ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﻳﯘﻧﯘﺱ

فىنلاندىيە-ئۇيغۇر ناخشىچىسى

پەخىرلىك دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ناخشىچىمىز دىلبەر يۇنۇس


ھۆججەت:Dilber.jpg

گۈزەل ھىلىسىنكى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن " 1 - نۆۋەتلىك مىريام ھېيلىن خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتنىشىپ شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەن دىلبەر يۇنۇسقا خەلىقئارادىكى مەشھۇر ناخشا پروفېسسورلىرى ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش سەۋەبلىرىن تەھلىل قىلىپ " دىلبەر ناخشىنى چىن يۈرەكتىن ئېيتىدۇ " دەپ باھا بەرگەن ئىدى .

دىلبەر 1959 - يىلى " يىپەك يولى " نىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ، ئۆز تارىخىدا " مەدەنىيەت بۈشۈگى " دەپ ئاتىلىپ نۇرغۇن ئەدىپ ، ناخشىچى ، ئۇسۇلچى ، سازەندىلەرنى يىتىشتۈرگەن قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلدى . 1975 - يىلى تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۈرۈپ يېزىغا چېنىقىشقا چۈشتى ،ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە ئارتىس ئالىدىغانلار قەشقەرگە باردى ، بۇ خەۋەر كىچە - كۈندۈز ئارتىس بۇلۇشنى ئويلايدىغان دىلبەرگە غايەت زور ئۈمۈت بېغىشلىدى . باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ تەبىئى تالانتىغا ھەيران قالدى ، ئىمتىھاندىن ئۆتتى ، ئەپسۇس ئاتىسىنىڭ " تارىخى مەسىلىسى بار " دىگەن قالپىقى بىلەن " سىياسى تەكشۈرۈش " تىن ئۆتەلمىدى ، بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولدى . ئەمدى ياناي دىگەن " ئۈمۈت شامى " ئۆچتى . بەل قويۋەتمىدى ، ئۈمەككە قايتا - قايتا ئىلتىماس سۇندى ، ئۈمەك پارتىيە ياچىېيكىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن " مەدەنىيەت ئىنقىلابى " دىكى قالپاقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ قالپاقنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەسلىگىنى ئىنىقلاپ ، دىلبەرنى قۇبۇل قىلدى ، مانا ...... دىلبەر ئارتىس بولدى !!!!

دىلبەر ئۈمەككە كەلگەندىن كىيىن ئۇستازلارنىڭ كۈيۈنۈپ 3 يىل تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە 1978 - يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇردى . دوكىلات ئويىنىدا 9 خىل تىلدا ناخشا ئېيتتى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە ناخشىلاردىن باشقا ئىتالىيىنىڭ مەشھۇر ناخشىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئوپىرا ناخشىلىرى بار ئىدى


دىلبەر 1980 - يىلى 9 - ئايدا مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتوتىغا ئەۋەتىلدى ، بىر يىلدىن كىيىن ئوپىرا پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىردى ، پروفىسسور شىن شىياڭ ۋە ئوقۇتقۇچىسى لى جىن ۋى لەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە بەيگىگە چۈشكەن تولپاردەك ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرلىدى . 1982 - يىلى جۇڭگۇ ياشلار ۋەكىللەر ئۈمىگى بىلەن مىسىر ، سۈرىيە ، ئىئوردانىيە ، شىمالى يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى ، نەگە بارسا شۇيەرنىڭ يەرلىك ناخشىلىرىنى شۇ تىلدا ئۇرۇنلاپ ئاڭلىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى ، 1984 - يىلى دىلبەر ھاياتىدىكى ئەڭ زور خوشاللىق يىل بولدى ، 8 - ئايدا ئۇ " 1 - نۆۋەتلىك مىريام ھېيلىن خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتناشتى ، ئۇ ۋاقىتتا گۈزەل ھىلىسىنكى شەھرىگە دۇنياغا مەشھۇر ناخشا - مۇزىكا مۇتەخەسسىسلىرى ، ئاتاقلىق كومپىزىتورلار ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ داڭلىق ناخشا چۈلپانلىرى توپلانغان ئىدى ، ئالدىنقى مۇسابىقىلەردە ، ئۇيغۇرچە ، ئىنگىلىزچە ، ئىتالىيانچە ناخشىلارنى بىمالال ئۇرۇنلاپ تاماشىبىنلارنى مەھلىيا قىلىۋالدى ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈندىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، فىرانسۇز ، نىمىس تىللىرىدا بىر قانچە ناخشا ئېيتتى ، نەچچە مىڭ كىشىلىك زالدا شۇنچە كۆپ مۇزىكىغا مىكرافۇنسىز ئېيتقان ناخشىلىرى زالنىڭ ئىچىگە تەكشى تاراپ تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى ، دىلبەر مۇسابىقىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى ، مۇكاپات بۇيۇمى تاپشۇرۇپ ئالغاندا پۇتۇن زال گۇلدۇراس ئالقىشلار بىلەن " جۇڭگۇ بۇلبۇلى بارىكاللا " !!! " دىلبەر . كامال تاپ " !!!!دەپ توۋلىشىپ كەتتى . شۇيىلى 10 - ئايدا دىلبەر " فىنلاندىيە فازىل ئۇيۇن قويۇش شىركىتى " بىلەن ھىلىسىنكىغا يەنە بىرقېتىم باردى ، ئۇيەرگە بېرىشىغا " دوپپا كەيگەن جۇڭگۇ بۇلبۇلى " كەلدى دىگەن خەۋەر پۇر كەتتى ، فىنلاندىيە ئوپىرا ئۈمىگىنىڭ باشلىقى ئاتاقلىق كومپىزىتور يىلكا كوشىسىدۇ ئۇنى " زامانىمىزدا كەم ئۇچرايدىغان ناخشىچى " دەپ مەدھىيلىدى .

1984 - يىلى جۇڭگۇغا نىسبەتەن ئىككى چوڭ ئىش بولدى ، بىرى تەنھەركەتچىىرىمىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئىرىشتى ، بىرى ناخشىچىمىز دىلبەر يۇنۇس خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسى دا ئالتۇن مىدالغا ئىرىشتى . ھازىرغىچە يەنە نەچچە قېتىم دۇنياۋى شۆھرەتكە مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن ھەممىسىنى يېزىپ بۇلالمىدىم ، ھازىر ئۇ فىنلاندىيە ئوپىرا ئۈمىگىنىڭ ناخشىچىسى ،

دىلبەر يۇنۇس كىچىك ۋاقتىدىلا ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەن «كىچىك چولپان» ئىدى، ئەمما ئۇ دائىم بوي ئىگىزلىكى تۈپەيلىدىن سەنئەت مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالماي قالدى. ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇم بىر پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ :« ئەتراپىمدا نۇرغۇن كىشلەر، ئىمتىھان ئالغان مۇئەللىملەر سەنئەت تالانتى بار دەيتتى، ئەمما ھەر قېتىم ئىمتىھان ئالسا ئۆتەلمەيتتىم، 1.50 مېتىر كېلىدىغان بويۇم يولۇمنى توسۇپ قويغان ئىدى، 1976-يىلى، مەن ئاندىن شىنجاڭ ناخشا-ئۆسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندىم».

شىنجاڭ ناخشا-ئۆسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دىلبەر يۇنۇس سەھىنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇندىمىغان، ئۇ بۇ يەردە مىللىي چالغۇ غىجەك ئۆگەنگەن، ئەمما ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يىللاردىكى ناخشا ئوقۇتقۇچىسى گو لىڭبىغا ئۇچرىغان. گو لىڭبى مۇنداق دەيدۇ :« دىلبەرنىڭ ماڭا بەرگەن بىرىنچى تەسىرى ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى تەبئىي، بىر ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ». شۇنىڭ بىلەن دىلبەر ئۆز ئارزۇسى بويىچە گو مۇئەللىمگە ئەگىشىپ، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىدۇ، 1980-يىلى مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، داڭلىق مۇزىكانت شن شياڭدىن تەلىم ئالىدۇ، ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش تېخنىكىسىى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.

1987-يىلى، ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي تىياتىر ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ، ئىككىنچى يىلى، يەنى 1988-يىلى ئۇ فىنلاندىيە دۆلەتلىك تىياتىرخانىغا بېرىپ، يالغۇز كىشىلىك ناخشىچى بولۇپ، ياۋروپا سەھنىسىدىكى ھاياتىنى باشلايدۇ، 1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە گىرمانىيە بوئىن دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا يالغۇر كىشلىك ناخشىچى بولىدۇ. ئۇ ئىتالىيە، فىرانسۇز، نىمىس، ئىنگىلىز، فىنلاندىيە، شىۋىتسىيە تىلىنى ياخشى بىلىدۇ.

دىلبەر يۇنۇسنىڭ نۇرلۇق سەھنە ھاياتى ئارقىسىدا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئاچچىق ئىشلار بار. 2004-يىلى ئۇ داڭلىق رېجىسسور يۈ ياڭ (موڭغۇل)نىڭ ئوغلى يۈ شياۋياڭ بىلەن توي قىلغان، ئەمما 2005-يىلى 1-ئايدا، يۈ شياۋياڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا زىققا كىسىلى قوزغىلىپ قېلىپ قازا قىلغان، دىلبەر ئۇ ۋاقىتتا فىنلاندىيەدە ئويۇن قويۇۋاتقان بولۇپ، ئويۇن قويۇپ قايتىپ كەلگەن دىلبەر يۈ شياۋياڭنى قايتا كۆرەلمىگەن. قاتتىق ئازابتا قالغان دىلبەر بىر يىلدەك ئاۋازىنى چىقىرالماي قالغان، بىر يىللىق تەڭشەشتىن كېيىن، ئۇ ئاندىن قايتىدىن سەھنىگە چىققان.

دىلبەرنىڭ ئاۋازاى نۇرغۇن كىشلەر تەرىپىدىن «كىرىستال ئاۋازى» دەپ تەرىپلەنگەن، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە ئەلچىلىرى ئۇنى مەدھىيلەپ، «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتىغان، لېكىن دىلبەر ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى نام-ئاتىقىغا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئىزچىل ھالدا ۋەتىنى ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن ناخشا ئېيتىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە.

https://web.archive.org/web/20130122090149/http://uyghur.people.com.cn/157604/15260141.html