چىرا ناھىيەسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى لوپ ناھىيىسى ۋە خوتەن ناھىيىسى بىلەن، شىمالى ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 35 121 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 33 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، ئالتە يېزا، 124 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىقى فېرمىسى بارا. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1413 كىلومېتىر.

چىرا ناھىيىسى

策勒县.Chira County

لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 6 دانە
نوپۇس 150 مىڭ
يەر مەيدانى 31،688 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ما جىياڭشەن،马江山
ھاكىم شەۋكەت ياسىن
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىرانىڭ شىمالىي قىسمى ئۇزۇتقات دۆلىتىنىڭ يېرى، جەنۇبىي قىسمى كېرىيە دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن چىرا كېرىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر كەنت بولغان. مىنگو 8 - يىلى (1919 - يىلى) چىرا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو 81 - يىلى (1929 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە

تەھرىرلەش

چىرا ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كېرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قۇملۇق ئارقىلىق ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 35 ~ 121 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 33 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 124 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىقى فېرمىسى بارا. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4131 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسىى 125 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.51% نى، خەنزۇلار 1.46% نى، باشقا مىللەتلەر 0.03% نى تەشكىل قىلىدۇ.

مەمۇرىي رايون

تەھرىرلەش

چىرا ناھىيىسىدە 2 بازارلىق ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 چىرا بازىرى Chira Baziri Chira Town 策勒镇 10 15
2 گۇلاخما بازىرى Gulakhma Baziri Gulakhma Town 固拉合玛镇 19 27 1081
3 چىرا يېزىسى Chira Yétisi Chira Township 策勒乡 19 31
4 دامىكۇ يېزىسى Damiku Yétisi Damiku Township 达玛沟乡 17 20
5 چاقا يېزىسى Chaqa Yétisi Chaqa Township 恰哈乡 20 15 7,761
6 ئۇلۇغساي يېزىسى Ulughsay Yétisi Ulughsay Township 乌鲁克萨依乡 8 5 989
7 نۇرى يېزىسى Nuri Yétisi Nuri Township 奴尔乡 18 12 5225.5
8 بوستان يېزىسى Bostan Yétisi Bostan Township 博斯坦乡 12 7

ئىزاھات:

  • 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى گۇلاخما يېزىسى گۇلاخما بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

يەر تۈزلۈشى

تەھرىرلەش

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ چوققىلىرى ئارىسدا تار سايلار بار. ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تۇز، قۇم ئېتىزلارنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمى چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى. تاغلىق يەرلەر 40.5% نى، چۆل - باياۋان 56.65% نى، بوستانلىق 2.9% نى ئىگىلەيدۇ. توققۇز پەسىل خاراكتېرلىك دەيا ۋە ئالتە بۇلاق سۈيى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 624 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 378 مىليون كۇب مېتىر.

بايلىقلىرى

تەھرىرلەش

ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، ياۋا توشقان، سۇغۇر، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، چاكاندا، يېكە سېرىقى، قانتېپەر، توشقان زەدىكى، تېبەت قىزىل گۈلى، ئالقات، يەر مەدىكى، قومۇش يىلتىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، قاشتېشى، ھاك تېشى، كۋارتس تاش، سۈرمە تاش، چىرىمتال، تاش پاختا، سىڭىرتاش، گۈڭگۈرت، تۇز قاتارلىقلار بار.

كىلىماتى

تەھرىرلەش

چىرا ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.9℃. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىلنىڭ 91.3 كۈنىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن ئاشىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2689.6 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4262.5℃. قىروسىز مەزگىلى 231 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 33.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2588.2 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 25.2 كۈن. چىرا ناھىيىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى

تەھرىرلەش

ھازىر 18 مىڭ 400 گېكتار (276 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 8000 گېكتار ( 120 مىڭ مو) ئورمانلىق، 375 مىڭ گېكتار (5 مىليون 625 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 142 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 134 مىڭ 500 مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، پۇرچاق، ياغلىقدان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، پاختا چىقىرىش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. چىرا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان. 1000 پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن.

سىرتقى ئۇلاش

تەھرىرلەش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى