نورۇز ۋە نورۇز مەدەنىيىتى تۇرسۇن قۇربان نورۇز – ئەڭ قەدىمىي، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى .

نورۇز دۇنيادىكى مىلاد، قۇربان ھېيت، چاغان قاتارىدىكى تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىران ۋە توران دىيارىدا يېڭى يىل بايرىمى قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشتى . بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىليون ئەتراپىدا . نورۇز پەيدا بولغاندىن كېيىن، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە نورۇز مەدەنىيىتى ھادىسىسى پەيدا بولدى . بۇنىڭ بىلەن نورۇز ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بايرام پائالىيىتىگە ئايلاندى .

نورۇز مەدەنىيەت ھادىسىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن :

1 . نورۇز يېڭى يىل بايرىمى . چۈنكى نورۇز ھەر يىلى كۈندۈز بىلەن كېچە تەڭلىشىدىغان پەيىتتە كېلىدۇ . يەنى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كېچە سائەت نۆلگە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى يىل بېشى قىلىنغان . 21 – مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەردە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاقىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەرنى ۋاقىتنى سۆيۈش، ۋاقىتنى قەدىرلەش، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتەك رىقابەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان .

2 . نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى . نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان، دەل – دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ، تاغ، ئىدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان، ئەگىز ئېقىپ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق بولغاچقا، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتتىن زوقلىنىش، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ – ئورمان، گۈل – گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن .

3 . نورۇز – ئەمگەك بايرىمى، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى . ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى . تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، نورۇزنى، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق، خۇشاللىق، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى .

ئۇيغۇرلاردا نورۇز قەدىمىي ھەم كېلەچىكى پارلاق بايرام . بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت، تەبىئەت بايرىمىغا، ئەمگەك، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كەڭ سورۇنغا، مىسلىسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولماقتا .

ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى قوشۇلىدۇ .

مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى » دىن


تۈرلەر يولباشچىسى