گرۇزىيە

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Gruziye)
row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى

گىرۇزىيە جۇمھۇرىيىتى (گرۇزىنچە:საქართველო, Sakartvelo)

پايتەخت تەھرىرلەش

تىبلىس، ئاھالىسى بىر مىليۇن 300مىڭ.

زېمىنى تەھرىرلەش

69700 كۋادرات كىلومېتىر.

ئاھالىسى تەھرىرلەش

گېئورگىيەنىڭ2006-يىللىق نوپۇسى 4مىلىيۇن 961مىڭ437. ئاھالىنىڭ 71%نى گېرۇزىنلار، 8%نى ئارمەنلەر، 6.5%نى ئازەربەيجانلار ، 6.3%نى رۇسلار ، 2.5%نى ئابخازلار، 2.3%نى ئوسېتىئانلار ئىگەللەيدۇ . گرۇزىن تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر ئاساسەن ئۆز تىلى ۋە رۇس تىلىنى قوللىنىدۇ.

دىنى تەھرىرلەش

گېئورگىيە ئاھالىسىنىڭ 83%ى پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 7%ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە ، 5%ئىىسلام دىنى شىئە مەزھىبىگە، 6%ئى ئارمەن پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 1% كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.

پۇلى تەھرىرلەش

لارى. 2006-يىلى 1.78لارى = بىر دوللار، 2004-يىلى 1.9167لارى = بىر دوللار، 2002-يىلى2.1957 لارى = بىر دوللار. ئىقتىسادى: گېئورگىيە مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ رەڭلىك مېتال ۋە ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىنى نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرغان رايونى ئىدى، مۇستەققىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە خوشنا ئەللەرنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى گېئورگىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. كېيىن دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تەرتىپكە چۈشتى. ھازىر گېئورگىيەنىڭ دۆلەت قەرزى بىر مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تاشقى قەرزى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھىساپلىنىدۇ. 2006 -يىلى گېئورگىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 5مىليارت 272مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 3مىڭ800 دوللار توغرا كەلگەن. گېئورگىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 8%دىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىمى تەھرىرلەش

(1991-يىلى)5ئاينىڭ 26-كۈنى، گېئورگىيەنىڭ مۇستەقىل بولغان كۈنى

ۋاقىت رايونى تەھرىرلەش

(شەرقى 3-ۋاقىت رايونى)

قىسقىچە تارىخى تەھرىرلەش

ھازىرقى زىمىنى گېئورگىيەلىكلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە گىورگىيەنىڭ كۇتايىش شەھرىنى مەركەز قىلغان كەرشىدا پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 331-يىلى ئىسكەندەر ماكىدونىسكى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرى كارتىۋىل پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 190-يىلى ئەرمەن ئارتاش پادىشاھلىقىنىڭ بېقىندىسى بولغان. مىلادىدىن كېيىن شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، ، مىلادى 232-يىلى ئىران ساسانىلار خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان ، مىلادى 680-يىلى ساسانىلار ئىمپىرىيىسى ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان، گىرۇزىيە ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 8-ئەسىردە گىرۇزىيە زىمىنىدا ئابخازىيە، كارتىۋىل، ئالان، ئاجارىيە قاتارلىق ئەرەپ ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بەگلىكلەر ھۆكۈم سۈرگەن. 1064-يىلى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى گىرۇزىيەنى بېسىۋالغان. مىلادى 1072-يىلىدىن كېيىن گىرۇزىيە سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 15-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە گىرۇزىيە زىمىنىدا ئابخازىيە، كارتىۋىل، مېگرىلىيە، لاز، ئالان قاتالىق ئۇششاق دۆلەتلەر مەۋجۇت بولغان. بىر قىسىم زىمىنى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قوشۇلغان، 17-ئەسىردىن كېيىن گىرۇزىيىدىكى دۆلەتلەر ئىران بىلەن تۈركىيىنىڭ تالىشىش ئوبېكتى بولۇپ قالغان، پۇرسەتتىن پايدىلانغان روسىيە ئىمپىرىيىسى 1801-يىلىدىن باشلاپ گرۇزىيە زىمىنىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قوشۇۋېلىپ، 1864-يىلىغا كەلگەندە تۈرك ئىمپىرىيىى قولىدىكى مەھشەت(ئاخسكا ياكى جاۋاختى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە ئاجارىيەدىن باشقا پۈتۈن گرۇزىيىنى ئىگەللەپ، كۇتايىش ۋە تىبلىس ئۆلكىسىگە بۆلۈپ باشقۇرغان. 1918-يىلى گېرمانىيە، تۈركىيە، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى گىرۇزىيەگە ئىلگىرى كېيىن ھۇجۇم قىلغان ۋە مەغلۇپ بولغان. 1921-يىلى 2-ئايدا گرۇزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئابخازىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ، شۇ يىلى12-ئايدا ئابخازىيە گرۇزىيەگە قوشۇۋېتىلگەن. 1936- يىلى گرۇزىيە سوۋېت ئىتىپاقىغا ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇپ قوشۇلغان. 1990-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1991-يىلى 4-ئايدا رەسمى مۇستەققىل بولغان گرۇزىيە مۇستەقىل بولغاندىن باشلاپ ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالغاچقا، ئابخازىيە، جەنۇبى ئوسېتىيە، ئاجارىيە قاتارلىق ئاپتونومىيىلىك رايونلار مۇستەقىل بولۇۋالغان.

گىرۇزىيە زىمىنىنىڭ 60% ئىگىزلىك ۋە تاغلاردىن، 18% تۈزلەڭلىكتىن، شەكىللەنگەن بولۇپ ئورمان كۆلىمى دۆلەت يەر مەيدانىنىڭ 40% نى ئىگەللەيدۇ، قارا دېڭىز بويلىرى رايونى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان بايلىقى مول . گېئورگىيەدە ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

2006-يىلى گېئورگىيەنىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 18%،سانائەت42%، مۇلازىمەت 40%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 683مىڭ ، يانپون ئابونتى بىر مىلىيۇن 459مىڭ ، ئىنتېرنېت ئابونتى177مىڭ بولغان.