8. سالام، ھۆر شىتات
كانزاس ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇللار كۆپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان شىتات بولۇشىغا قارىماي قۇللۇقنى بىكار قىلىش تەرەپتارى بولغانىكەن. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ يولدىكى تاختىلاردىن ھۆر شىتات دېگەن ئىسىمنى كۆپ چېلىقتۇردۇم. ماڭا ”ھۆر شىتات“ دېگەن سۆز تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈندى ۋە ”ھەرنىمە بولسا ھۆرلۈك ئەنئەنىسى بار كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپتىمەن“ دەپ ھاياجانلاندىم. مېنى ئالغىلى چىققان موڭغۇل بالىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ھۆر پىكىرلىك دەپ تەرىپلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئىچكى ئۇرۇشتا كانزاس شىتاتىغا قوشنا بولغان مىززورى شىتاتى قۇللۇقنى ھىمايە قىلغانىكەن. مىززورىلىق قۇلدارلاركانزاسقا ھۇجۇم قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلىپتۇ. شۇڭا ھازىرغىچە بۇ زىددىيەتنىڭ ئىپادىلىرى مەۋجۇدكەن. ئەڭ گەۋدىلىك يېرى، مىززورى قايسى شىتات بىلەن مۇسبىقىگە چۈشسە كانزاسلىقلار قاشى تەرەپكە چاۋاك چالىدىكەن. كانزاسلىقلارنىڭ مۇسابىقىدىن ئەڭ ھاياجانلىنىدىغىنى مىززورىنىڭ ئۇتتۇرىشى ئىكەن.
مەن بۇرۇن موڭغۇل بالىلارغا دەرس بەرگەن بولغاچ چىرايى بىزنىڭ قازاق قارداشلارغاراق ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ مىللەت بالىلىرىنى خېلى ئوبدان چۈشىنەتتىم. يول بويى قىزغىن مۇڭداشتۇق. ئۇ مېنىڭ تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغىلى كەلگىنىمنى ئاڭلاپ « بۇ كەسپتە بۇ يەدە ئاساسەن چەئەللىكلەر ئوقۇيدۇ، ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئابىستىراكىت كەسپلەردە ئاز» دەپ تونۇشتۇردى. مەن كۆڭلۈمدە ئانچە قايىل بولمۇدۇم، چۈنكى تىلشۇناسلىق ساھەسىدە ئامېرىكا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، بۇ مەكتەپنىڭ تىلشۇناسلىق پىرافېسسورلىرىمۇ ئامېرىكىلىقلار ئېدى. ئۇنىڭ گەپلىرى ”بۇنداق كەسىپ ئامېرىكىدا ئەس قاتمايدۇ، نەپسىز كەسىپنى ھىچ كىم ئۆگەنمەيدۇ“ دېگەن قارىشىدىن كەلگەن بولۇپ، دادىسىغا ئەسقاتمىغان كەسپنىڭ ماڭىمۇ پايدىسىزلىقنى بىر ئامال قىلىپ ماڭا ئىسپاتلاپ بېرىۋاتاتتى. بۇ ئېنىمىزمۇ جان بېقىش بىلەن شەخسى قىزىقىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. ئىنساننىڭ قىزىقىشىنى ئىتىبارغا ئالمايدىغان مائارىپ ئىنساننى مۇشۇنداق قىلىپ قويسا كېرەك. ئۇ بالا دادىسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرىستىتىدە موڭغۇل تىلى پروفېسسورى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئۆزى موڭغۇلچە ئۇقمايدىكەن، مەن ئۇنىڭ موڭغۇلچە ئۇقمايمەن دېگەن سۆزنى شۇنچە تەبىئى دېگىنىدىن ھەيران قالدىم.
بۇ ماڭا چىڭغىزخاننىڭ 800 يىل بۇرۇنقى ئات بىلەن ياراتقان سەلتەنىتى ۋە شۇ سەلتەنەتنىڭ تىرىك ۋارىسلىرى بولغان بۈگۈنكى موڭغۇل ياشلىرى ئەجداد بىلەن ئەۋلاتنى باغلايدىغان خاسىيەتلىك رىشتە__ ئانا تىلدىن ئۈنسىز خوشلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. مەن بۇرۇن دەرس ئۆتكەن موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ خەنسۇچە ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ جىددىيلەشسە موڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئېدىم. گەرچە ئۇلاردا بىزدىكىدەك مەجبۇرى قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلمىغان، ئانا تىلدا ئوقۇش مەمۇرىي ۋە ئىختىسادىي ۋاستىلەر بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان، رىغبەتلەندۈرىلىۋاتقان بولسىمۇ موڭغۇلچىنىڭ يىگىلىشى ئېغىر مەسىلە ئېدى. موڭغۇل ئۇكىمىز بۇ مەكتەبتە 1200دىن ئارتۇق خەنسۇ ئوقۇغۇچى بارلىقىنى سۆلەپ بەرگەندە ھەيران قالدىم ۋە خۇرسەن بولدۇم. 27مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئىچىدە مۇنچە كۆپ خەنسۇنىڭ بولۇشى جوڭگۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر ئۈمىد ئېدى. مەن بۇ ساندا پۇقرالار پەرزەنتىنىڭ پىرسەنتنى ئويلۇنۇپ قالدىم.
لاۋرېنس دېگەن بۇ شەھەر بىر ئۇنۋېرىستىت شەھرى بولۇپ 88مىڭ ئاھالە ياشايدىكەن. سانائەت ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ دېھقانچىلىق ۋە مۇلازىمەت ئاساس ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى كانزاس شىتاتىدىكى قۇللۇققا قارشى بايراقدار ئاموس ئادامس لاۋرېنس دېگەن كىشىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ مەزكۇر كىشى بۇ شەھەرنى قۇرغۇچىلاردىنكەن. شەھەرنىڭ تۆرت پەسىل ئېنىق، ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن تولغان، ھاۋاسىدىن گۈپۈلدەپ تۈرلۈك كۆكات ۋە ياۋا گۈللەرنىڭ ھېدىلا پۇرايدىكەن. كىچىكىمدىن يېزامدا قۇشلار ناۋاسى بىلەن ئويغۇنۇپ كۆنگەن مەندەك سەھرا بالىسىغا بۇ يەردىكى ھەر خىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق چورقىراشلىرى بىلەن ئويغۇنۇش غەمسىز بالىلىغىمنى ئەسلەتتى. بىزنىڭ ۋەتەندە بار قارىغاي، ئۈجمە، ئۈزۈم، ئارچا، قارا ياغاچلارنى مەكتەپ ھويلىسىا كۆرۈپ بىر قەدىناسلىقنى ھىس قىلدىم. زىمىنىمىز، چىرايىمىز، تىلىمىز ھەرخىل بولسىمۇ، جانلىقلار ۋە جانسىزلار جىق پەرقلەنمىسە كېرەك. قەلبىمىزگە ۋە يەر يۈزىگە سىزىلغان سۈنئى چىگرىلار ئىنساندىن باشقا جانلىقنىڭ كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك تارىلىشىنى چەكلىيەلمىگەن بولسا كېرەك. ئەسلى بىزمۇ باشقا جانلىقلاردەك ئەركىن يارىتىلغان، لېكىن ئىنساندىكى شەخسىيەتچىلىك ۋە بۇنىڭ كوللىكتىپ ئىپادىسى بولغان مىللەتچىلىك ئاللاھ ئەقىل ۋە سۆيگۈ بىلەن بېزىگەن دىلىمىزنى ۋە قوۋناق ھايات بىلەن بىزىگەن زىمىنىمىزنى چىگرا، توساقلار ئارقىلىق ئايرىۋەتكەن، قاشالىۋەتكەن. بۇ يەردە كانزاس ئۇنۋېرىستىتى ۋە يەنە بىر ئنىستىتۇت بار ئىكەن. شەھەر ھاياتى مۇشۇ ئىككى مەكتەپنى مەركەز قىلىپ ئايلانسا كېرەك. كوچىلاردا پىيادە كېتىۋاتقان ئادەمنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى، خۇددى بۇ يەردە يوللار ماشىنىلار ئۈچۈن ياسالغاندەكلا. ئەگەر پىيادىلەر يولدىن ئۆتمەكچى بولسا ماشىنىلىق كىشى مۇتلەق ھالدا پىيادە ئادەمگە يول بېرەتتى. مەن بۇنى تۈركىيەدىمۇ بايقىغان ئۇ يەردىمۇ ماشىنىلار خېلى يىراقتىن توختاپ پىيادىلەرگە يول بېرەتتى. قارىغاندا ماشىنا بايلىق ۋە ئەمەلنىڭ بەلگىسى ئەمەس پەقەت بىر قاتناش قورالى دەپ قارىلىدىغان يەرلەردە مۇشۇنداق بولسا كېرەك، بولۇپمۇ كىشىلەر بايلىق ۋە ئەمەل دەرىجىسى بويىچە رۇشەن تەبىقىلەرگە بۆلۈنمىگەن ئەللەردە.
مەيلى چىكاگۇ كوچىلىرى بولسۇن ياكى كانزاس ۋەياكى لاۋرېنس بولسۇن ھەممىسى ئورمان ۋە چىملىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ شەھەر بەرپا قىلىنغاندا يېشىللىق ئادەمگە ئەمەس ئادەم يېشىللىققا ماسلاشقاندەك قىلاتتى. بىنالار يەر يۈزى قانداق بولسا شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سېلىنغان بولۇپ، ئىنسان تەبىئەتكە قىستىلىۋالغاندەك، ئۈستىگە بەدەشقان قۇرۇۋالغاندەك ئەمەس ئۇنىڭغا ئۆزلىشىپ سىڭىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ ئىچكىردىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە بىر مۇتەخەسىسنىڭ “ غەرپ مەدەنىيىتى تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش بەدىلىگە زامانىۋىي پەنگە ئېرشىتى، جوڭگۇلۇقلار تەبىئەتكە ماسلىشىپ ياشاش يولىنى تاللاپ پەندىن قۇرۇق قالدى. غەرپلىكلەر پەن ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، جوڭگۇ مەدەنىيىتىدە تەبىئى قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنۇپ ياشاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق تەكىتىلىنىۋاتقان ھازىرقى دۇنيادا جوڭگۇ مەدەنىيىتىدىكى بۇ ئەۋزەللىك غەرپنىڭ ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ“ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. ئەينى چاغدا بۇ قارش ماڭا توغرىدەك تۇيۇلۇپ دەرسخانىلاردا سۆزلەپ يۈرۈپتىكەنمەن. ئامېرىكىدا نەگە بارسام چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق تۈنلەرنى، بوۋاقنىڭ كۆزىدەك سۈپسۈزۈك ئاسماننى كۆرۈپ كىمنىڭ كىمدىن ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە باشقىچە تونۇسقا كەلدىم.
شەھەردىكى بىنالار ئاساسەن بىر قەۋەت ياكى ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ مەن بۇ شەھەردە تېخىچە بەش-ئالتە قەۋەتتىن ئېگىز بىنا كۆرۈپ باقمىدىم، ھەممە يەر كەڭ، يوغان ئازادە، ئادەملار شۇنچە شالاڭ، خاتىرىجەم. خۇددى ۋەتەندىكى چېغىمدا مەن تېلۋېزورلاردا كۆرگەن ئىختىسادىي كىرزىس، چوشقا زۇكۇمى، ئۇرۇش ۋەھىمىسى سەۋەبىدىن كىشىنى ۋەيران بولغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ئامېرىكا باشقا بىر سەييارىدىكى دۆلەتتەكلا. نەرسە كېرەكلەرنىڭ باھاسىمۇ شۇنداق ئەرزانىكەن. بىر چامادان كومپىيوتىر ئالدىم 349 دوللارغا، بۇ يەدىكى مەن ئۇچراشقان جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماشنىسى بار ئىكەن، يامان ئەمەس بىر ماشىنا ئاران مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن.(مەن ئەزەلدىن ماشىنىغا قىزىقمايمەن، شۇڭا قايسى ماركىدىكى ماشىنا ئىكەنلىكىنى مىڭ يادلىساممۇ ئېسىمدە قالمايدۇ)، بىر پوتۇلكا 100%ساپ لېمون شەربىتى ئاران بىر يېرىم دوللار (مەكتەپتە شۇنداق سىرىتتىكى تاللا بازارلىرىدا تېخىمۇ ئەرزان).. بىزنىڭ يۇرتلاردىكى شەھەرلەرنى سېمۇنتلاشتۇرۇش، چىملىقلاشتۇرۇش، شەھەردە يەرلىك دەرەخلەرنى يوقۇتۇپ ياتلاشتۇرۇش، تولا دەرەخ ئالماشتۇرۇپ قاقاسلاشتۇرۇش بۇ يەردە يوقتەك ئېدى. بەلكىم باينى دوراش مودىسى سەۋەبىدىنمۇ قانداق بۇ يەردىكى چىملىق ئەڭ چەت ئۇيغۇر يېزىلرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇلغانىدى.
« ئامېرىكا جاھانگىرلىكى» نىڭ چىىمى پۈتۈن يۇرتىمىزنى قاپلاپ بولغان ئېدى. دېمەك سىز باي بولسىڭىز، تەرەققي بولسىڭىز ھەممە نەرسىڭىز مۇدا بولىدىغان گەپكەن. قىزلار ئۈرۈمچىدە بەس بەستە كېيىپ كەتكەن گاچا ئىشتان، يېڭى يوق ئۇزۇن كۆينەك، يوتىنى ياپالماس يوپكا، خىپ خاپ ئىشتان… كىم بۇلارنى ئامېرىكا كوچىلرىدىن ئاۋال ئۈرۈمچىگە ئاندىن غۇلجا، قەشقەر، كۇچا، خوتەنگە تارالمىدى دېيەلىسۇن. لېكىن بىزنىڭ تەرەققىي ئەللەردىن قوبۇل قىلىۋاتقىنىمىز پەقەت كۈنسىرى ئالمىشىپ تۇرىدىغان مودا قىياپەت، ئالدامچى شەكىل. شۇ قىياپات ۋە شەكىل ئىچىدىكى ئىنساننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىجادچانلىقى، تەرتىپچانلىقى، سەمىميلىكى تېخى بىزگە قوبۇل بولۇشتىن يىراق.
تۇنجى كەلگەن كۈنى مېنى ئايرىدورۇمدىن ئەكىلىپ قويغان موڭغۇل ئۇكىمىزغا پۇل تەڭلىسەم ئالمىدى، سەۋەبىنى سورىسام « بۇ مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خالىسانە مۇلازىمىتى، بىزگە ماي پۇلى دېگەندەك چىقىملارنى باشقىلار ئىئانە قىلغان، شۇڭا پۇل ئالسام بولمايدۇ » دېدى. ئۇ كۈنى كېچە سائەت 11دىن ئاشقان بولۇپ ئۇ ئۇكىمىز ماڭا تۇرىدىغان يېرىمنى تېپىپ بېرەلمەي كۆپ مالال بولغان ئېدى. مەن بۇلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ پۇلنى ئېلىشقا ئۈندىسەم « بۇ دېگەن ئامېرىكا، بۇ يەردە سەمىمىيلىك مەسىلىسى بار» دەپ مېنى خىجىل قىلدى. ئۇ كۈنى مەزكۇر ئۇكىمىز پۇلنى ئالسا تامامەن بولاتتى، مەن پۈتۈنلەي رازى بولۇپ بەرگەن. بۇ ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئەمەس مۇكاپاتى ئېدى. ئەمما ئۇ ئېلىشنى رەت قىلدى، چۈنكى بۇ يەردە ئېقىۋاتقان پىرىنسىپ كىشى كۆرسۇن كۆرمىسۇن كۈچىنى كۆرسىتىۋېرىدىغان سەمىمىيلىك پىرىنىسىپى ئېدى. دىننى مەنبە قىلغان خالىسلىق ئومۇملاشقان جەمئىيەتتىكى ئەسلىي «خۇدا ھەممە ھەممىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن ئەقىدىدىن كەلگەن پىرىنسىپ بۇ دۆلەتتە مەزكۇر دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئېدى.
ئەگەر شۇ ئۇكىمىز ئىچكى موڭغولدا ياكى شىنجاڭدا بولسا شۇنداق دېيەلەيتتىمۇ؟ خالىسلىققا، سەمىمىيلىككە بۇ قەدەر ئەمەل قىلالايتتىمۇ؟ ياق، چۈنكى ئادەم موھىتنىڭ مەھسۇلى، جەمىيەتتە قايسى ئادەت مۇدا بولغان، قايسى پىكىر ئومۇملاشقان بولسا ئاجىز ئىنسان تەبىئى ھالدا شۇنىڭغا ماسلىشىدۇ، ھەم ماسلاشمايمۇ ئامالسىز. بۇ قانداقتۇر قايسى مىللەتتىكى نۇقسان، ئەيىپ ئەمەس جەمئىيەت مىخانىزىمىدىكى ناچار ماتورنىڭ مەسىلىسى، مۇشۇ مىخانىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ياشاۋاتقان ئىنسىان ياكى ئىنسانلار توپى بولغان مىللەت پەقەت يۇقاقى قۇرۇلمىنىڭ تەلىپى بىلەنلا ھەرىكەت قىلىدۇ خالاس. شۇڭا كىشىلىرىمىزنى « بىلىم قۇت بەلگىسىدۇر» دەپ تەربىيەلەيدىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئارىمىزدا مىڭى چىقسىمۇ، «ئىسراپچىلىقنى تۈگىتەيلى» دەپ ماقالە يازىدىغان ئەختەم ئۆمەردىن يۈزمىڭى چىقسىمۇ ئۇيغۇر بىلىمسىزلىكلىنى ۋە ئىسراپخورلىقىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى بىلىمنىڭ، بىلىملىكنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئجتىمائى تۈزۈم، ئىسراپچىلىقنى تۇسايدىغان ئېنىق تەدبىر ۋە بۇلارنىڭ كەينىدىكى قانۇنىي كاپالەت ۋە مەنىۋىي تۈۋرۈك يوقنىڭ ئورنىدا.
مەن كارىدۇرلاردا، لېفىتتە ئۇچرۇشۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە سالام قىلىپ ئۆتىۋاتقنىنى، ئاياللار-قىزلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئېچىپ بېرىپ ساقلاپ تۇرىۋاتقىنىنى، مەمۇرلارنىڭ ئىنگىلىزچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان چەتئەللىكلەرگە بىر جۈملىنى قايتا قايتا دېگۈزۈپ ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگىچە سەۋرىچانلىق قىلىۋاتقىنىنى، ماشنىسى دوقۇرۇشقانلارنىڭ ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە يول بېرىۋاتقىنىنى، قىزىل چىراقسىز بىرلا «توختاڭ» دېگەن بەلگە بىلەن كىشىلەرنىڭ شۇنچە بىخەتەر قاتناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۈركىيەدە ئاڭلىغان « غەرپلىكلەر مۇسۇلمان بولمىغان بىلەن مۇسۇلمانلىق سۈپەتتە ياشايدىكەن» دېگەن سۆزنىڭ راستلىقىغا چىنپۈتتۈم. مەكتەپ باغچىلىرىدا توپلىشىپ تاماكا چېكىپ، ئۆتكەن كەچكەنلەرگە بىپەرۋا پاراڭ سېلىشىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ئەرەبلەر يەنە بىر بولسا خەنسۇلارئىكەن. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار « مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا سالام قەرزى بار، تاماكا چېكىش مەكروھ » دېگەن ئىسلامىي پىرىنسىپنى ئۆز ھەرىكەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرغان بولسا كېرەك.
ئالدىنقى: 9. ئامېرىكدىكى تۇنجى چۆچۈرە
كـىيىنكى: 7. «مايگۈلى» نىڭ جەزبىسى