2024 ئامېرىكا ئەلبېشلىق سايلىمى

2024-يىللىق ئا ق ش ئەلبېشى سايلىمى ( ئىنگىلىزچە: 2024 United States presidential election) شۇ يىلنىڭ 5-نويابىر ئۆتكۈزۈلدىغان، 60-نۆۋەتلىك ئەلبېشى سايلىمىدۇر. دونالد ترامپ سايلام يىغىلىشى مەزگىلدە قەستلەشكە ئۇچىراپ ئامان قالغان. بۇ سايلام ئامېرىكا تارىخىدىكى ئوڭ-سول بۆلۈنۈش ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئېغىر بولغان بىر سايلامدۇر. دەسلەپتە ئامېرىكا مۇقامدىكى ئەلبېشى جوۋ بايدىن (ئەكىلەتمە نامى: بايراقجان) قايتا سايلىنىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ تۇنجى تېلۋزىيە مۇنازىرىسىدە ئپادىسى ئېسىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ئىچى بېسىمى تۈپەيلىدىن قايتا سايلىنىشتىن ۋاز كەچتى ۋە ئورۇنباسار ئەلبېشى كامالا خارسىنى نامزاتلىققا كۆرسەتتى. بۇ سايلامدا دونالد ترامپ (ئەكىلەتمە نامى؛ تۇراپچان) كامال خارسىنى يېڭىپ يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن يەنە بىر قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ قۇدىرەتلىك دۆلەتنىڭ ئەلبېشى بولۇپ سايلاندى.

2024-يىللىق ئا ق ش ئەلبېشلىق سايلىمى
ئاقساراي - ئا ق ش ئەلبېشى تۇرالغۇسى ۋە ئىشخانىسى.

← 2020 2024-يىلى 5-نويابىر 2028
ئۆكتىچى پارتىيە ئەلبېشى نامزاتى
دېموكراتلار پارتىەيسى نامزاتى (ماقامدىكى ئورۇنباسار ئەلبېشى - كامالا خارىس)

جەمئىي 538 سايلام رايونى بار،

ئۇتۇش ئۈچۈن ئاز بولغاندا 270 رايون بىلتىنى ئۇتۇش كېرەك

دېموكراتلار پارتىيەسى جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسى
نامزات كامالا خارىس دونالد ترامپ
پارتىيە دېموكرات جۇمھۇرىيەت
يۇرت شىتاتى كالىفورنىيە فىلورىدا
ئورۇنباسار

ئەلبەشى

(سايلام ھەمراھى)

تىم ۋالىز J. D. Vance

ج. د. ۋانىس

ئا ق ش دۆلەت مەمۇرى بۆلەكلەر خەرىتىسى

ماقامدىكى ئەلبېشى

جوۋ بايدىن

دېموكرات


بۇ قېتىمىقى سايلامدىكى ئەڭ كەسكىن نۇقتىلار بولسا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ توختىماي مېكىسكا چېگراسىدىن يوپۇرلۇپ كىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئامىرىكىدا ئۆتكۈزگەن ھەرخىل جىنايەتلىرى، ئىشسىزلىق، ئامېرىكا چۈشنىڭ قايتىدىن رىئاللىققا ئايلىنىشى، ناچارلاشقان جامائەت بىخەتەرلىكى، ئىران-ئىسرائىل رىقابىتى، غەززە-ئىسرائىل ئۇرۇشى، ئىسرائىل-ھېزبۇللا ئۇرۇشى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئامېرىكا-جوڭگو كەسكىن رىقابىتى قاتارلىقلاردى ئىبارەت.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش