ﺋﯩﺴﻼﻣﺌﺎﺑﺎﺩ
ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﺴﻼﻣﺌﺎﺑﺎﺩ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ--- ﺑﻮﺩﯞﺍﺭ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﻳﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 65 ﻛﯜﺋﺎﺩﯨﺮﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯩﺮ ، ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ 550 ﻣﯩﯔ ( 1996 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ) . 1959 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮬﻮﻛﯘﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﭗ ، 1961 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ 1970 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮬﻮﻛﯘﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﯗﭖ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻼﻣﺌﺎﺑﺎﺩ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮬﯚﻛﯘﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