شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ياكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ياكى ئۇيغۇرىستان) (خەنچە: 新疆维吾尔自治区، ئىنگلىزچە: Xinjiang Uygur Autonomous Region) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توپراقلىرى ئىچىدە يەر ئالغان، يەرلىك خەلق ۋە بەزى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن جۇڭگو تەرىپىدىن تۈرك ئىسلام تۇپراغى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 31 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمورىي رايونى ئىچىدە يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايوندۇر.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شەرقىي تۈركىستان
新疆维吾尔自治区

Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەرىتىسى
سۆز مەنبەسى 新 = xīn = يېڭى
疆 = jiāng= تېررىتورىيە
"يېڭى تېررىتورىيە"
مەمۇرىي رايون تىپى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون
مەركەز/پايتەخت

- ئەڭ چوڭ شەھىرى
- قاراشلىق رايون

ئۈرۈمچى شەھىرى

ئۈرۈمچى
14 ۋىلايەت\ئوبلاست، 99 ناھىيە، 1005 يېزا\قىشلاق

رايونلۇق ج ك پ 1.سېكرىتارى

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىس

چېن چۈەنگو

شۆھرەت زاكىر

يەر مەيدانى 1,664,897 كۋ.كم (1نچى)
نوپۇسى(2010) يىلدىكى

- توپلام
- تەخمىنەن (2014\31-دېكابر)
- زىچلىقى


21,815,815 (25نچى)
22,980,000
br /> 11.5/كۋ.كم(29نچى)

ئ.ئ.ۇ.ق(2014)


- كىشى باشى

926.4 مىليارد يۈەن

150.8 مىليارد دوللار (25نچى)
CNY 40,607 (يۈەن)
US$ 6,611 (دوللار)(16نچى)

ئېتنىك گرۇپلار (2010) ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك، موڭغۇل، مانجۇ، شىبە، داغۇر، رۇس، تۇنگان

جوغراپىيەسى تەھرىرلەش

ئورنى
قىسقارتىلما ئىسمى بىلەن شەرقتە جۇڭگونىڭ گەنسۇ(كەڭسۇ)، چىڭخەي (كۆكنۇر) ئۆلكىلىرى، شەرقى شىمالدا ۋە شىمالدا موڭغۇلىيە، رۇسيە، غەربىي شىمال ۋە غەربتە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان،ئاڧغانىستان ۋە پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر ۋە ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر، جەنۇبتا بولسا جۇڭگو تىبەت قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە 3 ئۆلكە بىلەن چىگراداشتۇر. قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگرلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون.

    ياۋرۇ-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شەرقىي تۇركستاننىڭ يەر مەيدانى 1 مىليون 828 مىڭ 418 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ، تېرىتورىيەسىنىڭ چوڭلىغى دۇنيادا 16-ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيە (783 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر)، فىرانسىيە (551 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر)، گېرمانىيە (357 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر) ۋە ئەنگىلىيە (243 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر) يەر مەيدانىنىڭ توپلىمىغا تەڭ كېلىدۇ.

تاشقى دۇنياغا باغلىنىشى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگو چىگرىسى ئىچىدە شىڭشىڭشيا(ئارايۇلتۇز) ۋە باشقا تەبئىي ئېغىزلار بىلەن كىرىش-چىقىش قىلىدۇ. چەتئەلگە ئېچىۋىتىلگەن چىگرا ئېغىزلىرى: تاي كەچكەن ئېغىزى،ئالاتاۋ ئېغىزى، قورغاس ئېغىزى، باقتۇ ئېغىزى، جىمنەي ئېغىزى، تاقىشقان ئېغىزى، قونجىراب ئېغىزى، قاراسۇ ئېغىزى، تۇرغاۋۇت ئېغىزى، ئەركەشتام ئېغىزى قاتارلىقلار.

تەبىئەت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق، تۆرت ئەترافىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. تەۋەسىدە قاتمۇقات مۇزلۇق چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، بىپايان يايلاقلار، يۇلتۇزدەك تارقالغان بوستانلىقلار بار. ئۈچ تاغ ئىككى ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالدا ئالتاي تېغى، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغى بار. تەڭرىتاغ تىزمىلىرى تەرىپىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ شەرقى، قۇمۇل، تۇرپان بۆلىكى شەرقىي شىنجاڭ دېيىلىدۇ.
تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالدا جوڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە جەنۇبىدا تارىم ئويمانلىقى باردۇر. دۇنيانىڭ ئىككىنچى بۈيۈك چۆلى تەكلىماكان قۇملۇقى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا يەر ئالماقتادۇر. تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىمالدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى 2 - چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئۇ جۇڭگودىكى 2 - چوڭ قۇملۇق.
شىنجاڭدا كۆل جىق، سۇ دائىرىسى كۆلىمى 5 مىڭ 505 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە باغراش كۆلىنىڭ دائىرىسى 980 كۋادرات كىلومېتىر ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى.
ئاپتونوم رايوندىكى شۇنداقلا جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن نۇقتا تۇرپان ئويمانلىقىدۇر (155- مېتر) تۇرپان ئويمانلىقى دۇنيادا ئۆلۈك دېڭىزدىن قالسا 2. ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتا بولسا دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز بولغان پامىر چوققىسى ئېرۇر.

