قوشتاغ بازىرى گۇما ناھىيىسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 37 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، تۆت ئەتراپىنى پۈتۈنلەي تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كىلىماتى قۇرغاق، دائىم قۇم-بوران بولۇپ زىرائەتلەرگە زىيان سالىدۇ، شۇڭا بۇ يېزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاستا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەن. بۇ يېزىدا 16 مەمۇرىي كەنت، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 13 باشلانغۇچ مەكتەپ، 19 يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار، نوپۇسى 15 مىڭ ئادەم، 347 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر، 1988 نەپەر ئوقۇغۇچى، 8235 نەپەر تەنتەربىيىچىلەر بار بۇلۇپ، بۇ يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %67.86 نى ئىگەلەيدۇ.

قوشتاغ بازىرى

阔什塔格镇.Qoshtagh Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 12 دانە
نوپۇس 15 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

  • قوشتاغ مەھەللىسى؛
  • قوشتاغ كەنتى؛
  • باش ئازغان كەنتى؛
  • سۆگەتلىك كەنتى؛
  • بوستان كەنتى؛
  • ئازغانئالدى كەنتى؛
  • جايناغۇت كەنتى؛
  • سۇلىغاز كەنتى؛
  • چىغلىق كەنتى؛
  • بومۇغا كەنتى؛
  • تۈگمەنبويى كەنتى؛
  • تېرەكئالدى كەنتى؛
  • قىشلاق كەنتى؛
  • ئۇلباغ كەنتى؛
  • كېيىكچى كەنتى؛
  • قاراسۇ كەنتى؛
  • دەريا بويى كەنتى؛