خوتەن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. خوتەن ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى دەريا ئارقىلىق قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر(ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر) ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 42 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېېتىر.

خوتەن ناھىيىسى

和田县.Hotan County

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر

خەنزۇ

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 10 دانە
نوپۇس 300 مىڭ
يەر مەيدانى 400 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى لۇ بورەن،卢柏然
ھاكىم ماخمۇت مامۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

تارىخى تەھرىرلەش

خوتەن ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلتىنىڭ غەربىي شەھىرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسىگە تەۋە بولۇپ، ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 9 - يىلى ( 1883 - يىلى) خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 2 - يىلى (1913 - يىلى) خوتەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن مەمۇرىي رايونى ۋە خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1959 - يىلى نامى خوتەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتىدۇ.

جۇغراپىيەلىك ئورنى تەھرىرلەش

خوتەن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى دەريا ئارقىلىق قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر)، ئومۇمىي يەر مەيدانى 42 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 11 يېزا، 214 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. بۇيەردە يەنە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا - بۇيا كۆمۈر كېنى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1520 كىلومېتىر. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 231 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 99.42% نى، خەنزۇلار 0.46% نى، باشقا مىللەتلەر 0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىدا ئېگىز تاغلار سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى بەلۋاغسىمان تىنما تۈزلەڭلىك بولۇپ، تاغلىق رايونى 95% نى، تۈزلەڭلىك 0.14% نى، قۇملۇق 4.86% نى ئىگىلەيدۇ. قارقاش دەرياسى بىلەن يورۇڭقاش دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 679 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 907 مىليون كۇب مېتىر (خوتەن شەھىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، قاپلان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ئالقات، يەر مەدىكى (بۆرى سامساق)، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، قاشتېشى، كۆمۈر، سىڭىرتاش، ھاك تېشى، بېرىللېي، لىتىي، نئوبىي، تانتال قاتارلىقلار بار.

 

ئىقلىمى تەھرىرلەش

خوتەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 12.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 21.6℃، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2610.6 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9℃. قىروسىز مەزگىلى 224 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 33.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2602.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 32.9 كۈن. ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر 20 مىڭ 600 گېكتار (309 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 21 مىڭ 300 گېكتار (320 مىڭ مو) ئورمانلىق، ئىككى مىليون 302 مىڭ گېكتار ( 11 مىليون 510 مىڭ مو) يايلاق، يەنە 96 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 450 مىڭ مو) دېھقانچىلىققىمۇ، ئورمانچىلىققىمۇ باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايونلىرى تەھرىرلەش

خوتنەن ناھىيىسىدە ئىككى بازارلىق، ئون دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 باغچى بازىرى Baghchi Baziri Baghchi Town 巴格其镇 35 45 307
2 خانئېرىق بازىرى Khaneriq Baziri Khaneriq Town 罕艾日克镇 35 57 ?
3 بۇزاق يېزىسى Buzaq Yézisi Buzaq Township 布扎克乡 24 27 35.3
4 لايقا يېزىسى Layqa Yézisi Layqa Township 拉依喀乡 19 30 30.5
5 لاڭرۇ يېزىسى Langru Yézisi Langru Township 朗如乡 15 17 24648
6 يېڭىئېرىق يېزىسى Yengieriq Yézisi Yengieriq Township 英艾日克乡 11 10 616
7 يېڭىئاۋات يېزىسى Yengiawat Yézisi Yengiawat Township 英阿瓦提乡 15 24 2404
8 سېغىزكۆل يېزىسى Seghizkol Yézisi Seghizkol Township 色格孜库勒乡 14 10 258.4
9 ئىسلامئاۋات يېزىسى Islamawat Yézisi Islamawat Township 伊斯拉木阿瓦提乡 13 20 ?
10 تەۋەككۈل يېزىسى Tewekkul Yézisi Tewekkul Township 塔瓦库勒乡 19 27 259.6
11 قاشتېشى يېزىسى Qashteshi Yézisi Qashteshi Township 喀什塔什乡 12 6 13299
12 ئۇزۇنشو يېزىسى Uzunsho Yézisi Uzunsho Township 吾宗肖乡 13 10 ?

ئىزاھات:

  • 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى خانئېرىق يېزىسى خانئېرىق بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
  • 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۇزۇنشو يېزىسى قۇرۇلغان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى تاشلىق كەنتىسىدە.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، سېمونت، پاختا پروكاتلاش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە <خوتەن قاشتېشى>، <خوتەن گىلىمى>، <خوتەن يىپىكى> يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات. خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنى قورشاپ تۇرغان ئاسفالت يوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ناھىيە بازىرىدىن ئايرودرومىغىچە بولغان ئارىلىق ئالتە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. نۇر كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسىمىي باشلاندى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

ئىقتىساد تەھرىرلەش

 

خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315-لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنى قورشاپ تۇرغان ئاسفالت يوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ناھىيە بازىرىدىن ئايرودرومىغىچە بولغان ئارىلىق ئالتە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. نۇر كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسىمىي باشلاندى. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن مىلىكئاۋات، پوتقان قاتارلىقلار بار. چەكسىز كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى. مىڭ يىللىق ياڭاق دەرىخى پادىشاھى، 500 يىللىق ئەنجۈر دەرىخى پادىشاھى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىرى بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، سېمونت، پاختا پروكاتلاش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە «خوتەن قاشتېشى» ، «خوتەن گىلىمى» ، «خوتەن يىپىكى» يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات.

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى