12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام

مەن تۈرك خاتىپتىن مۇشۇ مەكتەپتىكى مەسجىدتە بۇرۇن ئىماملىق قىلغان سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر دوكتۇر ھەققىدە سورۇماقچى ئېدىم، قارىسام مېنىڭ كەينىمدە ئۆچۈرەت كۈتۈپ تۇرغانلار ساقلاپ كەتكىدەك شۇڭا تونۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.

ئاڭلىشىمچە بۇ مەكتەپتە تۇرسۇنجان ئىسىملىك سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر ئىمام بولغانىكەن. ئۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مائارىپ فاكۇلتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەندۇق. بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى 1940-يىللىرىنىڭ ئاخرىدا خوتەندىن سەئۇدىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇ كىشى شۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. ماڭا گېپىنى قىلىپ بەرگۈچى ھازىرقى كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىدە يۈرگەچكە تۇرسۇنجانغا ئانچە ياقمىغانمىش. تۇرسۇنجان ئائىلىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئوغلىنى مۇشۇ يەرگە مەكتەپكە بېرىپتۇ، قىزىنى « بۇ يەر قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىكەن » دەپ سەئۇدىغا تۇغقانلىرى قېشىغا قايتتۇرىۋتىپتۇ. سۆھبەتدىشىم ئۇنى نادانلىقتا ئەيپلىدى، مەن ئىپادە بىلدۈرمىدىم، لېكىن ئۇيغۇر قىزلىرىغا تولىمۇ ئوخشايدىغان سەئۇدىلىق قىزلارنىڭ كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدا خېلى بارلىقى خىيالىمدىن كەچتى. ئەجەبا تۇرسۇنجان ئۇلارنى كۆرمىگەنمىدۇ؟ ئۆزى مائارىپشۇناسلىقتا ئوقۇسۇنۇ قىزىنى ئۆزىدەك مائارىپشۇناستىن ئايرىپ سەئۇدىدىكى تۇققانلىرىغا تاپشۇرسۇن…سۆھبەتدىشىمنىڭ ئېيتىشىچە تۇرسۇنجان ئۇيغۇرچىنى يامان ئەمەس سۆزلەيدىكەن ئەمما ئۇقۇپ يېزىشقا ئاجىزمىش. ئۇ ئۆزىدە دادىسى ۋەتەندىن ئېلىپ چىققان كونا ئىملادىكى كىتابلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرچىنى ئوبدان بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. مەن بۇنىڭغا بەكمۇ قىزىقتىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ كەسپىم، بەلكىم بىز يۇقاپ كەتتى دەپ قاراۋاتقان بىر قىسىم موھىم قوليازمىلار چەتئەللەردىكى ئاشۇنداق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

تۇرسۇنجاننىڭ مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىرئىشى ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئەرەبلەر بىلەن مەنبەداش دەپ قارىغانلىقى بولدى. ئۇ بىر قېتىملىق مۇھاكىمە سورۇنىدا ئىختىيارى پىكىر بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ خوتەنلىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەبلەرنى قېرىنداش خەلق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ قولىدا يازما مەنبە بارمىش. نېمىلا بولمىسۇن شۇنچە چوڭ سورۇندا مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگىنىدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بىر نەرسە ئويلاشقا تىرىشقىنىدىن مەمنۇن بولدۇم. ئامېرىكىلىق مەلۇم ئۇيغۇرشۇناس خانىم ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا « قىزىقارلىق پىكىركەن » دەپ قويۇپتۇ. تىل دېگەن ئاجايىپ نەرسە، مەن ئامېرىكىغا كەلمەستە ئىنگىلىزچىدىكى « قىزىقارلىق ئىكەن» دېگەن ئىبارىنىڭ ئانچە قىزىقى يوق گەپلەرگىمۇ دېيىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ھەيران قالغانتىم، مەزكۇر خانىمنىڭ بۇ سۆزىدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىبارىسىگە مەسخىرىنىڭ يوشۇرۇنغالىقىنى بايقىدىم. ئەمدى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىزىقارلىقكەن دېيىشلىرىگە ئالدىنىپ ئۇلارغا تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلغان قاراشلىرىمنى ئەزۋەيلىمەيمەن. تۇرسۇنجانمۇ بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنى ھىس قىلغاندۇ، ئەگەر پاكىتى بولغان بولسا رەددىيە بەرگەن بولاتتى.

تۇرسۇنجان بىلەن بىر مەۋسۇمدىن كېيىن ئۇچراشتىم. ماڭا دەپ بېرىشىچە ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەرەبلەرنى ياقتۇرمايدىكەن. بۇنىڭغا مۇشۇ كۈنگىچە نەچچە ئەۋلاد پاسپورتى يوق ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى ۋە كىچىكىدە بىرقىسىم ئەرەب خوشنىلىرىنىڭ ”كەلگۈندى“ دەپ كەمسىتكەنلىكى سەۋەب بولۇپتۇ. (مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە بىر تەرەپلىمىلىك يوشۇرۇنغان دەپ قارىدىم، شۇڭا تەپسىلاتىنى سورۇمۇدۇم). زوردۇن سابىر ئەپەندىم 89-يىلدىكى بىر زىيارەت خاتىرىسىدە ئەرەبىستاندا 59 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى يازغانىكەن. تۇرسۇنجاندىن بۇ ھەقتە سورۇدۇم. ئۇ ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جىقلىقىنى ئەمما ئەرەبلەرنىڭ كەمسىتىشىدىن، بوزەك قىلىشىدىن قورقۇپ بىر مەھەللە بولۇپ ياشىيالمىغىنىنى سۆزلەپ بەردى. شۇ سەۋەپتىن ئەرەبىستاندىكى 60-يىللارنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېينكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئانا تىلنى بىلىدىغانلار ئاز ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ”ئۇيغۇرلار ئەرەبلەر بىلەن قانداش“ دېگەنلىرىنى يۈزىگە سالمىدىم. مۇستەبىت تۈزۈمدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ دائىم شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىق ماڭا سىر ئەمەس ئېدى.

مەن ئۆزەممۇ دائىم تۇرسۇنجان دېگەن گەپلەرگە مەنىداش سۆزلەرنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ۋە ئاڭلاپ سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەم بولغاچقا ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويۇشنى خالىمىدىم. شۇ قېتىمقى ئىلمىي لېكسىيەدە ئەرەب تەتقىقاتچى ۋە سەئۇدىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى تۇرسۇنجاننىڭ تەڭقىسلىقتا شۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى. بروتانت راسسىلنىڭ گېپى بويىچە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنسانىيلىقنى چىقىش قىلىپ سۆزلىگەن دېگىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلەرنى نەچچە مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى مۇستەبىتتىن ۋە شۇ مۇستەبىت تۈزۈمدىن نەپلەنىۋاتقان سورۇندىكىلەردىن قورقۇپ سۆزلىگەن ئېدى. لېكىن مەن قورققۇچىلارنىڭ جاسارەتسىزلىكى زوراۋانلىق ۋە خورلۇقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ- دەپ قارايمەن. تۇرسۇنجاننىڭ بارلىق غېمى چەتئەلدە ئوقۇشقا ھەممە جەھەتتىن قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ پاسپورتى بولمىغانلىق سەۋەپتىن چىقالمايۋاتقان ئېنىلىرىدە قالغاندەك تۇرىدۇ. ئارىدا بىر قېتىم بىللە كىيىم ئالغىلى باردۇق. بىر قانچە پوپايكا تاللىسام مېنى سەل چوڭراق نومۇرلۇقنى ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. سەۋەبى كىچىكلىرى قىسقاراپ كەتسە ئۇزاق كىيەلمەيدىكەنمەن. بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ مەسئۇلىيەچانلىقىدىن سۆيۈندۈم، يەنە بىر تۇرۇپ ۋەتەنسىز ئۇيغۇرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قىينچىلىقلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. چۈنكى مۇنداق سۆزنى ئۇزاق يوقسۇللۇقنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرلا تىلغا ئالاتتى. كېيىن جۈمەلەردە تولا ئۇچراشتۇق، ھەر كۆرسەم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سوغۇق غېرىپلىقنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ كېتىدىغاندا تېلىپۇنمۇ قىلماي كېتىپ قالغىنىغا مەيۈسلەندىم.


ئالدىنقى: 13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟

كـىيىنكى: 11. ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى