ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪىن
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ 1940-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﻴﺎﺭﻳﯜﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩﺩﯨﻬﻘﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺗﯘﻟﯘﻗﺴﯩﺰﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ،1955-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1958-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪﺳﺎﺑﯩﻖﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯘﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ،1968-ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰﯞﻩ ﻏﯘﻟﺠﺎﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﻴﺎﺭﻳﯜﺯﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.1968-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ<ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ> ﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﭖ،1982-ﻳﯩﻠﻐﺎﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ. 1982-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯﺋﯜﺯﯛﻝ-ﻛﯩﺴﯩﻞ ﺋﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ،ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ 1-ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﯘﻟﯘﭖﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.2003-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﺟﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ 1958-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﯪﻳﺪﺍ،(ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ)ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(ﺋﯩﻠﻰﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺷﯩﺌﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ 1000 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﺌﯩﺮﻯ ،20 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ،15 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ(ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﮔﯜﻟﻰ)، (ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﺰﻯ)،(ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺒﯘﻣﻰ)،(ﺋﺎﻧﺎ ﻳﻪﺭ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﺴﻰ)،(ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻠﯩﺮﻯ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯩﺌﯩﺮﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ (ﺗﯩﻨﯩﮕﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ، ﭘﻮﯞﯨﺴﺖ، ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺷﯩﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﺒﺎﭖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ،ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ «ﺗﺎﺭﯨﻢ» ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ، ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﺋﻪﺳﻪﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ، (ﺳﻪﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻻﻻﻣﺴﻪﻥ)،(ﺟﻤﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩﺟﺎﺭﺍﯕﻼﺭ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﻩﻫ-ﺟﺎﻡ)،(ﺩﻭﺳﻼﺭﻏﺎ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯜﭺ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺷﯩﺌﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ (ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ)ﻏﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ،1992-ﻳﯩﻠﻰ (ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ) ﺗﻪﻫﺮﯨﺮ ﺑﯜﻟﯜﻣﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰﺳﯩﻨﺎﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ،ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﺎﻫﺎﻻﻧﻐﺎﻥ.(ﺋﺎﻧﺎ ﻳﻪﺭ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﺴﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ 1999-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰﺑﯘﻳﯩﭽﻪ (ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ)ﻏﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ،ﺋﯘﻧﯩﯔ 1991-ﻳﯩﻠﻰ «ﺗﺎﺭﯨﻢ» ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻏﻪﺯﻩﻟﻠﯩﺮﻯ 2001-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ«ﺗﺎﺭﯨﻢ» ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 50 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﯩﻨﻰﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ «ﺗﺎﺭﯨﻢ» ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ (ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻗﻮﻱ) ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ،ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ 1997-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ، (ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ)ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ (ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭﻯ)ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. 2003-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 45 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ(ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ) ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ. ﯞﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻏﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﺎﻫﺎﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﻮﻥ ﻛﻪﻳﮕﯜﺯﺩﻯ.
مەنبەلەر
تەھرىرلەشﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ «ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﯞىدىن ئېلىندى.