2020 ئىراننىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمى

2020-يىلى يانىۋاردا ئىران قۇدۇس بىرگادىسىنىڭ قوماندانى، گېنىرال مايور قاسىم سولايمانى (قاسىم سۇلايمانى) ئىراق باغداد ئايروپورتدا قەسكە ئۇچىرغاندىكىن كېيىن ئىران جۇمھۇريىتى قىساس ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەركەت.

تەپسىلى جەريانى تەھرىرلەش

 
ئامىرىكا ئەلبېشى دونالد ترامىپ پۈتۈن ئامېرىكا خەلىقىگە تېلۋىزورلۇق بايانات ئېلان قىلماقتا

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن ئەتىگەندە، ئىراقنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئەنبار ئۆلكىسىگە جايلاشقان «ئامېرىكا ئاساد ھاۋا ئارمىيە بازىسى» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

 
قاسىم سۇلايمانى( سولايمانى) نامىزى
 
قاسىم سولايمانى( قاسىم سۇلايمانى)

ئىران «P r e s s T V» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران قوزغىغان بۇ قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 80 ئادەم قازا قىلغان. چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر مەنبەسىگە ئاساسەن، ھازىرغا قەدەر ئاساد بازىسىدا ئاز دېگەندە 80 ئامېرىكىلىق ھەربىي ئۆلتۈرۈلدى، 200 ئادەم يارىلاندى. يارىدارلارنى تىك ئۇچار ئايروپىلان بازىدىن ئېلىپ چىقتى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار زات تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: بازىدىكى 20 مۇھىم نىشانغا 15 باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگدى، نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەيران بولدى.

لىكىن ئامىرىكا تەەرپ بايانات ئېلان قىلىپ ھىچقانداق ئامىرىكا ئەسكىرنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى، ئۆلمىگەنلىكىنى كۆرەسەتكەن.

ھۇجۇم نىشانى تەھرىرلەش

 
ئالى خامېنى قاسىم سولايمانىنىڭ (سۇلايمانى) جىنازىسدا كۆز ياش قىلماقتا

ئاساد ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا قۇرۇلغان، 2003-يىلى ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆتكۈزۈۋالغان، بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى. 2011-يىل 12-ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ بازىنى ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ئارمىيەسى 2014-يىلى ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش نامىدا بۇ بازىنى قايتا ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئەسكەر تۇرغۇزغان.

مەنبە تەھرىرلەش

تور دۇنياسى