19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مىللىي مۇجادىلىنى مەزمۇن قىلغان ئەسىرى «نۇتۇق» ئەسلىدە «1919 ـ يىلى 19 ـ مايدا سامسۇنغا باردىم» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ كۈن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈرك خەلقىنىڭ ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ ئەمەلىي باشلانغان كۈنى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. 1919 ـ يىلى 19 ـ ماي، پۈتۈن تۈرك خەلقىنىڭ مۇستا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رەسمىي كۈرەشكە ئاتلانغان كۈنى بولۇپ، ئۇ يەنە، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاساس قىلغان، زامانىۋىي، سېكولار يېڭى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش يولىنىڭ باشلانغۇچى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

دەرۋەقە، 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا ئېتىپاقدىشىمىز گېرمانىيە يېڭىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئوسمانلى دۆلىتىمۇ يېڭىلگەن ھېسابلىنىپ، مۇستەقىللىقىگە خاتىمە بېرىلىۋاتقان ئاشۇ مەزگىللەردە، ئانادولۇ بىر ـ بىرلەپ دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىماقتا ئىدى. 1918 ـ يىلى ئوسمانلى ھاكىمىيىتى بىلەن قارشى تەرەپ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان موندىروس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، قارشى تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ئانادولۇنى ئىشغال قىلىشقا باشلىغان ئىدى. كېلىشىمنىڭ يەنە بىر ماددىسى بويىچە تۈركىيە ئەسكەرلىرى تارقىتىلىۋېتىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىنىڭ تامامەن يوق قىلىنىشى، دېگەنلىك بولاتتى. مۇستاپا كامال بۇ ماددىغا رىئايە قىلىشنى رەت قىلدى ۋە قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئارمىيەگە تەۋە بارلىق قورال ـ ياراقلارنى ئۆزى ئىشەنگەن كىشىلەرگە تاپشۇردى. ئاندىن 1918 - يىلى 13 ـ نويابىردا ئىستانبۇلغا مەخپىي يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى دۈشمەن پاراخوتلىرىمۇ ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن ۋە شەھەر ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان ئىدى. مۇستاپا كامال ئانادولۇغا بېرىپ دۈشمەنلەرگە قارشى ئۇرۇش باشلاشنى خالايتتى. ئەينى چاغدا ئانادولۇدىكى ئىشغالىيەتلەر خەلقنىڭمۇ سەبىر قاچىسىنى سۇندۇرغان بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار «قۇۋايى مىللىيە» ناملىق پارتىزانلار تەشكىلاتى قۇرۇشنى باشلىۋەتكەن ئىدى. مۇستاپا كامالنىڭ مەقسىتى دۈشمەنلەرگە قارشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان تۈرك خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سىپىدىن ئورۇن ئېلىش ئىدى.

سامسۇن تاجاۋۇزچى قوشۇنلارغا نىسبەتەن مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرسى ئىدى. ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيتى زور، قارادېڭىز ۋە ئوتتۇرا ئانادولۇغا ئېچىلغان ئەڭ ئىشەنچلىك بىر ئىشىك ھېسابلىناتتى. ئەنگىلىيەگە تەۋە تاجاۋۇزچى قوشۇننىڭ سامسۇنغا كېلىشى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئەينى چاغدا تۈركلەر يەنە ئۆزلىرىگە زوراۋانلىق قىلىۋاتقان رۇملار بىلەن تۇقۇنۇش ئىچىدە ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق بىئارام بولغان ئەنگىلىيە ئالىي كومېسسارلىقى پادىشاھتىن سامسۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئوسمانلى ھاكىمىيىتى بۇ قالايمىقانچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن 9 – ئارمىيە مۇپەتتىشى مۇستاپا كامالنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى سامسۇن ۋە ئەتراپىدا تىنچلىقنى ساقلاش، قورال ـ ياراقلارنى توپلاش، پۇقرالارغا قورال تارقىتلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە شۇنداق قىلغان ئورگانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىدى. ئانادولۇغا ئۆتۈپ كېتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن مۇستاپا كامالغا نىسبەتەن بۇ ۋەزىپە ئاجايىپ ئېسىل پۇرسەت بولدى. 1919 ـ يىلى 16 ـ مايدا ئەتراپىدىكى ھەربىي ئوفېتسىرلەر بىلەن بىرلىكتە سامسۇنغا قاراپ ئاتلانغان مۇستاپا كامال، 1919 ـ يىلى 19 ـ مايدا سامسۇنغا يېتىپ كەلدى.


پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا دېگۈدەك ئۈمۈتلەر ئۈزۈلۈشكە باشلىغان بىر ۋەزىيەتتە مۇستاپا كامال «تۈرك مىللىتى ئۈچۈن ئاسارەت ئاستىدا ياشىغاندىن ئۆلگەن تېخىمۇ ئەلا» دەيدىغان ئەزىمەتلەر بىلەن سامسۇنغا چىقتى. شۇنداق قىلىپ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلانغان بۇ كۈن تۈركىيە تارىخىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. دېمىسىمۇ تۈرك مىللىتى ئاسارەت ئاستىدا ياشىيالمايتتى، مۇقەددەس ۋەتەن تۇپراقلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدا قېلىشىغا يول قويالمايتتى.

شۇنىڭ بىلەن يوق بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر خەلق قايتدىن دۇنياغا كەلگەندەك بولدى. بۇ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تاكى 1922 ـ يىلى 30 ـ ئاۋغۇستتا بۈيۈك زەپەر قولغا كەلگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. بۇ ئۇرۇشتا مۇستاپا كامال ھەر دائىم تۈرك مىللىتىدىن ھاسىل قىلغان كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئىشقا سېلىپ ھەرىكەت قىلدى. ئۇنىڭ غايىسى تۇلۇق مۇستەقىل ۋە خەلق ھاكىمىيىتىنى ئاساس قىلغان بىر تۈرك دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئىدى.

1919 ـ يىلى 19 ـ مايدا باشلانغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قانداقتۇر يالغۇزلا ئانادولۇنى بۆلىشىۋالماقچى بولىۋاتقان تاجاۋۇزچى دۆلەتلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ھۆكۈمران كۈچلەرگە ۋە ئىمپېرايالىزىمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش ئىدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى ۋە مۇقەددەس ۋەتىنىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئۇرۇشى ئىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 15 يىلىدىن كېيىن 1938 ـ يىلى 20 ئىيۇندا، 19 ـ ماي كۈنىنىڭ دۆلەت بايرىمى سۈىپتىدە تەبىرىكلىنىشى رەسمىي قارار قىلىندى. ياشلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان ئاتاتۈركنىڭ خاھىشىغا بىنائەن ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى دەپ قوبۇل قىلىنغان 19 ـ ماي، «ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» دېگەن نام بىلەن دۆلەت بايراملىرىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 19 ـ ماي ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاتاتۈركنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمۇ بولۇپ، بۇ ۋەجىدىن 1981 ـ يىلىدىن باشلاپ بۇ بايرام «ئاتاتۈركنى خاتىرەش كۈنى» دېگەن نام بىلەنمۇ تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

http://www.trtuyghur.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=9465bec9-5f5d-4342-9048-1277b7c91c18