يەر ئاستى بايلىقلىرى تەھرىرلەش

 

ئۇيغۇر ئېلىدە قېزىلما بايلىقىنىڭ تۈرى تولۇق، زاپىسى مول، ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. كۈنىمىزدە بايقالغان قېزىلما بايلىق 138 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 99 خىلىنىڭ زاپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان. 10 خىلىنىڭ زاپىسى جۇڭگودا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ، 58 خىلىنىڭ زاپىسى ئالدىنقى 10 - ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، خروم، نېكىل، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، تۇز تۈرىدىكى قېزىلما، بىناكارلىق ماتېرىيالىقىلىنىدىغان مېتاللوئىد قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى ئىنتايىن مول. جۇڭگودا 2 - قېتىملىق نېفىت- گاز بايلىقىنى باھالاشتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭي نېفىت بايلىقى 20 مىليارد 920 مىليون توننا بولۇپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇق نېفىت بايلىقىنىڭ %30 نى ئىگىلىگەن؛ تەبىئىي گاز بايلىقى 10 ترىليون 400 مىلياردكۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ %34ىنى ئىگىلىدى.
رايوننىڭ مۆلچەرىي كۆمۈر بايلىقى 2 ترىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، جۇڭگو كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ.

ساياھەت تەھرىرلەش

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي ساياھەت بايلىقى ۋە ئېتنوگراڧىيىلىك ساياھەت بايلىقى مول، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە، ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلار، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار، گۈزەل ئوت يۇرتى، قۇملۇقلارنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار بار. كۆپ مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى قويۇق، داڭلىق قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور. «جۇڭگونىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، جۇڭگودىكى ساياھەت بايلىقىنىڭ 6 چوڭ تۈر بويىچە 68 خىل ئاساسىي تۈرنىڭ ئاز دېگەندە 56 سى رايوندا بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ٪80 نى ئىگىلەيدۇ.

2007 - يىلنىڭ ئاخىرى، رايوندا دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرەرايونىدىن 165 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 3 ى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 15 ى، 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 69 ى بار؛ دۆلەت سانائەت، يېزا ئىگىلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 34 ى بار. مەشھۇر تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرىدىن بۇغدا كۆلى، قاناس كۆلى، نارات يايلىقى، باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىقلار بار.
رايوننىڭ ئانتوپورولوگىيىلىك ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا غول لىنىيىلىرىدە يۈزلىگەن قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى، قەدىمكى قەبرىستانلىق، مىڭ ئۆي، بوز يەر ئېچىش خارابىسى قاتارلىق قەدىمكى مەنزىرە ئىزنالىرى قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمكى خارابىسى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھەر خارابىسى، كروران قەدىمكى خارابىسى، قىزىل مىڭئۆيى، ئىپارخان مەقبەرىسى قاتارلىقلاردا شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئۇچرىشىش تارىخى خاتىرلىنىپ، غەربىي دىيارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان.

ئېكولوگىيە تەھرىرلەش

رايوننىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئۆزگىچە، تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانات ۋەئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 دىن ئاشىدۇ. قار لەيلىسى، سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان، سۈپىتى ياخشى، سورتى ۋە تەبىئىيتى ئۆزگىچە. رايوننىڭ يەنە كېلىپ كۆپ خىل مېۋىلەرنىڭ ئاساسلىق يېتىشتۈرۈش مەركىزى ۋەيا ئىككىلەمچى مەركىزىدۇر. مېۋە بايلىقى مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك سورتى 300 خىلدىن ئاشىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «مېۋە - چىۋە ماكانى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 700 گە يېقىن بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگودىكى ياۋايى ھايۋانلار تۈرىنىڭ %11 نى ئىگىلەيدۇ. رايوندا دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 116 خىلى بار بولۇپ جۇڭگو بويىچە قوغدىلىدىغان ھايۋاننىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرقىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 28 خىلى، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 88 خىلى بار، ئۇلار موڭغۇلىيىنىڭ ياۋا ئېتى، تىبەت قۇلىنى، تىبەت بۆكىنى، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق يەلكىلك بۈركۈت، قارا بويۇن تۇرنا قاتارلىق خەلقئارادا ئاز قالغان ياۋايى ھايۋانلاردۇر.
رايوننىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى تىپىك مۆتىدىل كىلىماتقا تەۋە ،2007 - يىلى ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 10.9سېلتسيە گرادوس، يىللىق ئوتتۇرىچە تەبىئىي ھۆل يېغىن مىقدارى 165.6 مىللىمېتىر بولغان.
تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرى نۇرغۇن دەريالارنى ھاسىل قىلغان،
بوستانلىقلار ئويمانلىقلارنىڭ چېتىگە ۋە دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان، بوستانلىق ئومۇمىي كۆلىمى ئاپتونوم رايون كۆلىمىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ، تىپىك بوستانلىق ئىكىلوگىيىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، جۇڭگو بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا سۇ بايلىقىنىڭ %3 ىنى ئىگىلەيدۇ، چوڭ - كىچىك دەريا جەمىئي 570 تىن ئاشىدۇ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 90 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، مەۋجۇت نۇڧۇسقا قارىتا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈستى سۈيى پۈتۈن جۇڭگو ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 55 مىليارد 410 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ، مۇزلۇق زاپىسى 2 ترىللىئون 130 مىليارد بولۇپ، جۇڭگو مۇزلۇق زاپىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەپ، «مۇزلۇق ئامبىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ رايوننىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، سۇ بايلىقى ڧەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ۋاقىت-بوشلۇقتا تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، شۇڭا بەئزى جايلاردا سۇ بايلىقى يېتىشمەيدۇ.
يېزا ئىگىلىك يەر كۆلىمى 63 مىليون 81 مىڭ گېكتار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 4 مىليون 114 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، كىشى بېشىغا 2.95 مودىن توغرا كېلىدۇ، بۇ جۇڭگو بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 2.1 ھەسسىسىگە تەڭ. ئورمان كۆلىمى 6 مىليون 765 مىڭ گېكتار، يايلاق كۆلىمى 51 مىليون 120 مىڭ گېكتار بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪20 نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگودىكى 5 چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىچكى مولغۇلدىن قالسىلا، 2 -ئورۇندا تۇرىدۇ.
رايوننىڭ قۇياش نۇرى، يەر ئىسسىقلىق ۋە شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى مول، يىللىق ئاپتاپ چۈشۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2600 سائەتتىن 3500 سائەتكىچە بولۇپ، جۇڭگو بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ.

تارىخ تەھرىرلەش

 

ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگو مەنبئەلىرىدە قەدىمدە غەربىي دىيار (خەنزۇچە:Xīyù\西域) دەپ ئاتالغان. بۇگۈن جۇڭگو تارىخچىلىرى غەربىي يۇرت قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە بولۇپ، بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە شۇلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا:
... مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138 - يىلى، خەن ۋۇدى جاڭچيەننى غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن، غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن غەربىي دىياردىكى ئەللەر ئالاقە ئورناتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئۇرلى (ھازىرقى بۈگۈر چېگرىسى)دا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي دىيار خەن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن....
مىلادى 744- يىلى كۆكتۈركلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆتۈكەن ۋادىسىدە قارابالغاسۇننى مەركەز قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. ئۇيغۇرلار بۇ تارىختىن ئىتىبارەن بىر سىياسىي گەۋدە ۋە بىر ئېتنىك توپلۇلۇق بولۇپ شەكىللىنىشكە ۋە ئارقىدىنلا كۆچمەن تۈرك قەۋىملەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئولتۇراق شەھەر ھاياتىغا ئۆتۈشكە باشلىدى. 840 يىللىرى ئەتراپىدا ئارقا-ئارقىدىن ياشانغان ئۈچ يىللىق تەبئىي ئاپەت ۋە ئىچكى نىزادىن توغۇلغان خىيانەت ۋە ساتقۇنلۇق يۈزىدىن بۇ دۆلەت يىقىلدى. ئەينى چاغدا بۇگۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ئىچىدە ئىدى. قىرغىزلار تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئۇيغۇرلار موڭغۇل بوزقىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالماي خان جەمەتى تېكىنلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە غەربكە كۆچتى.

  • بىر قىسمى يېقىن جەنۇبقا، ئوتتۇرا تۈلەڭلىككە يېقىن جايلارغا كۆچتى ۋە كېيىنچە بۇ رايوندىكى خەلقلەر بىلەن سېڭىشىپ كەتتى.
  • بىر قىسمى بۇگۈنكى گەنسۇ چىگىرىسى ئىچىدە ھاكىمىيەت قۇردى، تارىختا نامى گۇاجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەپ ئاتالدى.
  • يەنە بىر قىسمى بۇگۈنكى تۇرپان ۋە بەشبالىق(جىمسار)نى مەركەز قىلىپ تارىختىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى.
  • يەنە بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار بۇگۈنكى كاشغەرنى مەركەز قىلىپ تارىختىكى قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇردى.

