بۇلاقتاغ رايونى
بۇلاقتاغ رايونى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت مەركىزى شەھەر رايونىنىڭ بىرى. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بوغدا چوققىسىنىڭ غەربىي شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، جەنۇبتا قىزىل تاغ يولى ئارقىلىق تيانشان رايونى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى داۋانچېڭ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ساي تېز سۈرئەتلىك تاش يولى ئارقىلىق سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى بىلەن قوشنا، شىمالىي ۋە شەرقىي كۆكتاغ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ.
بۇلاقتاغ رايونى
水磨沟区.Bulaktagh District | |
بۇلاقتاغ رايونىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | شەھەر رايونى |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
شەھەر | ئۈرۈمچى شەھىرى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كوچا باشقارمىسى سانى | 14 دانە |
بازارلىق سانى | 0 دانە |
يېزا سانى | 0 دانە |
نوپۇس | 150 مىڭ |
يەر مەيدانى | 92 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 991(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新A |
مەمۇرىي رايونلىرى
تەھرىرلەش2012-يىلىغىچە، بۇلاقتاغ رايونى قارمىقىدا سەككىز كوچا باشقارمىسى بار : شىمىگۇ كوچا باشقارمىسى، ليۇۋداۋان، ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى، باداۋان كوچا باشقارمىسى، شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى، جەنۇبىي يېكەنكۆل يولى كوچا باشقارمىسى، يىكەنكۆل شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى، چىداۋان كوچا باشقارمىسى.
جۇغراپىيەلىك شارائىتى
تەھرىرلەشبۇلاقتاغ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بوغدا چوققىسىنىڭ غەربىي شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، جەنۇبتا قىزىل تاغ يولى ئارقىلىق تيانشان رايونى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى داۋانچېڭ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ساي تېز سۈرئەتلىك تاش يولى ئارقىلىق سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى بىلەن قوشنا، شىمالىي ۋە شەرقىي كۆكتاغ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئىقتىسادى
تەھرىرلەش2011-يىلى، بۇلاقتاغ رايونى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 113.63 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2010-يىلىدىكىدىن % 15 ئاشقان. بۇلار ئىچىدە، 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3400 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2010-يىلىدىكىدىن % 2.5 تۆۋەنلىگەن؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 26.68 مىليون يۈەن بولۇپ، 2010-يىلىدىكىدىن % 10.7 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 86.61 مىليون يۈەن بولۇپ، 2010 -يىلىدىكىدىن % 16.4 ئاشقان، 3 كەسىپنىڭ ئىقتىسادقا قوشقان تۆھپە نىسبىتى بويىچە % 0.03، %24.67، % 75.3 بولغان.
ساياھىتچىلىكى
تەھرىرلەش- قىزىلتاغ باغچىسى؛
- بۇلاقتاغ مەنزىرە رايونى؛
- يېكەنكۆل شەھەر ئاھالىسى مەيدانى.
سىرتقى ئۇلاش
تەھرىرلەش