مارالبېشى ناھىيىسى
مارالبېشى ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Maralbéshi Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ. مارالبېشى ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى پەيزاۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، ئاقچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 169 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 21 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر.
مارالبېشى ناھىيىسى
巴楚县.Maralbeshi County | |
مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 4 دانە |
يېزا سانى | 8 دانە |
نوپۇسى (2017-يىل) | 382،186 [1] |
يەر مەيدانى | 21,741.3 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشقەشقەر ۋىلايىتىمارالبېشى ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 8 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | مارالبېشى بازىرى | Maralbeshi Baziri | Maralbeshi Town | 巴楚镇 | 10 | 48 | 22.4 |
2 | ئاچال بازىرى | Achal Baziri | Achal Town | 三岔口镇 | 1 | 0.8 | 500 |
3 | سېرىقبۇيا بازىرى | Seriqbuya Baziri | Seriqbuya Town | 色力布亚镇 | 23 | 45 | 280 |
4 | ئاۋات بازىرى | Awat Baziri | Awat Town | 阿瓦提镇 | 22 | 29 | 2,500 |
5 | ئاناركۆل يېزىسى | Anarköl Yézisi | Anarkol Township | 铁日木乡 | 16 | 26 | 100 |
6 | دۆلەتباغ يېزىسى | Döletbagh Yézisi | Doletbagh Township | 多来提巴格乡 | 22 | 28 | 486 |
7 | چارباغ يېزىسى | Charbagh Yézisi | Charbagh Towship | 恰尔巴格乡 | 21 | 28 | ؟ |
8 | شامال يېزىسى | Shamal Yézisi | Shamal Township | 夏马勒乡 | 12 | 10 | 898 |
9 | ئاقساقمارال يېزىسى | Aqsaqmaral Yézisi | Aqsaqmaral Township | 阿克萨克玛热勒乡 | 21 | 31 | 1,147 |
10 | ئالاغىر يېزىسى | Alaghir Yézisi | Alaghir Township | 阿拉根乡 | 20 | 30 | 357.5 |
11 | چوڭقۇرچاق يېزىسى | Chongqurchaq Yézisi | Chongqurchaq Township | 琼库恰克乡 | 26 | 37 | 1,247 |
12 | يېڭىئۆستەڭ يېزىسى | Yéngiösteng Yézisi | Yengiosteng Township | 英吾斯坦乡 | 19 | 27 | 309.7 |
ئىزاھات:
يەر تۈزۈلۈشى
تەھرىرلەشغەربىي قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، غەربىي شىمال قىسمى تاغلىق، تاغلىق يەر 10.7% نى، بوستانلىق 38.8% نى، قۇملۇق 50.5% نى ئىگىلەيدۇ. زەرەپشان دەرياسى بىردىنبىر چوڭ دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 820 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 150 مىليون كۇب مېتىر؛ يەنە 3 سۇ ئامبىرى بولۇ، ئۇنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى 127 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن بۇغا، ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى، چاكاندا قاتارلىقلار بار.
بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، فوسفور، ئالماس، ھاكا تېشى، تۇز قاتارلىقلار بار.
يېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشبۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 40 مىڭ 900 گېكتار ( 613 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 38 مىڭ 900 گېكتار (583 مىڭ 500 مو) ئوتلاق، 173 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون 595 مىڭ مو) ئورمان، 330 مىڭ گېكتار ( 4 مىليون 950 مىڭ مو) ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان بۇيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ پاختا بۇ ناھىيىنىڭ تۈۋرۈك مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە 19 - ئورۇندا تۇردى.
ئىقلىمى
تەھرىرلەشمارالبېشى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېرراتۇرىسى 42.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 214.2℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2884.2 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4363.7℃، قىروسىز مەزگىلى 227 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 44.7 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2108.6 مىللىمېتىر.
ساياھەتچىلىكى
تەھرىرلەشمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توققۇز سەلەي خارابىسى، (خەنزۇچە تاڭ دەۋرىدىكى پادىشاھ قەلئەسى دېيىلىدۇ)، تاڭ دەۋرىدىكى تازىمغانا خارابىسى - چوڭ تام، تاڭ دەۋرىدىكى تۇرا خارابىسى قاتارلىقلار بار.
مائارىپى
تەھرىرلەشمەنبەلەر
تەھرىرلەش- ↑ "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-04-22.