ئىسلامىيەتتىن كېيىن
مىلادى 950- يىللاردا قاراخانىيلار سۇلتانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامىيەتنى قەبۇل قىلدى ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى دەۋلەت دىنى ئېلان قىلىندى. كاشغەر ۋە ئەتراڧ شەھەرلەرگە غازات ئاچتى.
1125- يىلى قىتان لىياۋ خانلىقى سۇڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنىپ، شاھزادە يوللۇغ تاشىن باشچىلىقىدا غەربكە قاچقان قىتانلار ئىسسىقكۆل ئەتراپىدا ھاكىمىيەت قۇردى ۋە تېز سۈرەتتە ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىيلارنى قارام ئەللەر ھالىغا تۈشۈرۈپ قويدى.
13- ئەسردە چېڭگىزخان موڭغۇللار ئارىسىدىن باش كۆتۈرۈپ غەربكە ئېچىلغاندا گۆرخانلارنىڭ زۇلمىدىن جاق تويغان ئىدىقۇت خانى بارچۇق ئارت تېكىن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىپ، ئۇنىڭغا كۈيئوغۇل بولغان.
چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشدىن ئالدىن تەسەررۇڧىدىكى توپراقلارنى ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندە، بۇگۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ماۋەرائۇننەھر ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خانغا قالدۇرغان. بۇ توپراقلاردا ياشاغۇچە خەلقىلەر چاغاتاي ئۇلۇسى دەپ ئاتالغان. بۇ توپراقلاردا قوللىنىلغان تىلمۇ تاكى 19- ئەرنىڭ ئاخىرلىرىغچە چاغاتايچە دەپ ئاتالغان.
14- ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چاغاتاي خانلىقى شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. ئۇيغۇر رايونى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە قالغان ۋە بۇ زېمىنلار موغولىستان دەپ ئاتالغان.
چاغاتاي ئەۋلادلىرى كېيىنچە ئىسلام بىلەن شەرەڧلەنگەندىن كېيىن ھاكىمىيەتتىكى تېگى موڭغۇل مۇسۇلمان سۇلتانلار موغولىستاننىڭ ئىشلاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 15- ئەسرنىڭ باشلىرىدا پۈتكۈل ھۇدۇدنىڭ ئىسلاملىشىشى تاماملانغان.
1514- يىلى سۇلتان سەئىدخان بۇگۈنكى ياركەند (يەكەن) تەۋەسىدە سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغان. 1533- يىلى سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قوشۇن تارتىپ يولغا چىققاندا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان تەختكە چىققان. بۇ كىشىنىڭ دەۋرىدە مەلىكە ئاماننىساخان 12 مۇقامنى توپلاپ رەتلىگەن. بۇ دەۋىردە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان يازغان تارىخنامىگە تارىخى رەشىدى دەپ نام بەرگەن.
17- ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىدا خوجىلار ئەۋلادىدىن خوجا ئاڧاق (ئاپپاق خوجا)نىڭ ماسلىشىشى بىلەن جۇڭغارلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان ۋە يەرلىك خەلقنىڭ بېشىغا خوجىلاردىن باشقۇرغۇچىلار قويۇلغان.
1757- يىلى چىڭ ھۆكىمىتى كونا دۈشمىنى جۇڭغارلارغا قارشى چوڭ-كىچىك خوجىلار ئىسيانى باھانىسى بىلەن بۇ يۇرتقا قوشۇن كىرگۈزگەن. بۇ دەۋىردە ئاللىبۇرۇن بېيجىڭگە باغلانغان قۇمۇل ۋاڭلىقى(1694-1930)، تۇرپان ۋاڭلىقى (1770-1931) ۋە كۇچا ۋاڭلىقى قاتارلىق يەرلىك بەگلىكلەر قۇرۇلغان.
1865- يىلى قوقەند خانلىقى دىن كەلگەن قۇشبېگى ياقۇب بەگ ئاتالىق غازى كاشغەرنى مەركەز قىلىپ يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇرغان. 14 يىللىق سەلتەنەتتىن سوڭرە ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن زەھەرلەنگەن ياقۇب بەگنىڭ ئۆلىمىدىن سوڭرە بۇ ىانلىق يىقىلغان.

يېقىنقى زامان - جۇڭگونىڭ رايونغا مۇداخىل بولىشى
چىڭ ھۆكۈمىتى چيەن لوڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي يۇرت دېگەن نامنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتكەن. گۈاڭشۈخان زامانىسىدا، 1884 - يىلى 11- ئايغا كەلگەندە چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تەسىس قىلغان، ئۆلكە مەركىزى دىخۇا (بۇگۈنكى ئۈرۈمچى) بولغان.

ئۆلكە دەۋرى
1912- يىلى مەنچىڭ خانلىقى يىقىلىپ ئورنىنى مىنگو ھۆكىمىتى ئالغان.
1912 - 1928 يىللار ئارىسى شىنجاڭ ئۆلكىسى ئۇمۇمىي ۋالىي ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان.
1928 - 1933 يىللار ئارىسى جىن شۇرېن ئۇمۇمىي ۋالىي بولغان.
1933 - 1944 يىللار ئارىسى شېڭ شىسەي ئۇمۇمىي ۋالىي، ئۆلكە رەئىسى، دوبەن بولغان. 1931- يىللار ئارىسى خوخانىياز ھاجى يېغىلىقى پارتىلىغان.
1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى كاشغەر شەھرى تۈمەن دەرياسى ۋادىسىدە تەنتەنە بىلەن دۇنيانىڭ تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيتى بولمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. بايراق ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بولغان. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جۇمھۇر خوجانىياز ھاجى، باشۋەكىلى سابىت داموللا بولغان. 86 كۈندىن كېيىن تۇنگانلارنىڭ ھۇجۇمى بىلەن كاشغەر شەھرى قولدىن كەتكەن ۋە جۇمھۇرىيەت يىقىلغان. خوجانىياز ھاجى رۇسلارنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن جاللات شېڭشىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزگەن.
1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئىككىنىچى مەرتە غۇلجا شەھرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق تەكرار دۆلەت بايرىقى قىلىنغان. بىرنچى جۇمھۇرى رەئىس ئېلىخان تۆرە بولغان. كېينچە ئەخمەتجان قاسىمى دۆلەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولغان. 1949- يىلى 8- ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوڧ قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكىمىتى رەھبەرلىرى بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن ئالمائاتىدىن يولغا چىققاندا ئاتالمىش ھاۋانىڭ تۇمان بولىشى سەۋەبلىك ئۇچار تاغقا ئۈسۈپ پارتلاپ بىرمۇ ئادەم ساغ قالمىغان.

قىزىل ئارمىيەنىڭ مۇداخىل بولىشى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلىشى
1949 - يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىسى قىزىل ئارمىيە ئۇيغۇر رايونىغا كىرگەن. 1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان، مەركىزى دىخۇانىڭ نامى ئۈرۈمچى شەھىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

مەمۇرىي رايونلار تەھرىرلەش

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر
5 ئاپتونوم ئوبلاست،
5 ۋىلايەت،
4 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر؛
32 چېگرا ناھىيە (شەھەر)، 6 مىللىي ئاپتونومىيە ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان87 ناھىيە (شەھەر)؛
43 مىللىي يېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1005 يېزا - بازار بار.
«شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش دېۋىزيىسى» تەركىبىدە 14 دېۋىزىيە، 175 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۈەن - مەيدان بار.

2012- يىلىغىچە دېۋىزىيە تەركىبىدە كۇيتۈن شەھرىدىن باشقا مىچۈەن، تۇمشۇق، ۋۇجىياچۈ، ئارال، باشئەرگىم قاتارلىق 9 شەھەر باردۇر.

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئۆتمۈشتە بۇ رايون دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ناتورال ئىگىلىك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئەنئەنىۋىي، سانائىتى نىسبەتەن كېيىن باشلىغان.
شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ ئىشلىتىش كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 5.42 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى 20.38 كۋادرات مېتىرغا، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 7.8 كۋادرات مېتىردىن 2007 - يىلىدىكى22.45 كۋادرات مېتىرغا يەتتى.

ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8 مىليون 670 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «شىنجاڭ تەۋەسىدە تەڭپۇڭ بولۇش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش» تەك ئىستراتېگىيىلىك نىشانغا يەتتى.
پاختامەھسۇلاتى 2 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %38.2 ىنى ئىگىلىدى.زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %21.8 كە يەتتى.

تۈرلەر 2007- يىلى (يۈەن) 2006- غا كۆرە ئارتىش 2000- گە كۆرە ئارتىش 1978- گە كۆرە ئارتىش
رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 352.316 مىلىيارد 12.2% 1 ھەسسە 16.7%
ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 64 مىلىيارد 32.2% 3.3 ھەسسە
يەرلىك مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمى 28.586 مىلىيارد 30.3% 2.6 ھەسسە 39 ھەسسە
شەھەر -بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10313 16.6% 82.7% 31.3 ھەسسە
يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3183 16.3% 96.7% 25.7 ھەسسە
يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممىتى 62.872 مىلىيارد 7.1% 48.8% 7.5 ھەسسە
شەھەر -بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10313 16.6% 82.7% 31.3 ھەسسە
سانائەت قوشۇلما قىممىتى 137.848 مىلىيارد 15% 1.2 ھەسسە

ئىنېرگىيە ساھەسى

تۈرلەر 2007- يىلى 2006- غا كۆرە ئارتىش 2000- گە كۆرە ئارتىش
سانائەت كارخانىلىرىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتى 26.0431 مىلىيون توننا 2.8% 33.9%
تەبئىي گاز مەھسۇلاتى 21 مىليارد 33 مىليون كۇب مېتىر 28.1% 4.9 ھەسسە
خام نېفىت پىششىقلاش مىقدارى 17.0581 مىلىيون توننا 5.6% 70.4%
كۆمۈر مەھسۇلاتى 50.1864 مىلىيون توننا 11.1% 79.3%
توك 41 مىليارد 687 مىليون كىلوۋات سائەت 7.16% 1.3 ھەسسە

كەسبلەرگە قارىتا نىسبەت

كەسىپلەر 1978- يىلى 2000- يىلى 2007- يىلى
1- كەسپ: دېھقانچىلىق 35.7 21.1 17.8
2- كەسپ: سانائەت ۋە قۇرۇلۇش 47.0 39.4 46.8
3- كەسپ: ئۈستتىكى ئىككىسىدىن باشقالار 17.3 39.5 35.4


ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىليون مودىن ئارتۇق. باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى 4 مىليون 119 مىڭ 800 توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبتا تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا 10 مىليون مو باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللەندى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى،
رايوندا دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىدىن 16 سى،
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كارخانىدىن 186 سى،
ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك كارخانىدىن 245ى بار، كەسىپكارلار 348 مىڭ كىشى.

يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتى شىنجاڭدىكى %60تىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، قۇلماق، پەمىدۇر، زاراڭزا، ئالقات، قوغۇن، ئۈزۈم، نەشپۈت، ئالما، ئۈرۈك، ئانار، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭقى بار، بۇنىڭ ئىچىدە شوخلا قىيامىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى خەلقئارا سودا مىقدارىنىڭ4/1ىنى، قۇلماق مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى، ئالقات %50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق تاۋار پاختا، قۇلماق ۋە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەش بازىسى، مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق ۋە قىزىلچا شېكىرى ئىشلەش بازىسى بولۇپ قالدى.
يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى. قىزىلما بايلىق ئېچىش ۋە يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش يېتەكچى كۈچ قىلىنغان، نېفىت - تەبئىي گاز ئېچىش، نېفىت خىمىيە سانائىتى، پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، ئېلېكترئېنىرگىيىسى، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق ماتېرىيالى، خىمىيە سانائىتى،تىببىي دورىگەرلىك، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك قاتارلىق تۈرلىرى نىسبەتەنتولۇق، مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلدى.
جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقىدىكى ئۈچ چوڭ نېفىتلىك ھەمدە قاراماي، مايتاغ، ئۈرۈمچى، كورلا، پوسكام قاتارلىق نېفىت خىمىيە بازىسى قۇرۇلدى. باۋگاڭ، شېنخۇا، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 20 نەچچە داڭلىق چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى قايتا تەشكىللەش ۋە بايلىق ئېچىشقا ئاكتىپ قاتناشتى، بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلار جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ.

2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت 30غا يېتىپ،غەربىي شىمالدىكى 5 ئۆلكە بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا، مەملىكەت بويىچە 16ئورۇنغا ئۆتتى، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 102 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە،ئومۇمىي بازار قىممىتى 317 مىليارد 431 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇ شىركەتلەرشىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رولئوينىدى.
2007 - يىلى ئىىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 185 مىليارد 84 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1. 18 ئاشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئىىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 1 تېرىللئون264 مىليارد 297 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %6. 18 تىن ئاشتى.
رايوننىڭ تۆمۈر يول تىجارەت مۇساپىسى 2925 كىلومېتىرغايېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئىقتىسادرايونلىرىغا تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلدى.
تاشيول قاتناش مۇساپىسى 145 مىڭ 200 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز، 7 دۆلەت يولىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەيگە، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ئەللىرىگە، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتاشقان، ئاپتونوم رايون ئىچىدە 68 ئۆلكە يولىغا ۋە ۋىلايەت - شەھەرلەرگە، ناھىيە - يېزىلارغا تۇتاشقان تاشيول قاتنىشى ترانسپورت تورى بار.
پۇقرالار ئايروپورتتىدىن 12 سى، ھاۋارايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان زاپاسئايروپورتتىن 1ى، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدىن 153 ى بولۇپ، جۇڭگودىكى 52 چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەر ۋە چەت ئەلدىكى 43 شەھەرگە تۇتاشقان ھاۋا ترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى، ئاۋىئاتسىيە مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، مەملىكەت بويىچە ئايروپورت ئەڭ كۆپ، ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
نېفىت - گاز تۇرۇبا يولى ئومۇمىي مۇساپىسى 6793 كېلومتېرغا يېتىپ، «غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبىسى، ئۈرۈمچى – لەنجۇ تاييار ماي تۇرۇبىسى، پىچان – لەنجۇ خام نېفىت تۇرۇبىسى،جۇڭگو – قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ئېنېرگىيەبىخەتەرلىك چوڭ يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

ئۇچۇر ئالاقە تەھرىرلەش

2007 – يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مۇقىم تېلېفون ئابونتى 6 مىليون 962 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 33.7دىن توغرا كەلدى؛
كۆچمە تېلېفون ئابونتى 8مىليون 83 مىڭغا يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر يۈز ئادەمگە 39.4دىن توغراكەلدى؛
ئالاقە تورى ئابۇنتلىرى 1 مىليون 578 مىڭغا يېتىپ، ئوپتىك كابېلنى ئاساس قىلغان، رەقەملىك مېكرو دولقۇن ۋە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشىنى ياردەمچى قىلغان زامانىۋى يەتكۈزۈش تورى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتىكىنى قاپلىدى. ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ،ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆستى. ئېكولوگىيىلىكمۇھىتنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەچىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت تىرىشىپ ياخشىلاندى، تەبىئىي ئورماننىقوغداش، تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش، چۆل يېپىنچىسىنى قوغداش ۋە تارىمئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇملىشىشنى تۈزەش، «3 شىمالى» ئېھاتە ئورمىنىنى قوغداش 4 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىقئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋەئولتۇراقلىشش مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىلتەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سېلىندى. 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن جەمئىي 28ىقۇرۇلۇپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 214 مىڭ 800 كۋادراتكىلومېتىرغا يەتتى، بۇ شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪12.9نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 9ى بار؛
تەستىقلانغاندۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئۈلگە رايوندىن 8ى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 127مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ٪6.7نىئىگىلەيدۇ؛
دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيىلىك ئىقتىدار مۇھاپىزەت رايونىدىن2سى بار، كۆلىمى 180 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

3- كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تېزتەرەققىي قىلدى. ساياھەتچىلىكنى ئېچىش، مەھەللە مۇلازىمىتىنى زور كۈچبىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودا ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتاقىلىنىپ، 3 - كەسىپ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ 3 - كەسپىدىكى مۇھىم تايانچ بولۇپ قالدى. 2007 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ئىچكى ساياھەتچى 21 مىليون 260 مىڭ ئادەم - قېتىمغايېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪28 ئاشتى؛
ئىچكى ساياھەت كىرىمى 19 مىليارد292 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4. 29 ئاشتى؛
خەلقئاراساياھەتچى 438 مىڭ 400 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9. 20 ئاشتى؛
ساياھەت تاشقى پېرېۋوت كىرىمى 162 مىليون دوللارغا يېتىپ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪26.5 ئاشتى؛
ساياھەت كىرىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪5.3 كە يەتتى.

مائارىپ تەھرىرلەش

  • ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 462 مىڭ 600 گە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 259 مىڭ 400 بولۇپ، ھەر خىل كەسپىي تېخنىكاخادىملىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ٪56.08نى ئىگىلەيدۇ.
  • ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇستەقىل تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئاپپاراتىدىن116 سى بار؛
  • پوست دوكتور ھەرىكەتچان (خىزمەت) پونكىتىدىن 27سى قۇرۇلدى، قۇملۇقنى تىزگىنلەش تەتقىقاتى ۋە يات تەنىچىلىك ھايۋان كلونلاش تېخنىكىسى خەلقئارادىكى ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى.
  • 10 - بەش يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە چوڭ - چوڭ پەن تېخنىكا نەتىجىسى تۈرلىرىدىن جەمئي 1167 سى قولغا كەلتۈرۈلدى.

2007 - يىلى، 220 تۈردە پەن - تېخنىكا نەتىجىسى قولغاكەلتۈرۈلدى، 1534 تەتقىقاتقا پاتنېت ھوقۇقى بېرىلدى، پەن - تېخنىكا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ۋە جەمىئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر 6670 گە،ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 4 مىليون 25 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار 58.5% نى ئىگىلەيدۇ؛
ھەر خىل مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار 272 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلار 158 مىڭ. ئاپتونوم رايون بويىچە «9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى>» تەربىيىسىدە بولغانلار ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 99.8% ىنى ئىگىلىدى، ياشلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى 3% تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى،
ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 32 سى بار ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقانلار 216 مىڭ 400گە يېتىپ، 1978 - يىلدىكىدىن 14.1% ھەسسە ئاشتى.
2000 - يىلدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچكى جايلاردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلدى. ھازىر ئوقۇتۇش كۆلىمى ئىچكى جايلاردىكى 28 شەھەردىكى 50 ئوتتۇرا مەكتەپكە كېڭەيدى، يىلىغا 5 مىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنماقتا.
2004 - يىلدىن باشلاپ، ئىچكى جايلاردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ شەكلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى 8 شەھەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىلىپ، يىلىغا 5 مىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنماقتا.


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەر

سىياسەت تەھرىرلەش

ئاساسلىق رەھبەرلەر
ج ك پ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ سېكرىتارى

  1. ۋاڭ جېن (1949-1950)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسى 1. سېكرىتارى

  1. ۋاڭ جېن (1950-1952)
  2. ۋاڭ ئېنماۋ (1952-1955)

ج ك پ ش ئۇ ئا ر پارتىكوم 1. سېكرىتارى

  1. ۋاڭ ئېنماۋ (1955-1966)

ج ك پ ش ئۇ ئا ر ئىنقىلابكوم يادرو گرۇپ گرۇپ باشلىقى

  1. لوڭ شۇجىن (1970-1971)
  2. سەيپىدىن ئەزىزى (ۋاكالەتەن) (1972-1973)
  3. سەيپىدىن ئەزىزى (1973-1978)
  4. ۋاڭ ڧېڭ (1978-1981)
  5. ۋاڭ ئېنماۋ (1981-1985)

ج ك پ ش ئۇ ئا ر پارتىكومنىڭ سېكرىتارى

  1. سۇڭ خەنلىياڭ (1995-1985)
  2. ۋاڭ لېچۈەن (1994-2010)
  3. جاڭ چۈنشيەن (2010-2016)
  4. چېن چۈەنگو (2016-2021)
  5. ما شىڭرۈي (2021-)

مەمۇرىي رايوننىڭ رەئىسى
شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى

  1. بۇرھان شەھىدى (1949-1955)

ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى تەھرىرلەش

  1. سەيپىدىن ئەزىزى (1955-1966)

ج ك پ ش ئۇ ئا ر ئىنقىلابكوم مەسئۇلى تەھرىرلەش

  1. لوڭ شۇجىن (1968-1972)
  2. سەيپىددىن ئەزىزى (ۋاكالەتەن) (1972-1973)
  3. سەيپىددىن ئەزىزى (1973-1978)
  4. ۋاڭ ڧېڭ (1978-1979)

ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى تەھرىرلەش

  1. ئىسمائىل ئەمەت (1979-1985)
  2. تۆمۈر داۋامەت (1985-1993)
  3. ئابلەت ئابدۇرېشىت (1993-2003)
  4. ئىسمايىل تىلىۋالدى (2003-2007)
  5. نۇر بەكرى (2007-2014)
  6. شۆھرەت زاكىر (2014-2021)
  7. ئەركىن تۇنىياز (ۋاكالەتەن) (2021-)

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تىرىشچانلىقى تەھرىرلەش

ئانا تېما: شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى

رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى رايوننىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇندىلا تىل - يېزىق، مىللىي ۋە دىنى ئۆرڧ - ئادەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. رايوننى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ، بىلئەكىس، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرالايدىغان ھۆر بىر دۆلەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

بۇ بارەدە 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەر مەركەزلىك شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. ئەڧسۇسكى قىسقا ئۆمۈرلۈك بولۇپ قالغان بۇ جۇمھۇرىيەتتىن كېيىن. 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قايتا بىر قېتىم غۇلجا مەركەزلىك شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

1949- يىلى قىزىل ئارمىيە رايونغا كىرىپ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. قىزىل ئارمىيىنىڭ دىننى قەبۇل قىلمايدۇرغانلىقىنى، خەلقنى دىندىن چىقىرىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان بەزى ئىلغار زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 1949- يىلى ۋە 1962- يىللىرى ئاڧغانىستان ۋە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. ئەڭ ئاخىرى نۇرغۇن جانلارنى قۇربان بېرىش ئارتىدىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن،

1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، بۇگۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، زامان ئىچىدە ج ك پ رايوندا خەنزۇ نۇڧۇسىنى ئۆزلىكسىز ئارتتۇرۇپ، يەر ئۈستى ۋە ئاستى بايلىقلارنى شىددەت بىلەن قېزىپ، دىنسىزلاشتۇرۇش، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈردى. ھەر جەھەتتىن بېسىملارنىڭ روشەن كۆپىيىشى بىلەن 1990- يىللارغىچە نىسبەتەن تۇرغۇن بولغان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى، بارىن ۋەقەسىدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن چىققان چوڭ - كىچىك ئىسيانلار دەۋام قىلماقتا. بۇلاردىن چوڭراقلىرى 5- ڧېۋرال غۇلجا ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قاتارلىقلار.

تەنھەرىكەت يىغىنى تەھرىرلەش

ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى