1918 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گىرمانىيە ۋەكىلى ئېرتزبېگل ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىلى فوخ بىلەن فىرانسىيىنىڭ كومپىگنى ئورمىنىدىكى رېيدو ۋوگزالىدا ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمنامىسى ئىمزالىدى . گىرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى . 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن بالايى ئاپەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . تۆت يىلدىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشقا 33 دۆلەت قاتناشتى ، 75 مىليون ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىندى ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 20 مىليون كىشى يارىدار بولدى ، ئۇرۇش ئاپىتىگە دۇچار بولغان ئاھالە 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى ، ئۇرۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ قىممىتى 27 مىليارد دوللارغا يەتتى . ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدە چار پادىشاھ روسىيىسى،ۋىنگىرىيە، ئوسمانىيە ئىمپىرىيىسى ۋە گىرمانىيە ئىمپىرىيىسى گۇمران بولۇپلا قالماستىن، ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەرمۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى .