رىمنىڭ قۇرۇلۇشى تەقۋىمى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Ab urbe condita)

رىمنىڭ قۇرۇلۇشى تەقۋىمى (ab urbe condita ياكى anno urbis conditae؛ قىسقىچە: A. U. C. ياكى AUC ياكى a.u.c.؛ شۇنداقلا "anno urbis"، قىسقىچە a.u.[1]) مەنىسى: «شەھەر (رىم/روما) قۇرۇلغاندىن بېرى» دېگەن لاتىنچە بىر سۆز بولۇپ، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى م.ب 753 - يىلىدۇر. AUC بەزىبىر رىم تارىخچىلىرى تەرىپىدىن مەلۇم رىم يىللىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەقۋىم سېستىمىسىدۇر. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى يازغۇچى - تەھرىرلەر بەزىدە كىتابلىرىغا ئېلان قىلىنغان يىلنى AUC بويىچە يازاتتى. بۇنىڭغا قاراپ قەدىمىي رىملىقلارنى AUC قوللانغان دەپ قېلىش مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە قەدىمىي رىمدا تەقۋىم باشقچە ئىدى.

قاراڭ تەھرىرلەش

مەنبە تەھرىرلەش

  1. Dio uses "a.u." in his Roman History