خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى بىر ۋىلايەت بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالى باغرىغاجايلاشقان.ئومۇمىي يەر مەيدانى 247 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدار بىر شەھەر،. يەتتە ناھىيە خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى بار.ئومۇمى نوپۇسى 2 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

خوتەن ۋىلايىتى

和田地区.Hotan Prefecture

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ۋىلايەت
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
مىللەتلەر ئۇيغۇر

خەنزۇ

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
شەھەر سانى 1 شەھەر
ناھىيە سانى 7 ناھىيە
نوپۇس 2 مىليون 200 مىڭ
يەر مەيدانى 248,946km2
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت [www.xjht.gov.cn/ خوتەن ھۆكۈمەت تورى]

ئومۇمىي ئەھۋالى تەھرىرلەش

خوتەن ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندىستاننىڭ ئەمەللىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 670 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 247 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدار بىر شەھەر،. يەتتە ناھىيە (خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە ئشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بار. مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان خوتەن شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1520 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 504 مىڭ 800 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 97.4% نى، خەنزۇلار 2.66% نى، باشقا مىللەتلەر 0.2% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس. بۇ تاغلىق رايون 33.3% نى، چۆل - چەزىرە 63% نى، بوستانلىقلار 3.7% نى ئىگىلەيدۇ. 36 چوڭ - كىچىك دەرياسى، 58 بۇلىقى بار. يەر ئاستى سۇ بايلىقى سەككىز مىليارد 770 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى ئۈچ مىليارد 246 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، تىبەت قۇلۇنى، قوتاز، تىبەت بۆكىنى، ئارقار، ياۋا تۆگە، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، قانتېپەر، قارلەيلىسى، رەۋەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، تانتال، لىتىي، پېرىللىي، سىندىي، نىئوبىي، سىڭىر تاش، ھاك تېشى، قاشتېشى قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

خوتەن ۋىلايىتىدە جەمئىي بىر شەھەر يەتتە ناھىيە بار بولۇپ، ئۇلار خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى ۋە نىيە ناھىيىسىدىن ئىبارەت.

 
1.خوتەن شەھىرى،شەھەرنىڭ غەربى جەنۇبى بولسا خوتەن ناھىيىسى؛2.تالاش-تارتىش بار زىمىن؛3.قاراقاش ناھىيىسى؛4.گۇما ناھىيىسى؛5.لوپ ناھىيىسى؛6.چىرا ناھىيىسى؛7.كېرىيە ناھىيىسى؛8.نىيە ناھىيىسى.
نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى يېزا بازار سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 خوتەن شەھىرى Hotan Shehiri Hotan city 和田市 7 350 85,035
2 گۇما ناھىيىسى Guma Nahiyisi Guma County 皮山县 15 250 39,741
3 قاراقاش ناھىيىسى Qaraqash Nahiyisi Qaraqash County 墨玉县 16 600 25,788
4 خوتەن ناھىيىسى Hotan Nahiyisi Hotan County 和田县 12 300 4,140.7
5 لوپ ناھىيىسى Lop Nahiyisi Lop County 洛浦县 9 250 14,314
6 چىرا ناھىيىسى Chira Nahiyisi Chira County 策勒县 8 150 31,688.01
7 كېرىيە ناھىيىسى Keriye Nahiyisi Keriye County 于田县 15 300 30,094.83
8 نىيە ناھىيىسى Niye Nahiyisi Niye County 民丰县 7 50 56,759.86
جەمئىي 89 2 مىليون 200مىڭ 248,946

خوتەن شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى380مىڭ(2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى) بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 13مىللەت ياشايدۇ.خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىن يۇرۇڭقاش دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىق نەچچە كىلومىتېرلا كىلىدۇ. شەرقى تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسى ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربى تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، قاراقاش ناھىيە بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 20كىلومىتېر كېلىدۇ.

گۇما ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى مەكتى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار، 13 يېزا، 197 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1596 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 202 مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 97.69% نى، خەنزۇلار 1.44% نى، باشقا مىللەتلەر 0.87% نى تەشكىل قىلىدۇ

قاراقاش ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە، شەرقىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى گۇما ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 319.5 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 ~ 5.112 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىڭ 100 كۋادىرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 15 يېزا، 362 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. قاراقاشنىڭ يەر مايدانى 25،667 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ، جەنۇپ تەرىپى كوئىنلۇن تاغلىرىغا، شىمال تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ. 2010-يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلاڭاندا ، ھازىر قاراقاش ناچىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 520،000بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ %98نى ئىگىلەيدۇ.

خوتەن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى دەريا ئارقىلىق قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر)، ئومۇمىي يەر مەيدانى 42 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 11 يېزا، 214 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1520 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 231 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 99.42% نى، خەنزۇلار 0.46% نى، باشقا مىللەتلەر 0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ.

لوپ ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب، شىمال تەرىپى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 337.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار، سەككىز يېزا، 238 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1486 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 214 مىڭ 700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.65% نى، خەنزۇلار 1.3% نى، باشقا مىللەتلەر 0.05% نى تەشكىل قىلىدۇ

چىرا ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كېرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قۇملۇق ئارقىلىق ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 33 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 124 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىقى فېرمىسى بارا. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4131 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسىى 125 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.51% نى، خەنزۇلار 1.46% نى، باشقا مىللەتلەر 0.03% نى تەشكىل قىلىدۇ

كېرىيە ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىيە ناھىيىسىگە، غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 122 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 13 يېزا، 168 ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1329 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 191 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.49% نى، خەنزۇلار 1.41% نى، باشقا مىلللەتلەر 0.1% نى تەشكىل قىلىدۇ.

نىيە ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەر تەرىپى كېرىيە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 54 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، بەش يېزا، 32 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1215 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 30 مىڭ 500 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 90.86% نى، خەنزۇلار 9.01% نى، باشقا مىللەتلەر 0.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

خوتەن ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.4℃ ~ 12.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2400 - 2900 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300℃ ~ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى 210 ~ 024 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدرى 30 ~ 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2400 ~ 8002 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاقاس قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 30 ~ 25 كۈن. خوتەن ۋىلايىتى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 157 مىڭ گېكتار (ئىككى مىليون 365 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 263 مىڭ 300 گېكتار (ئۈچ مىليون 950 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان، 94 مىڭ گېكتار (بىر مىليون 240 مىڭ مو) سۈنئىي ئورما، ئىككى مىليون 492 مىڭ 300 گېكتار ( 37 مىليون 391 مىڭ مو) ئوتلاق، 17 مىڭ 200 گېكتار (258 مىڭ مو) سۈنئىي ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، ياغلىقدان ۋە ھۆل - قۇرۇق مېۋە - چېۋىلەر بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن يېرىم ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق، يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى خوتەننىڭ ئۈچ گۆھىرى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 513 - لىنىيىسى تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى؛ ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، 90% دىن كۆپرەكى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ بولدى. خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر ھەپتىدە قەرەللىك ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردىكى پروگراممىلىق تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوماتىك ئۇچۇر تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە تېلېفون، چاقىرغۇ ئاپپاراتلىرى تەڭلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

 
خوتەن قاشتېشى كۆرگەزمە قىلىنماقتا

جۇغراپىيىسى تەھرىرلەش

خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ،جەنۇبتا كوئىنلۇن تېغىدىن ھالقىپ،شىزاڭ شىمالي ئېگىزلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرىقتە بايۇنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئىچكىرسىگە كىرىشىپ كىتىپ،ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ.غەرىبتە قەشقەر بىلەن ،غەربى جەنۇپتا قارا قۇرۇم تېغى ئارقىلىق ھىندىستان،پاكىستان بىلەن چىگىرلىنىدۇ،چىگرا لىنىيە ئۇزۇنلىقى 210كىلومېتىر،شەرقتىن غەربگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 670كىلومىتېر،جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600كىلومىتېر كىلىدۇ.ئۇمۇمى كۆلۈمى 247 مىڭ 800 كىۋادىرات كىلومېتىر،خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەيۋەتلىك كوئىنلۇن تېغى يايسىمان ھالەتتە شەرقتىن غەربكە كىسىپ ئۆتىدۇ.قاتمۇ-قات تاغ چوققىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئىنتايىن خەتەرلىك. كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالى يانتۇلۇققا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ،جىلغىلىرى كۆپ،جەنۇب تەرىپى پەسرەك بولۇپ،بۆلۈنۈش دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس،تاغ تىزمىلىرى ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 6000مىتېر ئەتراپىدا ئېگىز بولۇپ، ئەڭ ئېگىز يېرى 7000مىتېردىن ئاشىدۇ.ھاۋا كىلىماتىنىڭ قۇرغاق بولىشى سەۋەبىدىن قۇملۇق ئىگىزلىكى ئادەتتە 3300مىتېرغا،ئايرىم جايلىرىنىڭ 5000مىتېرغا يىتىدۇ.جەنۇب ۋە شىمالى ئېتىگىدىكى قار ئورنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6000مىتېر ۋە 5500مىتېردىن يۇقىرى كىلىدۇ.كوئىنلۇن تېغى بىلەن قاراقۇرۇم تېغىنىڭ پاسىلىدا ئويمانلىق ھاسىل بولغان ،بۇنىڭدىن ھازىرقى تۇز كۆل ۋە شۇرلۇق،ساسلىق پەيدا بولۇپ،تاغلىق كۆل شەكىللەنگەن.تاغنىڭ شىمالى قىسمى چۆللۆك بولۇپ،دەريا ئېقىنلارنى بويلاپ يەلپۈگۈچسىمان شەكىلدىكى بوستانلىق ئۇزىراپ، بوستانلىق گىرۋەكلىرى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن ئۇلىنىپ،بىۋاستە تارىم ئويمانلىقىنىڭ كىندىكىگىچە تۇتاشقان.مازا تاغدىكى قەدىمقى تاغ خارابە قالدۇقلىرى ھىلىھەم شىمالدىكى قۇملۇقنىڭ غەربى شىمالىدا مەۋجۇت بولۇپ،دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 430مىتېر كىلىدۇ.

تارىخ تەھرىرلەش

خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گويا، ئۇدۇن، كېرىيە، نىيە، روڭلۇ دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەۋلادىدىن بولغان خانلارنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) خوتەن ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 9 - يىلى ( 1883 - يىلى) خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە تەسىس قىلىنغان. كېيىن 7 - مەمۇرىي رايون دەپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1950 - يىلىنىڭ باشلىرىدا خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان. 1959 - يىلى خەنزۇچىدىكى 和 (خوتەن) دېگەن خەت 和田 دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىلگەن. 1979 - يىلى خوتەن ۋىلايىتى قۇرۇلغان.

1913-يىلى خوتەن بىۋاستە ئايمىقى خوتەن ناھىيسى بولۇپ قۇرۇلغان،گۇۋاڭشۈنىڭ28-يىلى (1902-يىلى گۇما ناھىيسى تەسىس قىلىنغان)خوتەن ناھىيسىنىڭ شەرقى چىگرىسىدىكى 23كەنت بىلەن كېرىيە ناھىيسىنىڭ غەربى چىگرىسىدىكى 15كەنت ئايرىلىپ،لوپ ناھىيسى تەسىس قىلىندى.1915-يىلى خوتەن ناھىيسىدىن قاراقاش ناھىيسى ئايرىلىپ چىقتى.1929-يىلى چىرا ناھىيسى تەسىس قىلىندى،گۇاڭشۈنىڭ 9-يىلى (1883-يىلى)كېرىيە ناھىيسى تەسىس قىلىنىپ،ئورنى قاراقاشتا (ھازىرقى قاراقاش ناھىيە بازىرى)بولدى. كىيىن ھازىرقى ئورنىغا كۆچتى،1959-يىلى كىرىيە ناھىيسى دەپ ئۆزگەرتىلدى.1945-يىلى نىيا مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى.1947-يىلى نىيا ناھىيسىگە ئۆزگەرتىلدى.1983-يىلى 9-ئايدا گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقى بىلەن خوتەن شەھىرى قۇرۇلدى.ئاپتۇنۇم رايۇن خوتەن ناھىيسىنىڭ خوتەن بازىرى شورباغ گوڭشىسى،لاسكۇي گۇڭشىسى،ئۇرۇغچىلىق مەيدانىنى خوتەن شەھىرىگە ئايرىپ بىرىشنى تەستىقلىدى،1950-يىلى ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى،خوتەن ۋالى مەھكىمىسى قۇرۇلدى.1966-يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»باشلانغاندىن كىيىن،رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ ھوقۇقى تارتىۋىلىنىپ،ئاپپاراتلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.1969-يىلى خوتەن يەرلىك ئىنقىلابى كومىتېتى قۇرۇلدى،1971-يىلى 2-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابى كومىتېتكە ئۆزگەرتىلدى،شۇ يىلى 6-ئايدا ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قۇرۇلدى،1978-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنقىلابى كومىتېت ىوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكمىگە ئۆزگەرتىلدى.

خوتەن ۋىلايىتىگە خوتەن شەھىرى،خوتەن ناھىيىسى،گۇما ناھىيىسى،قاراقاش ناھىيىسى،لوپ ناھىيىسى،چىرا ناھىيىسى،كېرىيە ناھىيىسى،نىيا ناھىيىسىدىن ئىبارەت 7 ناھىيە،1 شەھەر،89 يېزا-بازار،4 كۇچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى ،1383 مەمۇرىي كەنت،6232 كەنت مەھەللە گۇرۇپپىسى قارايدۇ.ۋىلايەت ئىچىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 14-دىۋىزىيسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق نۇرى چارۋىچىلىق فىرمىسى،47-تۈەن مەيدانى،گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە 224-تۋەن مەيدان بار. تارىختىن بويان18 نەپەر ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېت شۇجىسى،13 نەپەر ۋالى ئۆتكەن،ھازىرقى ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى يەن فىنشىن،مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىسى جۈرئەت ئىمىن

ھاۋا كىلىماتى تەھرىرلەش

خوتەن ۋىلايىتى ياۋرۇپا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇغلۇقىنڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان،پامىر ئېگىزلىكى بىلەن تەڭرىتاغلىرى تۇسۇپ تۇرغاچقا،غەربى،شىمالى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە سۇغۇق ھاۋا كىلىماتى ئاسانلىقچە كىرەلمەيدۇ،جەنۇبى قىسمى كوئىنلۇن تېغى ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىغا تۇتاشقان بولۇپ،ھىندى ئوكياندىن كىلىدىغان نەملىك ۋە ئىسسىق ھاۋانى تۇسۇپ تۇرغاچقا،ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغنىڭ تىپىك قۇرغاق چۆل ئىقلىمىنى شەكىللەندۈرگەن،ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: تۆت پەسىلنىڭ پەرقى ئىنىق بولۇپ،يازدا قاتتىق ئىسسىق،قىشتا قاتتىق سۇغۇق بولىدۇ،ئەتىيازدا تىمپىرا تۇرىنىڭ ئۆرلىشى تىز ھەم تۇراقسىز بولغاچقا،دائىم ئەتىياز سۇغۇقى بولۇپ تۇرىدۇ.چاڭ-تۇزانلىق ھاۋا رايى كۆپ بولىدۇ.كۈزدە تىمپىراتۇرا تىز تۆۋەنلەيدۇ.پۈتۈن يىللىق ھۆل-يىغىن مىقدارى ئىنتايىن كەمچىل،قوياشنىڭ يۇرۇتۇشى يىتەرلىك،ئىسسىقلىق مىقدارى مول،قىرۇسىز مەزگىلى ئۇزۇن كىچە كۈندۈزلۈك پەرقى چوڭ.ھاۋا كىلىمات ئالاھىدىلىكى: ئەتىيازدا قۇم بوران كۆپ بولۇپ، ھاۋانى كۆپىنچە چاڭ تۇزان قاپلاپ تۇرىدۇ.ياز پەسىلىدە ھاۋا قاتتىق ئىسسىق ۋە قۇرغاق بولىدۇ.يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارى 35مىللىمىتېر،يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2480مىللىمىتېر،تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قۇم بوران كۆپ بولۇپ،ھەر يىلى قۇم بورانلىق ھاۋا رايى 220كۈندىن ئاشىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە قويۇق چاڭ تۇزان(قۇم بوران)لىق ھاۋا رايى 60كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.

خوتەننىڭ چاڭ- تۇزانلىق ھاۋارايى كۈن سانى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 2.5كۈن كۆپىيىدۇ،پۇتۇن يىلدا 1-،2-دەرىجىلىك ھاۋارايى كۆرۇلمەيدۇ،3-،4-دەرىجىلىك ھاۋارايى 28كۈن،5-دەرىجىلىك ھاۋارايى 300كۈن ئەتراپىدا بولۇپ،ئېيىغا ئوتتۇرىچە 124تونناكۇۋادىرات كىلومىتىر توپا ياغىدۇ.ۋىلايەتنىڭ دائىرىسى كەڭ،كۆلۈمى چوڭ بولۇپ،ئوخشاش بولمىغان يەر شەكلى شارائىتىدا،جانلىقلار ۋە كىلىمات پەرقى ئىنتايىن زور بولغاچقا،چوڭ جەھەتتىن جەنوبى رايۇن،بوستانلىق،تۈزلەڭلىك رايۇن،شىمالى قۇملۇق رايۇندىن ئىبارەت ئۈچ خىل كىلىمات تىپىغا ئايرىشقا بولىدۇ.

نوپۇس ئەھۋالى تەھرىرلەش

خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەتلىك ۋىلايەت بولۇپ،ئۇيغۇر،خەنزۇ،خۇيزۇ،قازاق،قىرغىز،مانجۇ،موڭغۇل،زاڭزۇ،تۇجازۇ،ئۆزبەك قاتارلىق 22 مىللەت بار،ئاھالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،ۋىلايەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليۇن 39 مىڭ 600 بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %96.4نى،خەنزۇلار %3.4نى،باشقا مىللەتلەر %0.2نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك 14- دىۋىزىيىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ،4 تۈەن (مەيدان) بار،ئومۇمىي نوپۇسى 36 مىڭ 700.

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

 
خوتەن قاراقاش مىلىكاۋات خارابىلىكى

خوتەن ۋىلايىتى ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان بايلىقلارنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن. ساياھەت بايلىقلىرى ئەنە شۇ بايلىقلار ئىچىدە بىزنىڭ كۆزىمىزگە ھەر ۋاقىت تاشلىنىپ تۇرىدىغان، خوتەننى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇشتۇرىدىغان ئابىدىلەردۇر. خوتەندە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي خارىبىلىكلەر بار، بۇ خارابىلىكلەر ئىچىدە ئەندىر قەدىمىي خارابىلىكى، قەدىمىي نىيە خارابىلىكى قاتارلىقلار بار. ئۇندىن باشقا ھازىرقى دەۋىردە ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشىپ كېلىۋاتقان قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى، خوتەن كوئېنلۇن تېغى مەنزىرىسى، ماۋزېدۇڭ ئىزناكلىرى خاتىرە سارىيى، يامۇن يايلىقى ۋە مازار تاغ قەدىمى قەلئەسى قاتارلىق داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىمۇ بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى بىلەن خەلىق تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان يامۇن يايلىقى ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە. يامۇن يايلىقى ناھىيە بازىرىدىن 160 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، نۇرى يېزىسىنىڭ سارلۇڭ كەنتىگە جايلاشقان، كۆلىمى 43 مىڭ مو، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3600 مېتىردىن 3700 مېتىرغىچە بولۇپ، يايلاقتا كوئىنلۇن ئەمىنى، كۈمۈش باشاق، ياۋا پىياز قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار. ھەر يىلى 6- ئايدىن 7- ئايغىچە بولغان تومۇز ياز مەزگىلىدە، يايلاققا بېرىپ ئىسسىقتىن ساقلىنىپ دەم ئالىدىغان ساياھەتچىلەر بىر قەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوئېنلۇنغا يېقىنلاشقانسېرى «بىر كۈندە تۆت پەسىل، ھەر ئون چاقىرىمدا بىر خىل ھاۋا بولۇش» تەك ئاجايىپ تەسىرات بىرىدۇ. يامۇن يايلىقى ساياھەت قىلىش، ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، كىنو- تېلىۋېزىيە فىلىملىرىگە ماتېرىيال توپلاش ۋە تاشقى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىشتىكى ياخشى جاي.

ئىقتىساد تەھرىرلەش

 ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرۈنەرلىك تىز بولدى. دەسلەپكى ھىساۋاتقا ئاساسلانغاندا،2010- يىلى پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 1 مىليارت 59 مىليۇن يۈەن بولۇپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.2 ئاشقان،بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3 مىليارت 376 مىليۇن يۈەن بولۇپ %4.9 ئاشقان،ئىككىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارت 920 مىليۇن يۈەن بولۇپ %17.2 ئاشقان،ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 4 مىليارت 764 مىليۇن يۈەن بولۇپ %15.5 ئاشقان. بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچىنچى كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %33.6،%19.1،%47.3 بولغان. تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ سانى بويىچە ھىساپلىغاندا،ۋىلايەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 5035 يۈەن بولۇپ %9.9 ئاشقان.

بازار باھاسى ئۆرلىگەن. نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،2010- يىللىق ئاھالىلارنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى باھاسى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشقان،8 خىل باھادىن قارىغاندا،«5تە ئۆسۈش،3تە تۆۋەنلەش» ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن،بۇنىڭ ئىچىدە باھا بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىرى يىمەكلىك،ئولتۇراق،ھاراق-تاماكا،داۋالىنىش،ساقلىقنى ساقلاش،شەخسلەر تۇرمۇش بۇيۇملىرى،كىيىم-كېچەك تۈرىدىكىلەر بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13،%5،%5،%1.3،%0.6 بولغان،باھاسى بىر قەدەر تۆۋەنلىگەنلىرى كۆڭۈل ئېچىش،مائارىپ،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت،قاتناش ۋە ئالاقە،ئائىلە سايمانلىرى ۋە رىمونتچىلىق مۇلازىمەت تۈرىدىكىلەر بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا %1.3،%0.3،%0.2 تۆۋەنلىگەن. يىمەكلىك تۈرى ئىچىدىكى سەي-كۆكتات،تۇخۇم،ماي،قۇرۇق مىۋە-چىۋە قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بازار باھاسىنى ئۆرلەتكەن ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان،سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسى (PPI) %0.59 ئۆرلىگەن.

مائارىپ تەھرىرلەش

خوتەن ۋىلايىتىدە نۇرغۇنلىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىۋاتقان مەكتەپلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدا كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ئىككى مەكتەپ بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى ۋە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان كەسپىي مەكتەپلەر بار بولۇپ، ئۇلار خوتەننىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشماقتا.

  • 1) شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى: بۇ مەكتەپ خوتەن شەھىرى غەربى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، 1989-يىلى قورۇلغان. مەكتەپ ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقاتىدا نۇرغۇنلىغان كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇيغۇر تىبابىتى ساھاسىدە بىر ئابىدە بولۇپ قالغۇسى. مەكتەپنىڭ بارلىق دەرسلىرى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئالاقىدار ئېچىلغان دەرس جەمئى20دىن ئارتۇق. ئابدۇقادىر مۇئەللىم باش بولۇپ تۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىي تېخنىكومى ژورنىلى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا، ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
  • 2) خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى: بۇ مەكتەپمۇ خوتەن شەھىرى غەربى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەكتەپ 1938-يىلى قۇرۇلغان خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا 1978-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى بولۇپ قۇرۇلغان. مەكتەپ ماتېماتىكا، فىزىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، تارىخ، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، كومپيوتېر، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا، سىياسەت نەزەرىيىسى، مائارىپ نەزەرىيىسى قاتارلىق 17كەسىپنى يولغا قويغان بولۇپ، پۇتۈن مەملىكەن دائىرىسىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. مەكتەپتە ھازىر ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 5000غا يېتىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە ئاز ساندا خەنزۇ، قازاق، قىرغىز ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەت ساۋاقداشلىرىمۇ بار

قاتناش تەھرىرلەش

315-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى خوتەن شەھىرىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ تاشيول خوتەننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئويناپ كەلمەكتە. 315-نومۇرلۇق تاشيول چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرىدىن باشلانغان بولۇپ، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاشتى چەرچەن ناھىيىسىدىن خوتەن ۋىلايىتىگە كىرىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىدە يەتتە ناھىيە بىر شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم يول، ئۇ خوتەننىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرى بىلەن خوتەن شەھىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلمەكتە. بۇ 315-نومۇرلۇق تاشيول قەشقەر شەھىرىدە توختايدۇ، بۇ تاشيولنىڭ ئومۇمى مۇساپىسى 3،00كىلومىتېر بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان رول ئويناپ كەلمەكتە.

2011-يىلى 7-ئايدا قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولى پۈتۈپ رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئىشقا كىرىشىشى خوتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە باشقا رايونلار بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغۇسى.

قارالسۇن تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى