Xbox360 دېگىنىمىز مەخسۇس ئويۇن ماشىنىسى بولۇپ، دۇنيا يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى گىگانت - Microsoft شىركىتىنىڭ 2-ئەۋلاد ئويۇن ئويناش ماشىنىسى.

ئىقتىدارى تەھرىرلەش

Xbox360 نىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىشتۇر. 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى مىكروسوفتنىڭ Kinect نى ئېلان قىلىشى بۇ ماشىنىنىڭ ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئويۇن ماشىنىسى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

2012-يىلى 10-ئايدا Xbox360 نىڭ پۈتۈن دۇنيادا يىللىق سېتىلىش مىقدارى 70 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. Kinect بولسا Xbox360 كە سەپلىنىدىغان ئايرىم ئۈسكۈنە بولۇپ، باھاسى 800 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

ئالاھىدىلىكى تەھرىرلەش

بەدىنىڭىز بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ئويۇندىكى پېرسوناژلارنى باشقۇرىسىز. قولىڭىزغا بىرەر نەرسە تۇتۇشىڭىزنىڭ، بەدىنىڭىزگە بىرەر ئۈسكۈنە كىيىشىڭىزنىڭ ياكى تاقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئويۇننىڭ پۈتۈن جەريانىنى قول-پۇت، بەدەن ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئۆزىڭىز سەزمىگەن ھالدا بەدىنىڭىزدىن تەر چىقىپ چېنىقىپ قالىسىز.

ھازىر بازاردا بۇنىڭ 500 گېگابايتلىق، 750 گېگابايتلىق، 1000 گېگابايتلىق قاتتىق دىسكىلىق نۇسخىلىرى بار بولۇپ، سېتىۋالغاندا ئويۇن قاچىلاپ بېرىدۇ. Xbox360 غا ئويۇننى قاچىلىماي نۇر دىسكا سېلىپ بىۋاسىتە ئوقۇتۇپ ياكى قاتتىق دىسكىغا كۆچۈرۈۋېلىپ ئويۇن ئوينىغىلى بولىدۇ.

Xbox360 نى تورغا ئۇلاپ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ ئوينىغىلىمۇ ياكى ئۆزىدىن تورغا چىقىپ ھەقسىز ئويۇن چۈشۈرگىلىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم مەسىلە شۇكى، Xbox360 نىڭ نۇسخىسى «يېشىۋېتىلگەن نۇسخا»، «يېشىۋېتىلمىگەن نۇسخا» دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. بۇ خەنزۇچە «破解版 , 未破解版» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خۇددى iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغانغا،Android نىڭRoot ھوقۇقىنى ئالغانغا ئوخشايدۇ. يېشىۋېتىلمىگەن نۇسخىنى پەقەت ھەقىقىي نەشرىدىكى ئويۇن پىلاستىنكا سېتىۋېلىپ ئوينىغىلى بولىدۇ. ئوغرى نەشرىنى ئوينىغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئارتۇقچىلىقى شۇكى، تورغا ئۇلاپ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ ئوينىغىلى بولىدۇ. ھەقىقىي نەشرىدىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى 200-250 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، 350 يۈەنلىك ئويۇنلارمۇ بار.

يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى تەھرىرلەش

Xbox360 نىڭ ئىككى خىل يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى بار.

ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ تەھرىرلەش

ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ (光驱) يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بازاردىن ياكى توردىن بىر نەچچە يۈەنگە ئوغرى نەشرىدىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنى سېتىۋېلىپ ئوينىيالايسىز. بىر پىلاستىنكىدىكى ئويۇننىڭ سىغىمى 7-8 گېگابايت كېلىدۇ. بۇ نۇسخىدا قاتتىق دىسكىغا ئويۇن كۆچۈرۈپ ئوينىغىلى بولمايدۇ. ئويناش ئۈچۈن يەنە يېشىشكە توغرا كېلىدۇ. كومپيۇتېر بىلىمىڭىز بولسا توردىن ئىزدەنسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ قىلالايسىز.

قوش تەرەپلىك (双破解版) يېشىۋېتىلگەن تەھرىرلەش

قوش تەرەپلىك (双破解版) يېشىۋېتىلگەن نۇسـخىدا ئـەرزان ئـويۇن پىلاسـتىنكىسىنى ئوينىغىلىمۇ، قاتتىق دىسكىغا كۆچۈرۈۋېلىپ ياكى توردىن ئويۇن چۈشۈرۈپ ئوينىغىلىمۇ بولىدۇ.

ئەسكەرتىش تەھرىرلەش

يۇقىرىقى قايسىبىر يېشىۋېتىلگەن نۇسخا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى تورغا ئۇلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلاپ سالسا، مەشغۇلات سىستېمىسىنى توردىن ئاپتوماتىك يېڭىلاپ ئويۇن ماشىنىڭىزنى ھەقىقىي نەشرىدىكى پىلاستىنكىدىن باشقا پىلاستىنكىنى ئوينىغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا قاتتىق دىسكىدىكى ئويۇنلارنىمۇ ئوينىيالمايسىز. بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىك بولىدۇ. شۇڭا ھەرگىز تورغا ئۇلاپ سالماسلىق كېرەك. Xbox360 نىڭ WIFI ئىقتىدارىنىمۇ ئاچماڭ. باھا جەھەتتىن يېشىلمىگەن نۇسخىسى 1600 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئەرزانراق بولىدۇ. يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. Kinect قوشۇلغان قوش تەرەپلىك يېشىۋېتىلگەن 750 گېگابايتلىق نۇسخىسى 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئەگەر سىز ھەقىقىي ئويۇن مەستانىسى بولسىڭىز، كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينايمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە Xbox360 نىلا سېتىۋالغىنىڭىز تۈزۈك. چۈنكى، Xbox360 تا ئويۇن قېتىۋالىدىغان، ئويۇننى سۆرىيەلمەيدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس.Xbox360 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە سۈزۈكلۈكى كومپيۇتېردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولۇپ، ئويۇن ئويناش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ مەخسۇس ئويۇن ئويناش ئۈچۈنلا لايىھەلەپ ياسالغان. ئويۇننىڭ تۈرىگە كەلسەك،Xbox360 نىڭ ئويۇن تۈرى ناھايىتى كۆپ. چۈنكى، ھەر قانداق بىر ئويۇن شىركىتى ئالدى بىلەن ئويۇن ماشىنىلىرى ئۈچۈن ئويۇن ياسايدۇ. كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كېيىن چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ، كۆپىنچە ئويۇنلارنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى چىقمايدۇ. چۈنكى، كومپيۇتېر نۇسخىدىكى ئويۇنلارنى يېشىۋېتىش بەك ئوڭاي بولۇپ كەتكەچكە، ئەتىگىنى ئېلان قىلسا كەچتە يېشىلگەن نۇسخىسى تورغا چىقىپ بولغان بولىدۇ. يەنە كېلىپ كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئويۇنلارنىڭ ھەقىقىي نەشرىنىڭ باھاسى ئەرزان بولسىمۇ، سېتىلىشى ياخشى ئەمەس. مەسىلەن، 使命召唤10 نىڭ Xbox360 نۇسخىسى ھەقىقىي نەشرى 330 يۈەن بولسا، كومپيۇتېر نۇسخىسى ھەقىقىي نەشرىنىڭ باھاسى 150 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنە كېلىپ، كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئويۇنلارنىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سېتىۋالىدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز.