ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﯜﺳﯜﭖ ( ﻧﺎﺯﯨﻢ)

ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻦ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﯜﺳﯜﭖ ( ﻧﺎﺯﯨﻢ )

19 - ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﻣﻮﻟﻼ ﻳﯜﺳﯜﭘﺘﯘﺭ . ﺋﯘ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 1824 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯚﺯ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﺷﻪﺭﻕ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﻰ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ . ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﯨﺒﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ .

ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ، "ﻧﺎﺯﯨﻢ" ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻏﻪﺯﻩﻝ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻜﺰﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ "ﻏﻪﺯﻩﻟﻴﺎﺕ" ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ . ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ "ﻧﺎﺯﯨﻢ " ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .

ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ، "ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ" ( ﭼﯩﻦ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯓ ) ، "ﭼﺎﯕﻤﻮﺯﺍ ﻳﯜﺳﯜﭘﺨﺎﻥ" ، "ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ . "ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ" ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯓ .

ﺧﻪﻟﻖ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ . 1864 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﭼﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻟﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻚ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻰ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ "ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺩﻩﺭﻣﯜﻟﻜﻰ ﭼﯩﻦ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺪﻯ .

1871 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻣﯩﯟﯨﺴﻰ ﭼﺎﺭ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، 1881 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ "ﻛﯚﭺ" ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﯘ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ، ﭼﺎﺭ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺷﺎﺋﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ، ﻳﻪﻧﻰ 75 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯚﺭﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ 1889 - ﻳﯩﻠﻰ 75 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .

مەنبەلەر

تەھرىرلەش