X نۇرى:

دوختۇرخانىلاردا( سۆڭەك بۆلۈمىدە )" رىنتىگىن ئاپاراتى" دىگەن بىر ئاپارات بار. بۇ نى بەلكىم ھەممەيلەن بىلىشى مۇمكىن.(CT ۋە ئولتۇرا ئاۋاز دولقۇن ئاپاراتلىرى ھازىر دوختۇرخانىلاردا كەڭرى ئىشلىتىلۋاتقان ئۈسكۈنىلەر.رىنتىگىن ئاپاراتى بۇرۇنلاردا خىلى ئىلغار سايمان ھىساپلانسا كىرەك . ھازىرمۇ سۆڭەك سۇنسا، زەخمە بولسا مۇشۇ ئاپرات بىلەن تەكشۈرىدۇ.) ئۇ نىڭ بىلەن بەدەن ئىچكى قىسمىدىكى ئىسكىلىتلارنى رەسىمگە تارتقىلى بولىدۇ. قانداقسىگە؟

رىنتىگىن ئاپاراتى رىنتىگىن نۇرى بىلەن ئادەم بەدىننى رەسىمگە ئالىدۇ.يەنى رىنتىگىن ئاپاراتى قويۇپ بەرگەن رىنتىگىن نۇرى ئادەم بەدىننى تىشىپ ئۆتەلەيدۇ. بۇ نۇر بەدەننى تىشىپ ئۆتكەندىن كىيىن پىلاستىنكىغا بەدەن ئىچىدىكى ئىسكىلىتلار تەرىپىندىن توسىۋېلىنغان قىسمىنىڭ ئىزنالىرى قالىدۇ.( مانا بۇ نىمە ئۈچۈن رىنتىگىن ئاپاراتىدا تارتىلغان سۆرەتلەرنىڭ ئادەمنىڭ قورققىسىنى كەلتۈرىدىغان بولۇشىنىڭ سەۋەبى.) بىز بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغان X نۇرى دەل مۇشۇ رىنتىگىن نۇرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا X نۇرى قانداق نۇر؟

X نۇرى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا (8 -10 مېتىر دىن كىچىك ياكى شۇ دائىرىدە) ، چاستوتىسى يۇقىرى بولغان( 1015× Hz30 تىن 1018× 30 Hz غىچە) بىرقەدەر يۇقىرى ئېنىرگىيەگە ئىگە ئېلىكتېر-ماگنىت دولقۇنى. ئۇنىڭ تىشىپ ئۆتۈش ئالاھىدىلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، X نۇر دىفراكسىيە تەجىربىسى ئارقىلىق كىرىستاللارنىڭ ئاتوم تۈزىلىشىنى كۆزەتكىلى ھەم يۇقىردا دىيىلگەندەك دوختۇرخانىلاردا بەدەن ئىچىدىكى ئىسكىلىتلارنى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ؛ يەنە ئۇ ماددىلارنىڭ خاراكتېر X نۇرىنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ماتېرىيال ئەۋرىشكىسىنى نۇرلاندۇرۇش ئارقىلىق ماتېرىياللارنىڭ تۈزۈلىشى، تەركىبى، ماددا نىسبىتىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. (X نۇرى نۇرلاندۇرۇش تەجىربىسى ۋە X نۇر سىپىكتېر ئانالىزى ھازىرقى زامان ماتېرىيال فىزىكىسى تەجىربىخانىللىرىدا كەڭرى قوللىنىلىدۇ) .

X نۇرى دەسلەپتە گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ۋېلىيام رىنتىگىن( 1845 -1923) تەرىپىدىن بايقالغان. 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ( فىزىكا ئالىمى) لېنارد بىلەن "كروك نورى" نىڭ كاتود نۇرىنى نۇرلاندۇرۇش ئىكرانىغا چۈشۈرۈپ . كۆزىتىۋاتقاندا بىرخىل ئاچ يېشىل رەڭلىك نۇرنىڭ بىر مېترچە ئارلىقتىكى جايدا شولا چۈشۈرۈپ تۇرغانلىقىنى بايقىغان. بۇ بىر خىل غەلىتە ھادىسە ئىدى. چۈنكى ئۇ كۆرۈنمەيدىغان باشقا نۇرلارنىڭ ئارلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھىلقى " كروك نورى" نى قارا كارتون قەغەز بىلەن ئوراپ قويغان! بۇ قانداق نۇر؟ بۇ نۇر قارا كارتون قۇتىنى تىشىپ ئۆتەلىگەنىكەن، ئۈستەلدىكى كىتاپ ۋە باشقا نەرسىلەرنى تىشىپ ئۆتەلەمدۇ يوق؟ئۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ "غەلىتە نۇر" نى تەتقىق قىلىشقا كىرىشپ كەتكەن ھەمدە شۇ يىلى بىرىنچى ئايدا بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. رىنتىگىن بۇ " غەلىتە" نۇرنى "X نۇرى" (نامەلۇم نۇر دىگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كىلىۋاتىدۇ.(بەزىدە "رىنتىگىن نۇرى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ). رىنتىگىن مۇشۇ بايقالمىسى ئۈچۈن 1901-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن!

ۋېليام رىنتىگىن X نۇرىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا تاساددىبى ئۇنىڭغا قەھۋە دەملەپ كىرگەن ئايالىنىڭ قولىنىڭ (ئىسكىلىت) شولىسى ئىكرانغا چۈشۈپ قالىدۇ-دە (قورقۇپ كەتكەن ئايالى ھوشىدىن كىتىدۇ. رىنتىگىن ئايالى بىلەن كارى يوق خىيالغا كىتىدۇ...) شۇنىڭ بىلەن ئۇ X نۇرىنى داۋالاشتا قوللانسا بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇندىن ئىتىبارەن رىنتىگىن نۇر ئاپاراتى ياسىلىپ، دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىپ كىلىنىۋاتىدۇ...

ئۇنداقتا ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا X نۇرى قانداق شەكىللىنىدۇ؟

بىز ئالدىنقى قىسىمدا نۇرنىڭ شەكىللىنىش ماھىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. يەنى ، ئاتوم يادرو سىرتىدىكى ئېلىكترونلارنىڭ يۇقىرى ئوربىتا قەۋىتىدىن تۆۋەن ئوربىتا قەۋىتىگە سەكرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى دىگەن . بۇ بەلكىم يادىڭلاردا بولسا كىرەك! دىمەك ماھىيەت شۇنداق. لىكىن بۇ يەردە ئازىراق ئوخشىماسلىق بار. نىمە دىگەن ۋاقىتتا ، X نۇرى ئاتومنىڭ ئىچكى قەۋىتىگە ئېلىكترونلارنىڭ سەكرىشىدىن شەكىللىنىدۇ، ئادەتتىكى باشقا نۇرلار بولسا تاشقى قەۋەتكە سەكرىشىدىن شەكىللىنىدۇ.(ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئالدىنقىسى 4-،3- قەۋەتتىن 1- قەۋەتكە سەكرىسە، كىينكىسى 4-قەېەتتىن 3-سىگە، 2-سىگە سەكرەيدۇ... ) رەسىمدىن تىخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيسىز. ھۆججەت:Xrayfluor.gif



X نۇرى تىبابەتتە ، كىرىستال تۈزۈلۈش ئانالىز تەجىربىسىدە، ماددا تەركىپ، تۈزۈلۈش ۋە نىسبەت ئانالىز تەجىربىسىدە كەڭلرى ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدىكى قوللىنىشىدىن مىسال ئالسام، مەسىلەن سىزدە بىر سىز نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىر قېتىشما مىتال ياكى باشقا خىمىيلىك پولىمېر ۋە ياكى باشقا بىر نىمىلەر بار دەيلى. سىز زامانىۋى فىزىكا تەجىربىخانىسىغا كىرىپ، شۇ نەرسىنى " X نۇرى نۇرلاندۇرۇش تەجىربىسى" ئارقىلىق ئۇنىڭ تەركىبىنى ئۇقالايسىز. ۋە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا " X نۇرى سىپىكتېر ئانالىز تەجىربىسى(XPS)" ئارقىلىق ئۇنىڭ تەركىب ماددىللىرىنىڭ نىسبىتى ۋە مىقدارىنى ھىساپلاپ چىقالايسىز. بۇ ئىككى تەجىربە "ھازىرقى زامان ماتېرىيال فىزىكىسى تەجىربىخانىسى"دا داۋاملىق ئېلىپ بىرىلىدۇ...