلا
چال+ ىپ + دۇر + 0 = چاپتۇ
سال+ ىپ + دۇر + مەن = ساپتىمەن، ساپتىمىز
سال+ ىپ + دۇر + سەن = ساپسەن، ساپسىز، ساپتىلا
سال+ ىپ + دۇر + 0 = ساپتۇ
قال+ ىپ + دۇر + مەن = قاپتىمەن، قاپتىمىز
قال+ ىپ +دۇر + سەن = قاپسەن، قاپسىز، قاپتىلا
قال+ ىپ + دۇر + 0 = قاپتۇ
كەل+ىپ + دۇر + مەن- كەپتىمەن، كەپتىمىز
كەل- + ىپ + دۇر + سەن = كەپسەن، كەپسىز، كەپتىلا
كەل- + ىپ + دۇر + 0 = كەپتۇ

2. ”ئال-، بول-، چال-، سال-، قال-، كەل-“ پېئىللىرى ئۆز مەنىسىدە ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىدە كېلىپ، ئۇنىڭ ئاخىرىغا يەنە مۇشۇ پېئىللار تۈسلۈك مەنە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن زامان ۋاسىتىلىك بايان رايى شەكلىدە ياردەمچى پېئىل ۋەزىپىسىدە كەلسە، بۇ ياردەمچى پېئىللار تەركىبىدىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك چۈشۈپ قالىدۇ. ئالدىنقى پېئىلدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن: ئېلىپ ساپتىمەن ئال + ىپ = ئېلىپ سال- + ىپ <ساپ + دۇر + مەن = ساپتىمەن بولۇپ بوپتۇ بول+ ۇپ = بولۇپ بول + ۇپ < بوپ+ دۇر = بوپتۇ چېلىپ ساپتىمەن چال + ىپ = چېلىپ سال +ىپ < ساپ + دۇر + مەن = ساپتىمەن سېلىپ بوپتۇ سال+ ىپ = سېلىپ بول+ ۇپ < بوپ + دۇر = بوپتۇ قېلىپ قاپتىمەن قال+ ىپ = قېلىپ قال- + ىپ < قاپ + دۇر + مەن = قاپتىمەن كېلىپ قاپتىمەن كەل+ ىپ = كېلىپ قال+ ىپ < قاپ + دۇر + مەن = قاپتىمەن 3. يۇقىرىدىكى 6 پېئىلنىڭ مۇستەقىل مەنىدە كەلگەن ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىگە تۈس مەنىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلاردىن بەزىلىرى يەنە ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىدە ئۇلىنىپ كەلگەندە، ھەر ئىككى پېئىلنىڭ ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىدە كۆرۈل گەن ”لى- “ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ئال+ ىپ = ئېلىپ سال + ىپ = سېلىپ ---- ئېلىپ سېلىپ
بول+ ۇپ = بولۇپ بول + ۇپ = بولۇپ ---- بولۇپ بولۇپ
چال+ ىپ = چېلىپ سال + ىپ = سېلىپ ---- چېلىپ سېلىپ
سال+ىپ = سېلىپ بول + ۇپ = بولۇپ ----- سېلىپ بولۇپ
كەل+ ىپ = كېلىپ قال + ىپ = قېلىپ ----- كېلىپ قېلىپ

ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى 6 پېئىل مۇستەقىل مەنىدە ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلىدە كەلگەندە، ئۇلارغا تۈسلۈك مەنە ئۈچۈن ”ئال-“ پېئىلىنىڭ ”پ“ لىق رەۋىشداش شەكلى قوشۇلۇپ كەلسە، ھەر ئىككى تەركىبتىكى ”لى-“ ۋە ”لۇ-“ بوغۇملىرى چۈشۈرۈلمەي بىرىكتۈرۈپ يېزىلىدۇ. بۇ پېئىللاردىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلەشكەندىن سىرت يەنە بىرىنچى تەركىبنىڭ ئايىغىدىكى ”پ“ تاۋۇشىمۇ ”ۋ“ غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن:

ئال+ ىپ +ئال + ىپ = ئېلىۋېلىپ
بول+ۇپ + ئال +ىپ = بولۇۋېلىپ
چال+ ىپ + ئال + ىپ = چېلىۋېلىپ
سال+ ىپ + ئال + ىپ = سېلىۋېلىپ
قال+ ىپ + ئال + ىپ = قېلىۋېلىپ
كەل+ ىپ + ئال + ىپ = كېلىۋېلىپ

4. ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ئا، ئە“ قوشۇلغاندىن كېيىن، ”ئال-“ پېئىلىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە، پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئۆز پېتى قالىدۇ، ”ئە“ تاۋۇشى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

بولۇشلۇق شەكلى:
ياز + ا + ئال + ا +دۇر + مەن = يازالايمەن
ياز+ ا + ئال + ا + دۇر + سەن = يازالايسەن
ياز+ ا + ئال + ا + دۇر + 0 = يازالايدۇ
كەل+ ە + ئال + ا + دۇر + مەن = كېلەلەيمەن
كەل+ ە + ئال + ا + دۇر + سەن = كېلەلەيسەن
كەل+ ە + ئال + ا + دۇر + 0 = كېلەلەيدۇ
بولۇشسىز شەكلى:
ياز- + ا + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = يازالمايمەن
ياز- + ا + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = يازالمايسەن
ياز- + ا + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = يازالمايدۇ
كەل- + ە + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = كېلەلمەيمەن
كەل- + ە + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = كېلەلمەيسەن
كەل- + ە + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = كېلەلمەيدۇ

5. سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ي“ قوشۇلغاندىن كېيىن ”ئال-“ (بۇ پېئىل تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق يىلتىز ياكى ئۆزەكلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى سەۋەبىدىن ”ئەل-“ شەكلىدە كۆرۈلىدۇ.) پېئىلىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىمكانىيەت تۈسىنىڭ بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز شەكلى ئىپادىلەنسە، سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

بولۇشلۇق شەكلى
ئىشلە- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = ئىشلىيەلەيمەن
ئىشلە- ي + ئال+ ا +دۇر +سەن = ئىشلىيەلەيسەن
ئىشلە- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = ئىشلىيەلەيدۇ
ياسا- + ي + ئال + ا + دۇر+ مەن = ياسىيالايمەن
ياسا- + ي + ئال + ا+ دۇر + سەن = ياسىيالايسەن
ياسا- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = ياسىيالايدۇ
بولۇشسىزلىق شەكلى
ئىشلە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = ئىشلىيەلمەيمەن
ئىشلە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = ئىشلىيەلمەيسەن
ئىشلە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = ئىشلىيەلمەيدۇ
ياسا- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = ياسىيالمايمەن
ياسا- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = ياسىيالمايسەن
ياسا- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = ياسىيالمايدۇ

6. يۇقىرىدىكى قائىدە بويىچە ئىمكانىيەت تۈسىگە ئىگە بولغان بىر بوغۇملۇق ”دە-، يە-“ پېئىللىرىدىكى ”ئە“ تاۋۇشى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

بولۇشلۇق شەكلى:
دە- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = دېيەلەيمەن
دە- + ي + ئال + ا + دۇر + سەن = دېيەلەيسەن
دە- + ي +ئال + ا + دۇر + 0 = دېيەلەيدۇ
يە- + ي + ئال + ا +دۇر + مەن = يېيەلەيمەن
يە- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = يېيەلەيسەن
يە- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = يېيەلەيدۇ
بولۇشسىزلىق شەكلى:
دە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = دېيەلمەيمەن
دە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = دېيەلمەيسەن
دە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = دېيەلمەيدۇ
يە- + ي + ئال + ما + ي+ دۇر+ مەن = يېيەلمەيمەن
يە- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = يېيەلمەيسەن
يە- + ي + ئال + ما + ي+ دۇر + 0 = يېيەلمەيدۇ

7. ”ئوقۇ-، تونۇ-“ غا ئوخشاش ئاخىرقى بوغۇمىدا ”ئۇ“ تاۋۇشى كەلگەن پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ي“ قوشۇلغاندىن كېيىن ”ئال-“ پېئىلىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىمكانىيەت تۈسىنى بىلدۈرسە، بولۇشلۇق ۋە بولۇشسىز ھەر ئىككى شەكىلدە پېئىل يىلتىزىدىكى ”ئۇ“ تاۋۇشىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەسىلەن:

بولۇشلۇق شەكلى:
ئوقۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = ئوقۇيالايمەن
ئوقۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + سەن = ئوقۇيالايسەن
ئوقۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = ئوقۇيالايدۇ
تونۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + مەن = تونۇيالايمەن
تونۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + سەن = تونۇيالايسەن
تونۇ- + ي + ئال + ا + دۇر + 0 = تونۇيالايدۇ
بولۇشسىزلىق شەكلى:
ئوقۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = ئوقۇيالمايمەن
ئوقۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = ئوقۇيالمايسەن
ئوقۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = ئوقۇيالمايدۇ
تونۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + مەن = تونۇيالمايمەن
تونۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + سەن = تونۇيالمايسەن
تونۇ- + ي + ئال + ما + ي + دۇر + 0 = تونۇيالمايدۇ

8. ”ئات-“ پېئىلى ”پ“لىق رەۋىشداشلاردىن كېيىن كېلىپ تۈسنى بىلدۈرسە، ”ئەت-“ كە ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە ئالدىنقى پېئىلغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. رەۋىشداشتىكى ”پ“ تاۋۇشى ”ۋ“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

تاشلا- + پ + ئات = تاشلىۋەت
ياسا- + پ + ئات = ياسىۋەت
ئوقۇ- + پ + ئات = ئوقۇۋەت

9. ”بەر-“ پېئىلى ”ئا، ئە“ بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ تۈسنى بىلدۈرۈپ كەلسە، رەۋىشداشلاردىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئى“ غا نۆۋەتلىشىش بىلەن بىرگە پېئىلنىڭ يىلتىز ياكى ئۆزىكىدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ”ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. شۇنىڭدەك ”بەر-“ پېئىلىدىكى ”ب“ تاۋۇشى ”ۋ“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

ياز- + ا + بەر = يېزىۋەر
قاز-+ ا + بەر = قېزىۋەر
سات- + ا + بەر = سېتىۋەر
كۆر- + ە + بەر = كۆرىۋەر
كەس- + ە + بەر = كېسىۋەر
كەت- + ە + بەر = كېتىۋەر

10. سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا رەۋىشداش قوشۇمچىسى ”ي“ قوشۇلغاندىن كېيىن ”بەر-“ پېئىلى قوشۇلۇپ تۈسنى بىلدۈرگەندە، مەزكۇر ”ي“ چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ پېئىللار تەركىبىدىكى ”ئا، ئە“ سوزۇق تاۋۇشلىرى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. ئەمما ئىككىنچى تەركىبتىكى ”ب“تاۋۇشى ”ۋ“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

دە- + ي + بەر = دەۋەر
ئىشلە- + ي + بەر = ئىشلەۋەر
ياسا- + ي + بەر = ياساۋەر

11. ”ئىدى، ئىكەن، ئىمىش“ ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلسە، ئالدىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىدى – كىتاب ئىدى، قىزىل ئىدى، ئالتە ئىدى، شۇنداق ئىدى،
ئىكەن – كىتاب ئىكەن، قىزىل ئىكەن، ئالتە ئىكەن، شۇنداق ئىكەن،
ئىمىش – كىتاب ئىمىش، قىزىل ئىمىش، ئالتە ئىمىش، شۇنداق ئىمىش، .

بۇ ياردەمچى پېئىللار پېئىل تىپىدىكى سۆزلەردىن كېيىن كەلسە، ئالدىدىكى تەركىبكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىدى – ئوقۇغانىدى، بارماقچىدى؛ يېزىۋىدى، يازارىدى، يازسىدى، ...........
ئىكەن – ئوقۇغانىكەن، ئوقۇيدىكەن؛ بارماقچىكەن؛ يېزىپتىكەن، يازسىكەن، يازىدىكەن، .......
ئىمىش – ئوقۇغانىمىش، بارماقچىمىش، يازارىمىش،

12. ”مۇ، ما، چۇ، غۇ/قۇ، ئا/ئە، زە، لا“ ئۇلانمىلىرى سۆز يىلتىزلىرىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. ”دە، ھە، يۇ“ ئۇلانمىلىرى ئالدىدىكى سۆزلەردىن سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئالدىڭىزمۇ؟ مەنما؟ سىزچۇ؟ مەنغۇ كېلەرمەن. شۇنداققۇ دەيمەن؟
ئېيتىپ بېقىڭا؟ شۇنداق دېگىنە. سەنزە، كېلىپلا، كۆرۈپلا،...
ئۇ كەلدى-دە، ئولتۇرماي كەتتى.
شۇنداق ئويلاپسەن - دە. كۆرۈپسەن - دە. سەنمۇ يېزىپسەن - دە.
باردۇق - ھە. كۆردۇق - ھە كەتتۇق - ھە.
كەلدى - يۇ كەتتى. باردى - يۇ ئالدى.

13. ”بىلەن، ۋە، ھەم، ھەمدە، ئۈچۈن، ياكى، يا، بەلكى، چۈنكى، يەنى، ئارقىلىق، ئارقىسىدا، توغرۇلۇق، توغرىسىدا، ئەمما، بىراق، ... “ قاتارلىق ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئالدى ۋە ئارقىسىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

مەن بىلەن سەن مەن ۋە سەن مەن ھەم سەن
سېنىڭ ئۈچۈن سەن توغرۇلۇق مەن ياكى سەن

14. سۈپەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، سۈپەتلەرنىڭ ئاشۇرۇش دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان ”پ“ بىلەن ئاياغلاشقان تەركىبلەر سۈپەتكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

ئاپئاق، ئاپئاشكارا، كۆپكۆك، سىپسىلىق، قىپقىزىل، دۇپدۇمىلاق، قاپقارا، ياپيېشىل،

باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

1) خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قوبۇل قىلىنغان ۋاقتى ئۇزۇن بولغان سۆزلەر ئۆزلەشكىنى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: گاڭپەن، سومەن، خوشاڭ، پىنتوزا، يوتازا، ... 2) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى ”zh, ch, sh, c“ تاۋۇشلىرى ئۇيغۇرچىدا ”ج، چ، ش، س“ ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: جۇڭگو -- Zhongguo 中国 چاڭشا -- Changsha 长沙 شاڭخەي -- Shanghai 上海 ساۋساۋ -- Cao sao 曹操 3) خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردىكى تاق يۈنمۇ a, o, i, e ھەم قوشما يۈنمۇ ang, ua, uang eng, en, ing, in لار پۇتۇڭخۇا تەلەپپۇزى بويىچە ئەينەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: زاۋېن -- zawen 杂文 بوخەي -- bohai 渤海 شېڭمۇ -- shengmu 声母 لىشىمىڭ -- lishiming 李世铭 ئېمىشەن -- emishan 鄂密山 خېنەن -- henan 河南 شىنجياڭ – xinjiang 新疆 شىڭشىڭشيا -- xingxingxia 星星峡 فاڭجېن -- fangzhen 方针 جېڭجۇ -- Zhengzhou 郑州 خۇاشيا -- huaxia 华夏 گۇاڭجۇ -- Guangzhou 广州 4) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى تاق يۈنمۇ”u“ بىلەن قوشما يۈنمۇ”uan, un“لاردىكى ”u“ نىڭ ئىملادىكى يېزىلىشى تۆۋەندىكىچە: ⑴ تاق يۈنمۇ ”u“، ”q, x, y“ تاۋۇشلىرى بىلەن كەلگەندە ”ئۈ“ يېزىلىپ، باشقىلىرىدا ”ئۇ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: شياۋچۈ -- xiaoqu 小区 چۈجاڭ -- quzhang 区长 شۈگوجاڭ -- xuguozhang 许国璋 شۈجۇ -- Xuzhou 徐州 جياۋيۈلۇ -- jiaoyulu 焦裕禄 يۈگۇڭ -- yugong 愚公 ⑵ قوشما يۈنمۇ ”un“ تەركىبىدىكى ”u“ ئۇيغۇرچىدا ”ئۈ“ يېزىلىدۇ. قوشما يۈنمۇ ”uan“، ”g, h, k“ تاۋۇشلىرى بىلەن كەلگەندە، تەركىبىدىكى ”u“ ئۇيغۇرچىدا ”ئۇ“ يېزىلىدۇ. ”g, h, k“ تاۋۇشلىرىدىن باشقىلىرىدا ”ئۈ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: يۈنمۇ -- yunmu 韵母 لۇشۈن – luxun 鲁迅 گۇەن ۋېنجاۋ -- guanwenzhao 关文钊 جيايۈگۇەن -- jiayuguan 嘉峪关 لى رۈيخۇەن -- Li ruihuan 李瑞环 خۇەندېڭ – huandeng 幻灯 كۇەن (فامىلە) – kuan 宽 5) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى ئايرىم بوغۇم بولۇپ كەلگەن قوشما يۈنمۇ ”ou“ تەركىبىدىكى ”u“ ئۇيغۇر تىلىدا ”ۋ“ غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ۋ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئوۋ ياڭ شيۇ -- ou yangxiu 欧阳修 6) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى قوشما يۈنمۇ ”ao, iao“ دىكى ”o“ تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ۋ“ تاۋۇشىغا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ۋ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ماۋزېدۇڭ -- Mao zedong 毛泽东 جياۋيۈلۇ -- Jiao yulu 焦裕禄 ئاۋمېن -- ao men 奥门 ساۋساۋ -- Cao sao 曹操 7) خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ تاق يۈنمۇلىرى ئىچىدە ”o“ تاۋۇشى ئەگەر ئوچۇق بوغۇم ھالەتتە قالسا، ئۇيغۇرچىدا ”ئو“ يېزىلىدۇ. يېپىق بوغۇم ھالەتتە قالسا، ”ئۇ“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: بوخەي -- bohai 渤海 نىڭبو – Ningbo 宁波 موخې -- mohe 漠河) پوياڭ – Poyang 鄱阳 شەندۇڭ -- shandong 山东 چۇڭچىڭ – chongqing 重庆 جۇڭخۇا -- zhonghua 中华 گۇڭشې – gongshe 公社 8) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدا ”an, ian, uan, ai, ei, uai, ui“ يۈنمۇلىرىدىكى ”a“ تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ئە“ تاۋۇشىغا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ئە“ يېزىلىدۇ. بۇلاردىكى ئاخىرقى تاۋۇش ياكى ئۆتكۈنچى تاۋۇش بولۇپ كېلىدىغان ”i“ تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش ”ي“غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىملادا ”ي“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: تيەنجىن -- Tianjin 天津 بېيجىڭ -- Beijing 北京 شەنخەيگۇەن -- Shanhaiguan 山海关 چاڭجياڭ -- Changjiang 长江 گۇيخۇ -- Guizhou 贵州 خۇەيخې -- Huaihe 淮河 9) خەنزۇ تىلى پۇتۇڭخۇاسىدىكى قوشما يۈنمۇ ”uo“ ئۇيغۇرچىدا ”ئو“ ھەرپى بىلەن، ”ou“ ئۇيغۇرچىدا ”ئۇ“ ھەرپى بىلەن، ”ue“ ئۇيغۇرچىدا ”ئۆ“ ھەرپى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: گوۋۇيۈەن -- guowuyuan 国务院 جۇ ئېنلەي -- Zhou Enlai 周恩来 يۆفېي -- Yue Fei 岳飞 جاڭ شۆلياڭ -- Zhang Xueliang 张学良

رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋروپا تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ، يەنى ئالدىنقىسى جاراڭسىز، كېيىنكىسى جاراڭلىق ياكى ھەر ئىككىلىسىلا جاراڭلىق ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسىلا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 1) جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ”س“ ياكى ”ش“ لار ئۆزىدىن كېيىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەندە، سۆز بېشىغا ”ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئىستىل، ئىسفېرا، ئىستاتىك، ئىستۇدىيە، ئىسپورا، ئىسكىرىپكا، ئىسكىلات، ئىشتاپ، ئىشتات، ئىشتانكا، ئىشكالا، ... 2) ”س، ش“ دىن باشقا ئىككى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشىدا قاتار كەلسە، بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: پىتومائىن، پىتېروكارىيە، فىتور، 3) ”س، ش، پ، ت، خ، ف، ك“ قاتارلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزلىرىدىن كېيىن ”ر، ل، م“ قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسە، بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: پىراكتىكا، پىروگرامما، پىرولېتارىيات، تىراكتور، تىراگېدىيە، خىروم، خىرۇستال، خىرىستىئان، فىرانك، فىرانسۇز، سىلانېتس، سىمولا، شىلانكا، كىران، كىلاسسىك، 4) ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلسىمۇ، بىرىككەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: بىراخما، بىرىتىۋا، بىرليانت، بىروم، بىرونېۋىك، دىراپ، دىراما، دىراۋىد، گىرامماتىكا، گىرام، ... 5) رۇسچە فامىلىلەردىكى ”وۋ، ېۋ، يېۋ“ قوشۇمچىلىرىدىكى ”ۋ“ تاۋۇشى ”ف“ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: تۇرگېنېف لېف نىكولايېۋىچ تولستوي ھەيدەروف نېكراسوف

قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

1. يەككە ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويماي يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ج خ ج – جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ج ك پ – جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسى ج خ ئى – جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ش ئۇ ئا ر – شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2. بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: پارتكوم – پارتىيە كومىتېتى ئوبكوم – ئوبلاستلىق كومىتېت تىلكوم – تىل-يېزىق كومىتېتى 3. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرپىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: م . كاشىغەرى (مەھمۇد كاشىغەرى) ل . مۇتەللەپ (لوتپۇللا مۇتەللىپ) ئا . ت . ئۆتكۈر (ئابدۇرېھىم تىلەش ئۆتكۈر) ئا . نىزارى (ئابدۇرېھىم نىزارى) 4. خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، خەلقئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: WTO-- دۇنيا سودا تەشكىلاتى GDP-- ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى BBC -- ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى KGB -- دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى VCD -- ۋېدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا DVD -- سېفىرلىق ۋېدىيولۇق دىسكا CD -- ئوپتىكىلىق دىسكا 5. خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ بوغۇم تەشكىل قىلالايدىغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، ئىملادا قىسقارتىلغان لاتىن ھەرپى بويىچە يېزىشقىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: OPEC ياكى ئوپېك – نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى SARS ياكى سارس -- AIDS ياكى ئەيدىز -- DOS ياكى دوس -- ROM ياكى روم -- RAM ياكى رام – 6. بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ناملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ب د ت – بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ش ئا ئە ت – شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى م د ب – مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئو ت م – ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 7. خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يەككە ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايدۇ. مەسىلەن: س م – سانتىمېتىر ك م – كىلومېتىر ك ل – كىلولىتىر ك ۋ – كىلوۋات م گ – مىللىگرام م م – مىللىمېتىر

قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى تەھرىرلەش

1. قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: چىراي+ لىق = چىرايلىق ئۆي + دىن = ئۆيدىن كىتاب + خانا = كىتابخانا 2. ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم ئەسلى سۈپەت سۆزلەرگە ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە ”ي“ قوشۇپ يېزىلىدۇ. مۇنداق سۈپەتلەر ئەگەر ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنسە، سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ئوخشاشلا ئاخىرىغا ”سى“ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: بەدىئىي، مەنپىي، ئاددىي، مەخپىي، سەمىمىي، ئىجابىي، ئىجابىيسى سەلبىي، سەلبىيسى تەبىئىي، تەبىئىيسى ئالىي، ئالىيسى ئەشەددىي، ئەشەددىيسى تەپسىلىي، تەپسىلىيسى 3. پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجە قوشۇمچىلىرى تۆۋەندىكىچە قوشۇلىدۇ. ”ل، م، ن، ز، گ، غ، ڭ، ي“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا ”دۇر، دۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: چان - چاندۇر- ... قون - قوندۇر- ... بۇز - بۇزدۇر- ... ئەز- ئەزدۈر- ... چىگ - چىگدۈر- ... تۈگ - تۈگدۈر- ... بوغ - بوغدۇر- ... تۇغ - تۇغدۇر- ... ماڭ - ماڭدۇر- ... توڭ - توڭدۇر- ... كۆي - كۆيدۈر- ... قوي - قويدۇر- ... ئال – ئالدۇر- ... قال – قالدۇر- ... ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى سۆزلەر يۇقىرىدىكى قائىدىگە بويسۇنمايدۇ. مەسىلەن: كەل - كەلتۈر- ... ئۆل - ئۆلتۈر- ... سۇن - سۇنغۇز- ... (تاماق) تۆۋەندىكىلىرىگە ئىككى خىل قوشۇمچە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: تام - تېمىت- ... ، تامدۇر- ... ئەم - ئېمىت- ... ، ئەمدۈر- ... 4. ”س، ق، ك، پ“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا ”-تۇر، -تۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: ئاس - ئاستۇر- ... ، باس - باستۇر- ... ، كەس - كەستۈر- ... ، باق - باقتۇر- ... ، قاق - قاقتۇر- ... ، ياق - ياقتۇر- ... ، چەك - چەكتۈر- ... ، بىرىك - بىرىكتۈر- ... ، زېرىك - زېرىكتۈر- ... ياپ - ياپتۇر- ... ، قوپ - قوپتۇر- ... ، كۆپ - كۆپتۈر- ... ، ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. بەزىلىرىگە ئىككى خىل قوشۇمچە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: قوپ - قوپۇر- ... (تام) ، چىق - چىقار- ... ، قورق - قورقۇت- ... ، قىس - قىسقۇز- ... (”قىستۇر“ دىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ)، ئاق - ئېقىت- ... ، ئاقتۇر- ... ، 5. ”ش“ بىلەن ئاياغلاشقان تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرگە ”ۇر، ۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: ئاش - ئاشۇر تاش - تاشۇر پۇش - پۇشۇر پىش - پىشۇر چۈش - چۈشۈر ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن: يەش - يەشتۈر تەش - تەشتۈر ئەش - ئەشتۈر 6. ”ر“ بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللار ھەم ”ت“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنى مەجبۇرىي دەرىجىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ”غۇز، قۇز، گۈز، كۈز“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. شۇنىڭدەك ”ت، دۇر، تۇر، دۈر، تۈر“بىلەن ئىپادىلەنگەن مەجبۇرىي دەرىجىلەرنى ئىككى قاتلاملىق مەجبۇرىي دەرىجىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ ”غۇز، قۇز، گۈز، كۈز“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: ئات - ئاتقۇز- ... ، تارت - تارتقۇز- ... ، ئارت - ئارتقۇز- ... (يۈك)، ئەۋەت - ئەۋەتكۈز- ... ، قات - قاتقۇز- ... ، يۇت - يۇتقۇز- ... ، يەت - يەتكۈز- ... ، پۈت - پۈتكۈز- ... ، بەر - بەرگۈز- ...، تەر - تەرگۈز- ... ، بار - بارغۇز- ...، ھار - ھارغۇز- ... ، ئىشلەت - ئىشلەتكۈز- ... ، ئۆچۈر - ئۆچۈرگۈز- ... ، ئايلاندۇر - ئايلاندۇرغۇز- ... ، كەلتۈر - كەلتۈرگۈز- ... ، كۆيدۈر - كۆيدۈرگۈز- ... ، ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن: ئارت - ئارتتۇر- ... (ۋەزىپە)، قات - قاتۇر- ... (مۇز)، يىت - يىتتۈر- ... (بىر نەرسىنى)، قايت - قايتۇر- ... ، 7. سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللار ۋە ”ر، ي“ بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى ”ت“ قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن: ياسا - ياسات- ... ، جابدۇ - جابدۇت- ... ، قىزى - قىزىت- ... ، قاپار - قاپارت- ... ، كۆكەر - كۆكەرت- ... ، چاقىر - چاقىرت- ... ، ئازاي - ئازايت- ... ، ماكچاي - ماكچايت- ... ، ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن: دە - دېگۈز- ... ، يۇ - يۇغۇز- ... ، يە - يېگۈز- ... ، ئولتۇر - ئولتۇرغۇز- ... ، ئاپار - ئاپارغۇز- ... ، ئەكىر - ئەكىرگۈز- ... ، 8. ”چ“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى ”ئار، ئۇر، ئۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن: ئاچ - ئاچۇر- ... ، قاچ - قاچۇر- ... ، كەچ - كەچۈر ... ، ئۇچ - ئۇچۇر- ... ، ئۆچ - ئۆچۈر- ... ، كۆچ - كۆچۈر- ... ، ئەسكەرتىش: ”چاچ-“ پېئىلى بىلەن ”پىچ-“ پېئىلى بۇ قائىدىگە بېقىنماي ”چاچتۇر-“، ”پىچتۇر-“ شەكلىدە كېلىدۇ. ”-چىچ“ ؟؟؟

بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسى تەھرىرلەش

1. قۇر ئاخىرىغا كېلىپ قالغان كۆپ بوغۇملۇق سۆزنىڭ شۇ قۇرغا سىغماي قالغان قىسمى كېيىنكى قۇرغا بوغۇم بويىچە كۆچۈرۈلىدۇ. بۆلۈنگەن بوغۇمنىڭ ئاخىرىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئىشلەپچىقى-

رىش

تىرىش-

چانلىق

ئوقۇ-

غۇچىلار

تەرەق-

قىيات

2. رەقەم بىلەن يېزىلغان ساناق سانلار قۇرنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالسا، ئۇلارنى پارچىلاپ ئىككى قۇرغا بۆلۈپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. مەسىلەن:

توغرىسى خاتاسى
2008-يىلى 20-

08-يىلى

336,520 جىڭ 520-

336 جىڭ

3. ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنى بۆلۈپ ئىككىنچى قۇرغا يېزىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن:

توغرىسى خاتاسى
ش ئۇ ئا ر نىڭ يەر مەيدانى ش ئۇ ئا-

ر نىڭ يەر مەيدانى

مەنبەلەر تەھرىرلەش