21-ئەسىردە «ئويغىنىش»

يۇۋال نوئال ھەرىرى

بىيو-تېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى ئىنسانىيەتكە بۇرۇن پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ھەممىدىن مۇھىمى ئىنسانىيەت ئۇزۇن يىل دۇنيا سىياسىتىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن لىبېرالىزمغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويدى.

ئىنسانلار مەسىلىلەرنى نورمالدا سانلىق-مەلۇماتلار، ئىلمىي نەتىجىلەر ياكى تەڭلىمىلەر بىلەن ئەمەس ئىزملار ۋە ھېكايىلەر بىلەن چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ، ئىزملار ۋە ھېكايىلەر قانچىلىك ئاددىي بولسا دۇنيانى چۈشىنىش شۇنچە ئاسان بولىدۇ. ھەر ئىنساننىڭ، ھەر تەبىقىنىڭ، ھەر قاتلامنىڭ ۋە ھەر مىللەتنىڭ ئۆز ھېكايىلىرى، داستانلىرى، چۆچەكلىرى،ئىدىيە ئەندىزىلىرى، ئىزملىرى ۋە ئەپسانىلىرى بولىدۇ. لېكىن 20-ئەسىردە نىيۇيورك، لوندون، بېرلىن ۋە موسكۋادا دۇنيانى شەكىللەندۈرۈۋاتقان سەر خىللار پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئۆتمۈشىنى ئىزاھلاپ كېلەچەكنى تەخمىن قىلىشتا مۇنداق ئۈچ چوڭ ھېكايە شەكلىنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى: فاشىزم ، كوممۇنىزم ۋە لىبېرالىزم. 2-دۇنيا ئۇرۇشى فاشىزمنى يوق قىلدى، 1940-يىلدىن 1980-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە دۇنيا پەقەت كوممۇنىزم ۋە لىبېرالىزمدىن ئىبارەت ئىككىلا ھېكايە (ئىدېئولوگىيە )گە سەھنە بولدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كوممۇنىزم تارىخ سەھنىدىن غۇلاپ چۈشتى. دۇنيا لىبېرالىزمغا ئوڭچە قالدى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى سەر خىللار لىبېرالىزمنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغ ، كېلەچىكىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان كومپاس ئىكەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزى تەگمەي تەشەببۇس قىلىشتى.

لىبېرالىزم ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى ۋە قۇدرىتىنى تەرغىب قىلىدۇ. لىبېرالىزمدا ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىل شەخسلەرگە ناھايىتى چەكلىك سىياسىي ھوقۇقلار، ئىقتىسادى شارائىتلار ۋە شەخسىي ئەركىنلىكلەر بەرگەن، شەخسلەرنىڭ، چۈشەنچىلەرنىڭ ۋە تاۋارلارنىڭ ئەركىن –ئازادە كېزىپ يۈرۈشىنى چەكلەيدىغان ھاكىممۇتلەق سىياسىي تۈزۈملەر ئاستىدا ياشىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. 20-ئەسىردە نۇرغۇن دۆلەتتە قانخور دىكتاتورلار ئاغدۇرۇلۇپ ئورنىغا دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى دەسسىدى، ئەركىن بازار ئىقتىساد تۈزۈلمىسى ئىقتىسادى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى، ئىنسانلار مۇتەئەسسىپ موللىلارغا ۋە قالاق ئەنئەنىلەرگە ئىتائەت قىلىشنى تاشلاپ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشنى ۋە قەلبىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئۆگەندى. سېپىللارنىڭ، خەندەكلەرنىڭ ۋە تىكەنلىك سىملار بىلەن قورشالغان چىتلارنىڭ ئورنىغا كەڭ كەتكەن تاشيوللار، مۇستەھكەم كۆۋرۈكلەر ۋە دۇنياغا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن ھەشەمەتلىك ئايرودۇرۇملار بەرپا قىلىندى.

لىبېرالىزم دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقىنى ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىش بارلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. يەر شارىنىڭ نۇرغۇن يېرى يەنىلا ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا، ھەتتا لىبېرال دۆلەتلەردىمۇ نۇرغۇن كىشى نامراتلىق، زوراۋانلىق ۋە بېسىمدىن خالىي ئەمەس. لېكىن لىبېراللار ھېچ بولمىغاندا بۇ مۈشكۈلاتلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىشىمىز كېرەك، ئىنسان ھەقلىرى چوقۇم قوغدىلىشى لازىم، ھەممە ئادەم ئاۋاز بېرەلىشى كېرەك، تېخىمۇ كۆپ ئەركىن بازار ئېچىلىشى لازىم، شەخسلەر ئەركىن ئازادە ساياھەت قىلالىشى كېرەك، چۈشەنچىلەر ۋە تاۋارلارنىڭ ئەركىن تارقىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىشى لازىم، جورج بۇش ۋە باراك ئوبامالار نەزىرىدىمۇ مۇۋاپىق ھېسابلىنىدىغان لىبېرال ئىكسىرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سىياسىي، ئىقتىسادى تۈزۈلمىلىرىمىزنى تېخىمۇ ئەركىنلەشتۈرۈپ يەرشارىلاشتۇرساق، دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار ھەمبەھرىلىنىلەيدىغان تىنچ، باياشات ۋە خاتىرجەم مۇھىت بەرپا قىلالايمىز. بۇ مۇقەررەر ئۆزگىرىشلەرگە ماس ھەرىكەت قىلغان دۆلەتلەر تىنچلىقنىڭ، خاتىرجەملىكنىڭ ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتنىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ، لېكىن بۇ مۇقەررەرلىككە ماس ھەرىكەت قىلماي قارشى چىققۇچىلار بولسا ھامان بىر كۈنى توغرا يولنى يەنى لىبېرالىزمنى تاپىدۇ، بۇلار جەمئىيەتلىرىنى، سىياسەتلىرىنى ۋە ئىقتسادلىرىنى ئەركىنلەشتۈرۈپ بولغۇچە بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا رازى بولىدۇ، تېگىشلىك جازاسىنى تېتىيدۇ، لېكىن ھامان بىر كۈنى توغرا يولنى تاپىدۇ، بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت، ئېنېرگىيە ۋە چىقىم كېتىشى مۇمكىن، ئاخىرقى ھېسابتا شىمالىي كورېيە، ئىراق ۋە ئەل سالۋادورلار دانىيە ياكى شۋېتسىيەگە ئوخشاش بولىدۇ.

1990-يىللار ۋە 200-يىللاردا لىبېرالىزم ئالەمشۇمۇل دەستۇرغا ئايلاندى. بىرازىلىيەدىن ھىندىستانغىچە نۇرغۇن دۆلەت كەلكۈندەك شىددەت بىلەن ئۆزى قاراپ كېلىۋاتقان بۇ ئېقىنغا قوشۇلۇش مەقسىتىدە لىبېرال رېتسىپلارنى تەتبىقلاشقا كىرىشتى. لىبېرال رېتسىپلارنى تەتبىقلاشتىن ئاجىز كەلگەنلەر بولسا كونا ئىرالاردىن قالغان تاش قاتمىلاردەك بىلىنەتتى، 1997-يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىل كىلىنتون ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەنگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى لىبېراللاشتۇرۇشقا قارشى چىقىشىنى «تارىخنىڭ خاتا سېپىدىن ئورۇن ئېلىش»دەپ تەرىپلىگەنىدى.

لېكىن2008-يىلى يۈز بەرگەن دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن لىبېرالىزم نۇرغۇن ئىنساننى ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا قىلدى ۋە ھېلىھەم مۇپتىلا قىلىۋاتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، لىبېرالىزم كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرغىباتلىرىغا ئىشەنمەيدىغان ئىنسان سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. سېپىللار ۋە بىخەتەرلىك تاملىرى قايتىدىن دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىدا قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى، كۆچ ۋە سودا كېلىشىملىرىگە قارشى نارازىلىقلار كۈچەيدى، ئاتالمىش دېموكراتىك دۆلەتلەر قانۇن تۈزۈلمىسىگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمايۋاتىدۇ، مەتبۇئات ئەركىنلىكى چەكلىنىۋاتىدۇ، ئۆكتىچىلەر ۋەتەن خائىنىغا ئوخشاشلا مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ بېشىدىكى ھۆكۈمدارلار يېڭىچە مۇتەئەسسىپ دېموكراتىيە ئەندىزىلىرىنى سىناپ ئوچۇق ئاشكارا دىكتاتورىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا كىلىنتون دېگەندەك خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تارىخنىڭ خاتا سېپىدىن ئورۇن ئالدى دېيەلەمدۇق يوق؟

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلىشى ۋە ئامېرىكىدا دونالد ترامپنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى قاتارلىق مۇھىم ھادىسىلەر 2016-يىلى مەيدانغا كەلگەن ئويغىنىش دولقۇنىنىڭ غەرب ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مەركىزىدىكى لىبېرال دۆلەتلەرگە يېتىپ بارغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىقلار بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئىراق ۋە لىۋىيەنى قورال كۈچى بىلەن مەجبۇرىي ئەركىنلەشتۈرۈشكە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى، كېنتۇكاي ۋە يوركچىردىكى نۇرغۇن ئىنسان لىبېرالىزمغا يېتىش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدى. بەزى ئىنسانلار ئەنئەنىۋى قاتلاملىق تۈزۈملەرگە ئىگە بولغان كونا دۇنيانىڭ ياخشىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىرق، مىللەت ۋە ئىجتىمائىي جىنسىيەتكە تايانغان ئىمتىيازلارنى چاڭگىلىدا تۇتۇشقا تىرىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەزىلەر لىبېراللىشىش ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ دۇنيادىكى ھەممە ئىنساننىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىنىڭ مەنپەئەتىنى ياقلايدىغان ساختا نەرسە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

1938-يىلى ئىنسانلارنىڭ فاشىزم ، كوممۇنىزم ۋە لىبېرالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ ئىزمدىن بىرىنى تاللاش پۇرسىتى بار ئىدى، 1968-يىلى ئىككىسى قالدى، 1998-يىلدا بولسا بىرلا ئىزم قالدى يەنى لىبېرالىزملا قالدى، 2018-يىلغا كەلگەندە ھېچنېمە قالمىدى، قولىمىز قۇرۇقلا بولۇپ قالدى. شۇڭا دۇنياغا ھۆكۈمران بولغان لىبېرال سەرخىل قاتلىمىنىڭ تېڭىرقاپ قېلىشىغا ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك، بىرمۇ ئىزمنىڭ قالماسلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن خاتىرجەم قىلمايدۇ، تۇيۇقسىزلا ئىزملاردىن مەھرۇم قېلىش تولىمۇ خەتەرلىك ئىشتۇر، چۈنكى دۇنيادا بولۇۋاتقان ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ قىممىتى، مەنىسى قالمايدۇ، بۇلارنى نېمە بىلەن، قايسى نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئىزاھلايمىز؟ 1980-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سەرخىللىرىغا ئوخشاش لىبېرال سەرخىللارمۇ تارىخنىڭ ئالدىن بەلگىلەنگەن يۆنىلىشىدىن قانداق چەتنەپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىشتن ئاجىز كەلمەكتە ۋە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە-ھادىسىلەرنى ۋە رىئاللىقنى ئەتراپلىق ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈشتە ئىشقا يارايدىغان ئىزملىرىدىن قۇرۇق قېلىپ تېڭىرقاپ قالماقتا. ئۇلار كاللىسىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشى تۈپەيلى بۇ ئەھۋاللارنى قىيامەتنىڭ ئالامىتى، تارىخنىڭ تەخمىن قىلىنغىنىدەك گۈزەل ئاخىرلاشماسلىقى ۋە مەھشەرگە قاراپ مېڭىش دېگەن قورقۇنچ ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلمەكتە. ئىنسان زېھنىي رىئاللىقنى ۋە ئوبيېكتىپ ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ئەھۋالدا بىلىپ – بىلمەي پالاكەت سېنارىيەلىرىدىن مەدەت كۈتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بېشى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن بىرسى مېڭىسىدە ئۆسمە بارلىقىنى ئويلاپ قالغىنىغا ئوخشاش ،كۆپ قىسىم لىبېرال كىشىمۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ۋە دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشىنى مەدەنىيەتنىڭ نابۇت بولۇشى دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.

چىۋىن ئوۋىدىن چۈشەنچە ئوۋىغا قاراپ

قىيامەتنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئويلىۋېلىش ۋە بىخۇدلۇق تۇيغۇسى تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. پار ماشىنىلىرى، نېفىت بازىلىرى ۋە تېلېۋىزىيەلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن سانائەت دەۋرىدە شەكىللەندۈرۈلگەن لىبېرال سىياسىي تۈزۈم، ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى بىلەن بىيوتېخنىلوگىيە ساھەلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارغا تاقابىل تۇرۇشتا قىينالماقتا.

سىياسەتچىلەر بىلەن سايلىغۇچىلار يېڭى تېخنولوگىيەلەر ۋە بۇ تېخنولوگىيەلەرنىڭ يوشۇرۇن ئالاھىدىلىكلىرىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن بۇ نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئاران-ئاران چۈشەنمەكتە. ئىنتېرنېت ئىنقىلابى سىياسىي پارتىيەلەردىن بەكرەك ئىنژېنېرلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئىنتېرنېت دۇنيانى1990-يىللاردىن بۇيان باشقا نەرسىلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئۆزگەرتەلىدى، دېيىشكە بولىدۇ. ئىنتېرنېت توغرۇلۇق بىرەر راي سىناش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ دېموكراتىك تۈزۈم بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى چۈشىنىپ يېتىشتىن قانداق ئاجىز بولغان بولسا، ئوخشاشلا سۈنئىي ئەقىلنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە بىلوك زەنجىرى ئىنقىلابىدەك يېڭى تەرەققىياتلارغىمۇ ھېچقانداق تەييارلىقى يوق.

