GPU ئىنگلىزچە Graphic Processing Unit نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ» دېگەن مەنىدە.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرچە نامى :گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ

ئاتىلىشى :GPU

ئىنگلىزچە نامى :Graphic Processing Unit


تونۇشتۇرۇلۇشى تەھرىرلەش

GPUGPU ئىنگلىزچە Graphic Processing Unit نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ» دېگەن مەنىدە. GPU ماھىيەتتە CPU بىلەن ئۇقۇم جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ھازىرقى كومپيۇتېرلار (بولۇپمۇ ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرلار)دا، گىرافىك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش بارغانسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئىشلەتكۈچىلەر بىر دانە مەخسۇس گىرافىك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ.

GPU دېگىنىمىز، «سىنكارتىنىڭ يۈرىكى»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، خۇددى CPUنىڭ كومپيۇتېردا ئىگىلىگەن رولى بىلەن تەڭ كېلىپ قالىدۇ، ئۇ سىنكارتىنىڭ دەرىجە تەرتىپىنى بەلگىلەپلا قالماي يەنە كۆپ قىسىم ئىقتىدار ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بەلگىلىگەن.

ئوخشاشلا D2 سىنكارتا ۋە D3 سىنكارتا ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. D2 كۆرسىتىش ئۆزىكى D3 گىرافىك ئۇچۇرلار ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاساسلىق CPU نىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىدۇ.

D3 كۆرسىتىش ئۆزىكىدە بولسا، ئۈچ ئۆلچەملىك سۈرەت ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆزەكنىڭ ئىچىگە توپلاشتۇرۇۋېتىلگەن، يەنى بۇ ھازىر بىز كۆپ ئۇچرىتىدىغان «قاتتىق دېتال ئارقىلىق تېزلىتىش »نى كۆرسىتىدۇ. كۆرسىتىش ئۆزىكى ئادەتتە سىنكارتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك بولۇپ، ھازىر بازارلاردىكى كۆپ قىسىم سىنكارتىلار ئاساسەن دېگۈدەك NVIDIA ۋە AMD ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ گىرافىك بىر تەرەپ قىلىش ئۆزىكىنى ئىشلىتىدۇ.

NVIDIA شىركىتى 1999-يىلى GeForce256 گىرافىك بىر تەرەپ قىلىش ئۆزىكىنى ئېلان قىلغان چاغدا تۇنجى بولۇپ GPU ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، GPU سىنكارتىنىڭ CPUغا بولغان بېقىنىشىنى ئازلىتىپ، بىر قىسىم ئەسلىدە CPU بىر تەرەپ قىلىدىغان جەريانلار، بولۇپمۇ D3 گىرافىكلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى ئورۇنداپ بېرەلەيدۇ.

ھازىرقى كۈندە، GPU ئاللىقاچان D3 گىرافىك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ھالقىپ كەتتى، GPU ئۇنىۋېرسال ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئەمەلىيەتتىمۇ، ھېسابلاش جەھەتتە GPU نىڭ CPUغا قارىغاندا نەچچە 10 ھەسسە، ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇشتۇرۇلۇشى
  • GPU نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى
  • GPU ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق شىركەتلەر
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

GPU نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى تەھرىرلەش

خىزمەت پىرىنسىپىئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،GPU  بولسا قاتتىق دېتالدىن T&L مەشغۇلاتى (Transfrom and lighting، كۆپ تەرەپلىك ئايلاندۇرۇش ۋە نۇر مەنبەسى بىر تەرەپ قىلىش)نى قوللاپ بېرەلەيدىغان كۆرسىتىش ئۆزىكى بولۇپ، T&L بولسا D3 رەڭلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، رولى بولسا كۆپ تەرەپلىكنىڭ D3 ئورنىنى ھېسابلاش ۋە ھەرىكەتچان نۇر سىزىق ئۈنۈمىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە «گېئومېتىرىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

GPU ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق شىركەتلەر تەھرىرلەش

INTEL :INTEL دۇنيادىكى ئەڭ چوڭCPU ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭGPU  ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. INTEL نىڭ GPU لىرى ھازىر ئاساسەن توپلاشتۇرۇلغان سىنكارتا شەكلىدە بولۇپ، INTEL نىڭ ئاساسى تاختىسى ۋە INTEL  نىڭ لەپتوپلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ناۋادا سېتىلىش مىقدارى بىلەن ئۆلچەيدىغان بولساق، INTEL سېتىلغان ئاساسى تاختىلىرىغا توپلاشتۇرۇلغان GPUبىلەنلا دۇنيا GPU بازىرىنىڭ %60 تىنى ئىگىلەپ تۇرماقتا.

NVIDIA: ھازىرقى ئەڭ چوڭ مۇستەقىل سىنكارتا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، NVIDIA بايرىقى ئاستىدا ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ياسالغان GEFORCE تىپىدىكى سىنكارتىلار، مەخسۇس لايىھەلەنگەن QUADRO تىپىدىكى سىنكارتىلار بار.

AMD: دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ مۇستەقىل سىنكارتا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەجدادى ATI بولۇپ، بۇ بايراق ئاستىدا RADEON تىپى، FIREGL تىپىدىكى سىنكارتىلار بار. سېتىلىش مىقدارى ۋە پايدىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، AMD سىنكارتا جەھەتتىن NVIDIA غا ئازراق ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ، ئەمما ئىككىسىدە چوڭ پەرق يوق.