17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟

ئىيۇلدىن باشلاپ تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن ئازاپلاردىن تاشقىرى، كۈتۈلمىگەن تەسەللىلەرمۇ مېنى يالغۇز قويمىدى. قاچانلاردىدۇر توردا تونۇشۇپ قالغان تۈركلەر، ئەزەربەيجانلار، تاتارلار، ھىندونۇزىيىلىكلەر تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىدى، بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈل يارامغا مەلھەم بەردى. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياجانلىق ھىكايىسىنى پەقەت يازماي تۇرالمايمەن.

2003- يىللىرىغۇ دەيمەن توردىن مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق خەۋەرنى كۆرگەن ئېدىم. خەۋەردە بىر ئامېرىكىلىق ئەر-ئايالنىڭ قازاقىستاندىن يېڭىلا بېىۋالغان ئىككى ياشلىق قىزى رازىيەگە ئۇيغۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىتىش ئۈچۈن يارىدەم سورايدىغانلىقى يېزىلغان ئېدى. مەن دەرھال خەت يېزىپ يارىدەمگە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. بۇ ئىككەيلەن خېتىمدىن شۇنداق خۇشھال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، مىڭ ئەپسۇس، ئۇلار ئامېرىكىدا ئىكەن. ئۇلارغا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئۇلارغا يېقىن شىتاتتا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يارىدىمى كېرەككەن.

ئارىدا بىر ئىككى خېتىگە جاۋاپ يازدىم ۋەتەندىكى بىر قانچە ئۇيغۇرچە تورنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ھىچ قايسىسىدا توردىن ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش سەھىپىسى يوق ئېدى. بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچە بىلمىگەن ئاتا -ئانا ئۈچۈن ياردەمچى بولالامايتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇلار ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى تامامەن ئۇنتۇپتىمەن. ئۈرۈمچىدە ۋەقە بولۇپ كۈنلەر كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ھازا بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە، سكايىپ سايراپ قالدى. -سالام، ئەنجۈمەن! -سالام، كىم بولىسىز؟ -مەن ئەكىس، سىز ئەنجۈمەن، ھېلىقى ئالى مەكتەپتە ئىشلەيسىزغۇ دەيمەن؟ -بۇرۇن شۇنداقتى، ھازىر مەن ئامېرىكىدا. -مۇباردەك بولسۇن! ئوقۇشقا كەلدىڭىزمۇ؟ -شۇنداق، رەھمەت. مەن ھازىر كانساستا، تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن. -سىز مېنى ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ؟ مەن رازىيەنىڭ دادىسى، سىز قىزىمغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمەكچى بولغانتىڭىز؟ ئىككىمىز 2003-يىلى ئالاقىلەشكەن. سىز شۇ چاغدىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغىڭىز بارلىقىنى دېگەنتىڭىز. ئاخرى كەپسىزدە! – شۇنداق، مەن 15 يىل تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى كەلدىم. ئېسىمگە كەلدى، سىز قازاقىستاندىن بىر ئۇيغۇر قىزىنى بېقىۋالغان. قىزىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتەلىدىڭىزمۇ؟

-ئۆگەتتىم ، بۇ تولىمۇ ھاياجانلىق ھىكايە. سىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن خەت تاپشۇرىۋالدىم. ئۇيغۇرلار مېنى بەك قوللىدى، رىغبەتلەندۈردى. ئۇلارنىڭ يارىدىمى بىلەن قۇشنا شىتاتتا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر بالىنى تاپتىم. ئۇ يىگىت قىزىمغا ئىككى يىل ئۇيغۇرچە ئۆگەتتى. ئۇ بالا تولىمۇ تەدبىرلىك بالىكەن. ھەپتىدە ئۈچ سائەت ئۆگەتتى، ئەمما ھەر كۈنى قىزىم ئۈچ سائەت ئاڭلىغۇدەك قىزىقارلىق لەتىپىلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ ماڭا تاپشۇردى، مەن ئاۋال رازىيەگە ئاڭلىتىپ بولۇپ، ئۇنى ئىگىلىزچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاڭلىدىم.

-ۋاي بۇ ئاجايىپ تەسىرلىك ئىش بولۇپتۇ، شاتلىنالماي يۈرگەن كۈنلەردە، ھە ئاندىن قانداق بولدى؟

-ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ يىگىت باشقا شىتاتتىن خىزمەت تېپىپ كېتىپ قالدى، ئاندىن قىزىمغا ئۇيغۇرچىنى ئۆزەم ئۆگەتتىم.

-قانداقسىگە؟

-ئۈرۈمچىدىن دىسنى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان قورچاق فىلىملىرىنى ئەكەلدۈردۈم. ئىنگىلىزچىسىنى ئۆزەم ئالدىن كۆرۈۋېلىپ، قىزىمغا ئۇيغۇرچە فىلىمنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغۇزدۇپ ئاڭلىدىم، شۇنداق قىلىپ قىزىم شۇنداق كىرىشىپ كەتتىكى، ھەر كۈنى ماڭا بىرەر كىنۇ تەرجىمە قىلىپ بەرمىسە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ھالغا يەتتى. ھازىر قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى ياخشى. مەن توردىن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئۇيغۇرچە كىنۇ ۋە كۈلدۈرگىلەرنى كۆرۈپ ھارمايدۇ. يېقىندىن بېرى كۈلدۈرگە، ئىتۇت دەيدىغان قىزىقچىلىقلارغا ئاشىق بولدى. ھەراست، ئۇيغۇرچە چاۋسۇ، جوتۇڭ، دىبا،ۋاڭبا، داباۋ، پەيچىسو، فاڭدۇڭ، ماجاڭ، چاۋشى، جوڭبا، مەنباۋ، دابازا دېگەن گەپلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ قىزىم ئابدۇكىرىم ئابلىز دېگەن قىزىقچىڭلارنىڭ ۋىدىيوسىدىن كۆرگەنىكەن، بىلەلمەي قاپتۇ. -تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە ئەمەس، قىزىقچىلىق قىلىمەن دەپ، قوشۇپ قويغان سۆزلەر ئوخشايدۇ. -ياق، ئۇنداق ئەمەستەك، كىشىلەر ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسىلا كۈلدى، ئۇيغۇرچە بولمىسا خەق چۈشىنىپ كۈلەمتى؟ -ھازىر بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇرچىغا خەنسۇچە قوشۇۋالىدىغان ئىش بار، راست گەپنى دېسەم، شەھەرلەردە كۆپ ئادەم بۇنداق بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدۇ. -ئەمىسە مەن قىزىمغا قايسى ئۇيغۇرچىنى ئۆگىتىمەن؟ چوڭ شەھەرنىڭكىنىمۇ، ياكى سەھرانىڭكىنىمۇ؟ -بۇ ئىشلار ۋاقتىنچە، بۇ مودا سۆزلەرنى كىشىلەر قانداق ئاسان ئۆگىنىۋالغان بولسا شۇنداق ئاسان ئۇنۇتۇپ كېتىدۇ. ئەندىشە قىلماڭ. -سىكايىپنىڭ كۆرۈنىشىنى ئېچىڭە، بىر بىرىمىزنى كۆرەيلى! قىزىمنىڭمۇ سىز بىلەن مۇڭداشقۇسى بار. -سىكايىپ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان توردىكى ھەقسىز سۆزلىشىش دىتالىنىڭ ئىكرانىنى ئاچتىم. -ئاق سېرىق، 9-10 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنىڭ ساغۇچ چاچلىق بېشى كۆرۈندى. ئەنە، ئۇيغۇرنىڭ كۆزلىرى! ماڭا قاراڭ رازىيە، مەن سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكىڭىز ئەنجۈمەن. -كۆرۈشكەنلىكىمىزگە خۇشالمەن، ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاكا سىزنىڭ بالىڭىز يوقمۇ؟ -بالام بار، ئەمما بۇ يەردە، ئامېرىكىدا ئەمەس. سىز تولىمۇ بەختلىك ئىكەنسىز، ئاتا- ئانىڭىز يېنىڭىزدا ئىكەن. قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟ -بۇ يىل 3-دەرىجىگە كۆچىمەن . _ ھە، ئۈچىنچى سىنىپقا دەڭ! سىز نېمىگە ئامراق؟ _ مەن ئاتقا بەك ئامراق، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئېتى بەك قالتىسكەن، ئاكا سىزنىڭ ئېتىڭىز بارمۇ؟ دادم مېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دەپ دايىم ۋەدە بېرىدۇ، ئەمما ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. بىزنىڭ تېخى ئۆيىمىز (ھويلىلىق ئۆينى دېمەكچى) يوق، ئۆتنە ئالغان (ئىجارە ئالغان دېمەكچى) بىنادا ئولتۇرىمىز. ئۆيۈم بولغاندا ئات باقسامكەن دەيمەن. سىزنىڭ ئېتىڭىز چوڭمۇ؟ – مېنىڭ ئېتىم يوق، مەن ئاتقا مىنەلمەيمەنغۇ دەيمەن. ھازىر ۋەتەندە ئات ئاز، مىنىدىغان ئادەم تېخىمۇ ئاز. – ئۇيغۇرلار ھازىر چىن تۆمۈر باتۇردەك ئات مىنمەمدۇ؟ – ياق، ھەممە يەر سىمۇنت، ھەممە يەر قاتتىق، ئات ماڭالمايدۇ. – ئاكا سىز پىرىزدېنت بولاي دەمسىز؟ – ياق، مەن ئويلاپمۇ باقمىدىم، مەن بولالمايمەن! – نىمىشقا، مەنچە سىناپ بېقىڭ، مەن مەكتەپتە پىرىزدېنت بولدۇم، ( ئامېرىكىدا مەكتەپلەردە شۇنداق تەقلىدى سايلام باركەن ) دادام سىز تۇنجى ئۇيغۇر پىرىزدېنت دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ ئۇيغۇرلاردا بۇرۇن پىرىزدېنت يوقمىدى؟| – ئويۇنچۇقىڭىز كۆپمۇ؟ _ مەن كىچىك بالا بولمىسام، پىرىزدېنت دېگەنمۇ ئويۇنچۇق ئوينامدۇ؟ سىز مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەيۋاتسىز؟ مەن راستىنلا پىرىزدېنت، شۇنداققۇ دادا! _ قىزىڭىز بىلەن مۇشۇنداق كۆرۈشەلەمسىز؟ قىزىڭىزنىڭ مەلىكە بولغۇسى بارمۇ ياكى پىرىزدېنتمۇ؟ نىمىشقا يىغلايسىز؟ تېلۋىزوردىمۇ كۈندە يىغلىغان كۆرۈنىشنى بېرىدۇ، نىمىشقا بۇنداق ھەممىڭلار يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىڭلار؟ پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىدىم، سىكايىپنى ئۆچۈرۈپ، ئۈنۈمنى قويۇۋېتىپ راسا يىغلاپتىمەن. بىر دەمدىن كېيىن ئەكستىن خەت كەلدى. خەتتە مۇشۇمداق پات پات مۇڭدۇشۇپ تۇرۇش ئارزۇسى تىلغا ئېلىنغان ئېدى. بۈگۈن ئەكىستىن يەنە خەت تاپشۇرىۋالدىم. قىزىنى تۈركلەر ئاچقان مەكتەپكە يۆتكەپتۇ. خېتىدە قىزىنى باققاندىن بېرى ھالال گۆش يەۋاتقىنىنى، قىزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتىقاد قىلىۋاتقان دىنغا ئىتىقاد قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى تۈرك مەكتىپىگە يۆتكىگەنلىكىنى، رامازاندا تۈركلەرنىڭ قىزىغا قۇرئان ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رازىيەنى ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى يېزىپتۇ. ئۇ خېتىنىڭ ئاخىرىدا « مەن رازىيەنى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزى قىلىپ تەربىيەلىيەرمەنمۇ؟ ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە رازىيەدىن رازى بولارمۇ؟» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.


ئالدىنقى: 18. ئامېرىكىدىكى مىھىرلىك رامازان كۈنلىرى

كـىيىنكى: 16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى