ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ
ﯞﻩﺗﻪﻥ - ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ
ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺑﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﯞﺍﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ، ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﯞﺍﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ، ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻤﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺯﻩﺭﺩﺍﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﯘ ﺳﺎﻫﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯧﻨﺘﻮﻣﻮﻟﻮﮔﯩﺴﯩﺖ ﻳﻪﻧﻰ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 400 ﺧﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺕ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ - ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.
ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ شىنجاڭ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯجۇڭگونىڭ ئىچكىرى ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﻮﭼﺎﻕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.
ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﻮﭼﺎﻕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﻫﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 400 ﺧﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺕ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﭙﯩﻨﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ. ﺷﻪﺧﺲ ﺗﯘﺭ.
ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﻮﭼﺎﻕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻰ، 1989 ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ 70 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ.
ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ "ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻧﺪﻯ" ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﻼﻳﺪﯗ.
ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﺍﻧﺎﻻﺭ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.
ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻪﺳﻠﻰ شىجاڭنىڭ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ شىنجاڭدا ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﻛﺎﻻﯞﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻫﺎﺯﯨﺮ تۈركىيە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﯞﺍﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺋﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﻮﭼﺎﻕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺯﻭﺭ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﻤﻪﻛﺘﻪ.