گۇما ناھىيىسى

خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە

گۇما ناھىيىسى گۇما ناھىيىىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيىسى ۋە قاراقاش ناھىيەىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى بولسا قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر(ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيىسى ۋە مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 423 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 5.67 5.144 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئالتە بازارلىق، 8 يېزا ۋە ئىككى دانە مىللي يېزا بار بولۇپ 197 كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن تەشكىل تاپقان. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1596 كىلومېتىر. 2012-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 250 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 98 نى، خەنزۇلار 0.01% نى، باشقا مىللەتلەر % 2 گە يېقىن نوپۇسنى تەشكىل قىلغان.

گۇما ناھىيىسى

皮山县.Guma County

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
ئومۇمىي ئەھۋال
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇرلار %98،

خەنزۇ(%0.01)،

قىرغىز،تاجىك %2

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
بازارلىق سانى 6 دانە
يېزا سانى 8 دانە
مىللىي يېزا سانى 2 دانە
نوپۇس 250 مىڭ
يەر مەيدانى 41 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ئەخمەتجان مەمەت
ھاكىم فېڭ ۋۇنىيەن،冯武年
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

تارىخ تەھرىرلەش

گۇما خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گۇما دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدەن پىشان دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قاراشلىق يەكەن مەھكىمسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىر - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

گۇما ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى مەكتى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 423 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 5.67 ~ 5.144 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئىككى بازار، 13 يېزا، 197 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ.ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1596 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 202 مىڭ 400 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 97.69% نى، خەنزۇلار 1.44% نى، باشقا مىللەتلەر 0.87% نى تەشكىل قىلىدۇ.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

ھازىر گۇما ناھىيىسىدە 6 بازارلىق، 8 يېزا، 2 دانە مىللىي يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

غەربىي جەنۇبىي ئېگىز، شەرقىي شىمالىي پەس. جەنۇبىدا مۇزتاغ ۋە يىغىلىپ قالغان قار بار. ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق ۋە جىلغىلىق، شىمالىي تۈزلەڭلىك ھەم قاقاس چۆللۈك، تاغلىق رايون 37.9% نى، تۈزلەڭلىك 22.6% نى، قۇملۇق 39.5% نى ئىگىلەيدۇ. بەش تاغ سۈيى دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 2 مىليارد 231 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 414 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، ياۋا چوشقا، كىرپە، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار، ئاق قوتان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، كىرەش، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، پاقا يوپۇرمىقى، ئىت ياڭىقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، گۈڭگۈرت، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر، مەرمەرتاش، قاشتېشى، كاربورۇند، چىرىمتال، لىتىي، پېرىللىي، تانتال، سېزىي قاتارلىقلار بار.

ھاۋا كىلىماتى تەھرىرلەش

گۇما ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.9℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.9℃. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 91 كۈن تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2470.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4303.1℃. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 48.2 كۈن. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2450.0 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 30.4 كۈن.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 21 مىڭ 900 گېكتار ( 328 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 509 مىڭ 300 گېكتار ( 7 مىليون 640 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 29 مىڭ 200 گېكتار (438 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، ئۈژمە پىلىسى، قىزىل گۈل قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى، پاختا توقۇمىچىلىقى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. گۇما ناھىيسىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى پۈتۈن ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.

تەبىئىي بايلىقى تەھرىرلەش

بەش تاغ سۈيى دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 2 مىليارد 231 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 414 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، ياۋا چوشقا، كىرپە، تېبەت تۈلكىسى، ئۇلار، ئاق قوتان قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، كىرەش، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، قارلەيلىسى، پاقا يوپۇرمىقى، ئىت ياڭىقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، گۈڭگۈرت، قوغۇشۇن، سىنك، تۆمۈر، مەرمەرتاش، قاشتېشى، كاربورۇند، چىرىمتال، لىتىي، پېرىللىي، تانتال، سېزىي قاتارلىقلار بار.

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

گۇما ناھىيەسىدە سانجۇ قىياتاش سىزمىسى، ياغاچ ئۆيلۈك قەدىمىي شەھەر، گۇما مەسچىتى، ئۈجمىلىك قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كەڭەر دەريا ساھىلى، مىڭ يىللىق ياڭاق پادىشاھى بۇ ياڭاق دەرەخىگە ھازىر 560 يىل بولغان. پىيالمىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئانارلىق قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە مەنزىرىگاھلار بار. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن سانجۇ قىياتاش رەسىملىرى. ياغاچ ئۆيلۈك قەدىمىي شەھىرى ،نەۋئابات سۇ ئامبىرى قاتارلىقلار بار

مائارىپ تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى