تۆرت خەلىڧە ياكي خۇلەڧائى راشىدۇن (ئەرەبچە:الخلفاء الراشدون)، ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستاڧا س.ئە.ۋ نىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە "ئۈممەتنىڭ باشلىقى" سۈڧەتى بىلەن ۋەزىڧەلەندۈرۈلگەن خەلىپىلەردۇر. ئوردۇ ۋە ڧارسى سۇننىي مەنبئەلەردە تۆرت دوست (چھار يار\چار يار) دەپ ئىڧادە قىلىنماقتا. "تۆرت خەلىڧە" مەۋزۇسى شىئەلەر بىلەن سۇنئىلەردە ئوخشاشمايدۇ. شىئەلەرنىڭ ئورتاق قارىشى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خىلاپەتكە قالغان ئۈچ خەلىپىدىن تېخىمۇ لايىقراق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ناھەقچىلىك قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ.

خەلىڧىلەر نۆۋەت بىلەن:

بەئزى مەنبئەلەردە بۇ تىزىملىككە پەقەتلا 6 ئايدەك بىر مۇددەت ۋەزىپە ئاتقارغان بەشىنچى خالىڧە ھەسەن بىن ئەلى ھەم قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ.

شىئەلەرگە كۆرە خىلاپەت ئەلى بىن ئەبۇتالىب مەركەدى بىلەن باشلايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىماملار كېلىدۇ. سۈنئىلەرگە كۆرە، خەلىڧىلەرنىڭ ئەڭ پېشقەدەمى ئەبۇ بەكر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ياقىن دوستىدۇر، مەككە ۋە مەدىنە دەۋرىدە دەۋرىدە دائىما يېنىدا بولغاندۇر. يەنە سۈننىي ئىتىقادىچە، بۇلار بىلەن بىرگە ھەزرىتى ئەبۇ بەكر قۇرئانى كەرىمدە ئىككى كىشنىڭ بىرى دەپ زىكىر قىلىنىشى[1]، تۇنجى خەلىپە بولىشىدا مۇھىم ئامىل بولغان.


  1. سۇرە تەۋبە: 40