بۇزاق يېزىسى خوتەن ناھىيىسىگە قاراشلىق بولۇپ، خوتەن بوستانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، خوتەن شەھىرىبىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، خوتەن ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپىباغچى بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرىپى تۇساللا يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپىلايقا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاتناش قولايلىق. يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمى 533 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31 مىڭ مو، شەھەرگە قاراشلىق 222 كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 3 مەمۇرىي كەنت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات رايونى، 167 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. يېزا بويىچە جەمئىي دېھقان-چارۋىچىلاردىن 6367 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 28 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچلىرى 13 مىڭ، يېزا بويىچە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %13.5، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰9.51 بولغان. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قولدا توقۇلغان گىلەم قاتارلىقلار.

بۇزاق يېزىسى

布扎克乡.Buzaq town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 24 دانە
نوپۇس 27 مىڭ
يەر مەيدانى 35.3 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر

تەھرىرلەش

تەۋەلىكىدە 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار بۇزاق كەنتى، جاي كەنتى، چىلەك كەنتى، تېتىر كەنتى، ئازۇك كەنتى، ئازنا بازار كەنتى، ھالۇ ئېرىق كەنتى، چاقا كەنتى، كەنئېرىق كەنتى، كوسا كەنتى، شور ئېرىق كەنتى، باسىي كەنتى، تېرىقئېرىق كەنتى، تۆۋەن قاش كەنتى، پاتەكلا كەنتى، توخۇلا كەنتى، قۇممەھەللىسى، قاش كەنتى، يايلىغان كەنتى، قۇمباغ كەنتى، قۇمقايغان كەنتى، تارشىلىق كەنتى، ئۇزۇنشور كەنتى قاتارلىقلار.

باشقىلار

تەھرىرلەش

قەبرىستانلىقخوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يېزىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 400 مېتىر كېلىدۇ. 1983-يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم قېزىلغان بولۇپ، بىر تۈركۈم مۇكەممەل ساقلانغان رەڭلىك جەسەت ساندۇقى بار، جەسەت ساندۇقى ئىچىدە يىپەك كىيىم-كىچەكلەر بار بۇلۇپ، تارىخىي مەدەنيەتنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىسپات بۇلالايدۇ.