ﻧﻪﺳﯘﮬﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ

ﻧﻪﺳﯘﮬﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻧﺎﺗﯩﻖ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ.


ﻧﻪﺳﯘﮬﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1910- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺳﯘ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﻪﺳﯘﮬﺎ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﺍ:

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻻﻳﻰ ﻛﯚﭖ،

ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﻪﻧﺎ ﺑﺎﻳﻰ ﻛﻮﭖ،

ﺗﻮﺭﺍﭖ ﺳﻪﻳﺴﯩﮕﻪ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ،

ﺭﻩﺳﺘﻪ - ﺑﺎﺯﺍﺭ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﺎﻳﻰ ﻛﯚﭖ.

ﭘﻪﻗﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ، ﻏﯧﺮﯨﭙﻠﻪﺭ ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ،

ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﻰ، ﻗﺎﺷﺸﺎﻕ، ﻟﻮﻟﻰ، ﮔﺎﺩﺍﻳﻰ ﻛﯚﭖ...

ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﺍ:

ﺷﺎﺭﺍﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﺭ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ،

ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﯨﭙﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ، ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﻪﺭ.

ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﺋﯧﺘﯘﺭ ﺑﺎﺭﻯ ﻳﻮﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻞ،

ﺳﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ ﺳﻪﺑﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﻲ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﻪﺭ.

.................................................

ﻧﻪﺳﯘﮬ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻞ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﯖﻐﺎ،

ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺋﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻛﯚﺭﮔﯩﻞ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺗﻠﻪﺭ.

ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﯩﺪﻯ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش