يەكەن ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتى گە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇبى بولسا پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇبى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىۋە ئاقتو ناھىيىسى بىلەن، غەربى يېڭىسار ناھىيىسى بىلەن، شىمالى يوپۇرغا ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 850 دىن ئارتۇق بولۇپ نوپۇسى جەھەتتىن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ ناھىيە.

يەكەن ناھىيىسى

莎车县.Yarkant County

يەكەن ناھىيىسى (نومۇرى 6) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كوچا باشقارمىسى سانى 1 دانە
بازارلىق سانى 9 دانە
يېزا سانى 20 دانە
نوپۇسى 864 مىڭ
يەر مەيدانى 9,036.55 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

ئېتىمولوگىيە تەھرىرلەش

يەكەن ئەسلى ياركەنت ياكى ياركەند بولۇپ، يار يەنى دەريا بويىدىكى شەھەر دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۇ خۇددى تۇرپاندىكى يارغول نامىغا ئوخشايدۇ.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسى قارمىقىدا 1 دانە كوچا باشقارمىسى، 9 دانە بازارلىق ۋە 20 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 زەرەپشان كوچا باشقارمىسى Zerepshan kocha bashqarmisi Zerepshan subdistrict 叶尔羌街道办事处 17
2 يەكەن بازىرى Yeken baziri Yarkant town 莎车镇 26 224 23
3 گۈلباغ بازىرى Gülbagh baziri Gulbagh town 古勒巴格镇 14 22.2 ؟
4 مىشا بازىرى Misha baziri Misha town 米夏镇 24 32.5 ؟
5 چارەك بازىرى Charek baziri Charak town 恰热克镇 27 30 ؟
6 ئېگەرچى بازىرى Égerchi baziri Egerchi town 依盖尔其镇 21 27.5 100.6
7 بەشكەنت بازىرى Beshkent baziri Beshkent town 白什坎特镇 26 40 ؟
8 ئاۋات بازىرى Awat baziri Awat town 阿瓦提镇 18 25 ؟
9 ئېلىشقۇ بازىرى Élishqu baziri Elishku town 艾里西湖镇 26 36.8
10 خاڭدى بازىرى Xangdi baziri Hangdi town 荒地镇 27 35 227.3

ئىزاھات:

  • 1. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن زەرەپشان كوچا باشقارمىسى قۇرۇلغان.
  • 2. 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى گۈلباغ يېزىسى گۈلباغ بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
  • 3. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى مىشا يېزىسى مىشا بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
 

يەكەن ناھىيىسى قارمىقىدا 20 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئارال يېزىسى Aral yézisi Aral town 阿热勒乡 16 18 23
2 چارباغ يېزىسى Charbagh yézisi Charbagh town 恰热巴格乡 15 13 ؟
3 تومئۆستەڭ يېزىسى Tomösteng yézisi Tomosteng town 托木吾斯塘乡 15 32.2 109.6
4 يېڭىئۆستەڭ يېزىسى Yéngiösteng yézisi Yengiosteng town 英吾斯塘乡 10 10.5 28.67
5 ئارسلانباغ يېزىسى Arslanbagh yézisi Arslanbagh town 阿热斯兰巴格乡 20 20 ؟
6 ئودانلىق يېزىسى Odanliq yézisi Odanlik town 乌达力克乡 11 10.2 168
7 ياقائېرىق يېزىسى Yaqaériq yézisi Yaqaerik town 亚喀艾日克乡 11 10.2 118.2
8 كاچۇڭ يېزىسى Kachung yézisi Kachung town 喀群乡 14 19 73.3
9 قوشىراپ يېزىسى Qoshirap yézisi Koshirap town 藿什拉甫乡 15 17.3 ؟
10 دامسى يېزىسى Damsi yézisi Damsi town 达木斯乡 8 9.7 5.47
11 ئىشقۇل يېزىسى Ishqul yézisi Ishkul town 伊什库力乡 23 31 116.5
12 تاغارچى يېزىسى Tagharchi yézisi Tagharchi town 塔尕尔其乡 30 34.5 ؟
13 پەكىچى يېزىسى Pekichi yézisi Pekichi town 拍克其乡 16 23 189.2
14 قوشئېرىق يېزىسى Qosh’ériq yézisi Kosh’erik town 阔什艾日克乡 13 16.5 ؟
15 قاراسۇ يېزىسى Qarasu yézisi Karasu town 喀拉苏乡 12 14.8 86.28
16 باغئاۋات يېزىسى Baghawat yézisi Baghawat town 巴格阿瓦提乡 11 17 189.3
17 ئالامەت يېزىسى Alamet yézisi Alamet town 阿拉买提乡 11 17 189.3
18 ئازادباغ يېزىسى Azadbagh yézisi Azadbagh town 阿扎特巴格乡 13 15.8 133.6
19 دۆڭباغ يېزىسى Döngbagh yézisi Dongbagh town 墩巴格乡 12 23.2 75.3
20 زەرەپشات تاجىك يېزىسى Zerepshat Tajik yézisi Zerepshat Tajik town 孜热甫夏提塔吉克族乡 12 10 ؟

ئىزاھات:

مائارىپى تەھرىرلەش

 

يەكەن قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ بۆشۈكى ئىدى بۈگۈنكى يەكەننىڭ مائارىپ ئاساسىي خېللا مۇستەھكەم .ھازىر تەۋەلكىدە: يەكەن كەسپى تېخنكا تەربىيلەش مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكومى)، يەكەن تىببى مەكىتىپى، كەسپى تىخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى،ئوقۇتقۇچىلاربىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا ئالىي تېخنىكوم بىلىم ئېلىش سورۇنلىرى بار.شەھەر رايۇنىدا، 8 ئوتتۇرا مەكتەپ بولغاندىن سىرىت قالغان 29 يىزا-بازارلار دا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى بار بولغان مۇكەممەل مائارىپ تەربىيە ئورۇنلىرى بىلەن قاپلانغان.

تەنتەربىيە تەھرىرلەش

يەكەن خەلقى بۇرۇندىن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قىزىىقىدىغان بولۇپ توپ تۈرلىرىدىن پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبوللار بىر قەدەر ئوموملاشقان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنھەركەت پائالىيەتلىرىگە بولۇپمۇ توپ تۈرلىرىگە بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ. يېزىلاردا بولسا قەدىمدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە چىلىشىش ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىلىرى پەسلگە قاراپ ئۆتكۈزىلىپ تۇرىدۇ.

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

يەكەندە قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە سەيلىگاھلار كۆپ. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىجادچىلىرىدىن ئاماننىساخان مەقبەرىسى، يەكەن جامىئەسى، ئالتۇنلۇق مازىرى، يەنە قىرىقتەن (چىلتەن) مازىرى، قاراسۇ قۇملۇق مەنزىرىگاھى قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

باشقىلار تەھرىرلەش

يەكەن خەلقى مىھماندوسىت، تىرىشچان ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق بۈگۈنكى گۈزەل شەھەرنى بەرپا قىلغان. ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇر بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدۇ.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى