ئىت
ئىت (بەزىدە، ئىشىت دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىندۇ) بولسا ئىت ئائىلىسى ئەمگۈچىلەر سىنىپىدىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن ھايۋان ، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ھايۋان .
|
|
ھەققىدە
تەھرىرلەشئىت بولسا بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ئىت سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ، شۇنداقلا بېقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەرمەك ھايۋان .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، يەر شارى ئومۇمىي ئىتلارنىڭ سانى تەخمىنەن 600 مىليون، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 200 مىليون . ئىت ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر كۆندۈرگەن ھايۋان .ئىت ئىنسانلار ئارسىدا ياشايدىغان گۆشخور ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ بىرسى، ئادەتتە ئىتلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلىغاندا يۈزە ئۇخلاش ھالىتىدە تۇردىغان بۇلۇپ، ئازراق شەپە بولسىلا چۆچۈپ ئويغىنىدۇ ، ئارقىدىنلا يەنە قاتتىق ئۇيقۇغا كېتەلەيدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بۇلۇپ، ھەممىسىنىڭ ئادىتى ئوخشاش، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ ئەتراپىنى پۇراپلا يۈرىدۇ .
بئىولوگىيىلك ئالاھىدىلىكى
تەھرىرلەشپۇراش سېزىمى
تەھرىرلەشئىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادىتى ئوخشاش ، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ ئەتراپىنى پۇراپلا يۈرىدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلارنى پۇراپ يۈرۈشى ، ئاساسلىقى باشقا ئىتلارنىڭ شۇ جايغا سىيىپ قويغان -قويمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈندۇر ، چۈنكى ، بۇ جايغا باشقا ئىتلار سىيىپ قويغان بولسا ،بۇ جاينىڭ ئىگىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئىت يەنە شۇ جايغا سىيىپ قويغان ئىتنىڭ بوينىىنىڭ ئېگىز پاكارلىقى ، ئۆزىدىن كۈچلۈك -ئاجىزلىقىنى پۇراپ بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئىتنى ئۆزىدىن يامان دەپ ئويلىسا ، ئۇ ياۋاشلىق بىلەن باشقا جايدىن ئۇرۇن ئىزدەيدۇ، ئۇ ئىت ئۆزىدىن ئاجىز بولسا ، بۇ جاينى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ . شۇڭا،ئىتلار ئىچىدىمۇ ياماندىن قورقۇپ ، ياۋاشنى بوزەك قىلىدىغانلىرى خېلى بار .
ئىككنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر پاراخوت ئۇرۇشى داۋامىدا دۈشمەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن چۆكتۈرۋېتىدۇ . تەلىيى كېلىپ ھايات قالغان ئەسكەرلەر « جۇدى » ئىسىملىك بىر ھەربىي ئىتقا ئەگىشىپ سۇ ئۈزۈپ بىر قاقاس ئارالغا چىقىۋالىدۇ . ئەسكەرلەر بۇ ئارالدىن ئىچكۈدەك تاتلىق سۇ تاپالماي ئۈمىد سىزلىنىپ تۇغان چاغدا ھېلىقى ئىت پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ تاتلىق سۇ مەنبەسىنى تېپىپ ، ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ .
ئىت ئىتنىڭ بۇرنى ئادەتتىكى ھايۋانلارنىڭ بۇرنىنىڭ تۈزۈلۈشىگە قارىغاندا بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشىگە قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ ، ئۇنىڭ بۇرنى نەپەس ئېلىش رولىنى ئوينىغاندىن سىرىت ، يەنە ئۇ پۇراق سېزىم ئەزاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئىتنىڭ بۇرنىدا نۇرغۇن شىللىق پەردىلەر بار بولۇپ ، شىللىق پەردىلەر توختىماستىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىرىپ ،شىللىق پەردىدىكى پۇراش سېزىم ھۈجەيرىلىرىنى سىلىقلاپ تۇرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ، ئىتنىڭ بۇرنى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى سەزگۈر بولغان پۇراش سېزىمىنى ساقلاپ تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىت ، ئىتنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچلۇق قىسمىدا يەنە ئازراق تۈكسىز شىللىق پەردە توقۇلمىلىرى بار بولۇپ، كۆتۈرۈلۈپ چىققان بۇ توقۇلمىلارمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە نۇرغۇن شىلىمشىلق ئاجرالمىلارنى چىقىرىپ ئىتنىڭ بۇرنىنى سىلىقلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا، ئىتنىڭ بۇرنى ئەتىدىن -كەچكىچە ھۆل تۇرىدۇ. ئىتنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالسا ، مەسىلەن ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالسا ، ئۇنىڭ بۇرنى قۇرۇپ كېتىدۇ -دە ، پۇراش سېزىمى ساق ۋاقىتتىكىدەك سەزگۈر بولماي قالىدۇ .
باشقىلار
تەھرىرلەشئىت ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن كۆندۈرۈلگەن ھايۋان ، شۇنداقلا بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ھايۋان . بىز دائىم ئىتنىڭ يۈگۈرگەن چاغدا ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى ، بولۇپمۇ تومۇز ئىسسىقتا ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ تېلىنى چىقىرىۋالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز . ئەسلىدە ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرىسى نورمال ئەھۋالدا مۇقىم بولىدۇ . ئەگەر مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن تېمپۇراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتسە ، تېمپۇراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئەزالىرى ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ ، بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلار ئاغرىپ قالىدۇ . بىزگە مەلۇمكى ، ئادەم ۋە نۇرغۇن ھايۋانلارنى بەدىنىنىڭ يۈزىدە تەر بەزلىرى بولىدۇ . تەر ئەزالىرى تەر ئاجرىتىپ چىقارغاندا ، بەدەندىكى ئارتۇق ئىسسىقلىقنى سىرىتقا چىقىرۋېتىش ئارقىلى بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
لېكىن ، زوئولوگلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئىتنىڭ بەدەن يۈزىدە تەر بەزلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ، ئۇنىڭ تەر بېزىنىڭ تىلىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان . شۇڭا ، يازنى تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى ، ئىتلار نورمال بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن تىلىنى چىقىرىۋېلىپ ، تېلىدىكى تەر بەزلىرى ئارقىلىق بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى تېز سۈرئەتتە سىرىتقا چىقىرۋېتىدۇ .
ئىت تىلنى يازدىلا چىقىرىۋالماستىن ،بەلكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، يۈگۈرۈپ ھېرىپ قالغان ۋە ئىسسىپ كەتكەندىمۇ ، تىلىنى چىقىۋېلىپ ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىۋېتىدۇ .