24مەۋسۇم
تۆت پەسىل، يىگىرمە تۆت مەۋسۇم — قەدىمكى ئەجدادلار بىر يىل ئىچىدىكى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى ئەرتەياز (ئەتىياز، باھار)، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. بىر پەسىل ئۈچ ئاي بولۇپ، ئادەتتە 11-، 12- 1- ئايلار قىش پەسلىگە؛ 2-، 3-، 4- ئايلار ئەتىياز پەسلىگە؛ 5-، 6-، 7- ئايلار ياز پەسلىگە؛ 8-، 9-، 10- ئايلار كۈز پەسلىگە تەۋە بولىدۇ.
دېھقانلار كالىندارى بويىچە بىر يىل 24 مەۋسۈم بولىدۇ.
ئەتىياز پەسلى:
- باش باھار (2- ئاينىڭ 4- ياكى 5- كۈنى)
- ئەگىز سۈيى (2- ئاينىڭ 19- ياكى 20- كۈنى)
- جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
- ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىكى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
- چوكانتال (4- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
- قىزىلكوس (4- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)
ياز پەسلى:
- باش ياز (5- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
- دان تۇتۇش (5- ئاينىڭ 21- ياكى 22- كۈنى)
- ئورما ۋاقتى (6- ئاينىڭ 6- ياكى 7- كۈنى)
- يازلىق كۈن-تۈن توختىشى (6- ئاينىڭ 22- ياكى 21- كۈنى)
- باش تومۇز (7- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
- تومۇز (7- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
كۈز پەسلى:
- باش كۈز (8- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
- كۈزگى تېرىم (8- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
- ئاق شەبنەم (9- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
- كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىكى (9- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
- سوغۇق شەبنەم (10- ئاينىڭ 8- ياكى 9- كۈنى)
- قىروۋ چۈشۈكى (10- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
قىش پەسلى:
- باش قىش (11- ئاينىڭ 8- ياكى 7- كۈنى)
- سېرىق قار (11- ئاينىڭ 23- ياكى ياكى 22- كۈنى)
- ئاق قار (12- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
- قىشلىق كۈن-تۈن توختىشى (12- ئاينىڭ 22- ياكى 23- كۈنى)
- قارا سوغۇق (1- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
- قاپاقياردى (1- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)