دۆربىلجىن ناھىيىسى
دۆربىلجىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. دۆربىلجىننىڭ يەر مايدانى 9،092 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 200،000.
تارىخ
تەھرىرلەشدۆربىلجىن چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ ئوڭ ئوق يېرى بولغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە فۇيەن تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىدا ئىمىل دەپ ئاتىلىپ، ئوگىداي خاننىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. كېيىن بىر تۇتاش بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ تورغۇت قەبىلىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارباغاتاي مەسلىھەتچى ئامبىلىغا، چۆچەك بىۋاسىتە قاراشلىق ئەمىنىيە نازارىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسى، تارباغاتاي مەھكىمىسى، تارباغاتاي ناھىيىسى قارمىقىدا بولغان. مىنگونىڭ 7 - يىلى (1918 - يىلى) چۆچەك ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ دۆربىلجىن ناھىيىسى قىلىپ قۇرۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىگە ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشدۆربىلجىب ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى چۆچەك شەھىرى بىلەن، جەنۇبى تەرىپى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 104 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 123 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 87 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 8874 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 1 بازار، 10 يېزا، 147 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شى مەمۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 6 تۇەن - مەيدان بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 581 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 174 مىڭ 200. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 33.59% نى، ئۇيغۇرلار 4.15% نى، خەنزۇلار 54.56% نى، باشقا مىللەتلەر 7.70% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: شەرقىي شىمالى ئېگىز، غەربىي جەنۇبى پەس، ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، شىمال تەرىپى ئوچۇقچۇلۇق. تاغلىق رايون 54.1% نى تۈزلەڭلىك 45.9% نى ئىگىلەيدۇ. 34 دەرياسى، 55 بۇلىقى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 450 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ساستى سۈيى مىقدارى 380 مىليون كۇب مېتىر، ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، غۇلجا، دۇغداق، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سۇغىگۈل، ئالقۇت، يۇمران بۇغا مۇڭگۈزى، ئالبىزىيە دەرىخى، رەۋەن، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر، پاقا يوپۇرماق، مامكاپ قاتارلىقلار بار. بايقالغان بايلىقىدىن كۆمۈر، ھاك تاش، مانگان، گاۋلىن توپىسى، سىڭىر تاش، ئالتۇن، گرانىت، مەرمەر، سۇكىرىستالى، سۈزۈك كالتىست، مانگان، مولىبدىن، ئارسىن قاتارلىقلار بار. بۇ ناھىيە مۆتىدىل بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -42.6℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2835.3 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2892.6℃، قىروسىز مەزگىل 149 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 271.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پايغا ئايلىنىش مىقدارى 1794.6 مىللىمېتىر. دۆربىلجىن ناھىيىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيە قاتارىغا كىرىدۇ. ھازىر 57 مىڭ گېكتار (855 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 10 مىڭ 500 گېكتار (158 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 699 مڭ 500 گېكتار (10 مىليون 924 مىڭ 500 مو) ئوتلىقى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، ماش - پۇرچاق، قىچا، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا، زاراڭزا، قۇلماق، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، سېمونت ئىشلەش، گىلەمچىلىك، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى رېمونتچىلىقى، ھاراق ئىشلەش، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇ ناھىيىنىڭ مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولى 221 - لىنىيىسى ئۇنىڭ ناھىيە ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە بىلەن يېزىلارنى ئۈچ غول تاشيول تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. 6000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.
«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشئىقتىساد
تەھرىرلەشئاساسىي قۇرۇلۇش
تەھرىرلەشنۇپوس ئىستاتىستىكا
تەھرىرلەشتەربىيە
تەھرىرلەشساياھەتچىلىك
تەھرىرلەشدۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پەنلىخۇا چەۋەندازلار سۇپىسى، پەنلىخۇا تاش ھەيكىلى، قارائىمىل قەدىمكى تاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار.
مائارىپ
تەھرىرلەشتەنھەرىكەت يىغىنى
تەھرىرلەشسىرتقى ئۇلاش
تەھرىرلەش