باغراش ناھىيىسى

باغراش ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. باغراشنىڭ يەر مايدانى 3،603 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.

باغراش ناھىيىسى

تارىخ تەھرىرلەش

باغراش خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت، بوستان دۆلەتلىرىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاراشەھەر ئىش باشقۇرۇش بېگىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىلگەن. مىنگو دەۋرىدە خوشۇت ناھىيىسى، قاراشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېرى ئىدى. 1970 - يىلى خوشۇت ناھىيىسى بىلەن يەنجى ناھىيىسىنىڭ 3 يېزىسى ئاجرىتىلىپ باغراش ناھىيىسى قۇرۇلدى. تەۋەسىدە باغراش كۆلى بولغانلىقى ئۈچۈن باغراش ناھىيىسى دەپ ئاتالدى. ئۇ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدۇ.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

باغراش ناھىيىسى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا، باغراش كۆلىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمال تەرىپى خوشۇت ناھىيىسى بىلەن، غەربىي شىمال تەرىپى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 91 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بوغان كەڭلىكى 67 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 2166.3 كۋادرات كىلومېتىر. باغراش ناھىيىسىگە 1 بازار 6 يېزا، 25 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 422 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 50 مىڭ 300. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 14.32%نى، خەنزۇلار 67.67% نى، باشقا مىللەتلەر 18.01% نى تەشكىل قىلىدۇ.  يېرىنىڭ جەنۇبىي شىمال قىسىمى ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس، تۆت تەرىپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. يېپىق ئويمانلىققا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 18.4% نى، تۈزلەڭلىك 28.4% نى، قۇملۇق 13.4% نى تەشكىل قىلىدۇ. باغراش كۆلىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 1000 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تاتالىق سۇلۇق ئىچكى قۇرۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ككل رايونىدا بايلىق ناھايىتى مول، جەمئىي 26 خىل بېلىق بار. قومۇش كۆلىمى 560 مىڭ مو بولۇپ، مەملىكتىمىز بويىچە 4 چوڭ قومۇشلۇقنىڭ بىرى. قاراشەھەر دەرياسى ناھىيىدىن كېيىن كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىش مىقدارى 3 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونىدىكى يەر ئاستى سۇ زاپىسى مىقدارى 88 مىليون كۇب مېتىر. قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، تۇز، تازىلانغان شور، تورف قاتارلىقلار بايقالدى. باغراش ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.9℃، قۇياش نۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3109 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 175 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 64.7 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1881.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 9000 گېكتار (135 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 2500 گېكتار ( 37 مىڭ مو) ئورمانلىق، 51 مىڭ 300 گېكتار (770 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پەمىدۇر، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن قارا شەھەر ئېتى، خوشۇت كالىسى قاتارلىقلار بار. سانائەت جەھەتتە قەغەزچىلىك، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار. باغراش ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي تەرەققىي قىلماقتا. 206 - ئۆلكە تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنىڭ تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان 2240 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

  • باغراش بازىرى (博湖镇)
  • بۇمبۇت بازىرى (本布图镇)
  • ئۇلان جېكىسىن يېزىسى (乌兰再格森乡)
  • باغراش يېزىسى (博斯腾湖乡)
  • تابانجۆكىن يېزىسى (塔温觉肯乡)
  • چاغاننۇر يېزىسى (查干诺尔乡)
  • چېكىننۇر يېزىسى (才坎诺尔乡)
  • 25-تۇەن مەيدانى (兵团二十五团)

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئاساسىي قۇرۇلۇش تەھرىرلەش

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

باغراش ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
خەنزۇلار
61.8%
ئۇيغۇرلار
18.3%
خۇيزۇلار
11.4%
موڭغۇللار
7.2%
باشقا مىللەتلار
1.3%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن باكشىنئېنسۇم لاما ئىبادەتخانىسى، باغراش كۆلى چوڭ - كىچىك رايونلىرى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ تەھرىرلەش

تەنھەرىكەت يىغىنى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.