ئابدۇسالام توختى

ئابدۇسالام توختى
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپىشائىر، ژورنالىست، ئەدەبىي تەرجىمان
ئەسەر(لىرى)گۈلدەستە


شائىر، كۆزگە كۆرۈنگەن ژورنالىست، ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇسالام توختى 1934 - يىل 11 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ نوغايتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1941 - يىلدىن 1951 - يىلغىچە غۇلجا <ئۈمىد مەكتىپى> دە، ئەخمەتجان قاسمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان؛ 1951 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 9531 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى 2 - دارىلمۇئەللىمىندە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1956 - يىلدىن 1995 - يىلغىچە ئىلگىرى - ئاخىر شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ دەرسلىك بۆلۈمىدە ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ دەرسلىك بۆلۈمىدە ۋە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، نەشرىيات باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر پېنسىيىدە.

ئابدۇرسالام توختى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى، ئۇ، 1952 - يىلى <ئالغا> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <مېنىڭ ئەقىدەم> ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ۋەتەن>، <قوش يۈرەك>، <گۈلدەستە>، <دوستلۇق شەنىگە>، <نۇر چېچىپ ئاتقاندا تاڭ>، <خەلقىمگە>، <تەڭرىتاغ ھەققىدە مۇخەممەس>، <ئانا تىل> قاتارلىق نەچچە يۈزلەپ شېئىر ۋە بىرقىسىم داستان، باللادىلارنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلغان.

ئابدۇرسالام توختى پىشقان مۇھەررىر ۋە نەشرىياتچى. ئۇ، نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە 40 يىلغا يېقىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ۋە ئۇلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن ئەمەلىي ھەم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلدى. ئابدۇسالام توختى <ئەدەبىيات>، <ئېلىپبە>، <ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسى>، <ئوقۇشلۇق ۋە يېزىقچىلىق>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى>، <تىل - ئەدەبىيات پايدىلىنىش قوللانمىسى> قاتارلىق 37 خىل دەرسلىك كىتابنى شەخسەن ئۆزى تۈزۈپ چىقتى. ئۇ يەنە <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى> (1 -، 2 - قىسىم)، <ئەدەبىيات>، <چەت ئەل ئەدەبىياتى>، <جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى> قاتارلىق دەرسلىك كىتاب ۋە <تارىم چېچەكلىرى>، <قىزىلتاغ باتۇرلىرى>، <ئۇيقۇسىز كېچىلەر> قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بولۇپ 300 پارچىدىن كۆپرەك كىتابنىڭ جاۋابكار مۇھەررىرى بولدى.

ئابدۇسالام توختى يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىمۇ ئاز بولمىغان ئىشلارنى قىلغان. ئۇ، 1960 - يىللاردىن تارتىپ ھازىرغىچە شېكسپېر، پۇشكىن، چېخوۋ، ئۆمەر ھەييام، دۇفۇ، بەي جۈيى، لۇشۇن، گومورو، ئەي چېڭ قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل شائىر - يازغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىدىن 500 پارچىدىن كۆپرەكنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغان.

ئابدۇسالام توختىنىڭ <گۈلدەستە> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1981 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.

ئابدۇسالام توختى ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبەلەر تەھرىرلەش