ﻫﯩﻴﻨﻰ
ﻫﯩﻴﻨﻰ (1797 - 1856 )
1797 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﻫﯩﻨﺮﯨﺦ ﻫﯩﻴﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ .
- ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ ﯪﺷﯩﻖ *****
ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ ﯪﺷﯩﻖ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﺰ ﺗﺎﻟﻼﭘﺘﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ . ﯰﻣﯘ ﻫﻪﻡ ﻛﯚﺯ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻙ ﺭﻩﻧﺎﻏﺎ ، ﯪﭘﺘﯘ ﯲﺯ ﯬﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ،
ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯩﺰ ﺩﻩﺭﺗﻜﻪ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﭼﯩﺪﺍﭖ ، ﺗﯩﮕﯩﭙﺘﯘ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﯰﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﯬﺭﮔﻪ . ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻤﯘ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻜﻪ ﭼﯚﻛﯜﭖ، ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺯﻩﻫﻪﺭﮔﻪ .
ﺑﯘﻏﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﯰ ﻣﻪﯕﮕﯜﮔﻪ ﻳﯩﯖﻰ ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ . ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺋﯩﺸﻘﺎ، ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﮔﻪﭖ - ﺳﯚﺯﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﭘﺎﺭﻩ .
- ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﺎﺭ ﺩﯨﯖﯩﺰ ﯪﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﮔﻮﻳﺎ ****
ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﺎﺭ ﺩﯨﯖﯩﺰ ﯪﻟﺘﯘﻧﺪﻩﻙ ﮔﻮﻳﺎ ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﻮﺭﯨﺪﺍ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺩﻩﻣﻤﯘ - ﺩﻩﻡ . ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ ﺩﻭﺳﻼﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺩﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﯬﮔﻪﺭ ﯲﻟﺴﻪﻡ .
ﻫﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﯪﺭﺍﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ ﺩﯨﯖﯩﺰ . ﺷﯘﯕﺎ ﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ، ﺑﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﯲﺗﯩﻤﯩﺰ .
- ﯰﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﻗﻪﯞﻩﺕ *****
ﯰﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ ﻗﻪﯞﻩﺕ ، ﺗﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﯬﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻜﯩﻤﻪﻥ ﺯﻩﺧﻤﻪﺕ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﯲﭺ - ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺸﻘﻰ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ .
ﺑﻮﻟﻜﺎﻣﻐﺎ ﺳﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺯﻩﻫﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﺳﺎﯬﺕ ، ﺭﻭﻣﻜﺎﻣﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﺷﯘﭖ ﯮﻏﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻪﺕ . ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻐﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺸﻘﻰ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﯲﭺ - ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ .
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯘ ﺟﺎﻧﺎﻧﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﺷﯘ ﺗﺎﭖ ، ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﯬﯓ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﻗﺎﻳﻐﯘ ، ﯬﻟﻪﻡ،ﺩﻩﺭﺕ . ﯬﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ، ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ﻳﺎﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﺸﻘﻰ - ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ .