29. ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز
-سۆيگۈ قەپىزىدىن ئەقىل قوندىقىغا
«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىنى يېزىپ بولۇپ ئاخىرىنى داۋام قىلمىدىم. سەۋەبى بىرى ۋاقتىم چىقمىدى، يەنە بىرى نېمىلەرنى كەم نېمىلەرنى ئارتۇق، نېمىنى ئۇتۇقلۇق، نېمىنى ئۇتۇقسىز يازغانلىقىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. يازمامنى ياقتۇرغانلاردىن سورىدىم، ئەمما ئېنىق جاۋاپ چىقمىدى. ئارىدا بىر ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى. دېيىلىشىچە ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ 30 ياشقا كىرىپ قالغان، بىر بالىلىق بولغان بىر يىگىت ئۆيىنى گۆرۈكەشكە 80 مىڭ سومغا گۆرۈگە قويۇپ يوقاپ كېتىپتۇ. ئانا يىغلاپتۇ، قېرىنداشلار ئىزدىمىگەن يەر قالماپتۇ. بالا يوق. بالىنىڭ قېرىنداشلىرى نەچچە يىلدىن بېرى قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ، يوقاپ كېتىپ كۆپ جاپا سالغان ئىنىسىنىڭ دېرىكىنى قىلالماي تىت ـ تىت بولۇپ تۇرغاندا ئانىسىنىڭ بۇ گېپى بەك ئېغىر كەپتۇ. <سىلەر ھەممىڭلار ئۆزگۈرنىڭ يامان گېپىنى قىلىسىلەر، يامان كۆرىسىلەر، شۇڭا تۈزۈك ئىزدىمىدىڭلار. شۇ بالام مەندىن كېيىن قالسا ئاراڭلاردا خار بولۇپ قالغۇدەك. مەن ئۆلۈپ كېتەر بولسام شۇ بالامغا دورا بېرىپ ئۆزەم بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن.> بۇ گەپ ماڭىمۇ بەك تەسىر قىلدى. يېقىندا ماڭا خەت يازغان بىر دوستىمىز ئامېرىكىدىكى ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سوراپتۇ. يەنە بىر ئاچىمىز ئەدەبىي خاتىرەمنىڭ «ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز»دېگەن بۆلىكىگە باھا بېرىپ < بىز ئۇيغۇرلار پەرزەنتىمىزنى باغرىمىزغا تېڭىپ، مۇھەببەتتىن پۈتكەن تەۋەرۈك بۆشۈكىمىزگە بۆلەپ، بىر ئۆمۈر سۆيگۈمىز بىلەن پەپىلەپ، مېھرىمىزگە چۆمدۈرۈپ چوڭ قىلىمىز > دەپ يېزىپتۇ، ۋە بۇنى ئۇيغۇر ئانىلىرىدىكى خىسلەت دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈمدە ئامېرىكىلىق ئانا ۋە ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ پەرزەنت سۆيگۈسى، تەربىيىسى، دەردى ۋە كەچۈرمىشلىرىدىكى پەرقلەر ۋە بۇلارنىڭ سەۋەبلەرى، نەتىجىلىرى ھەققىدە يازغۇم كەلدى.
مەن ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئامېرىكىلىق ئانا 50 تىن ئاشقان پروفېسسور. يالغۇز ئىككى قەۋەتلىك داچىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ خانمىنىڭ 80 دىن ئاشقان ئانىسى ھېلىمۇ ھايات. بىر قانچە قېتىم ئۆيىگە باردىم، لېكىن قىزى توغرۇلۇق كۆپ توختالمىدى. پەقەت قىزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى گېرمانىيەدە ئوقۇغىدىنلا خەۋىرىم بار. سەۋەبى گېرمانىيىدە ئوقۇغان ئانىسى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن نارازىكەن. بىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ قائىدىسى بويىچە قىزىڭىز قانداق، ئانىڭىز تېنچلىقمۇ؟ دېگەندەك سۇئاللىرىمىزغا قىسقىلا <ياخشى> دەپ قويىدۇ. مەنغۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەھۋال سوراشقاندا ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىمايدىغانلىقىنى بىلگەچ باشتا ئۆيدىكى قىزىنىڭ رەسىمىگە قاراپ سوراپ تاشلىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا سوراپ باقمىدىم. ئەمما بۇ خانىمنىڭ بۇنداق سۇئاللارنى سورىغان باشقا يېڭى كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئانىغىمۇ قىسقىلا جاۋاپ بەرگىنىنى كۆردۈم. ئانىسى لوس _ ئانژىلىستا تۇرىدىكەن. بىرلا قىزى بولۇپ، ئۇ كانادادا ئوقۇيدىكەن. بىر قېتىم كانادا چىگىرىسىغا يېقىن بىر شىتاتقا يىغىن ۋە تەربىيىلىنىشكە بىللە باردۇق. بەلكىم قىزى بىلەن كۆرۈشەرمىكىن دەپ ئويلىسام ئۇمۇ بولمىدى. ساق ئىككى ئاي تۇرغان بولساقمۇ كانادادا تەتىل قىلىۋاتقان قىزى ئانىسىنى كۆرگىلى كەلمىدى. (ئاڭلىشىمچە تەتىلدە ئىشلەپ كېيىنكى مەۋسۈمنىڭ پۇلىنى تاپمىسا بولمايدىكەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا ئاتا ئانىلار قۇربى يەتسە، ياكى خالىسا بالىسىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بېرىدىكەن، ياكى قەرز بېرىدىكەن. لېكىن ئوقۇش پۇلىنمۇ، تۇرمۇش پۇلىنىمۇ پۈتۈنلەي ئاتا ئانىسى تۆلەپ بېرىدىغان ئىش ئاساسەن مەۋجۇد ئەمەسكەن.) بىزنىڭ پروفېسسور خانىممۇ قىزىنى يوقلاپ بارمىدى.
ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە بىر مەزگىل تۇرغان بۇ خانىم، ماڭا پات _ پات <ئۇيغۇر ئانىلىرى پەۋقۇلاددە ئانىلار> دەپ قويىدۇ. بىر كۈنى بۇ خانىم يىغلاپ بالكونغا چىقىپ كەتتى. ئىچى بوشاپ كىرگەندە سورىسام، ساقچىدىن تېلېفون كەپتىمىش. ئانىسى ماشىنا ھەيدەپ كۆكتاتقا چىقىپ ماڭغان يولىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. ساقچى بايقاپ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن قىزىغا تېلېفون قىلغانىكەن. <سانوتۇرىيەگە بار، دېسەم مەن ساق دەيدۇ. باقىدىغان ئادەم ياللاپ بېرەي دېسەم، ھاجىتىمدىن ئۆزەم چىقىمەن دەيدۇ. ئانام دائىم مۇشۇنداق بىزنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالدايدۇ> دەپ يىغلاپ كەتتى پروففېسسور. بىر ئاز تەسەللى بېرىپ <سىز ئۆيىڭىزگە ئەكىلىۋالسىڭىز بولمامدۇ> دېسەم، <ئاپام ئۇنىمايدۇ، ئامېرىكىدا ئادەتتە بۇنداق ئىش جىق يوق. مەن ئانامنىڭ قېشىغا بارساممۇ بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تۇرمايمەن. ئامېرىكىدا ھەر قانچە يېقىن كىشىلەرمۇ بىرىنىڭ ئۆيىدە ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق تۇرمايدۇ. بالا ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا يىگىرمە كۈن تۇرۇشى مۇمكىن> دەيدۇ. بۇ خانىم لوس _ ئانژىلىستىكى ئاپىسىنى مىلاد بايرىمىدا يىلدا بىر كۆرگىلى بارىدىكەن، قىزى شەپائەت بايرىمى ۋاقتىدا كېلىپ ئانىسى بىلەن بايرام قىلىدىكەن. ئايروپىلان قاتنىشى ھەم قولاي، ھەم ئەرزان بۇ ئامېرىكىدا ئارىلىق ئېشىپ كەتسە ئىككى سائەتلىك يول. كېيىن باشقا سىتۇدېنتلاردىنمۇ سوراپ باقتىم. تەتىل بولسا ئۇلار ئاساسەن ئىشلەيدىكەن. ئارىلىقتىكى قىسقا دەم ئېلىشلاردا ساياھەتكە بارىدىكەن. مەن ئىككى يىلدىن بېرى مەھەللىمىزدە ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كېلىپ بالىلىرى بىلەن تۇرۇپ كەتكەننى كۆرمىدىم. ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالى مەكتەپتىكى بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى بەك ھەيرانلىق قوزغايدىغان ئىش بولغاچقا مۇنداق ئاتا-ئانىلارنى «تىك ئۇچاردەك ئاتا-ئانىلار» دەپ ئاتايدىكەن.
مۇنداق دېگەنلىك ”تىك ئۇچاردەك بالىلىرىنىڭ بېشىدىن ئەگىپ كېتەلمەيدىغان“ دېگەن مەنىدە ئىكەن. ئادەتتە بالىلىرىنى يوقلاپ كەلگەن ھېندىستانلىق، جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلارنى كۈندە كۆرۈپ تۇرىمەن، ئۇلار ئاساسەن نەۋرە باققىلى كېلىشىدۇ. ئامېرىكىلىقلار دائىم بۇ ئىشلارغا تاڭ قالغانلىقىنى يوشۇرالمايدۇ. بۇنداق دېگەنلىك ئۇلار مېھىرسىز دېگەنلىك ئەمەس. ھەر يەكشەنبە چىركاۋدا ئۇچرىشىدىغان ئائىلىلەر كۆپ، ئايدا بىر دالا تامىقى يەيدىغان قېرىنداشلارمۇ نۇرۇغۇن. ئەمما بۇنداق ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا چەكسىز بېقىلىش، يۆلىنىش، ھەمدەرتلىك يوقنىڭ ئونىدا. بالا باققاننىڭ ئۈستىگە بۇنداق نەۋرە باققۇچىلار قوشۇنى جۇڭگودىن ئەڭ جىق. ھېندىستانلىق قوشنامنىڭ ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىدە ئانىسى كېلىپ نەچچە ئاي تۇردىكىن بىلمىدىم. تۈرلۈك سورۇنلاردا بولدۇم، بەزى شەھەرلەرنى كەزدىم. ھەتتا جىقراق ئادەم بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئامېرىكىنى چۈشىنەي دەپ ئالتە كېچە كۈندۈز ئاپتۇبوسقا ئولتۇرۇپ ئامېرىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئاۋال شەرقى دېڭىز قىرغىقىغا ئاندىن ئاندىن جەنۇبى ئۇچىدىكى مايئەمىگىچە بېرىپ كەلدىم. مەيلى ئاپتوبۇس ئىچىدە، ياكى بېكەتتە ماشىنا ساقلاۋېتىپ بولسۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىلىرنىڭ غېمىدە دەرت تۆكۈشكىنىنى كۆرمىدىم. بۇ يەردە مەن ئۇچراتقان ئانىلارنىڭ بالا غېمى، يا بالىلارنىڭ ئانا ھەسرىتى يوقتەكلا كۆرۈنىدۇ.
مەن تىلغا ئالغان خانىمنىڭ ئوغۇل دوستى بار. چىرايلىق ياسىنىپ كىيىكتەك تاقلاپ يۈرىشى 30 غا توشمىغان چوكانلارنى ئەسلىتىدۇ. كۈندە مەكتەپكە ۋېلسىپىتنى ئۇچقاندەك مىنىپ كېلىپ، دەرسىنى ھەممەيلەننى ئاغزىغا قارىتىپ سۆزلەپ يەنە ئۇچقاندەك كېتىپ قالىدۇ. ئۆزەمچە مېنىڭ تېخى قىرىققا بارمىغان قىز ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن، قىزىق يېرى ئۇلار ھازىرلا ماڭا نەۋرە بېقىشنىڭ پارڭىنى سېلىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ”پىنسىيىگە چىقسام“ دېيىشلىرىنى توغرا چۈشەنسەممۇ، بالدۇرراق نەۋرە باقسام دېگەنلىرىگە ھەيران قالىمەن.
ئامېرىكىدىكى ئانا بالىلىق مېھىرگە باققاندا بىزدىكى ئانا ـ بالىلىق مۇھەببەتنى تېخمۇ چەكسىز، مەڭگۈلۈك دېگۈم كېلىدۇ. ئۇيغۇر ئانىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدا ئۇيغۇردىكى ئانا مېھىرنىڭ دېڭىزلىقىغا چىنپۈتىمەن. بەزىدە مۇشۇ مېھىر دېڭىزىدا غالىپلارچە ئۈزىۋاتقانلارنى كۆرسەم، بەزىدە كېمە سېلىپ ساياھەت قىلىۋاتقانلار كۆزۈمگە چېلىقىدۇ. يەنە بەزىلەرنى بۇ پايانسىز سۆيگۈ دېڭىزىدا تۇنجۇقۇپ جان تالىشىۋاتقاندەك پەرەز قىلىمەن. قايسى سورۇنغا بارسام ئانىلارنىڭ بالا غېمى، ھەر قانداق قاتناش ۋاستىسىدا بالا دەردىدە مىڭ پارە بولغان ئانىنى ئۇچرىتىمەن. ئۇيغۇر ئانا بالا باقىدۇ، ئۆيلەيدۇ، ئۆي ئالىدۇ، نەۋرە باقىدۇ لېكىن نېمىگە ئېرىشىدۇ؟ 30 ياشقىچە بىر پۇل تېپىپ <ئانا، ماۋۇ مېنىڭ تاپقىنىمكەن> دېيىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، نەچچە يۈز مىڭ سومغا ئېلىپ بەرگەن ئۆينى گۆرەگە قويۇپ قاچقان بالا، ئانىسى يول مېڭىپ 11 قېتىم خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرسا قىلمىغان، ئوڭشۇلۇپ قالامدىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئۆيلەپ قويسا خوتۇنىنى قىمارغا ئۇتتۇرىۋەتكەن بالا، ئايالى بوشانغاندا دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغان پۇلنى ئانىسى بەرسە، شۇ ئاخشىمى قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بالىسىنى قۇرۇق نان بىلەن ئېغىزلاندۇرغان بالا، ھەممە تەئەللۇقاتنى ئۇتتۇرۇپ، قاتمۇ _ قات قەرزگە بوغۇلۇپ ئاغرىپ ياتقان بالا…مۇشۇلارنىڭ ھەممىسنى مەن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ۋە ئەتراپىمدىنلا ئاڭلىدىم. 19 يىل بولۇپتۇ، ئادەتتە يۇرتتا بولغان ۋاقتىم بىر ئايدىن ئاشماپتۇ. كۆپ چاغلاردا ئاڭلىغانلىرىمنى ئۇنتۇپ كەتتىم. يوقارقىلار مەن ئۇنۇتالمىغان ئىشلار. بۇ ۋەقەلەردە باش رولچى ئانا ۋە ئوغۇل بالا. كۆپىنچە ئانا تۇل، بالا ئەركە. قاقشاتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىنىڭ چوڭى ياكى كەنجىسى. مەن بۇنداق ئانىلارنىڭ ئىسەدەپ قىلغان دۇئاسىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئاڭلىغان، مېنىڭ ئېچىنغىنىم، شۇنچە مۇڭلۇق، تەسىرلىك دۇئانىڭ بالىنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، دائىم ئانىنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى. ئاللاھقا تۆۋىلەرنى گۇناھكار بالىنىڭ ئەمەس، كۆڭلى بېشىدىكى رومالدەكلا ئاق ئانىلارنىڭ ئېيتىشى. ياخشى يول، ئىنساپ، ھىدايەت ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىنىڭ ئازغان بالا ئەمەس باغرى قان ئانا بولۇشى.
مەن بەزەن كېچە ئۇخلىماي بالىسىغا ئىمان، توغرا يول، ۋىجدان تىلەپ ئاللاھقا زار _ زار يىغلاۋاتقان ئانىلارنى كۆرگىنىمدە، شۇنچە دۇئالاردىن كېيىنمۇ بالىلار دىيانەتكە، ھىدايەتكە، توغرا يولغا قايتمىسا مۇشۇ پەرىشتە ئانىلارنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە مەرھىمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. شۇ ئانىلار ئۈچۈن مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىسام، ئانىلار <بۇ بالىمىزنىڭ دىلىغا ئاللاھ مۇشۇ يولنى سالغانىكەن، بالىمىزنى يامان يولدىن توسۇپ قالدى، ئاللاھ كۆزدىن ئايرىغاننى ھاسىسىدىن ئايرىمايدىكەن> دەپ خاتىرجەم نامىزىنى داۋام قىلسىكەن دەيمەن. ئانىلارغا <سۆيۈملۈك ئانا، مەن بالىڭىزغا يارىدەم بېرەي، بالىڭىزنى بېرەلەمسىز؟ مەسلىنىڭ بالىڭىزدىكىلا ئەمەس بالىلاردىكى مەسىلە ئىكەنلىكىگە قايىل بولامسىز؟ بالىڭىزنى ئەقىدە ئۈچۈن باشلىغان سەپىرىمىزگە ئۇزۇتالامسىز؟ سۆيگۈڭىزنىڭ كىشەن، زىندان، قەپەزگە ئايلىنىپ قالغىنىغا ئىشىنەمسىز؟ بالىڭىزنىڭ سۆيگۈنىڭ كۈچى بىلەن بىلەن توختاۋسىز ئالغا بېسىشنىڭ ئورنىغا سۆيگىنىڭ يۈكى ئاستىدا پۇشۇلداپ ياتقىنىغا شۈكۈر قىلامسىز؟ ئانا، دۇئا، ئىشەنچ، رىغبەت سىزدىن بولسۇن، تەربىيە، يېتەكچىلىك، مېھىر بىزدىن بولسۇن قوشۇلامسىز؟> دېگۈم كېلىدۇ. ئەمما تەجرىبەمدىن قارىغاندا ئانىلار مېنىڭ تەدبىرىمدىن بەكرەك دۇئانىڭ قۇدرىتىگە ۋە ئانىلىق مېھرىنىڭ بالىلىرىنى ھامان تەسىرلەندۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشىدۇ.
ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ مېھرى تارىمدەك ئۇلۇغ، كارىزدەك مۆجىزىلىك. مەن ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئامېرىكىلىق ئانىلاردەك بالا بېقىش لەززىتىنى ئەمەس جاپاسىنى تولا تېتىشىنىڭ سەۋەبىنى توۋەندىكىچە چۈشەندۈرۈپ باقتىم. 1. تۆشەككە ئايلانغان ئانىلىق مېھرى. مەن پەقەت پەرزەنتلەرنى مۇھەببەتتىن پۈتكەن تەۋەرۈك بۆشۈكلەرگە بۆلەپ چوڭ قىلغان بىر قىسىم ئانىلىرىمىز بۆشۈككە بىر بۆلىگەنچە مۇھەببەتكە بوغۇپ قويۇۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىمەن. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بالا ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تۆشەك بولىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ تەييار تۆشەكتە تېگى مۇزلاپ ئۈششىمىگۈچە دەس تۇرمايدۇ ۋە تۇرالمايدۇ. بۇنىڭغا ھېلىقى قىمارۋاز ئوغۇللارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. 2. مۇھەببەت نامىدىكى پىرىنسىپسىزلىق ۋە زىيانكەشلىك. باشتىكى ئانىنىڭ ”سىلەر ھەممىڭلار ئۆزگۈرنىڭ يامان گېپىنى قىلىسىلەر، يامان كۆرىسىلەر، شۇڭا تۈزۈك ئىزدىمىدىڭلار. شۇ بالام مەندىن كېيىن قالسا ئاراڭلاردا خار بولۇپ قالغۇدەك. مەن ئۆلۈپ كېتەر بولسام شۇ بالامغا دورا بېرىپ ئۆزەم بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن“ دېگەن سۆزلىرى پىرىنسىپسىزلىق، دىنىمىزغا خىلاپ. دىنىمىزدا جاننى ئاللاھ بەرگەن، ئالغۇچىمۇ شۇ ئاللاھ بىر ئۆزى. بىر قىسىم ئانىلارنىڭ قىلىۋاتقىنى بالا مىھرىگە ئورالغان ئۆزىنى ۋە ئۆزگىگە زىيانكەشلىك قىلىش، خاراپ قىلىشتۇر. مەن ئاڭلىغان ھېلىقى بالىسىنى 11 قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئانا بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئانىسى ئىدى. بۇ ئانا ئوغلىنىڭ ھاراقنى تولا ئىچكەنلىكتىن پەرزەنت كۆرەلمەس بولۇپ قالغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوغلىنى ئۆيلەپ باشقا بىر ئانا بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقىنى پايخان قىلىپتۇ. بۇ مۇھەببەتنىڭ ئەقىلنى، ئىنسانلىقنى، ئەخلاقنى خاراپ قىلىشى بولماي نېمە؟ 3. قەپەزگە ئايلانغان ئانىلىق سۆيگۈسى.
بالىلار بۇزۇلۇپ كەتتى. چۈنكى يامانلىقلار كوچىمىزدىلا ماراپ يۈرىدۇ، دەپ ئانىلارنىڭ قىلىۋاتقىنى بالىنى بۇزۇۋاتقان مەھەللىنى يامانلاش لېكىن تۈزەشكە كۈچىمەسىلىك. ئۇلار «كەينىمنى بۆرە يىسە يىسۇن كۆزۈم كۆرمىسۇن» دېگەندەك بالىلىرىنى ئۆيگە قاۋاش، بالىسى نەگە بارسا كەينىدىن پايلاش، بالىسىدىكى گۇناھنى دوستلىرىدىن، قورۇدىكىلەردىن كۆرۈپ باتناش بولۇۋاتىدۇ. بالىنىڭ تېنىنى قاۋىغان بىلەن قۇترىغان ھەۋەسلىرىنى بەنت قىلالامدۇق؟ بالىمىزنى توسىغان بىلەن جەمئىيەتتە ھەۋەسلەرنى قۇترىتىۋاتقانلارنى توسالامدۇق؟ نەپسى بالانى قوزغۇتۇشنى تىجارەتنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالغانلارنى چەكلىيەلەمدۇق؟ چېرىكلىكتىن نەپ ئالغان بالىمىز چېرىكلىكتە تۇنجۇقىۋاتسا ئۇنىڭغا تۇتقان ھىدايەت گۈلىمىزنى پۇرۇتالامدۇق؟ چىڭگىزخان داموللام «زېمىن پاك بولمىسا ناماز قوبۇل بولمايدۇ» دېگەنىكەن. بالىمىزنى كىچىكىدىن ئوشۇق ئىشقا ئارىلاشما، ھەق ـ ناھەق دەپ تالاشما، قورسىقىڭنىڭ تويغىنىنى بىلىپ تېنچ بېرىپ، تىنچ كەل بالام دەپ قەپەزدىكى قۇشنى باققاندەك بېقىپ قەپەزگە پاتماي قالغاندا ناپاك زىمىنغا قويۇۋەتسەك بالا ئەپلەپ ئۇچالامدۇ؟ چۈشسە نەگە چۈشىدۇ؟ 4. مېھىرنى قالقان قىلىپ ھەممىنى زەيىپلىككە، قېرىلىققا، دۆڭگەش. بۇرۇن ئانىلارنىڭ ئاغزىدىن يېشىم چوڭلاپ كەتتى، ئەمدى بالام ئۈچۈن ياشايمەن، بىزنىڭ بولۇشىمىز مۇشۇ بولۇپ قالدى ئەمدى ئىشنى بالىلار قىلىدۇ… دېسە، ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقى ھەققىدە خىيالغا كېتەتتىم. ئانىلار ئۈمىدىم بالىلاردا، مەن نېمە بولسام چىداپ بالام ئۈچۈن ياشايمەن، ئۆزەم ئۆگەنگەنلىرىمنى يەپ بولدۇم، مۇشۇ بالىلارنى ياراملىق قىلىپ قاتارغا قوشسام… دېگەن گەپلەردىن تەسىرلىنەتتىم. ھازىر ئويلىنىدىغان بولدۇم.
سىز ئىنساندەك قەدرىڭىز بىلەن ياشىيالمىسىڭىز بالىڭىز قەدىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ چوڭ بولارمۇ؟ قەدىرلەش، قەدىرلىنىشنى ئۆگىنەلەرمۇ؟ سىز بىلمەي بالىڭىزغا نېمىنى ئۆگىتىسىز، سىز ئۆگىتەلمىسىڭىز بالىڭىز بىلەن ئارىلىقىڭىز ئۇزاقلايدۇ، بالىڭىز خەقتىن، تەڭتۇشلىرىدىن، مۇھىتتىن ئۆگىنىدۇ. سىز قاقشاۋاتقان مۇھىت بالىڭىزغا نېمە ئۆگىتەر؟ سىز ھاياتتىكى مەسىلىڭىزنى ئەقلىڭىز بىلەن ھەل قىلماي بالىڭىزدىن قايسى جاسارەتنى كۈتىسىز؟ بالا سىزنى ئۈلگە قىلسا سىزنىڭ بالىڭىز، سىز ئۈلگە بولالمىسىڭىز كىمنىڭ بالىسى بولار؟ 5. سۇلغان ئاتىلىق ۋە ئەرلىك روھى. ئانىلارنىڭ بارلىق مېھرىنى بالىغا بېرىشىگە ۋە بۇ مېھىرنىڭ پەرزەنتلەر ئاياقلىرىدىكى كىشەنگە ئايلىنىپ قېلىشىدا بىر قىسىم ئەرلەردە ئاتىلىق مەسئۇلىيەت ۋە روھنىڭ سۇلۇشى ئاساسلىق سەۋەپ. ئۆيدە ئاياللىق سۆيۈلۈش بەختىدىن مەھرۇم قالغان ئانىلار بارلىق سۆيگۈسىنى بالىسىغا بېغىشلاپ، بالىغا بولغان سۆيگۈنى ھاياتىنىڭ مەنىسى قىلىۋالغان. ئائىلىدىكى بالىغا ئائىت مەسئۇلىيەتلەرنى ئاساسەن ئانىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى بالىلارنى تەبىئىلا كىچىكىدىن ئانىلارغا تايىنىدىغان قىلىپ قويغان. ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا كەلگەنلەرنىڭ، يەسلىگە بالىسىنى ئالغىلى كەلگەنلەرنىڭ، بالىسىنى ئەملەتكىلى كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچە ئانىلار بولۇشى كىشىنى ”ئاتىلارنىڭ زادى نېمە رولى باردۇر؟“ دېگەن تۇيغۇغا چۈمدۈرىدۇ. بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ بىرەر پالاكەتكە ئۇچرىغاندا تەدبىر قىلىش ئورنىغا دوستلىرىنى يىغىپ ھاراق ئىچىشى، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن پۇل تېپىش، جان تىكىپ ئۆگىنىش، قان تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەشتىن ئەمەس خىزمەتدېشىغا ”كۆڭۈل يەتكۈزۈش“، باشلىقىنىڭ “ ھاجىتىدىن چىقىش“ قاتارلىقلاردىن ئىزدىشى ئەرلىك روھنىڭ سۇلىشىدۇر. دېمەك، بۇنداق ئەرلىك روھ ۋە ئاتىلىق مەسئۇلىيەت سۇسلىغان ئائىلىدە ئۆسكەن بالىلار ئانىلارغا ئۆمۈرلۈك يۈك بولماقتا.
جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قاتلام يۇقارقىدەك ئەرلىك روھنىڭ ئورنىنى ئالغان ئانىلىق مېھىرنىڭ ئەللەيلىشىدە يېتىشكەن كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا، بۇنداق كىشىلەر ئەقىلىي ھۆكۈمنىڭ ئۆتكۈرلىكى، رەھىمسىزلىكى، ۋە مۇرەسسەسىزلىكىگە ئەمەس، ھەممە ئىشتا ئەۋرىشىملىككە، پىرىنسىپسىزلىققا، كۆڭۈلچەكلىككە ياتىدىغان پىكىرلەر ۋە ئىددىيەلەرگە مايىل بولۇپ ياشىماقتا. ئاتىلارنىڭ ئەقىل زۇلپىقارلىرى داتلاشقانلىقتىن ئانىلار تۈزەلمىگەن ئىللەت، يوقالمىغان ئاپەتنى، نىمجانلاشقان پەرزەنتلەرنى ئېرىتىش ئۈچۈن چەكسىز مېھرى بىلەن قۇچاقلاشقىلا كۈچى يەتكەن ئانىلارنىڭ بوغۇزىغا قاپلاشقان نۇرغۇن سۆزلىرى بار. مۆرىتىدە بىر ئانىنىڭ يېقىندا دادا ھەققىدە دېگەن مۇنۇ سۆزىنى مىسالغان ئالغۇم بار. ”بۆرىدەك تۆت ئوغۇل تۇغدۇم، ئارىسدىن بىرى ماشىنا ئېلىپ ھەيدەي دېسە خەتىرى بار دەپ يول قويمىدى. سودا ئېچىلغان چاغلاردا يەنە بىرسى سودا قىلاي دېسە تەۋەككۈلچىكى يامان دەپ ئۇنىمىدى. يەنە بىرى خىزمەتنى تاشلىغان چاغلاردا ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالارمۇ دەپ ئولتۇرالمىدى. ئەمدى بالا ئويلىغانلىرىنى يازسىمۇ تىترەپ كېتىدىغان ئىشمىكەن؟ ھەممىز بەرسەڭ يەيمەن ئۇرساڭ ئۆلىمەن دەپ خۇدايىم بەرگەن جاننى خەقنىڭ تاپىنىدا خار قىلىپ، يا جان تىكىپ پۇل تاپماي…مۇشۇنداق ئۆلۈمتۈك نىمجاندەك ياشايدىغان ئىشمىكەن؟“ مانا بۇ تەۋەككۈلچىلىك، پىداكارلىق، كەسكىنلىك قاتارلىق ئەرلىك خىسلەتلىرى سۇسلاشقان جەمئىيەتتكى بىر قىسىم ئەرلەرگە قارشى قوزغالغان ئانىنىڭ ئىسيانى.
بەزىدە جەمئىيىتىمىزدە خېلى كەسكىن ھەق ـ ناھەق، توغرا ـ خاتا، راست ـ يالغان مەسىلىلىرىنىڭ دوست تارتىشىش، كۆڭۈل ئاياش، چاپان يېپىش قاتارلىق شەكىلدە ھەل قىلىنىپ كېتىشىگە قاراپ ھەممىمىزنى ئانىلىق «مېھرىبانلىق» كېسىلىگە مۇپتىلا بولغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. بەزىلىرىمىزدە ئۇھسىنىپ تەكرارلىنىدىغان ”چىدىساق ياخشى بولۇپ كېتەر، خۇدايىم ئىنسابىنى بېرەر، ياخشىلىقىمىزدىن تەسىرلىنىپ قالار،“ دېگەندەك سۆزلەردىن ئانىلارچە ”ھىسسىيات بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى“ نىڭ ھەممە مەسىلىگە تەدبىقلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئەسلى رىياللىقنىڭ جاۋابىنى خىيالدىن ئىزدەش، بەختىنى تۆت قۇلاقتىن ئىزدەش، كۈلپەتكە ئەقىل، تەدبىر ئىزدىمەي تەسەللى ئىزدەش، ئەقلىي دەلىلگە بەرداشلىق بېرەلمەي غۇدۇراپ ئىچىنى بوشۇتۇش، ئىستىقبالنى تەۋەككۈلچىلىكتىن ئەمەس تەلەيدىن ئىزدەش ئايالىق مىجەزگە ياتاتتى. ھازىر بەزىلەردە ئەۋج ئالغان لاتارىيە قىزغىنلىقىنى تۆت قۇلاق ئىزدەشكە، رەڭلىك سورۇن قىزغىنلىقىنى ئاياللاردىن تەسەللى ئىزدەشكە، مۇنازىرىدە يېڭەلمىسە كاپىرغا، بۆلگۈنچىگە، خىرىستىيانغا چىقىرىش قىزغىنلىقىنى غۇدۇراپ ئىچىنى بوشۇتۇشقا، تارىخى رومان قىزغىنلىقى، ئانا، بالىلىق ھەققىدىكى ناخشىلار قىزغىنلىقىىنى رىياللىقنىڭ جاۋابىنى خىيالدىن ئىزدەشكە ئوخشۇتۇش مۇمكىن.
ئامېرىكىلىق ئانىلارنىڭ ھاياتتىكى خاتىرىجەملىكى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلاردا ئۇيغۇر ئانىلىرىدا بولمىغان خىسلەتلەرنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس. ئەكسىچە ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ دەرتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئاساسەن مەۋجۇد ئەمەس.
چۈنكى 1. ئامېرىكىدىكى ئانا-بالىلىق ئەخلاقى ئەگىشىش ۋە ئەگەشتۈرۈش شەكلىدە ئەمەس. بۇنداق ئەخلاقنىڭ ئاساسى بولغان بوۋىلار ئاتىلارغا، ئاتىلار بالىلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇستاز شاگىرتلارغا ئۇدۇم قالدۇرىدىغان، شاگىرت دۇكان ئايرىپ ھۈنەرنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان دەۋرنى ئامېرىكىلىقلار ئاللىقاچان تاماملاپ بولدى. بۇ جەمئىيەتتە بىلىم، ھۈنەر ۋە چۈشەنچە دېگەنلەر ئاللىقاچان مىراس-ئۇدۇم بولۇپ سىرلىق شەكلىدە داۋام قىلمايدۇ. بەلكى باراۋەرلىك، ئىجادىيلىق، تەشەببۇسكارلىق تەكىتلىنىدىغان ئىلىم سورۇنلىرىدا ھۆر شارائىتتا ئۆگىنىلىدۇ. بىزدىكى ئانا _ بالىلىق ئەخلاقى ئەگىشىش، ئەگەشتۈرۈش ھالىتىدە بولۇپ بۇ بىلىم، ھۈنەر، چۈشەنچىلەر ئۇدۇم، مىراس قالىدىغان دەۋردە شەكىللەنگەن. بۇ ئەخلاقىمىز 60 نەچچە يىلدىن بېرى ھۆكۈمەت ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، باقىدىغان، باشقۇرىدىغان شارائىتتىن ئۆتۈپ ھازىرغا كەلدى.
2. ئامېرىكا جەمئىيىتى بىر مەكتەپ تىپىدىكى جەمئىيەت. جەمئىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ھازىرقى ھەممە تەڭ ئۆگىنىدىغان، بىر بىرىدىن ئۆگىنىدىغان، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشتۇر. بۇنداق جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم، ھەممە يەردە ئۆگىنىشتىن خالى بولالمايدۇ. بۇ يەردە بىلىم ۋە تېخنىكىدىن باشقا ھىچ قانداق ۋاستە شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئارا تۇرالمايدۇ.
3. ئامېرىكلىقلار رىياللىقنى بىزدەك ئائىلە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن رىياللىق سەپەر ۋە بەيگىدۇر. بىز رىياللىقنى بىر ئائىلە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىمىز، ھەتتا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىمۇ ئاكا ئۇكىلىق مۇناسىۋىتى بويىچە تەسۋىرلەريمىز. بولۇپمۇ 80- يىللاردىن بۇرۇن چوڭ بولغانلاردا بۇنداق تەسەۋۋۇر كۈچلۈك. بۇ تەسەۋۋۇردا بىز ئانىلىق مېھىرگە چۆمگەندەك قىلغان بىلەن باراۋەرلىكىمىز، مۇستەقىللىقىمىز، يېڭىلىقچانلىقىمىز بوغۇلىدۇ. ھازىر ئانىلار بالىلارنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدە نېمىگە ئىنتىلىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر بۇ تەسەۋۋۇرلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئامېرىكىدەك شەخسنىڭ ئىجادچانلىقى، مۇستەقىللىقى، دەخلىسىز كىشىلىك ھوقۇقى ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق تەكىتلەنگەن جەمئىيەت بىلەن سېلىشتۇرۇش بىھاجەت.
4. ئامېرىكىدا مۇكەممەل ئىجتىمائى مۇلازىمەت سېستىمىسى بار. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ غەملىرىنى دۆلەت، ھۆكۈمەت، مەسجىد، چىركاۋ، ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى ۋە مەكتەپلەر تەڭ يەيدۇ. بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ساقچى، يىمەكلىك-ساغلاملىقىغا ھەقسىز سەھىيە خادىملىرى، ئەخلاقىغا چىركاۋ، مەسجىد، بالىلار پائالىيەت سورۇنلىرى، كۆڭۈل ئېچىشى، بىلىم ئېلىشى، چىنقىشى، قىزىقىش يېتىلدۈرىشىگە مەكتەپ، كۈتۈپخانا، تىياتىرخانا، تەنھەركەتخانا قاتالىقلار ياردەمدە بولىدۇ. بىزدەك بالىنىڭ ھەممە غېمى ئانىغا يۈكلەنمەيدۇ. ئانىنىڭ جاھان دىشۋارچىلىقلىرى ۋە كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكىدىن سۇلغان چىرايى بالىنىڭ غۇبارسىز قەلبىگە سايە تاشلىمايدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتە ئۆسكەن بالىلار ساغلام ئىنسانى خىسلەتكە، ھاياتقا بولغان چەكسىز قىزغىنلىققا، شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشكە تەشنا بىلىمخۇمارلىققا تولۇپ يېتىشىدۇ. چوڭ موھىت ساغلام بولغاچقا ئامېرىكىدا دادىسىنى ياكى ئانىسىنى كۆرۈپ باقماي چوڭ بولغان، ”يالغۇز ئاتا-ئانىلار“ نىڭ نۇرغۇن بالىلىرى جەمئىيەتتە نورمال روللىرىنى جارى قىلماقتا. قىزىمنىڭ ئۈچ دوستىنىڭ دادىىسى يوق، لېكىن مەن ئۇلاردىن ھىچ قانداق بىنورماللىقنى ھىس قىلمىدىم. ئەگەر ئوخشۇتۇشقا توغرا كەلسەئامېرىكىدا ئانىلىق سۆيگۈسى ئۇۋىغا ئوخشايدۇ. بالا تۇغۇلىدۇ، يېتىلىدۇ، قانات چىقىرىدۇ. يەنە قونداققا ئوخشايدۇ، ئۇچۇرۇم بولغىچە قونىدۇ، يايرايدۇ، پەرۋاز قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. بالا ئۇچۇپ كەتتىمۇ بولدى. بالىنىڭ دەردىمۇ، دىشۋارچىلىقىمۇ، غەلبىسىمۇ، غەنىيمەتلىرىمۇ ئۆزى بىلەن. بىر بالىنىڭ غېمى ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىنى پەرۋانە قىلىدىغان ئىش يوق.
شۇڭا ئامېرىكىلىق ئانىلار بىلەن ئۇيغۇر ئانىلارنى سېلىشتۇرۇش ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە شۇنچە بىئەپ شارائىت، بىنورمال مۇھىت ۋە تۈرلۈك روھى ۋە جىسمانى قىسىماقلارغا قارىماي پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ياشاۋاتقان ئانىلارنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ. پەقەت ئاخىرىدا شۇنى دېگۈم بار: بىزدە ”ئانا دېگەن تىلتۇمار، ئاتا دېگەن زۇلپىقار.“ ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلمايلا غايىپقا دۆڭگىسەك، ئارزۇلىرىمىزنى تۇماردىن تىلىسەك، ھەق بۇيرۇغانغا ئەمەس كۆڭۈلگە ياققانغا ئەگەشسەك، قارارىمىزنى خەقنىڭ قاش _ قاپىقىغا قاراپ چىقارساق ئەقىل زۇلپىقارىمىزنىڭ داتلاشقىنى شۇ. بالىلاردىكى قىمارغا بېرىلىش، ھاراققا بېرىلىش، يالغۇزلۇققا چىدىماسلىقنىڭ قاتارلىقلار مەلۇم مەنىدە تەربىيىمىزدە ئەقىل زۇلپقارنىڭ داتلىشىشىدىن، ئۇنتۇلىشىدىن بولغان. باغىرلىرىمىزنى ئەقىل زۇلپىقارىدىن مەھرۇم چوڭ قىلغىنىمىز ئۇلارنى ھېسسىيات تىلتۇمارىغا مايىل قىلىۋەتكەن. مەن ئۇيغۇر ئانىلارنى پەرزەنتلەرنى سۆيگۈ قەپىزىگە مەھكۇم قىلماي، ئەقىل قوندىقىدىن ئۇچۇرۇم قىلىشقا بەكرەك كۈچىسىكەن دەيمەن.
ئالدىنقى: 30. ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ
كـىيىنكى: 28. قىينچىلىقنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىق