ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ - ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﺴﺎﻕ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ، 12 ﻳﯩﻞ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻣﺎﺭﯨﻴﺎ ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2000 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ.
80 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ397 ﭘﺎﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ "ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯜﭺ" ﯞﻩ "ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ" ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 400 ﭘﺎﺭﭼﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.
1984 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ ﯞﻩ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ "ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.
ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﺭﯨﻢ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﺎﻻﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ "ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ"، "ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻰ"، "ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ"، "ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﻡ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ"، "ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﯩﺖ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، "ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ لىرى بار.
ﻣﻪﺭﻫﯘﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ، ﻳﯧﺰﺍ - ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺑﯘﺭﻫﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، 83 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ "ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ" ﯞﻩ "ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻛﯜﭺ " ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.