كومپيۇتېرلار پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى ھازىردىن باشلاپ ناھايىتى ئاز ساندا كىشى چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەدە مۇرەككەپ نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان سۈنئىي ئەقىل ئالدىدا، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى بىرمۇ ئىنسان چۈشىنەلمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق بىر سىياسىي ھادىسە يۈز بېرىدۇ؟ راسخوتنىڭ ياكى يېڭى باج ئىسلاھاتىنىڭ بىر ئالگورىتما تەرىپىدىن پىلانلىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىدىغان بىر دۆلەتنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ بۇنىڭدىن سىرت، بىلوك زەنجىر تورلىرى ۋە بىتكوينغا ئوخشاش كىرىپتو پۇل بىرلىكلىرى مالىيە سىستېمىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ ئاشقۇن باج ئىسلاھاتلىرى ئېلىپ بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇن سودا مەشغۇلاتى بىر مىللىي پۇل بىرلىكى ياكى ھەر قانداق بىر پۇل بىرلىكىنى ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرەلمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن، دوللارغا ئاساسەن باج بېكىتىش ۋە تەتبىقلاش تەس بولۇپ قالىدۇ ياكى بىھۇدە ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتلەر تامامەن يېڭى باج سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن (ئىقتسادتىكى ئەڭ مۇھىم مال ۋە كۆپ قىسىم ئېلىم-بېرىمدا ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان بىرلا نەرسە ھالىتىگە كېلىدىغان)ئۇچۇر بېجىغا تالون كېسىلىشى مۇمكىن. سىياسىي تۈزۈملەر پۇل بىرلىكىنىڭ كۈچى قالماستىن بۇرۇن بۇ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرالامدۇ يوق؟

بىيوتېخنىلوگىيە ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارنىڭ تۈرتكىسىدە بىز ئىچكى دۇنيايىمىزنى كونترول قىلالايمىز، ھاياتنى ئىنژېنېرلىق نۇقتىسىدىن تەرتىپكە سالالايمىز، مېڭىلەر لايىھەلەپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنى ۋە قانداق ۋاقىتتا خالىساق باشقىلارنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوۋ ئوۋلىغاندەك ئوۋلاشنى ئۆگىنىمىز. كېيىنچە قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھازىرچە ھېچكىم بىلمەيدۇ.ئىنسانلار ئەلمىساقتىن بېرى قورال-ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشتىن بەكرەك ئۇلارنى ئىجاد قىلىشقا بەكرەك ماھىر بولۇپ كەلدى. سۇ ئامبىرى ياساش ئارقىلىق دەريا سۈيىنى تىزگىنلەش ئېكولوگىيە سىستېمىدا پەيدا بولىدىغان مەسىلىلەرنى تەخمىن قىلىشتىن ئاسانراق، ئوخشاشلا زېھىن دۇنيايىمىزنىڭ يۆنىلىنىشىنى بەلگىلەش بۇنىڭ روھى ھالىتىمىز ياكى ئىجتىمائىي تۈزۈملەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرلىرىنى مۆلچەرلەشتىن بەكرەك ئاسانغا توختايدۇ.

ئۆتمۈشتە ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى شەكىللەندۈرۈش، يەر شارىدىن ئىبارەت بىر پىلانېتانى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش كۈچىگە نائىل بولغانىدۇق، لېكىن دۇنيا ئېكولوگىيەسىنىڭ مۇرەككەپ ئالاھىدىلىكىدىن بىخەۋەر بولغانلىقىمىز تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئۆزگىرىشلەر قەستەن بولمىسىمۇ بارلىق ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئېكولوگىيەلىك پالاكەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. كېلەچەكتە بىيوتېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسى تۈرتكىسىدە ئىچكى دۇنيايىمىزنى شەكىللەندۈرۈپ ئۆزىمىزنى قايتىدىن لايىھەلەپ چىقىش قۇدرىتىگە ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن، لېكىن زېھىن دۇنيايىمىزنى مۇرەككەپلىكىنى تولۇق بىلەلمەسلىكىمىز سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر زېھىن سىستېمىمىزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن.

بىيوتېخنولوگىيە ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە بارلىققا كەلگەن ياكى بارلىققا كېلىدىغان تەرەققىياتلار، ئۆزىنىڭ قارارلىرىنىڭ يوشۇرۇن سىياسىي تەسىرلىرىنى ئاڭقىرىپ بولالمايدىغان ۋە شەكسىزكى بىرمۇ كىشىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان ئىنژېنېرلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ چاڭگىلىدا بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. پارلامېنتلار ۋە پارتىيەلەر ئۆزىگە زىيانلىق بۇ ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرالامدۇ يوق؟ئەپسۇس، ھازىرچە تاقابىل تۇرالايدىغاندەك ئەمەس. چۈنكى تېخنولوگىيە ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلار سىياسىي كۈنتەرتىپنىڭ ئاساسلىق ماددىلىرىدىن بىرىنىمۇ تەشكىل قىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن 2016-يىلىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كېلىپ چىققان تېخنولوگىيەلىك قالايمىقانچىلىق، ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئىلخەت سەتچىلىكىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ قولىدىكى ئىشىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپلەر قىلىنغان بولۇشىنىڭ ئەكسىچە نامزاتلار ھېچقايسىسى تېخنولوگىيەنىڭ يوشۇرۇن تەسىرلىرى توغرۇلۇق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ قويمىغانىدى. دونالد ترامپ سايلىغۇچىلارغا ئامېرىكىدىكى مېكسىكىلىق ۋە خىتايلارنىڭ قولىدىكى ئىشلارنى تارتىپ ئالىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا بىخەتەرلىك تاملىرى سېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇ ئالگورىتمىلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىشىنى تارتىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ توختالماسلىق بىلەن بىرگە، كالىفورنىيە چېگراسىغا بىخەتەرلىك تاملىرى سېلىش تەكلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىدى.

لىبېرال غەرب دۇنياسىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭمۇ لىبېرالىزم ۋە دېموكراتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بۇ بولسا كېرەك. ئادەتتىكى ئىنسانلار بىيوتېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىلنى چۈشەنمىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئىستىقبالىنىڭ قولىدىن ئاستا-ئاستا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. 1938-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى،گېرمانىيە ياكى ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئادەتتىكى بىر كىشىنىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى، لېكىن بۇ كىشىنىڭ قۇلىقىغا توختىماي دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە قىممەتلىك نەرسىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىل قىلىدىغانلىقى پىچىرلىناتتى. ئادەتتىكى كان ئىشچىلىرى، پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى ئەمگەكچىلەر ۋە خىزمەت قىلمايدىغان ئاياللار تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىكى ھەيۋەتلىك رەسىملىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا: رەسىمدىكى كىشى مەن بولىمەن، كېلەچەكنىڭ قەھرىمانىمۇ مەن، دەيتتى.

2018-يىلغا كەلگەندە بۇنداق دەيدىغان ئادەمنى ئاز ئۇچرىتىمىز، ھازىر ئادەتتىكى بىر كىشى ئۆزىنى بارغانچە ئىشقا يارىماس ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئويلىۋالىدۇ. تەد لېكسىيەلىرىدە، ھۆكۈمەتلەر ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان مېڭە ئەترىتى يىغىنلىرىدا، ئىلغار تېخنولوگىيەلەر تېما قىلىنغان يىغىنلاردا يەرشارىلىشىش، بىلوك زەنجىرى تورلىرى، گېن ئىنژېنېرلىقى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق دەبدەبىلىك ۋە سىرلىق كەلىمىلەر ھاياجان ئىچىدە تەلەپپۇز قىلىنماقتا. ئادەتتىكى ئىنسانلار بۇ كەلىمىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى يوقلىقىنى ئويلايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويلىشى تولىمۇ نورمال. لىبېرالىزم بولسا ئادەتتىكى ئىنسانلارغىمۇ ماس كېلەتتى، چۈنكى لىبېرالىزم ئادەتتىكى ئىنسانغىمۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قالتىس مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئۆگىتەتتى. ئۇنداقتا لىبېرالىزم سىبورگ، سۈنئىي ئەقىل ۋە ئالگورىتمىلارنىڭ دۇنياسىدا پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ يوق؟

20-ئەسىردە كەڭ خەلق ئاممىسى ئېكسپلاتاتسىيەگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىقتىسادتىكى رولىنى سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى. لېكىن كۈنىمىزدە خەلق ئاممىسى رولىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، قولىدىكى سىياسىي كۈچتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرمەكتە. بۇ ئەھۋال ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ۋە دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىنىڭ ئەنئەنىۋى سوتسىيالىستىك ئىنقىلابلارغا تەتۈر يۆنىلىشتە ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. رۇسىيە، خىتاي ۋە كۇبا ئىنقىلابلىرى سىياسىي كۈچتىن مەھرۇم بولغان لېكىن ئىقتىسادى ساھەدە مۇھىم رول ئوينىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغانىدى. 2016-يىلى ترامپ بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش لايىھەسى ھېلىھەم سىياسىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئىقتىسادى كۈچىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. بەلكىم 21-ئەسىردە خەلق ئىنقىلابلىرى ئىنسانلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىدىغان كاپىتالىستلارغا قارشى ئەمەس ئۆزلىرىگە ئېھتىياج ھېس قىلمايدىغان سەرمايىدارلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن، بىراق بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا غەلىبىگە ئېرىشىشى تەسرەك. چۈنكى كارغا كەلمەسلىك ۋە فۇنكسىيەسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئېكسپلاتاتسىيەسىگە قارشى تۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىيىندۇر.

لىبېرال زۇمرۇت ئەنقا قۇشى

لىبېرلىزمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشى بىرىنچى قېتىملىق ئىش ئەمەس. بۇ ئىزم 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا نوپۇزغا ئېرىشكەندىن بۇيان پات-پات كىرىزىسلەرگە دۇچ كېلىپ تۇردى. يەرشارىلىشىش ۋە لىبېراللىشىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا بۆشىكىدىلا تۇنجۇقۇپ قالدى، بۇ چاغدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار ئىمپېرىيەلەرنىڭ سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇزۇنغا بارمىدى. فرانسز فېردىناندنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا سۇيىقەستكە ئۇچرىشىدىن كېيىن، بۈيۈك كۈچلەرنىڭ لىبېرالىزمغا ئەمەس جاھانگىرلىككە ئىشىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى، بۇ كۈچلەر ئەركىن ۋە تىنچ سودا ۋاسىتىسى ئارقىلىق دۇنيانى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا قاتتىق قوللۇق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ زېمىنغا ئىگە بولۇشنىڭ كويىغا چۈشتى. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ، لىبېرالىزم فىرانسز فېردىناد ۋەقەسىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ شىددەتلىك بوران-چاپقۇندىن تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا ئۈزۈپ چىقتى. مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ قەتلىئام گويا ئىنسانىيەتكە جاھانگىرلىكنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەندەك قىلاتتى، نەتىجىدە ئىنسانىيەت ئەركىنلىك ۋە تىنچلىق پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشقا تەييار ھالەتكە كەلگەنىدى.

ئارقىدىن 1930-يىللارنىڭ ئاخىرى 1940-يىللارنىڭ بېشىدا بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن فاشىزم ھادىسىسىگە ئەگىشىپ گىتلېر ۋەقەسى پەيدا بولدى. بۇ تەھدىت يوق قىلىندى، لېكىن بۇ كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان خەتەرنىڭ بىشارەتچىسى ئىدى. 1950-يىللاردىن 1970-يىللارغىچە بولغان مەزگىلدە چې گۇۋارا دولقۇنى باش كۆتۈردى، بۇنى كۆرگەنلەر لىبېرالزمنىڭ يوقىلىپ ئورنىغا كوممۇنىزمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى تەرغىب قىلىشتى، لېكىن لىبېرالىزم ئەمەس كوممۇنىزم يەنە مەغلۇپ بولدى، تاللا بازارلىرى، ھەشەمەتلىك سودا-سېتىق مەركەزلىرى گۇلاگ ئەمگەكچىلەر لاگېرلىرىدىن كۈچلۈك چىقتى، ھەممىدىن مۇھىمى لىبېرالىزم باشقا رەقىبلىرىگە قارىغاندا ئېلاستىك ۋە پائال چىقتى. لىبېرالىزم جاھانگىرلىك، فاشىزم ۋە كوممۇنىزم قاتارلىقلارنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىراتتى. لىبېرالىزم بۇ جەرياندا بۇ رەقىبلىرىنىڭ بەزى قاراشلىرىنى ۋە تەتبىقلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلدى، لىبېرالىزم بولۇپمۇ كوممۇنىزمدىن تۇيغۇداشلىق چەمبىرىكىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆگەندى.

دەسلەپكى مەزگىللەردە لىبېرالىزم ئوتتۇرا سىنىپ ياۋروپالىق ئەرلەرنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىمتىيازلىرىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرەتتى، ئىشچى سىنىپ، ئاياللار، ئاز سانلىقلار ۋە غەربلىك بولمىغانلارغا سەل قارايتتى. 1918-يىلى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بىرىتانىيە ۋە فىرانسىيە ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ئەركىنلىكنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى، لېكىن تەسىرى ئاستىدىكى باشقا رايونلاردا ئەركىنلىكنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. مەسىلەن، 1919-يىلى بەزى ھىندىستانلىقلار ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى، بىرىتانىيە نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇردى، بۇ قانلىق ۋەقە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئامرىتسار قەتلىئامى نامى بىلەن خاتىرىلەندى. ئەينى چاغدا ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق نامايىشچىلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغانىدى.

غەربلىك لىبېراللار 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ ئاتالمىش ئالەمشۇمۇل قىممەت قاراشلىرىنى غەربلىك بولمىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە تەتبىق قىلىشتىن ئاجىز كەلدى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ 1945-يىلى ناتسىستلارنىڭ بەش يىللىق زۇلۇمىدىن قۇتۇلغان گوللاندىيەنىڭ تۇنجى قىلغان ئىشى، قوشۇن تەشكىللەپ سابىق مۇستەملىكىسى بولغان ھىندونېزىيەنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىگە ئەسكەر ئەۋەتىش بولدى. 1940-يىلى ناتسىستلارغا قارشى ئاران تۆت كۈن تاقابىل تۇرالىغان گوللاندىيە، بەرداشلىق بېرىپ بولالماي تەسلىم بولدى. 1945-يىلى مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرگەن گوللاندىيە ھىندونېزىيەنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن تۆت يىل ئۇرۇش قىلدى، بىر مەزگىل ئاسارەتتە قالغان گوللاندىيەنىڭ يەنە بىر مىللەتنى ئاسارەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ شۇڭا بەزى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئۈمىدنى ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ياقلايدىغان غەربلىكلەرگە ئەمەس موسكۋا بىلەن بېيجىڭغا باغلىشىغا ھەيران قالماسلىق كېرەك.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان تىراگېدىيەلەردىن ساۋاق ئالغان لىبېرالىزم، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىپ نەزەرىيەدە بولسىمۇ ئايرىمىچىلىق قىلماستىن پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكلىرىنى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى ياقىلاشقا ئۆتتى. ئەركىنلىك ۋە ھەق-ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتكەن لىبېرالىزم، كوممۇنىستىك ياردەم پىروگراممىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن يالتايمىدى. شەكسىزكى، ئەركىنلىكلەر مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىنىڭ كاپالىتىگە ئىگە بولمىسا ئۇنىڭ قىممىتى بولمايتتى. ئىجتىمائىي دېموكراتىك دۆلەتلەر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مائارىپ ۋە سەھىيە سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈردى. دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىمۇ مائارىپ ۋە سەھىيە سىستېمىسىنى دۆلەتنىڭ مەلۇم سەۋىيەگىچە قوللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ئاچلىقتىن قىينالغان بالىلارغا ئەركىنلىك شوئارلىرى تېتامدۇ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاچ بالىنىڭ قانداقمۇ ئەركىنلىكى بولسۇن.

1990-يىللارنىڭ بېشىدا بىر قىسىم مۇتەپەككۇرلار، ھەتتا سىياسەتچىلەرمۇ «تارىخنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى»نى كۆككە كۆتۈرۈشتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە تولۇق ئىشەنچ قىلغان ھالدا، ئۆتمۈشنىڭ بارلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلىرىنىڭ تەلتۆكۈس ھەل بولغانلىقىنى، ھازىر دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، ئەركىن بازارلار، دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاياغ بېسىش، بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىش، پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيەلىك چېگرالىرىنى بىكار قىلىش ۋە ئىنسانىيەتنى ئەركىن بىر دۇنيا توپلۇقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك ئىدى.

شۇنچە يىل كۈتتۇق، لېكىن چوڭاملار ۋە دانالارنىڭ دېگىنىدەك «تارىخ ئاخىرلاشمىدى»، بۇرۇن دۇنيا فرانز فېردىناند ۋەقەسى، گىتلېر ۋەقەسى ۋە چې گۇۋارا ۋەقەسىگە دۇچ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ترامپ ۋەقەسىگە دۇچ كەلمەكتە. لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، لىبېرالىزم ئالدىدا جاھانگىرلىك، فاشىزم ياكى كوممۇنىزمغا ئوخشاش نىسبەتەن سىستېمىلىق كۈچلۈك ئىدېئولوگىيەلىك رەقىب يوق، نۆۋەتتىكى ترامپ ۋەقەسى بەكرەك نىھىلىزىم (ھېچلىق)لىق بىر مۇھىتتا داۋاملاشماقتا.

20-ئەسىرنىڭ ئاساسلىق ئېقىملىرىنىڭ ھەممىسى ، مەسىلەن مەيلى دۇنياۋى ھاكىمىيەت، مەيلى ئىنقىلابلار مەيلى ئەركىنلىشىش بولسۇن ھەممىسى بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلالايدىغان نەزەرىيەگە ئىگە ئىدى، لېكىن ترامپ ۋەقەسى بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلىدىغاندەك ئەمەس، ترامپ دەل ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك سىستېما، نەزەرىيە ، قاراش، ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇش ۋەزىپىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئوخشاشلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلغان ئىنگلىزلەرنىڭمۇ بىرىتانىيە پادىشاھلىقىنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق كۈچلۈك بىر پىلانى يوق. ترامپ ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا بېلەت تاشلىغانلار ھېلىھەم لىبېرال پىروگراممىلاردىن ۋاز كەچكىنى يوق، ئۇلار بەكرەك لىبېرالىزمنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ لىبېرالىزمغا بولغان ئىشەنچىسى بارغانچە سۇسلاشماقتا، ئۇلار ھېلىھەم دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، ئەركىن بازار ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت قاتارلىقلارغا ئىشەنسىمۇ، ئىنسانغا خۇش ياقىدىغان بۇ نەرسىلەرنىڭ چەكلىك دائىرىدىلا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار ھەتتا يوركشىر ياكى كېنتۇكىي قاتارلىق يەرلەردە ئەركىنلىك ۋە سائادىتىنى قوغداش ئۈچۈن چېگرالىرىغا سېپىل سېلىپ چەت ئەللىكلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىنىشىنى توغرا چۈشىنىدۇ.

بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتاي پۈتۈنلەي ئەكسىچە يول تۇتۇۋاتىدۇ. خىتاي ئىچكى سىياسىتىنى لىبېراللاشتۇرۇش (ئەركىنلىشىش)تىن قاتتىق ئېھتىيات قىلسىمۇ، دۇنيادىكى ئارقىدا قالغان دۆلەت ۋە رايونلاردا لىبېرالىزمنى ياقلاۋاتىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ لىبېرلىزمنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بولغان ئەركىن بازار، خەلقئارالىق ھەمكارلىق قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى لىبېرال ۋە دېموكراتىك بولغان ئوبامانىڭ ۋارىسىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمىز. ماركسىزم – لېنىنىزمدىن ۋاز كەچكەندەك كۆرۈنۈۋاتقان خىتاي دۆلەت ئىچىدە لىبېرالىزمدىن قېچىپ دۆلەت سىرتىدا لىبېرالىزمنى كۆككە كۆتۈرمەكتە.

قايتىدىن باش كۆتۈرگەن رۇسىيە ئەزەلدىن رەقىب كۆرۈپ كېلىۋاتقان لىبېرالىزمغا ئازراقمۇ پەرۋا قىلمايۋاتىدۇ، رۇسىيە ھەربىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتىن چۆنتىكى قۇرۇق. شەكسىزكى، ۋىلادىمىر پۇتىن ھەم رۇسىيە ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوڭچىل مىللەتچى قاتلاملار ئىچىدە تولىمۇ ئابرۇيلۇق شەخستۇر. لېكىن ئۇنىڭ ئىسپانىيەلىك ئىشسىزلارنى، ھالىدىن نارازى بولغان بىرازىلىيەلىكلەرنى ياكى كامبىرىچتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغان ئالەمشۇمۇل ئىدىيەسى يوق.

رۇسىيە لىبېرال دېموكراتىيەگە قارشى باشقىچە بىر ئەندىزە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئەندىزە سىستېمىلىق سىياسىي ئىدېئولوگىيە ئەمەس. بۇ ئەندىزە ئولىگارخىيە (ئاز سانلىقلار) تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان بىر ئوچۇم ھۆكۈمدارلارنىڭ رۇسىيەنىڭ بايلىقى ۋە ھاكىمىيەت ساھەلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، تاراتقۇ ئورگانلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇپ ھوقۇقى ۋە نوپۇزىنى كۈچەيتىشتە ئىشقا يارايدۇ. بۇ ئەندىزىگە دېموكراتىك ئابراھام لىنكولىننىڭ «پۈتكۈل ئىنسانلارنى بىر مەھەلگىچە ئالدىيالىشىڭىز مۇمكىن، بىر قىسىم ئىنسانلارنى داۋاملىق ئالدىيالىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن پۈتكۈل ئىنساننى داۋاملىق ئالدىيالمايسىز» دېگەن سۆزى تازا ماس كېلىدۇ. بىر ھۆكۈمەت چىرىكلىشىپ پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئاجىز كەلسە، ھامان بىر كۈنى ھەممە ئادەم بولمىسىمۇ بىر قىسىم ئادەملەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشىنى ھېس قىلىپ يېتىپ، ئۇنى ئۆرۈۋېتىپ ئورنىغا يېڭى بىر ھۆكۈمەتنى سايلاپ چىقىدۇ. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ تاراتقۇلارنى كونترول قىلىش قۇدرىتى لىنكولىننىڭ دانالەرچە ئېيتقان سۆزىنى ئەھمىيەتسىز قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋال خەلقنىڭ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، تاراتقۇلارنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ئولىگارخىيە (ئاز سانلىقلار) بارلىق دېتسىزلىقلىرىنى، ناقابىللىقلىرىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى توقۇلما ياكى خىيالى كۈچلەرگە بۇرۇۋېتىدۇ.

مۇشۇنداق بىر ئولىگارخىيەلىك تۈزۈمدە ياشايدىغان بولسىڭىز، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى قانداقتۇر سەھىيە خىزمەتلىرى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر بولماستىن ھەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان كىرىزىسلاردۇر. خەلق تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ياكى شەيتانى زەربىلىرى بىلەن بەند بولۇۋاتسا، قانداقمۇ كېسەللەر بىلەن تولۇپ تاشقان دوختۇرخانىلار ۋە مەينەت دەريالارغا كۆڭۈل بۆلسۇن دەيسىز. چىرىكلەشكەن بىر ئولگارخىيە ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان كىرىزىس كەلكۈنىنى باھانە قىلىپ ھاكىمىيەتنى ئۇزۇنغىچە چاڭگىلىدا تۇتالالايدۇ.

ئولگارخىيە تۈزۈمى ئەمەلىي تەتبىقتا ئىزچىللىققا ئىگە بولسىمۇ، ھېچكىم بۇ تۈزۈمنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. نەزەرىيەلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تەشۋىق قىلىدىغان باشقا ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ئەكسىچە، ھاكىمىيەتتىكى ئولىگارخىيەلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن باشقا ئىدىئولوگىيەلەردىن پايدىلىنىشقا ماھىر كېلىدۇ. مەسىلەن، رۇسىيە دېموكراتىيەنى تەقلىد قىلىپ باقىدۇ، ھاكىمىيەتتىكىلەر بولسا ئولىگارخىيەنى ئەمەس رۇس مىللەتچىلىكىنى ۋە ئورتودوكس خىرىستىيان تەلىماتلىرىغا سادىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. فىرانسىيە ۋە بىرىتانىيەدىكى ئاشقۇن گۇرۇھلار رۇسىيەدىن مەدەت كۈتۈپ پۇتىنغا ھەيران ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشسىمۇ، لېكىن بۇ سايلىغۇچىلار ھەقىقەتەن رۇس ئەندىزىسىنىڭ تەقلىدىي بولغان، چىرىكلىك يامرىغان، مەمۇرىي خىزمەتلەر ئاقمايدىغان، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى بولمىغان، تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىك ھەر يەرنى قاپلىغان رۇسىيەدە ياشاشنى خالىمايدۇ. سانلىق-مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيە تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىكتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، رۇسىيە نوپۇسىنىڭ %10ى پۈتكۈل بايلىقنىڭ %87نى چاڭگىلىدا تۇتىدىكەن، «فىرونت مىللەتچى»ئېقىمىنىڭ ئىشچى سىنىپىغا تەۋە كىشىلەر رۇسىيەدىكى مۇشۇنداق تەڭسىز بايلىق تەقسىماتىنىڭ فىرانسىيەدە بولۇشىنى خالامدۇ؟

ئىنسانلارنىڭ خاھىشىنى ئۇلارنىڭ ئاياغلىرى پاش قىلىپ قويىدۇ، دۇنيانى كېزىش جەريانىدا ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا ياكى ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نۇرغۇن ئادەم بىلەن تونۇشتۇم، ھەتتا خىتايغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن، لېكىن رۇسىيەگە كۆچۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلغان بىرمۇ ئادەمنى ئۇچراتمىدىم.

ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى بەزى «ئىسلامچى» گۇرۇھلار «خەلىپىلىك»نىڭ نىجادلىق تېپىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ياقلىشىدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار ئاساسەن دېگۈدەك مۇسۇلمان دىيارلىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلاردۇر. «ئىسلامچى»گۇرۇھلار سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىنسانلارغا ھەتتا گېرمانىيە ۋە بىرىتانىيەدىكى چەتكە قېقىلغان ۋە ياتلاشتۇرۇلغان مۇسۇلمان ياشلارغا خىتاب قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ گىرېتسىيە ياكى جەنۇبىي ئافرىقىغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ دەردىگە داۋا بولۇش ئۈچۈن «دۇنيا خەلىپىلىكى»گە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ناتايىن. بۇ ئىشتىمۇ ئىنسانلارنىڭ خاھىشىنى يەنىلا ئاياغلىرى پاش قىلىپ قويىدۇ. نۇرغۇن مۇسۇلمان ياش سۇرىيە ۋە ئىراققا ئوخشاش مەملىكەتلەردىكى «خەلىپىلىك»ئاستىدا ياشاشتىن بەكرەك، ئەركىن ۋە لىبېرال گېرمانىيەدە ياشاشنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ.

بۇ ئەھۋال كۈنىمىزدىكى ئېتىقاد كىرىزىسنىڭ بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا يېنىكرەك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردىكى ھادىسىلەرگە قاراپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بىر لىبېرال كىشى 1918، 1938 ياكى 1968-يىللاردىكى زور ۋەقەلەرنى ئېسىگە ئالسىلا ھازىرقى كۈنىگە شۈكرى قىلىدۇ ياكى يېنىكلەپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئىنسانىيەت لىبېرالىزمدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ، چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ قولىدا لىبېرالىزىمدىن باشقا بىر نەرسە ھازىرچە يوق. ئىنسانلار شاھىت بولغان بۇ ھادىسىلەر ئالدىدا قاتتىق غەزەپلىنىپ لىبېرالىزمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشىمۇ مۇمكىن، بىراق بىر مەھەل قارشى چىقىپ بېقىپ باشقا يولنىڭ يوقلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ چارىسىزلىكىنى ھېس قىلىپ يەنە لىبېرالىزمغا قايتىدۇ.

ئىنسانلار «ئالەمشۇمۇل» لىبېرالىزمدىن كۆڭلى قاتتىق سوۋۇپ كەتسە ياكى ئۇنىڭدىن كەينىدىن مېڭىشتىن ۋاز كەچسە، يەرلىك مىللەتچىلىك ياكى دىنغا يۈزلىنىشى مۇمكىن. 20-ئەسىردە مىللەتچى ھەرىكەتلەر ئەڭ ئاساسلىق سىياسىي ئاكتىيورلار ئىدى، لېكىن دۇنيانىڭ مۇستەقىل مىللىي (ئۇلۇس)دۆلەتلەرگە بۆلۈنىشىنى قوللاشتىن باشقا دۇنيانىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق سىستېمىلىق ۋە چوڭقۇر نەزەرىيە ۋە قاراشلاردىن مەھرۇم ئىدى. بۇ يولدا ھىندونېزىيەلىك مىللەتچىلەر گوللاندىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى، ۋىيېتناملىق مىللەتچىلەر ئەركىن ۋە مۇستەقىل ۋىيېتنام ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، لېكىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بىر ھىندونېزىيە ياكى ۋىيېتنام ئىدېئولوگىيەسى يوق ئىدى. ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام ۋە باشقا بارلىق مۇستەقىل ۋە ئەركىن مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ بىر-بىرىگە قانداق باغلانغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ يادرو ئۇرۇشىغا ئوخشاش يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتەك مەسىلىلەردە، مىللەتچىلەرمۇ مۇستەسناسىز ھالدا لىبېرالىزم ياكى كوممۇنىزمغا ئوخشاش ئىدېئولوگىيەلەر مۇراجىئەت قىلىشتى.

مەيلى لىبېرالىزم مەيلى كوممۇنىزم بولسۇن ھەر ئىككىلىسى باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ بولدى، ئۇنداقتا ئىنسانلار ئالەمشۇمۇل بىر ئىدىيە سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكمۇ؟بۇ ئالەمشۇمۇل ئىدىيە سىستېمىلىرى ھەتتا كوممۇنىزممۇ غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەسمىتى؟ ۋىيېتناملىق دېھقان نېمىشقا ترىئىرلىق بىر نېمىس ياكى مانچىستېرلىق بىر كارخانىچىنىڭ ئىجادىغا تەشنا بولسۇن ؟ بەلكىم ھەر دۆلەت ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزگىچە بىر يول تۇتسىچۇ؟ ھەتتا غەربلىكلەرمۇ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشتىن ۋاز كېچىپ ئۆزلىرى بىلەنلا بەند بولسىچۇ؟

پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا بولۇپ ئۆتكەنلەر يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان دائىرە ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ ، دەرۋەقە لىبېرالىزم يوقالسا پەيدا بولىدىغان بوشلۇقنى ئىنسانلار بۇرۇنقى گۈزەل كۈنلىرىگە بولغان ھەسرەت ۋە سېغىنىش ھېسسىياتلىرى بىلەن تولدۇرىشىدۇ. دونالد ترامپ ئامېرىكىنى دۇنيادىن ئايرىپ چىقىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن سىرت ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە يەتكۈزۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرمىدىمۇ؟(make america great again). دونالد ترامپنىڭ قارىشىچە بولغاندا، خۇددى 1950-يىلدىكى ئامېرىكا نۇقسانسىز ۋە كەم-كۈتىسىز قالتىس بىر جەمئىيەت ئىدى، شۇڭا ئامېرىكىلىقلار 1950 بۇ كەم-كۈتىسىز قالتىس ئامېرىكىنى 21-ئەسىردە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللايدىغانلار ھېلىھەم خانىش ۋىكتورىيە دەۋرىدە ياشىغاندەك ۋە «ھەشەمەتلىك مۇستەقىل سىياسەتنى»، ئىنتېرنېت ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئىسسىپ كېتىش ھادىسى بولۇۋاتقان بۇ دەۋردە يولغا قويغىلى بولىدىغاندەك، بىرىتانىيەنى مۇستەقىل كۈچ ھالىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. خىتاي سەرخىللىرى غەربتىن ئىمپورت قىلغان مۇجمەل ماركسىزم ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلىشالايدىغان ئىمپېرىيەلىرى ۋە كۇڭزى تەلىماتلىرىنىڭ مىراسلىرىنى قايتىدىن بايقاپ چىقتى. رۇسىيەدە پۇتىن قانداقتۇر چىرىكلىك پاتقىقىغا پاتقان ئولگارخىيە ھاكىمىيىتى بەرپا قىلىش ئەمەس بۇرۇنقى قۇدرەتلىك چاررۇسىيە ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن تىرىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بولشېۋىك ئىنقىلابى يۈز بېرىپ 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پۇتىن بالتىق دېڭىزىدىن كاۋكازىيەگىچە سوزۇلغان ئورتودوكس ئېتىقادىغا سادىق ئوتوكرات ھۆكۈمەت ۋە رۇس مىللەتچىلىكى سايىسىدە، سابىق چاررۇسىيە سەلتەنىتى قايتا قۇرۇپ چىقىشنى ۋەدە قىلىدۇ.

مىللەتچىلىك بىلەن دىنى تەلىماتلار بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلغان ئىدىيەلەر ھىندىستان، پولشا، تۈركىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتتىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئىدىيەلەر ھەممىدىن بەك ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە بەكرەك كۆرۈلىدۇ. مۇسۇلمانلار 1400 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ كويىدا يۈرسە، ئاشقۇن يەھۇدىيلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 2500 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە يەنى تەۋرات دەۋرىگە قايتىپ كېتىشنىڭ خىيالىدا يۈرۈيدۇ.ئىسرائىلىيەنىڭ بېشىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىرى زامانىۋى ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرالىرىنى تەۋراتتا تىلغا ئېلىنغان چېگرالارغا يېقىنلاشتۇرۇش، تەۋرات قانۇنلىرىنى يولغا قويۇش،ھەتتا قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسانىڭ ئورنىغا بۇرۇنقى سۇلايمان ئىبادەتخانىسىنى بەرپا قىلىش ئارزۇلىرى بارلىقى ئوچۇق-ئاشكارا تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.

لىبېرالىزمنىڭ ياقلىغۇچىلىرى بۇ ھادىسىلەرنى ناھايىتى ھەيرانلىق ۋە ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ زور پالاكەت يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بۇرۇنراق لىبېرالزمغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. باراك ئوباما 2016-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلغاندا تىڭشىغۇچىلارنى « نۇھ پەيغەمبەردىن قالغان مىللەت، قەبىلە، ئىرق ۋە دىن ئايرىمچىلىقى بويىچە بىر-بىرىدىن روشەن ھالدا ئايرىلغان ۋە توقۇنۇش چەمبىرىگە چۈشۈپ قېلىۋاتقان دۇنيانىڭ»شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئەركىن بازارلار ۋە مەسئۇلىيەتچان باشقۇرغۇچىلار، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ پىرىنسىپلىرى قاتارلىقلار ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن 21-ئەسىردىكى ئەڭ ساغلام ئاساسلاردۇر.»

ئوباما لىبېرالىزمنىڭ نۇرغۇن يېتەرسىزلىكى بولسىمۇ، باشقا ئىزم ۋە ئىدېئولوگىيەلەرگە قارىغاندا پارلاق بىر ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنىدى، ئوباما بۇنى تولىمۇ توغرا ئېيتقانىدى. نۇرغۇن ئىنسان 21-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى لىبېرال نىزامنىڭ ھىمايىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان تىنچلىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ لەززىتىنى بۇرۇن پەقەتلا تېتىپ باقمىغانىدى. تارىختا تۇنجى قېتىم يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلگەن ئىنسان سانى قېرىلىقتىن ئۆلگەنلەردىن، ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە سېمىزلىك تۈپەيلى ئۆلگەنلەردىن ۋە زوراۋانلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى قاتناش ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەردىن تېخىمۇ ئاز.

لىبېرالىزمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرگە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن تېخنولوگىيە ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور تەرەققىياتلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىغا ھازىرچە بېرىدىغان جاۋابى يوق. لىبېرالىزم ئىقتىسادى تەرەققىيات كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىيىنچىلىقلار ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ھەممە ئادەمگە نەپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە بېرىپ پىرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيەنى، ئېتىقادلىقلار بىلەن ئاتىئىستلارنى، يەرلىكلەر بىلەن كۆچمەنلەرنى، ياۋروپالىقلار بىلەن ياۋروپالىق بولمىغانلارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانىدى. مەنپەئەتنىڭ دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭىيىپ تۇرۇۋاتقاچقا مۇشۇنداق قىلىشقا تامامەن مۇمكىن بولاتتى. ئەپسۇس ئىقتىسادى تەرەققىيات ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى قۇتقۇزۇشتىن ئاجىزدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكولوگىيەلىك كىرىزىسنىڭ سەۋەبچىسى دەل ئىقتىسادى تەرەققىياتتۇر. ئىقتىساد ۋە تۈزۈم تېخنولوگىيەلىك تەرەققىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە مەۋجۇتلۇقى تېخنولوگىيەلىك ئىجاد ۋە يېڭىلىقلارغا باغلىقتۇر.

لىبېرالىزم ۋە ئەركىن بازار كاپىتالىزمى ئىنسانلارغا گۈزەل خىياللارنى ۋە ئارزۇ-ئارمانلارنى ۋەدە قىلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە بىرسى مەيلى بوستون ياكى شاڭخەيدە ياشىغان بولسۇن، مەيلى ئىستانبۇل ياكى ساۋ پاۋلوۋدا ياشىغان بولسۇن، بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ سۈپەتلىك تەلىم-تەربىيە، تېخىمۇ ئەلا سەھىيە مۇلازىمەتلىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئېرىشتى. لېكىن كەلگۈسىدە تېخنولوگىيەلىك تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە ياش ئەۋلادلارنىڭ ئوخشاش سەۋىيەدىكى نەرسىلەرگە ئېرىشىشى قىيىن بولىدۇ. ئۇ چاغدا دۇنياغا ماس كېلىدىغان يېڭى ئىزملار بەرپا قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. سانائەت ئىنقىلابى تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ 20-ئەسىردە يېڭى ئىدىئولوگىيەلەرنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا ئوخشاش، كەلگۈسىدە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى ۋە بىيوتېخنولوگىيەلىك ئىنقىلابلارمۇ يېڭى ئىزملار، نۇقتىئىنەزلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن يېقىن كەلگۈسىدە ئىچكى دۇنيايىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، يېڭى بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەندىزىلەر يارىتىشنىڭ كويىغا كىرىمىز. لىبېرالىزم 1930-يىللار ۋە 1960-يىللاردا يۈز بەرگەن كىرىزىسلاردا بولغىنىدەك يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ بۇرۇنقىدەكلا جەلپ قىلارلىق ھالغا كېلەلەمدۇ يوق؟ لىبېرالىزم تاپالمىغان جاۋابنى دىنلار ۋە مىللەتچى ئېقىملار تېپىپ يېڭى دۇنيا قارىشى پەيدا قىلالامدۇ يوق؟ ياكى ئۆتمۈشتىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ ئەنئەنىلەر، ئېتىقادلار ۋە مىللەتلەردىنلا ئەمەس ئەركىن ۋە باراۋەرلىكتىنمۇ ھالقىغان پۈتۈنلەي باشقىچە يىپيېڭى ئىزم ياكى ئىدېئولوگىيە يارىتىشقا بولامدۇ يوق؟

ئىنسانىيەت ھازىر بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدىغاندەك ئەمەس.ئىنسانلار بۇرۇنقى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن يېڭى ئىزم ۋە ئىدېئولوگىيەلەرگە قۇچاق ئاچىدىغاندەك تۇرمايدۇ، چۈنكى ھازىر ئىنسانلار ئۈمىدسىزلىك، ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلغان نىھىلىزىم (ھېچلىق)تۇيغۇسى ئىچىدە تۇرماقتا. شۇڭلاشقا دەسلەپكى قەدەمدە قىيامەت سېنارىيەلىرىگە قۇلاق سالماي ھازىرقى خۇدۈكسىرەش ۋە تېڭىرقاشتىن قۇتۇلۇش كېرەك، خۇدۈكسىرەش كىبىرلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. خۇدۈكسىرەش دۇنيانىڭ قايسى تەرەپكە (تۆۋەنگە قاراپ) ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلىشتىن كېلىپ چىققان تۇيغۇدۇر. ھەيران قېلىش بولسا كەمتەرلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، نىسبەتەن ئەقلىي بولىدۇ. كوچىغا چىقىپ «قىيامەت كېلىۋاتىدۇ»دەپ ۋارقىرىغۇڭىز بولسا ئۆز-ئۆزىڭىزگە شۇنى دەپ بېقىشنى سىناپ كۆرۈڭ: «ئۇنداق ئەمەس، مەن ئەسلىدە دۇنيادا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن.»

كىتابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا بىزنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقان يېڭى ئېھتىماللىقلار ۋە قانداق ئىلگىرىلەش مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىمەن. ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىشتىن ئىلگىرى، تېخنولوگىيەنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەرنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئۇچۇر-ئالاقە ۋە بىيوتېخنولوگىيە تەرەققىياتى ھازىرچە ئۆمىلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان لىبېرالىزمدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. بىرمىڭھام، ئىستانبۇل، سائنتپېتېرسبۇرگ ۋە بومباي قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدىغان كۆپ قىسىم ئىنسان سۈنئىي ئەقىلنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ پەيدا قىلىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئاز مەلۇماتقا ئىگە. شۇنىسى ئېنىقكى، كەلگۈسىدە تېخنولوگىيەنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىشىپ، ئىنسانىيەت مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى قىيىن سىناقلارغا دۇچار قىلىدۇ، بۇ بەس-مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. ئىنسانىيەتنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش مەقسىتى بولغان ئىزم، ئىدېئولوگىيە ۋە باشقا ئىدىيە ئەندىزىلىرى ئالدى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە ۋە بىيوتېخنولوگىيەدىن تەشكىل تاپقان قوش ئىنقىلابقا تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتى نۇقتىسىدىن باھالىنىدۇ. ئىسلام، خىرىستىيانلىق، يەھۇدىيلىق، لىبېرالىزم، مىللەتچىلىك ياكى باشقا يېڭى تەلىماتلار 2050-يىلدىكى دۇنيانى شەكىللەندۈرمەكچى بولسا، سۈنئىي ئەقىلنىلا ئەمەس بۈيۈك ئالگورىتمىلارنى ۋە بىيو – ئىنژېنېرلىقى قاتارلىق زور تەرەققىياتلارنى چوقۇم ئىزاھلىيالىشى، بۇلارغا مەنا ئاتا قىلالىشى، بۇلارنى مەلۇم قىممەتكە ئىگە قىلالىشى ۋە بۇلارنى مەلۇم رامكىغا كىرگۈزۈلىشى، ھەممىدىن مۇھىمى بۇلارغا ماسلىشالىشى كېرەك.

بۇ تېخنولوگىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كەسىپ، ئىش ۋە خىزمەت قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ چىقىش لازىم. 2015-يىلدىن بۇيان دۇنيا كېزىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق دۆلەت مەمۇرلىرى، كارخانىچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمەن. سۈنئىي ئەقىل، بۈيۈك ئالگورىتمىلار ۋە بىيو- ئىنژېنېرلىق قاتارلىق ساھەلەردە پاراڭلىشىشتىن زېرىككەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بىرلا كەلىمىنى سەرپ قىلىمەن، بۇ كەلىمە ھەقىقەتەن ئىشقا يارايدۇ، بۇ سىرلىق كەلىمىنىڭ ئىسمى: ئىش. تېخنولوگىيەلىك تەرەققىياتلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مىلياردلارچە ئىنساننىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىرمۇ ئىدېئولوگىيەنىڭ بۇ ئىشقا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالىدىغان، تۇيۇقسىز سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولىدىغان ھالەتتىكى ئىشقا يارىماس فۇنكسىيەسىز ئىنسان دۆۋىسى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. تېخنولوگىيە ۋە ئىدېئولوگىيە مەسىلىلىرى قۇلىقىمىزغا تولىمۇ ئابستراكت بىلىنىشى مۇمكىن، لېكىن كوللېكتىپ ئىشسىزلىق ياكى شەخسىي ئىشسىزلىققا ئوخشاش رېئال بىر ھادىسىگە ھېچكىم پەرۋاسىز قالمايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى