1 (سان)
0 |1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 |
1 (بىر)، سان شۇنداقلا رەقەم. تەبئىي سانلار ئىچىدە 0 دىن كېين ۋە 2 دىن بۇرۇن كەلگەن، ئۆزىگىلا پۈتۈن بۆلىنەلەيدىغان سان.
1 | |
---|---|
رەقەم | 1
بىر |
تەرتىب نومىرى | 1.
بىرىنچى |
سان سېستىمىسى | تاق سان |
يۇنان | α' |
رىم | I |
ئەرەب | 1 |
شەرقى ئەرەب | ١ |
گەئەز | ፩ |
بېنگالى | ১ |
خەنچە | 一 , 弌 ,壹 |
كورىيە | 일 , 하나 |
دېۋاناگارى | १ |
ئىبرانىي | א (Alef) |
قەمەر | ១ |
تاي | ๑ |
گۇجاراتى | ૧ |
ئورىيا | ୧ |
تېلىگو | ౧ |
مالايلام | ൧ |
تامىل | ௧ |
تىبەت | ༡ |
لائوس | ໑ |
ئەرمەنى | Ա |
ئەلىفبەدىكى قارشىلىقى | مونو , تاق , single |
ئىككىلىك سېستىمىلار | 1 |
بىر: ① سان ‹مات› ئەڭ كىچىك ساناق سان ۋە بۇ ساننى ئىپادىلىگەن رەقەم: گەپ بىر، قۇلاق ئىككى (ماقال). * بىرنى بىرگە قوشسا ئىككى بولىدۇ.
② ئى. ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى «ى بىلەن كېلىپ مەلۇم بىر «كىشى، ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: بىرىدىن قۇتۇلۇپ ئورنىغا تۇتۇلدۇم (ماقال).
③ ئال. ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كېلىپ «شۇ»، «مۇشۇ»، «ئوخشاش بىر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: ھېيتەم ئەر – خوتۇن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدۇ.
④ ئال. ئېنىقسىز قوشۇمچە ۋەزىپىسىدە كېلىپ «قانداقتۇر، ئاللىقانداق، قايسىدۇر، قاچاندۇر» غا ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: بىر كۈنى. بىر ئاخشىمى.
⑤ رەۋ. پېئىللارنىڭ ئالدىدا ھالەت بولۇپ كېلىپ، ئىش – ھەرىكەتنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ: بۇ خەۋەر مەھەللىگە بىر كەلدى.
⑥ئال «كىم»، «نېمە» سوئال ئالماشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئېنىقسىز ئالماش رولىدا كېلىدۇ: ئايگۈل يولدا تونۇش بىر كىم ئۇچراپ قالسا بولاتتى، دەپ پات – پاتلا ئەتراپىغا قاراپ قوياتتى.
⑦ سۈپ. ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىپ ئېنىقلانغۇچىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بەلگە ۋە خۇسۇسىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ: بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە.
⑧ يۈك، «يالغۇز»، «پەقەت» دېگەن مەنىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ: بۇ ئىشنى بىر تۇرسۇنلا بىلىدۇ، باشقىلار بىلمەيدۇ.
⑨سۈپ. ئىسىملىق جۈملىنىڭ خەۋىرى بولۇپ «ئورتاق»، «ئوخشاش» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ: ئەرەبلەر 23 دۆلەت ۋە رايونغا بۆلۈنگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تىلى بىر، يېزىقى بىر، ئېتىقادى بىر.
⑩رەۋ. باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ سۆز ياساش رولىنى ئوينايدۇ: بىر ئاز. بىر قۇر.
(11) باغل «بىردە»، «بەزىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ، ئايرىغۇچى باغلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ: - بىر ئۇنداق دەپ، بىر مۇنداق دەپ دىققىتىمنى چېچىۋەتتىڭىز ئەپەندىم، - دەپتۇ ھەسەن زەرگەر;
ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىزچە
تەھرىرلەشبىر: a, a body of, a piece of, an, be a unit, be at one, handful, nothing but, one, one...the other, side, single, singleton, unifying, with one accord
ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە
تەھرىرلەشبىر:
[yī] | 一 |
[yī] | 壹 |