ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻝ-ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
( ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ )
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ -- ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ، ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ
ﮔﺎﻟﺪﺍ-ﮔﯘﻟﺪﯗﯓ ﺑﺎﻻ -- ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﻛﻰ ﻟﯩﺒﺎﺱ،
ﺑﺎﻏﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﻛﻰ ﮔﯩﻼﺱ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﻳﻪﻳﺪﯗ،
ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﻛﻰ -- ﻳﯜﺯﺩﯗﺭ،
ﻳﯜﺯﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﻛﻰ - ﻛﯚﺯ.
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻛﯚﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﺪﯗﺭ،
ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﻛﻰ ﺳﯚﺯ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﺎﺵ ﻳﺎﺭﺍﺭ،
ﺗﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﺎﺵ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ -- ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﻗﺎﻻﺭ،
ﭼﯩﺮﺍﻏﺒﺎﻧﻨﯩﯔ -- ﺷﺎﻣﻰ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﻪﺭ،
ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﯨﺪﯨﻦ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﻮﺭﯨﺘﺎﺭ،
ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ -- ﻗﯘﻳﺎﺵ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،
ﻛﯚﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﺎﻡ ﺗﯚﺷﯜﻛﻰ.
****
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ -- ﺋﺎﻟﻪﻡ
****
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ،
ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﯧﺸﯩﺪﺍ
****
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻠﯩﻜﻰ --
ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ
****
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ،
ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺕ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ.