غۇلجا ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ghulja Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. غۇلجا ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمال تەرىپى جىڭ ناھىيىسى ۋە بورتالا شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 95 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4587 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە 6 بازارلىق، 12 يېزا، 159 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 715 كىلومېتىر.

غۇلجا ناھىيىسى

伊宁县.Ghulja County

غۇلجا ناھىيىسى خەرىتىدىكى ئورنى
ئومۇمىي ئەھۋال
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئوبلاست ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇرقازاق
تىللار ئۇيغۇرچەقازاقچە
كوچا باشقارمىسى سانى 0 دانە
بازارلىق سانى 6 دانە
يېزا سانى 12 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 439,179 [1]
يەر مەيدانى 4,486.05 كۋادرات كىلومېتىر
باشقىلار
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 999 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新F

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

غۇلجا شەھىرى قارمىقىدا 6 دانەبازارلىق بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 جېلىليۈزى بازىرى Jélilyüzi Baziri Jelilyuzi Town 吉里于孜镇 11 37.2 27.27
2 خۇدىياريۈزى بازىرى Xudiyaryüzi Baziri Xudiyaryuzi Town 胡地亚于孜镇 10 18.5 55.97
3 دۆڭمازار بازىرى Döngmazar Baziri Dongmazar Town 墩麻扎镇 4 15 27.5
4 ئارائۆستەڭ بازىرى Araösteng Baziri Araosteng Town 阿热吾斯塘镇 12 20 87.15
5 يېڭىتام بازىرى Yéngitam Baziri Yengitam Town 英塔木镇 9 24.7 122
6 بايتوقاي بازىرى Baytoqay Baziri Baytoqay Town 巴依托海镇 12 19.2 141.34

ئىزاھات:

  • 1. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى خۇدىياريۈزى يېزىسى خۇدىياريۈزى بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[2]
  • 2. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئارائۆستەڭ يېزىسى ئارائۆستەڭ بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[3]
  • 3. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى يېڭىتام يېزىسى يېڭىتام بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[4]
  • 4. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى بايتوقاي يېزىسى بايتوقاي بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[5]

غۇلجا ناھىيىسى قارمىقىدا 12 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 تۇرپانيۈزى يېزىسى Turpanyüzi Yézisi Turpanyuzi Township 吐鲁番于孜乡 4 13.5 68.3
2 قاراياغاچ يېزىسى Qarayaghach Yézisi Qarayaghach Township 喀拉亚尕奇乡 6 11.7 468.64
3 موللاتوختايۈزى يېزىسى Mollatoxtayüzi Yézisi Mollatoxtayuzi Township 莫洛托乎提于孜乡 4 8.1 25.5
4 سادىقيۈزى يېزىسى Sadiqyüzi Yézisi Sadiqyuzi Township 萨地克于孜乡 2 5.2 13.09
5 ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى Üchon Xuyzu Yézisi Uchon Hui Township 愉群翁回族乡 15 46.7 155.2
6 چۇلۇقاي يېزىسى Chuluqay Yézisi Chuluqay Township 曲鲁海乡 6 10.4 93.36
7 ئەۋلىيا يېزىسى Ewliya Yézisi Ewliya Township 阿乌利亚乡 5 15.4 498.83
8 ئونيار يېزىسى Onyar Yézisi Onyar Township 温亚尔乡 7 13 143.79
9 مازار يېزىسى Mazar Yézisi Mazar Township 麻扎乡 6 13.7 197.17
10 ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى Uyghur Üchon Yézisi Uyghur Uchon Township 维吾尔玉其温乡 7 13.2 731
11 سامىيۈزى يېزىسى Samyüzi Yézisi Samyuzi Township 萨木于孜乡 8 15.7 126.5
12 قاش يېزىسى Qash Yézisi Qash Township 喀什乡 8 24.3 365.32

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

يەر شەكلى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شىمالدىن غەربكە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق چايلار 64.15% نى، ئېدىرلىق 11.9% نى، تۈزلەڭلىك 23.95% نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە قاش دەرياسى، بوربوسۇن دەرياسى، جىرغىلاڭ دەرياسى ۋە پىلىچى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 470 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 1 مىليارد 142 مىليون كۇب مېتىر. تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، قىزىل تۈلكە، ياۋا چوشقا، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم، ھىڭ، سۇغىگۈل، قىرىق بوغۇم، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ھاك تېشى، كۋارتس، چىرىمتال، بارىت، گاۋلىڭ توپىسى، پار - پۇر قاچا ۋە ساپال بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان توپ قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 67 مىڭ 600 گېكتار (1 مىليون 13 مىڭ 900 مو) تېرىلغۇ يەر، 31 مىڭ 600 گېكتار (474 مىڭ مو) ئورمانلىق، 322 مىڭ 300 گېكتار (4 مىليون 834 مىڭ مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، زىغىر، قىچا، كۆك تاماكا، قىزىلچا، ئۇزۇن تالالىق زىغىر، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىقى كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ھاراق ئېچىتىش، يېمەكلىك، يېنىك سانائەت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قان ئېچىش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل قۇرغاق كىلمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2802.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3310.6℃، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 257.5 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1613.6 مىللىمېتىر.

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كۈنەس قەلئەسى، توغلۇق تۆمۈر مازىرى بار. ئاقئۆزەن ئورمانلىقى باغچىسى، ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

مائارىپى تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-24.
  2. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(خۇدىياريۈزى بازىرى)". Archived from the original on 2020-09-18. Retrieved 2018-05-24.
  3. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(ئارائۆستەڭ بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-05-24.
  4. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(يېڭىتام بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-05-24.
  5. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(بايتوقاي بازىرى)". Archived from the original on 2019-08-11. Retrieved 2018-05-24.

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى